irpan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 14:27:37

ھەزرىتى لوقمان ھەكىم ھەققىدە ئاجايىپ رىۋايەتلەر



لوقماننىڭ ھەكىم بولۇشى
            لوقمان ئەسلى بىر يىتىم بالا بولۇپ ، كىيمە تاز ئىكەن .ئۇ بىر ناۋايغا ياللىنىپ ئىشلەيدىكەن ،ئىشلىگەندىمۇ ،خىمىر يۇغۇرۇش ،نان ئېچىش ، نان يىقىش ئىشلىرىنى ئەمەس ،پەقەت تۈگمەنگە بېرىپ ئۇن تارتىپ كېلىش ، ئۇن تاسقاش ئىشلىرىنى قىلىدىكەن .ئۇ بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن  ،تونۇردا ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرالماي چۈشۈپ كېتىپ ،كۆمەچ بولۇپ قالغان نانلارنى يەپ جان ساقلايدىكەن ،كېچىلىرى تۇنۇر بىشىدا ئۇخلايدىكەن .
لوقماننىڭ كۈنلىرى ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ تۇرسۇن ،ئەمدى گەپنى جاھاننى چاڭگىلىدا ئوينىتىپ تۇرۇۋاتقان پادىشاھ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن ئاڭلايلى :
ئىسكەندەر پادىشاھ مەغرىپتىن مەشرىققىچە بولغان بىپايان زىمىننى ئۆز ئىلكىگە ئالغاندىن كىيىن ،جىبرىئىل ئەلەيھىسالامنىڭ يول باشلىشى بىلەن زۇلمەتكە كىرىپتۇ .بۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يورۇقلۇققا كۆز ئاچقاندا بېھىش ھوزۇرىنى سېزىپتۇ . قارىسا ،ئابىھايات بىر بۇلاقتىن ئۆرلەپ چىقىپ ئېقىۋاتقۇدەك .ئۇ ئابىھايات سۈيىدىن قانغۇچە ئىچىپ مەڭگۈ ياشىماقچى بولۇپ ئابىھاياتقا ئېڭىشىپتۇ .
‹‹ئەي ئىسكەندەر، ئابىھاياتنى ئىچمەڭ !››دىگەن بىر سادا ئۇنى توخـتىتىپتۇ .ئىسكەندەر قارىغۇدەك بولسا ،سۇ بويىدىكى يوغىناپ يىقىلىپ قالغان دەرەخلەردىن كەلگەن زۇۋان ئىكەن ،ئۇ يەنە ئابىھاياتنى ئىچمەكچى بوپتىكەن ،پەيلىرى توزۇپ قالمىغان ،قىپقىزىل گۆش بولۇپ قالغان قاغا ،سېغىزخان ،قۇشقاچلار زۇۋانغا كىلىپ :
-ئەي ئىسكەندەر ،ئابىھاياتنى ئىچمەڭ !-دەپ چۇرقىرىشىپ كېتىپتۇ .ئىسكەندەر پادىشاھ ھەيران بولۇپ ئەتراپقا قاراپ :
-نىمىشقا ؟،-دەپتىكەن ،دەرەخلەر دەپتۇكى :
-ئەي ئىسكەندەر بۇ ئابىھاياتنى ئىچسىڭىز ،مەڭگۈ ئۆلمەيسىز .بىزمۇ ئىچكەن ،مانا ھالىمىزغا قاراڭ ،مىڭ يىل ئۆرە تۇردۇق ،مىڭ يىل يىقىلىپ ياتتۇق ،مانا مىڭ يىل بولدى ،بىقىنلىرىمىزدىن يىلتىز چىقىپ ،قوساقلىرىمىزدىن دەرەخلەپ كۆكلەپ چىقتى ،بۇ بەك ئازابكەن .
ھېلىقى يالىڭاچلانغان قۇشلار دەپتۇكى :
-ئەي ئىسكەندەر ،بۇ ئابىھاياتنى بىزمۇ ئىچكەن ،مىڭ يىل ئۇچۇپ پەرۋاز قىلدۇق ،مىڭ يىل ئۇچالماي پەيلىرىمىز شالاڭلاپ دەرەخ سايىلىرىدە يۈردۇق ،مىڭ يىل بولدى پۈتۈن پەيلىرىمىزدىن ئايرىلىپ ،مۇشۇ ھالەتتە يۈرىمىز .دەرەخ تۈۋىگە چۈشكەننى يەيمىز ،يا جىنىمىز چىقمايدۇ ،يا ئۇچالمايمىز ،بۇ بەك ئازابكەن .
ئىسكەندەر بۇ ئۈچ مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرگەن دەرەخ ۋە قۇشلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ ،ئاخىر خارلىنىپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ، ئىككىنىلىپ بىر ھازا تۇرۇپ قاپتۇ ،لىكىن بۇنداق كەلگەن ئامەتنى قولدىن بېرىپ قۇيۇشقا كۆڭلى ئۇنىماپتۇ .ئۇ ئابىھاياتنى ئىچىشتىن يالتايغان بولسىمۇ ،بىر قاپاققا لىق قاچىلاپ ئېلىۋاپتۇ .
ئۇ زۇلمەتتىن قايتىپ چىققاندىن كىيىن قول ئاستىدىكى دانىشمەنلەرنى يىغىپ ،‹‹ئابىھايات سۈيىنى ئىچەيمۇ-ئىچمەيمۇ ››دەپ مەسلىھەت سوراپتۇ .دانىشمەنلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاقساقىلى :
-ئەي ئۇلۇغ شاھىم ،ئابىھايات ساپ پېتى ئىچىلسە ،مەڭگۈ ياشايدىلا ،ئەمما ئاقىۋىتىنى ئاللاتائاللاھ ئۆزى بىلىدۇ ،ئەگەر ئابىھاياتنىڭ كۈچىنى سەل سۇندۇرۇپ ئىچسىلە ،ئۆمۈرلىرى ئۇزۇن ،دۆلەتلىرى چەكسىز زىيادە بولغاي ،-دەپتۇ .بۇ مەسلىھەت پادىشاھقا يېقىپتۇ  .
-ئەي زامانىمىزنىڭ دانىشمەنلىرى ،سىلەرچە ئابىھاياتنىڭ كۈچىنى قانداق قىلىپ سۇندۇرغىلى بولىدۇ ؟
-دەپ سوراپتۇ ئىسكەندەر پادىشاھ .
دانىشمەنلەرنىڭ دانىشمىنى دەپتۇكى :
-پادىشاھى ئالەم ،ئابىھاياتنىڭ كۈچىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن ساپ پېتى بويىچە ئەمەس ،باشقا ئېسىل يىمەكلىكلەرگە ئارىلاشتۇرۇپ ،ئوتتا تاۋلاپ ،ئاندىن تەنلىرىگە دەرمان قىلسىلا ،كۈچى ئاجىزلىشىدۇ .
ئىسكەندەر پادىشاھ دانىشمەنلىرىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئويلاپ دۇنياىكى ئەڭ ئېسىل يىمەكلىك بۇغداينىڭ ئۇنى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇرۇپ ،ئابىھاياتنى ئارىلاشتۇرۇپ ،خېمىر قىلىپ ،تونۇردىكى ئوتتا تاۋلاپ پىشۇرۇپ يىمەكچى بوپتۇ .خىزمەتكارلار شەھەر بويىچە ئەڭ ئۇستا ناۋايغا بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپتۇ .ئۇلار قاپاقتىكى ئابىھايات سۈيىنى ناۋايغا تۇتقۇزۇپ :
-ناننىڭ خېمىرىغا مۇشۇ سۇدىن باشقا سۇ ئىشلەتمەيسەن ،نان پىشقاندا پادىشاھ ئۆزى يەيدۇ .نان تۆت بولسۇن ،-دەپ قاتتىق جىكىلەپتۇ .
ناۋاي بارلىق ھۈنەرلىرىنى ئىشقا سىلىپ ،پادىشاھنىڭ بۇيرۇتمىسى بويىچە نانلارنى ھازىرلاپ تۇنۇرغا يىقىپتۇ .لىكىن نانلارنىڭ بىرىمۇ تۇنۇردا تۇرماي ئېقىپ ئوتقا چۈشۈپ كۆمەچ بولۇپ قاپتۇ .ئىسكەندەر پادىشاھ ئۈچۈن ئالاھىتەن يىقىلغان ناننىڭ بۇنداق بولۇپ قالغانلىقىدىن قاتتىق قورققان  ناۋاي غال-غال تىترەپ كېتىپتۇ ۋە كۆمەچلەرنى چاققانلىق بىلەن كىپەكنىڭ ئىچىگە تاشلىۋىتىپ ،باشقا خىمىردا چىرايلىق تۆت ناننى پىشۇرۇپ خىزمەتكارلاردىن ئوردىغا كىرگۈزۈپتۇ .
ئىسكەندەر پادىشاھ ئاشۇ نانلارنى يەپ تۇرسۇن ،ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كىلەيلى :
لوقمان ئۇن تاسقاپ ھېرىپتۇ،قورسىقى تازا ئىچىپتۇ ،ئۇ ئادىتى بويىچە كىپەك ئارىسىدىن كۆمەچ ئىزدەپ ھېلىقى ئىسكەندەر پادىشاھ ئۈچۈن ئابىھايات سۈيىدە ھازىرلانغان نانلارنىڭ كۆمىچىنى تىپىۋىلىپ ،ھوزۇرلىنىپ يىيىشكە باشلاپتۇ ،يەپتۇ،يەپتۇ ،ئۇنىڭ تېنىدە غەيرى بىر سىېزىم ھاسىل بوپتۇ ،تاز بىشى قىمىلداپ قىچىشقىلى تۇرۇپتۇ ،تاتىلىغانچە خۇشيىقىپ  قەقەچلىرى تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ ،ئۇ بىشىنى سىلاپ باقسا ،يىرىك چاچلار چىققىلى تۇرۇپتۇ .ئۇ ئۆز -ئۆزىگە ھەيران بولۇپ تۇرغىنىدا ،ناۋايخانىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كەلگەن :‹‹ئەي ئادىمزاتنىڭ بالىلىرى ،باللىرىمىزنى ئالماڭلار ››دەپ نالە قىلغان چىرقىراق ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ .ئۇ ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەي ناۋايخانىنىڭ كەينىگە ئۆتسە قۇشقاچ :‹‹ۋاي بالىلىرىم ! ۋاي بالىلىرىم ! ››دەپ پىرقىراپ ئۇچۇپ يۈرگىدەك .بىر بالىنىڭ مۈرىسىگە يەنە بىر بالا چىقىپ تام كامىرىغا قولىنى تىقىۋاتقۇدەك ،لوقمان ئۇلارنى قوغلىۋىتىپ ،قۇشقاچ باللىرىنى ساقلاپ قاپتۇ ھەم قۇشقاچلارنىڭ زۇۋانىنى بىلىپ قالغىنىغا ھەيران بوپتۇ .
لوقمان ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئېرىق بويىغا چىقسا ،دەل-دەرەخلەر ،ئوت چۆپلەر سۆزلىشىۋاتقۇدەك ،لوقمان ئۇلارنىڭمۇ زۇۋانىنى بىلىپتۇ .بىر ئوت :‹‹مەن يەتمىش ئىككى خىل كىسەلگە داۋامەن ،ئۇرۇقۇم پالانى كىسلگە ،يىلتىزىم پۇستانى كىسەلگە دورا ››دەۋاتقۇدەك .بىر سېغىزخان كېلىپ دەرەخكە قۇنۇپ :‹‹ئادەم دىگەن ئەخمەق ،ھازىر پالانى يەردىكى پۇستانى باي ،سەكراتتا ياتىدۇ ،ئۇنىڭغا ماۋۇ ،ماۋۇ ئوتلارنى قاينىتىپ ئىچۈرسە ساقىيىدۇ ››دەۋاتقۇدەك .لوقمان سېغىزخان خەۋەرچىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ھېلىقى گىياھلاردىن دورا ياساپ بايغا ئىچكۈزگەن ئىكەن ،بىمار ساقىيىپتۇ .
شۇ كۈندىن باشلاپ لوقمان جان-جانۋار ،گۈل-گىياھلارنىڭ تىلىنى بىلىدىغان كامالەتكە يىتىپتۇ  .شۇ ئابىھاياتنىڭ خاسىيىتىدىن  ھەر قانداق بىمارلارنى داۋالىيالايدىغان ھېكىمگە ئايلىنىپتۇ .
شۇنىڭ بىلەن لوقماننىڭ داڭقى -شەھەر-شەھەرلەردىن ،سەھرا -تاغلارغىچە ،مەملىكەتتىن مەملىكەتلەرگىچە تاراپ ،پۈتۈن جاھان بىلىدىغان تىۋىپلارنىڭ پىر-ئۇستازى لوقمان ھەكىم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن .

بۇرۇنقى زاماندا ئاللاھتائاللاھ ھەر قانداق ئادىمزات ياكى جان-جانۋرلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا دەرھاللا تىگىشلىك جازا بېرىدىكەن .
ئۇلۇغ تىۋىپ  لوقمان ھەكىم پالانى يەردە بىمار بار دەپ ئىشىتسە ،ئارىنى يىراق كۆرمەي بارىدىكەن ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە لوقمان ھەكىم شەھەر سىرتىدا بىر ئېغىر بىمارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ قاپتۇ-دە ،شۇ ياققا قاراپ يول ئاپتۇ .لوقمان ھەكىمنىڭ بىر ئون ياش ،بىرى ئون ئىككى ياشلىق ئىككى ئوغلى بار ئىكەن .بۇ بالىلار دادىسىغا ئەگىشىپتۇ .
ئۇلار كېتىۋاتقىنىدا ،چوڭ ئوغلى بىر ھۆپۈپنىڭ ئوردا سىپىلىنىڭ بىر كامىرىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،ئۇكىسىغا كۆرسىتىپتۇ .لېكىن دەرھال تۇتىۋىلىش مۇمكىن ئەمەسكەن ،لىكىن لوقمان ھەكىم ھېچقانداق جانغا زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويمايدىكەن .دوقمۇشتىن ئەگىلگىنىدە بۇ ئىككى بالا ھاجەت قىلىۋالىمىز دەپ كەينىدە قېلىپ كامارغا تۇمىقىنى كەپلەپ قۇيۇپ ،يانغۇچە ئېلىۋالماقچى بوپتۇ .
لوقمان ھەكىم بىمارنىڭ تىنىگە دەرمان ،جېنىغا جان ئۇلىۋىتىپ قايتىپتۇ ،بۇ چاغدا گۇگۇم ۋاقتى بوپتۇ .ھېلىقى ئىككى بالا  كامارنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قولىنى تىققانىكەن  .ھۆپۈپنىڭ ئىككى بالىسى ئاللبۇرۇن تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن ئىكەن ،ھۆپۈپ ئۆزى بىھۇش بولۇپ ياتقانىكەن .
بۇ چاغدا ئوردا خەزىنىسىگە ئوغرى كىرگەن  بولۇپ ،قاراۋۇل -ياساۋۇللار قوغلاپ كېتىۋاتسا ،بۇ ئىككى بالا سىپىلنىڭ تۈۋىدە بىرىنى -بىرى كۆتۈرۈپ سىپىلغا يامىشىۋاتقۇدەك .لوقمان ھەكىم سەل نېرىراقتا كېتىۋاتقۇدەك .ئۇلار شۇ جايدىلا تۇتۇلۇپ قوللىرى باغلىنىپتۇ .‹‹بىز ئوغرى ئەمەس ››دىگەنگە قارىماي ،پۇت -قولىنى يەرگە تەككۈزمەي ئەكىرىپ زىندانغا تاشلاپتۇ .ئۇلار ھېلىقى ھۆپۈپلەرنىڭ قىساسى ئۈچۈن زەي زىنداندا يېتىپ قاپتۇ .
يىللار يىللارنى قوغلىشىپ ئۆتىۋېرىپتۇ .شاھلارمۇ ئالمىشىۋېرىپتۇ .يەرلەر قۇرغاقلىشىپ ئاچارچىلىق باشلىنىپتۇ .شەھەر خەلقى قاچ- قاچ بولۇپ شەھەر ۋەيران بولۇپ زىندانمۇ ئۇنتۇلۇپتۇ ،قۇم-بوراننىڭ دەستىدىن زىنداننىڭ ئۈستى تۈپتۈز بولۇپ كېتىپتۇ  . لوقمان ھەكىمنىڭ ئىككى ئوغلى تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپتۇ .ئابىھاياتنىڭ كۈچىدىن لوقمان ھەكىم قورسىقى ئاچسا يېنىدا بار يەتتە تال قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ھەر بىرىنى ئەللىك يىل شۈمۈرۈپتۇ .شۇنداق قىلىپ ،ئارىدىن تۆتيۈز يىل ئۆتۈپتۇ ،لوقمان ھەكىمنىڭ چاچ -ساقاللىرى پاختىدەك ئاقىرىپتۇ ،پەقەت پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ھاياتلىقى بىلىنىدىكەن .تەنلىرى توزغاقتەك بولۇپ كېتىپتۇ .ئەگەر زىنداندا بولمىسا شامال چىقسىلا تۇزۇپ كېتىدىكەن ...
ئۇ زىنداندا يىتىپ تۇرسۇن ،ئەمدى گەپنى يىڭىدىن بىنا قىلغان شەھەرنىڭ پادىشاھىدىن ئاڭلايلى :
شەھەرنڭ پادىشاھى ئىنتايىن گۆشخور بولۇپ ،لوقما ئالدىغا كەلسە ،چاينىماي دىگۈدەك يۇتار ئىكەن ،بىر سۆڭەك ئۇنىڭ كانىيىدا توغرا تۇرۇپ قاپتۇ -دە ،يا ئىچكىرى كىرىپ كەتمەي ،يا چىقىپ كەتمەي ئۇنى قاتتىق ئازاپلاپتۇ ،ئۇ كېچەيۇ-كۈندۈز خارقىراپ ،زار -زار يىغلاپ يىتىپتۇ ،گېلى تېخىمۇ ئىششىپتۇ ،پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۇستا تىۋىپلارمۇ ھېچ ئامال قىلالماپتۇ .پادىشاھ ئۆلۈمنى كۈتۈپ خارقىراۋاتقان دەقىقىلەردە ئوردا دانىشمەنلىرىدىن بىرى :
-لوقمان ھەكىم بولغان بولسا سىلىنى چوقۇم ساقايتار ئىدى ،- دەپتۇ . پادىشاھ ئۇلارغا ئالىيىپ قۇيۇپتۇ ھەم سۆزلىيەلمىگەچ مۇنۇلارنى يېزىپتۇ :‹‹بۇنىڭدىن تۆت يۈز يىل ئىلگىرى ئۆلگەن لوقماننىڭ ماڭا نىمە كېرىكى ؟ ››
-بىز قۇرئە كۆرسەك لوقمان ھەكىم تېخى ھاياتكەن ،-دەپتۇ دانىشمەنلەر .پادىشاھنىڭ قاراڭغۇ دىللىرىغا ئۈمىد شاملىرى يىقىلىپتۇ .ئەزرائىلنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ياتقان پادىشاھ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ،‹‹لوقمان ھەكىمنى دەرھال تېپىپ كېلىڭلار ››دەپ پەرمان يېزىپتۇ .پۈتۈن يۇرت سەپەرۋەرلىككە كەپتۇ ،خفراب بولغان شەھەرنىڭ تۆت يۈز يىل بۇرۇنقى خەرىتىسىگە ئاساسەن زىندان ئورنىنى تېپىپتۇ .ئەمما ئۈستى تۈزلىنىپ كەتكەچ ،كىرىش ئېغىزنى زادىلا تاپالماپتۇ ،دانىشمەنلەر ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سىلىپ  بۇ يەرگە سۇ باشلاپتۇ ،سۇ سىڭىپ بىر تۈشۈك ئېچىلىپتۇ .ئۇلار سۇنى دەرھال توختىتىپ ،تۈشۈكنى چوڭلىىتپتۇ . بۇ ھەقىقەتەن زىنداننىڭ ئېغىزى ئىكەن .بۇ يەردىن ئىككىيلەن ئارغامچا بىلەن چۈشسە . لوقمان ھەكىم ھايات ئولتۇرغىدەك .ئەمما ئۇ دەپتۇكى :
-ئەي بالىلىرىم مېنىڭ قىشىمغا  يىقىن كەلمەڭلار  ،مېنى تۇتماڭلار ،تېنىم توزۇپ كېتىدۇ .
-ئۇنداقتا سىلىنى قانداق ئەپچىقىپ كېتىمىز ،-دەپتۇ چۈشكەنلەر .
لوقمان ھەكىم دەپتۇكى :
-ئالدى بىلەن ساپ ھاۋا كىرىپ سېسىق بۇسنىڭ ئورنىنى ئالسۇن .ئۇنىڭدىن كىيىن مېنىڭ قېرىق-كېچە كۈندۈز ھورلاندۇرۇڭلار .شۇ چاغدا بەدىنىم بىر ئاز قاتىدۇ ،ئاندى  ئاچىقساڭلار بولىدۇ .
ئۇلار لوقمان ھەكىمنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قىرىق كۈن ھورداپتۇ .قىرىق بىرىنچى كۈنى لوقمان ھەكىمنىڭ بۇيرۇتمىسى بويىچە  ،چوڭ بىر سېۋەتكە لىق يۇمشاق پاختا تولدۇرۇپ چۈشۈرۈپتۇ .ئۇنى تۇتۇشقا بولمىغاچقا ،سېۋەتنى يىقىن ئەكىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشۇپتۇ .لوقمان ھەكىم ئۆزىنى پاختا ئىچىگە تاشلاپتۇ .ئاندىن ئارغامچىنى تارتىپ يەر يۈزىگە چىقىرىپتۇ .لوقمان ھەكىم يورۇق دۇنيا بىلەن قايتا دىدارلىشىپتۇ .
پادىشاھ شۇ چاغقىچە يەنە شۇ ئازابتا ئىكەن ئۇ لوقمان ھەكىمنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشىدىن ئۈمىدلىنىپ ياشىماقتىكەن .لوقمان ھەكىم يەر يۈزىگە چىققاندىن كىيىن ئۆزىگە ئۆزى دورا قىلىپ خېلى ئەسلىگە كەپتۇ .ئۇ پادىشاھنىڭ قانداق كىسەل ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلگەن بولسىمۇ ،تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈپتۇ ،ئاندىن پەرزەنتىنىڭ بار -يوقلۇقىنى سوراپتۇ .يەتتە ياشلىق ئوغلۇم بار دىگەننى ئىشارە قىپتۇ پادىشاھ .
-ئۇنداقتا بەك ياخشى بولدى ،ئوغلىڭىزنىڭ قېنىنى بىشىڭىزغا ئېقىتساق  ،دەرھال ساقىيىىز ،-دەپتۇ لوقمان ھەكىم .پادىشاھ بىر ئاز ئويلىنىپ قاپتۇ ھەم بىردىنبىر يالغۇز ئەزىز ئوغلى -كەلگۈسى تەخت-ۋارىسىنى قۇربانلىق قىلىشقا چىدىماپتۇ .ئۇ باشقا چارە يوقمۇ  دەپ لوقمان ھەكىمگە ئىلتىجا قىپتۇ .لوقمان ھەكىم ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئامان ۋە داۋا يوقلۇقىنى ئېيتىپتۇ .پادىشاھ يەنە ھەسرەتكە چۈمۈپتۇ .بۇ چاغدا لوقمان ھەكىم :
-ئەي پادىشاھى ئالەم ئەگەر ئاشۇ شەرتنى ئادا قىلمىساق ،ھايات شامىڭىز ئۇزۇنغا بارماي ئۆچكۈسى ،-دەپتۇ .
پادىشاھنى ئاغرىق ئازابى تېخىمۇ قىيناپ ،ئۇنىڭغا ئەزرائىل كۈرۈنۈشكە باشلاپتۇ .ئۇ ئاخىرى مۇنداق قارارغا كەپتۇ :‹‹ئاتا بولسا بالا بولىدۇ ،مەن بۇ ئازابتىن قۇتۇلىدىغانلا بولسام بالا دىگەننى تېپىۋالمايمەنمۇ ›› دەپ شۇنىڭ بىلەن ماقۇل بوپتۇ .پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھازىر بوپتۇ .لوقمان ھەكىم ۋالىلداپ تۇرغان ئۆتكۈر پىچاقنى  بىر قولىدا تۇتۇپ ،يەنە بىر قولىدا بالىنى يېتىلەپ ماڭغاچ :
-پادىشاھى ئالەم تۈڭلۈكنىڭ ئۇدۇلىدا قىبلىگە قاراپ ئولتۇرسىلا ،ھەرگىزمۇ يۇقىرىغا قارىمىسىلا ،-دەپ ئەسكەرتىپ قۇيۇپ ئۆگزىگە چىقپ كېتىپتۇ .پادىشاھ ئولتۇرۇپتۇ .بۇ چاغدالوقمان ھەكىمنىڭ‹‹ئاللاھۇ -ئەكبەر ››دىگەن تەكبىرى بىلەن تەڭ ئوغلىنىڭ قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ ،بىشىغا شارقىراپ قان تۆكۈلۈپتۇ .پادىشاھ  چىدىيالماي ئىختىيارسىز :‹‹ۋاي بالام ،›› دەپ شۇنداق قاتتىق ۋارقىراپتۇكى ،كانىيىدا تۇرۇپ قالغان سۆڭەك نەچچە غۇلاچ يەرگە ئېتىلىپ چىقىپ كېتىپتۇ ،ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلۇپتۇ .ئەمما ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان پاىدشاھ يەرگە ئۆزىنى ئۇرۇپ بوزلاپ قاتتىق يىغلاپ كېتىپتۇ.

-قوپسىلا ،دەپ لوقمان ھەكىم پادىشاھنى يۆلەپتۇ ،لېكىن پادىشاھ:
-ئەي لوقمان ھەكىم ،مېنىغۇ ساقايتتىڭ ،ئەمما مۇشۇ سائەتتە كۆزۈمنىڭ گۆھىرى ،يۈرىكىمنىڭ سەكپارىسى ،تەختى -بەختىمنىڭ ۋارىسى  ئوغلۇم بولسا بولماسمىدى ؟-دەپ تېخىمۇ ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلاپتۇ .
-ھازىر ئوغۇللىرى جەننەتتە ئويناۋاتىدۇ ،سىلى ئۇنى چاقىرسىلا ،- دەپتۇ لوقمان ھەكىم  .پادىشاھ بىھۇشلۇق ئىچىدە :‹‹ ئوغلۇم ! ››  دەپ ۋارقىرىغانىكەن ،ئوغلى باغ ئىچىدىن بىر دەستە ئەتىرگۈلنى كۆتۈرۈپ يۈگرۈپ كىرىپتۇ .پادىشاھ ھاڭ -تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ ،ئوغلى گۈلنى سۇنغىنىدا مئۇنى باغرىغا بىسىپ خۇشاللىق ياشلىىرنى باھار يامغۇرىدەك تۆكۈپتۇ  ،ئاندىن كۆزلىرىگە ئىشەنمەي ئوغلىنى قايتا-قايتا سۆيۈپ كېتىپتۇ . ئەسلىدە لوقمان ھەكىم بىر ئوغلاقنى بوغۇزلىغانىكەن .
پۈتۈن يۇرت تۆت يۈز يىل يوقىلىپ كەتكەن لوقمان ھەكىمگە قايتا ئېرىشپتۇ .
بۇ ھىكايەت تاھازىرغىچە ئېغىزدىن قۇلاققا كۆچۈپ ،يەنە ئېغىر ئارقىلىق تارقىلىپ كېتىپتۇ .

                                                                  ئۇ دۇنيادىن كەلگەن سوۋغاتلىق نان
زامان زورنىڭ ،تاماشا كورنىڭ ئىكەن .بۇنىڭدىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەر نەرسىگە قىزىقىپ تىگى -تەكتىگە يەتمىگۈچە توختىمايدىغان بىر ئەركە پادىشاھ بولغانىكەن .
بۇ پادىشاھ ئاسمانننىڭ يەتتە قاتلىقى ،ئوخشاشلا  يەرنىڭمۇ يەتتە قاتلىقىغا ئىشىنىشتىن تاشقىرى  ،زىمىننىڭ تەكتىدە يەنە بىر جا ھان بار دەپ قارايدىكەن  . شۇ سەۋەبتىن  بۇ پادىشاھ كىچە -كۈندۈز ئۇ جاھاننى  كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەن  . شۇڭلاشقا ،ئۇ ئۆز ئىلكىدىكى مال بايلىقىنى زىمىننى كولاپ ،ئۇ جاھاننى كۆرسەتكۈچىلەرگە ئاتىغانىكەن .ئۇ پادىشاھنىڭ دەۋرىدە ياشىغان كىشىلەر پادىشاھقا ئۇ جاھاننى كۆرسىتىش ئىنتىزارلىقى بىلەن زىمىننى بىردەممۇ تىنىم تاپماستىن كولايدىكەن .
كۈنلەر ھەپتىنى ،ھەپتىلەر ئاينى ،ئايلار يىللارنى ياساپ ئۆتىۋېرىپتۇ .كىشىلەر پادىشاھنىڭ ھورلۇقى بىلەن زىمىننى تىنىم تاپماي كولاۋېرىپتۇ ،توپتوغرا يۈز يىل بولغاندا ،زىمىن تىشىلىپ ئۇ جاھان كۆرۈنۈپتۇ .
بۇ خۇش خەۋەر پادىشاھقا يەتكۈزۈلۈپتۇ ،بۇ چاغدا پادىشاھ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي ،پۈتكۈل ئېلىدە توي تاماشا ئۆتكۈزۈپ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي پۈتكۈل ئېلىدە توي تاماشا ئۆتكۈزۈپ ،بۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىققانلىقىغا قىزغىن تەبرىكلەپ تەنتەنە قىپتۇ . پادىشاھ توي تۈگىگەندىن كىيىن بىر ياش ۋەزىرنى ئالدىغا چاقىرىپ ،ئۇنىڭغا جاھاننى ئۆزىگە ۋاكالىتەن تەكشۈرۈپ چىقىشنى ھاۋالە قىپتۇ . ۋەزىر ئۇ جاھانغا بېرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ تۈگەتكەندىن كىيىن ،پادىشاھ ئۆز دىيارىنىڭ ئەڭ ئېسىل نەرسىلىرىنى تاللاپ ،ۋەزىرنى تاللانغان باتۇر  نۆكەرلەر بىلەن ئۇ جاھانغا يولغا ساپتۇ .
ئايلارنىڭ كەينىدىن يىللار ئۆتۈپتۇ .ئۇزاق زامانلار ئۆتكەندىن كىيىن ،ۋەزىر نۆكەرلىرى بىلەن ئۇ جاھاندىن  قايتىپ كەپتۇ .لىكىن ۋەزىر پادىشاھنىڭ ئالدىغا قانداق سوۋغات كۆتۈرۈپ بېرىشنى پەم قىلالماي ھەسرەت چېكىپتۇ .چۈنكى ۋەىر ئۇ جاھان پادىشاھىغا بۇ جاھاننىڭ شۇنچە ئېىسل  مال بايلىقلىرىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ،ئۇ جاھاننىڭ پادىشاھى بۇ جاھان پادىشاھىغا ئاران بىر كۈرە بۇغداينى سوۋغات ئۈچۈن بەرگەنىكەن .
      بۇ كالتە پەم ۋەزىر ،مەن قانداق قىلىپ بۇ بىر ئۇچۇم بوغداينى ئۇيالماستىن پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمەن ؟ بۇنچىلىك بۇغداي پادىشاھ جانابلىرىنىڭ سۇپۇرىسىدىمۇ ئېشىپ -تىشىپ تۇرمامدۇ ؟دەپ ئويلاپتۇ -دە ،ئۆزى توپلىغان بايلىقىدىن سوۋغات تەييارلاپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇ جاھاندا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ .ھېلىقى بۇغداي توغرىلىق ھېچنەرسە دىمەپتۇ .
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي پادىشاھ ئاغرىپ قاپتۇ .شاھنى ئوردا تىۋىپلىرى داۋالىغان بولسىمۇ  ساقايتالماپتۇ .شۇ چاغدا ۋەزىر ھېلىقى بۇغداينى يادىغا ئېلىپ ،مەخسۇس كېشىگە ئۈگۈت قىلىپ تارتقۇزۇپتۇ ۋە ئۇستا ناۋايغا توقاچ قىلىپ ياقتۇرۇپتۇ .ئەپسۇسكى ئۇ توقاچلار تونۇردا تۇرماي قوقاسقا چۈشۈپ كۈيۈپتۇ .شۇنداق بولسىمۇ ناۋاي ئانچە كۆيۈپ كەتمىگەن بىر دانە توقاچنى ۋەزىرگە  بېرىپتۇ .
ۋەزىر توقاچنى نەزەر غەلۋىرىدىن ئۆتكۈزۈپ ،يەنىلا پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتىن ئۇيۇلۇپ كونا ساڭنىڭ ئويۇقىغا تاشلاپ قۇيۇپتۇ .
پادىشاھنىڭ كىسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپتۇ .ئىلاجسىز قالغان ۋەزىر ئوردا ئەھلىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن لوقمان ھەكىمنى چاقىرتىپ كېلىپ شاھنىڭ كېسىلىنى داۋالاتماقچى بوپتۇ .
لوقمان ھەكىم قىرىق كېچە كۈندۈز شاھنىڭ يىنىدىن ئايرىلماستىن داۋالاپ ساقايتىپتۇ .لوقمان ھەكىم  قىرىق كېچە كۈندۈز شاھنىڭ ينىدىن ئايرىلماستىن داۋالاپ ساقايتىپتۇ .
لوقمان ھەكىمنىڭ بۇ ئىشىدىن رازى بولغان پادىشاھ ۋەزىرنى  چاقىرتىپ :
-مەن لوقمان ھەكىمنى بۇ جاھاننىڭ  نەرسىسى بىلەن ئەمەس ،ئۇ جاھاننىڭ نەرسىسى بىلەن مۇكاپاتلىماقچى ،سىزدە ئۇ جاھاندىن ئەكەلگەن نەرسە بارمۇ ؟-دەپ سوراپتۇ .
ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتكەنلىكتىن ،ۋەزىر ئەمدى يۇشۇرۇپ تۇرۇش ھاجەتسىز دەپ قاراپ ،بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بېرىپتۇ ، پادىشاھ ۋەزىرگە :
-ئاشۇ توقاچنى دەرھال ئالدىمغا ھازىر قىلىڭ !،-دەپتۇ .ۋەزىر توقاچنى ئەكەلگەندىن كىيىن پادىشاھ قىلچە ئىككىلىنىپ تۇرماي لوقمان ھەكىمگە تەقدىم قىپتۇ  ۋە دەرھال يەپ بېقىشنى تەۋسىيە قىپتۇ .
لوقمان ھەكىم پادىشاھنىڭ پەرمانىنى بەجا كەلتۈرۈپتۇ .شۇ ھامان لوقمان ھەكىم ياشىرىپتۇ .تىنى كۈچ -قۇۋۋەتكە تولۇپ ،جان -جانۋەر ،گۈل -گىياھلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ھەرىكىتىدىن ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قانداق پايدىسى بارلىقىنى چۈشىنىدىغان بوپتۇ .
لوقمان ھەكىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەندىن كىيىن پادىشاھ :
-مەندەك ئەركە ئەخمەقنىڭ بۇ جاھاندا ياشىغىنىدىن ، سىزدەك دانا ئىنسانىيەتكە بەخت- سائادەت يارىتىپ ،مىڭ يىل ياشىمىقى ھەقلىق ،-دەپتۇ .
شۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئۇزۇن  يىللار ۋە زامانلار ئۆتۈپتۇ ،لوقمان ھەكىم ئىنسانىيەتكە بەخت -سائادەت يارىتىپ ئۈچ مىڭ بەش يۈز يىل ياشاپتۇ .ئۇ  ھازىرمۇ ھايات ئىمىش .
چىش تارتىش
لوقمان ھەكىمنىڭ زامانىسىا بىر ئادەمنىڭ چىشى ئاغرىپ قىلىپ ،تىۋىپلارنىڭ دورىسىمۇ كار قىلماپتۇ .ئۇ ئادەم لوقمان ھەكىمنى ئىزدەپ كېتىۋاتسا ،ئالدىغا لوقمان ھەكىم ئۇچراپ قاپتۇ .ئۇ ئادەم لوقمان ھەكىمگە گەپ قىلىپ بولغۇچە ، لوقمان ھەكىمنىڭ تەرىتى قىستاپ ،يولنىڭ بويىدىلا بىر دالدا يەرگە ئۆتۈپ ئولتۇرۇپتۇ . چىشى ئاغرىغان ئادەم خېلى ئۇزۇن ساقلىغان بولسىمۇ ،لىكىن لوقمان ھەكىم ئورنىدىن تۇرماپتۇ .ئۇ ئادەمنىڭ چىشى بەك ئاغرىپ كېتىپ چىداپ تۇرالماي  لوقمان ھەكىم تەرەپكە قاراپ :
-چىشىم بەك  ئاغرىپ كەتتى ،چىداپ تۇرالمىدىم ،تېزرەك داۋالاپ قويغان بولسىلا ،- دەپتۇ .مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىسىدى بويىچە چوڭ -كىچىك تەرەپ قىلىپ ئولتۇرغاندا گەپ قىلمايدىغان قائىدىسى بولغاچقا ،لوقمان ھەكىم گەپ قىلمايلا ئۇ ئادەمگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ،يىنىدىن بىر تال بۇيىنى يۇلىۋىلىپ تاشلىۋىتىپتۇ .ئۇ ئادەم بۇ ئىشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ يۈگۈرگەن پېتى بىر ئادەمنىڭ قىشىغا بېرىپ چىشىنى تارتقۇزۇپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن چىش ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇپتۇ ،چىش تارتىش ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن .

                                                   لوقمان ھەكىمنىڭ ۋەسىيىتى
لوقمان ھەكىم دۇنيادىكى بارلىق گۈل -گىياھ ،ھايۋانلارنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن .لوقمان ھەكىم سىرتقا چىقسا ،گۈل -گىياھلار ‹‹مەن پالانى كىسەلگە داۋا ››دىيىشىپ ،ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىدىكەن .ھەرقانداق جايدا ساقايمىغان كىسەللەر لوقمان ھەكىمنىڭ قولىدا ساقىيىدىكەن .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە لوقمان ھەكىم ئاغرىپ قاپتۇ .ئۇنىڭ بىرلا ئوغلى بار ئىكەن .ئۇ ئوغلىنى ئالدىغا  چاقىرىپ :
-ئوغلۇم ،مۇبادا ساقىيالماي قالماي  قالسام .ساڭا مۇنۇ ئۈچ ۋەسىيەتنى قالدۇرىمەن .ئەمەل قىلساڭ ،زىيان كۆرمەيسەن ، بىرىنچىسى ،سىرىڭنى ئايالىڭغائېيتما ،ئىككىنچىسى ،دورغا بىلەن ئاغىنە بولما ،ئۈچىنچىسى ،كوسىدىن قەرز ئالما ،-دەپتۇ ،دەپتۇ .
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي لوقمان ھەكىم ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ .ئۇ ئوغۇل ئاتىسىدىن قېلىپ خېلى ئۇزاقلارغىچە دادىسىنىڭ ۋەسىيەتلىرىگە ئەمەل قىپتۇ .كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ كاللىسىغا دادامنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى بىر سىناپ كۆرمەيمەنمۇ -دىگەن خىيالغا
كەپتۇ .ئۇ يۇشۇرۇن ھالدا بىر ئۆچكىنى ئۆلتۈرۈپ تاغارغا ساپتۇ ، قان يۇقى ھالدا ئايالىنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇدە ،ئايالىغا :
-مەن بۈگۈن بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانىدىم ،غەزىپىمنى باسالماي بوغۇزلىۋەتتىم .بۇ تاغاردىكى شۇنىڭ ئۆلۈكى .بۇنى دەرھال بىر يەرگە كۆمۈۋىتەيلى ،كەل، ياردەملەشكىن ،-دەپتۇ ،خوتۇنى ماقۇل بوپتۇ .ئۇلار ھېلىقى ئۆچكىنى تاغىرى بىلەنلا ئېغىلنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كۆمۈۋېتىپتۇ .
ئۇ خوتۇنىغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىققا تاپىلاپتۇ .ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ ئوغۇل ئاتىسنىڭ ئىككىنچى ۋەسىيىتىنى سىناپ كۆرمەكچى بوپتۇ ۋە يامۇلنىڭ بىر دورغىسى بىلە ن دوستلىشىپتۇ .ئۇلار بىرىنى بىرى بىردەم كۆرمىسە چىدىيالمايدىغان ھالغا يېتىپتۇ .ئوغۇل ئۆچىنچى ۋەسىيەتنى سىناپ كۆرمەكچى بوپتۇ ۋە ئۆزىدە پۇل يېتىپ ئاشقۇدەك بولسىمۇ بىر تۇنۇش كوسا ئادەمدىن مىڭ تىللا قەرز ئاپتۇ .
كۈنلەر ئايلار ۋە يىللار ئۆتۈپتۇ .بىر كۈنى  ئۇ ئايالى بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ قاپتۇ :
-سەن دىگەن قاتىل !ئۆتكەندە بىرىنى ئۆلتۈرۈپ ئېغىلغا كۈمۈۋەتتىڭ ،ئەمدى مېنى ئۆتۈرەي دەمسەن !-دەپ جار ساپتۇ .بۇ گەپلەرنى ئەتراپتىكى قۇلۇم - قوشنىلارئ اڭلاپتۇ ،ئاخىر بۇ گەپ سىرتقا تارقىلىپ ئامبالنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ .ئامبال دەرھال دورغىلىرىنى بۇ ئوغۇلنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ  ۋە دورغىلاردىن :
-قايسىڭ ئۇنىڭ ئۆينى بىلىسەن ؟-دەپ سورىغانىكەن ،ئۇنىڭ بىلەن دوست بولغان ھېلىقى دورغا ئالدى بىلەن :
-مەن بىلىمەن !-دەپتۇ -دە يايىلارنى ئۇنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كەپتۇ-دە ،يىگىتنى چەمبەرچاس باغلاپ ،ئامبالنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپتۇ .يىگىت يامۇلنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ھېلىقى مىڭ تىللا بەرگەن ئادەم كۆرۈپتۇدە ،كۆزىنى يۇمۇپلا :
سېنىڭدە ئىككى مىڭ تىللا پۇلۇم بار ،بەرگىن ،- دەپ ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپتۇ .ئامبالمۇ گەپ سورىمايلا يىگىتىنى ئۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ .ھېلىقى دورغا ئۇنى ھەربىر ئۇرغاندا :‹‹مەن گۇناھكار ››دىگەن دەپ مەجبۇرلايدىكەن ،لىكىن ئۇ يىگىت ‹‹ئامبال گۇناھكار ››دەۋېرىپتۇ ،ئاخىر ئامبال دەرغەزەپ بولۇپ :
-ھەي قاتىل ! قاتىل تۇرۇپ سەن گۇناھكار بولماي مەن گۇناھكارمۇ ؟-دەپتۇ .شۇ چاغدا يىگىت :
-جانابى ئامبال سىز باشقىلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا ئىشنى ئىچنىكە تەكشۈرمەي ،مېنى ئۇۋال قىلىۋاتىسىز ،ئىشنىڭ تىگى مۇنداق ئىدى ،- دەپتۇ ۋە دادىسىنىڭ ۋەسىيەتلىرىدىن تارتىپ تاكى ئۆزىنىڭ ۋەسىيەتلەرنى سىناق قىلغانغا قەدەر سۆزلەپ بېرىپتۇ ،ئاخىردا ،- دادامنىڭ ۋەسىيىتىنىڭ قىممىتىگە يەتتىم ،دادام راست ئېيتقانىكەن ،دىمەك ،ئاتا-ئانىنىڭ ۋەسىيىتى ھېچقاچان زىيانلىق بولمايدكەن ،- دەپ گىپىنى تاماملاپتۇ .
ئامبال ئۆزىنى تۇنۇۋاپتۇ .يىگىتكە يايىلارنى قۇشۇپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپتۇ ،يايىلار ھېلىقى تاغا كۆمگەن يەرنى ئاچقانىكەن ، راستىنلا بىر ئۆچكىنىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن مۈڭگۈزلىرى ۋە چىرىپ كەتكەن تاغار پارچىلىرى چىقىپتۇ .ئامبال يىگىتنىڭ سۆزلىرىنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىپ ،تۆھمەتخۇر خوتۇننى ،دورغىنى ۋە ھېلىقى قەرز پۇل بەرگەن نامەرتنى زىندانغا سىلىپ ،يىگىتكە نۇرغۇن مال -دۇنيا ئىنئام قىلىپ ،ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپ ،ئۆيىگە قايتۇرۇپتۇ .
                                                            لوقمان ھەكىمنىڭ باقى ئالەمگە سەپەر قىلىشى
لوقمان ھېكىم مىڭ ياشقا كىرگەن يىلى ،ئەزرائىل ئۇنىڭ قېىشغا قۇش سۈرىتىدە بولۇپ ئۇچۇپ كەپتۇ ۋە :
-ئەي لوقمان ،ئاللاتائاللاھ ساڭا مىڭ يىل ئۆمۈر ئاتا قىلدى ،ئەمدى بەس ، جان قۇشۇڭنى تەن قەپىسىڭدىن ئۇچۇرغايمەن ،-دەپتۇ .لوقمان ھېكىم دەپتۇكى :
-سەن ئالدىرىما ،باشقىلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ تۇر ، مەن تېخى جېنىمدىن تويغىنىم يوق ،مەن جېنىمدىن زېرىككەندە سېنى چاقىراي ،بولمىسا ،مېنى ھازىر ئاۋارە قىلما ،ئىشىم بەك ئالدىراش .
-ئۇنداق بولسا گىپىڭ گەپ-ھە ،دەپ ،ئەزرائىل ئۇچۇپ كېتىپتۇ ،ئەلىسە ئاللاتائاللاھ ئەزرائىلغا :‹‹لوقماننىڭ قېنىشغا بېرىپ باق ،رازى بولسا جېنىنى ئال ،بولمىسا ،مەيلى ››دەپتىكەن .
كۈنلەردىن كۈنلەرئۈتۈپ ،بىر كۈنى لوقمان ھېكىم بېغىدىكى دورىلىق گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىلىۋاتسا ،موزىيى ئارغامچىسىنى ئۈزۈۋىلىپ ،بۇ گۈل -گىياھلارنى دەسسەپ -چەيلىگىلى تۇرۇپتۇ ،لوقمان ھېكىم مىڭ بىر جاپادا بۇ موزاينى تۇتىۋىلىپ ،باغلاپ قۇيۇپتۇ .ئۇ ئەمدىلا ئىشقا كىرىشگە موزاي يەنە بوشىنىپ كېتىپ بايىقى ئىشنى تەكرارلىغىلى تۇرۇپتۇ .لوقمان ھېكىم ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ھالىدىن كېتىپتۇ ...بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندا ،لوقمان ھېكىم ئىختىيارسىزلا :
‹‹جېنىمدىن ئەجەب تويدۇردا بۇ موزاي ››دەۋىتىپتۇ .شۇ ھامان ئۇنىڭ ئالدىغا ئەزرائىل پەيدا بوپتۇ-دە، لوقمان ھېكىمنىڭ بىلىكىدىن كاپ قىلىپ تۇتۇۋاپتۇ .بۇ چاغدا لوقمان :
-مەن چاقىرغاندا كەلمەمسەن ؟-دەپتۇ .
-ئەي لوقمان ،ھېلى جېنىمدىن تويدۇم دىدىڭغۇ ؟-دەپتۇ ئەزرائىل .لوقمان ھېكىم چۆچۈپ كېتىپ :
-ئوينىشىپ دەپ قويسام ،راست دىدىڭمۇ ؟-دەپتۇ .لېكىن ئەزرائىل بوش كەلمەپتۇ ،ئۆزىنىڭ ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ .بايا كۆرۈنمەي تۇرۇپ موزاينى يىشىۋىتىپ لوقمان ھېكىمنى جېنىدىن تويدۇرغان ئەزرائىل ئىكەن .
-ئۇنداقتا ،-دەپتۇ لوقمنا ،-بالا-چاقىلىرىم بىلەن خوشلىشىپ ،ۋەسىيەتلىرىمنى جىكىلەپ قوياي ،ئاندىن جېنىمنى ئالساڭمۇ ئال ،-دەپتۇ .ئەزرائىل ماقۇل بوپتۇ ھەمدە مۆھلەت بەلگىلەپ كېتىپ قاپتۇ .
دىگەن قەرەلدە ئەزرائىل كەلسە ،قىرىق بىر لوقمان قاتار ياتقۇدەك ،ئەزرائىل دەماللىقتا پەرقلەندۈرەلمەپتۇ -دە ، ئاللاتائاللاھقا مۇراجىئەت قىپتۇ :
-لوقمان قىرىق بىر بوپتۇ ،بۇلاردىن قايسسىنىڭ جېنىنى ئالاي ؟-دەپتۇ :
-ھەممىسىنىڭ كۆزىگە قۇلۇڭنى تىق ،قايسسى كۆزىنى چىمچىلىقلاتسا ،شۇنىڭ جېنىنى ئال ،-دەپتۇ .
ئەزرائىل شۇنداق قىپتىكەن ،لوقمان ھېكىم كۆزىنى چىمچىلىقلىىتپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ .ئامالسىزلىقتىن بۇ ئۇلۇغ ھۆكۈما بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپتۇ .
ئەسلىدە مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرگەن لوقمان ھېكىم ئۆلگۈسى كەلمەي ئۆزىگە ئوخشاش قىرىق ھەيكەل ياسىغانىكەن .
شۇنىڭدىن بۇيان خەلق ئارىسىدا :
مىڭ يىل ياشىغان لوقمان ،
ئۆلۈمگە ھېيلىلەر قىلغان .
دەردىگە تاپمىدى دەرمان ،
بۇ دۇنيادا يوقتۇر پايان ...
دىگەن قوشاق قالغانىكەن .شۇڭا ئادەملەر ئۆمرىگە زادى تويمايدىكەن ،زادى ئۆلگۈسى كەلمەيدىكەن .
مەنبەسى -ئويغۇر خەلق ئەپسانە-رىۋايەتلىرى -‹‹كۆك يايىلىق بۆرە ››

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 15:20:33

يامان ئەمەس، ئاسمان يەتتە قات بولغاندىكىن يەرمۇ يەتتە قاتتۇ دىگەن گىپى ماڭا ئەزىدى. پەلسەپە باركەن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 15:37:01

لوقمان ھەكىمنى ئىزۇپ شۇ دەيدىغان قاراشمۇ باركەن، راستمىدۇ؟

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 16:34:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 16:37  

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 15:37 static/image/common/back.gif
لوقمان ھەكىمنى ئىزۇپ شۇ دەيدىغان قاراشمۇ باركەن، راست ...

بۇنى ئىنىق ئۇقمايدىكەنمەن، لوقمان ھىكىمنىڭ گىپى ساماۋىي كىتاپتىمۇ بار. ئەي ئوغۇل دىگەندەك، بەلكىم ئەتەبەتۇل ھەقايىق شۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان بولسا كىرەك. ماۋۇ چۆچەكتە سۇلايمان بىلەن زامانداش دىيلىپتۇ. قۇشلارنىڭ تىلىنى بىلىدىغان. ئۆسۇملۇكلەرنىڭ تىلىنى بىلىدىغان قالتىس بوتانىك.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:11:37

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 16:34 static/image/common/back.gif
بۇنى ئىنىق ئۇقمايدىكەنمەن، لوقمان ھىكىمنىڭ گىپى ساما ...

لوقمان ھەكىم توغرىسىدا  نۇرغۇن ياخشى ۋەسىيەتلەر بار .
بۇ كىشىنىڭ پەيغەمبەرمۇ  ياكى ئەمەسمۇ دىگەن سۇئال توغرىسىدىمۇ نۇرغۇن تالاشلار مەۋجۇتكەن، بەزىلەر ئۇنى پەيغەمبەر دىسە، بەزىلەر ئۇنى دانىشىمەن دەپ قارايدىكەن ۋە بۇ توغرىسىدا رىۋايەت قىلىشىدىكەن :

اللا تائالا جېبرائىلنى ئەۋەتىپ  لوقمان ھەكىمدىن پادىشاھ  بولامسەن ياكى دانىشىمەن دەپ سورىسا، دانىشىمەن دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن ،
ياشىغان دەۋرى داۋۇد ئەلەيھىسسلام ياشىغان دەۋر يەنى: مىلادىدىن بۇرۇنقى 1100- يىللىرى ئىكەن، يۇرتى ئىفوپىيە ( بەزىلەر مىسىرلىق نېگىر دەيدىكەن)، ەسلى بىر قۇل بولۇپ سېتىلىپ يېرۇسالىم تەرەپلەرگە كەلگەن ئىكەن، ..
شۇنداقتىمۇ، بۇ كشىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتلار يوق ئىكەن ، بەزىلەر ئىزۇپنىڭ مەسەللىرىگە قاراپ ۋە ئۇنىڭ  نېگىرلىكىگە ئاساسەن لوقمەن ھەكىم ئىزۇپ شۇ دەيدىكەن .
.«لوقمان ھاكىم ۋەسىيەتلىرىدىن 500 دۇردانە » دىگەندەك كىتاپلارمۇ كەڭ ئىسلام دۇنياسىدا ئالقىشقا ئىرىشىگلىك ئىكەن .


شىلەيلېنى كۆرۈپ بەك زىرىكتۇق، مۇشۇ لوقمان ھەكىم توغرىسىدا كىنو ئىشلىگەن بولسا، شىلەيلەېدىن ئېشىپ  چۈشىەتى:lol  .

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 18:55:14

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 17:11 static/image/common/back.gif
لوقمان ھەكىم توغرىسىدا  نۇرغۇن ياخشى ۋەسىيەتلەر بار .  ...

ئۇيغۇرلار كىنو قىلىپ ئىشلەپ بۇلالمايدۇ. مۇمكىن بولسا مۇشۇ گەپلەرنى چۆچەك شەكىلدە ئاۋازلىق نۇسخا ئىشلەپ، ۋاللايغا ئوخشاش ساتسا، بوسا خەنسۇچە قىلىپ ، بىتكى بىرنىمە بۇلامىكى دەيمەن. قىزىقارلىق سىڭىشلىك.

مىنىڭ قارشىمدا، ھەزرىتى لوقمان ھەكىم بۇنىڭ ئىشلىرىنى خۇي بۇيىچە قارغاندا، تەقۋادارلىق ئەكىس ئىتىدۇ. يەنى ئوغلىغا ۋەسىيەت قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ. كۆپۇنچە تەقۋادارلىق سۇپەتتىكى قەۋىملەر ھىندىلار خەنسۇلار شىئەلەر ماۋۇلاردا ئوغلىغا ۋەسىيەت قىلىدىغان ئىشلار كۆپرەك.نىگىرلارمۇ شۇ خىل مەدىنىيەتكە يىقىنراق. بىراق،،،،،،تىۋىپلىكىگە قاراپ        ،،،،مەيلى ئاخىرنى دىمەي.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 20:16:25

تەخەللۇسى: لوقمان ھەكىم.
        ئىسمى: لوقمان
        نەسەبى (ئائىلە شەجەرىسى):
        لوقمان يائۇرنىڭ ئوغلىدۇر، يائۇر بولسا ئەييۇبنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلىدۇر. ئۇ مىسىرنىڭ ئاسۋان رايۇنىدا تۇغۇلغان. ياغاچچىلىق، تىككۈچىلىك، مالچىلىق كەسبى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالام بىلەن زامانداش بولۇپ، ئۇنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ ھۆكىمالىق دەرىجىسىگە يەتكەن.
        داۋۇد ئەلەيھىسسالام سەلتەنىتىنىڭ ئونىنچى يىلى تۇغۇلغان، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن. كىشىلەرگە ئىلمى ھېكمەت زاھىدلىق يولىنى كۆرسىتىپ يۇنۇس ئىبنى مەتتا پەيغەمبەرنىڭ زامانىسىغىچە ياشىغان.
        ئىمام بۇخارى لوقمان ھەكىم توغرىلىق مۇنداق بىر ھەدىسنى خاتىرلىگەن:
        پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتىدۇ: لوقمان كۆپ تەپەككۇر قىلىدىغان كىشى ئىدى. گۈزەل كۆز قاراشلارغا ئىگە ئىدى. كۆپ ۋاقىتلاردا تىنچ ئولتۇراتتى. ئۇ ئاللاھنى سۆيەتتى، ئاللاھمۇ ئۇنى سۆيەتتى.  شۇ سەۋەپتىن ئاللاھ ئۇنىڭغا ھېكمەتنى ئىلتىپات قىلدى.
مەنبە: لوقمان ھەكىم ھەققىدە

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 23:06:04

نىمىدىگەن ئۇستىلىق بىلەن توقۇلغان توقۇلما ئەپسانە بۇ

juxkun49 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 00:28:42

مەنبەسى يوق رىۋايەتلەرنى ئەڭ ياخشىسى سۆزلىمىگەن ياخشى .نادان  ئادەملەر ئۇنى ئايەت ، ھەدىس قاتارىدا ئىستىمال قىلىۋالىدۇ . بىزدە ئىلگىرىمۇ قىساسۇل ئەنبىيانى دىنى كىتاب قاتارىدا ئوقۇش ۋە سۆزلەش قاتتىق مودا بولغان

19881266 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 00:53:25

اللاھ  قۇرئان كەرىمدە ( سۈرە لوقمان)  بىز لوقماننى ھېكمەت بىلەن باي قىلدۇق  ، دىگەن ئېنىق ئايەت بار ...

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 10:20:43

juxkun49 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 00:28 static/image/common/back.gif
مەنبەسى يوق رىۋايەتلەرنى ئەڭ ياخشىسى سۆزلىمىگەن ياخشى ...

ئۇ كىتابنى تاپماقمۇ تەس بولۇپ كىتىپتۇ.

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 11:29:25

مەن تېىخى ھەزرىتى لوقمان شېركىتىنىڭ ئېلانى ئوخشاشيدۇ دەپ كىرىپتىمەن.{:101:}

fayrat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 11:36:28

تورداش جۇشقۇن تۇغرا ئېيىتتى ،بىزدىكى خۇراپىلىق خېلى ئېغىر شۇڭا ئېنىق بولغىنى ياخشى .

9292 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 12:37:08

‹ھەدىس›بىر ئىنساننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە.ئاڭلىغان گەپنىڭ ھەممىسىنى دەپ يۈرۈشى يىتەرلىك.

function يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 20:59:46

9292 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 12:37 static/image/common/back.gif
‹ھەدىس›بىر ئىنساننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە.ئاڭلىغان گ ...

بۇ نېمە گەپ ئۆزى؟

MOHADDIS يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 18:20:53

ئەدەبىيات دېگەن ئەدەب سۆزىدىن كەلگەن. راستىنلا شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ھەزرىتى لوقماننى كىيمە تاز دەپ سۈپەتلەش بىر خىل ئەدەبسىزلىك. ئۇنداقلىقىغا بىرەر پاكىت بولمىغان ئەھۋالدا بۇ ئەدەبسىزلىكتىن ھاقارەت دەرىجىسىگە ئۆرلىشى تۇرغانلا گەپ. بەزى سەلەپلەر ھەزرىتى لوقماننى پەيغەمبەر دېگەن. كۆپچىلىك: دانىشمەن دېگەن. ئەمما قۇرئاندا ئاللاھ ئۇنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرىنى ئالاھىدە بايان قىلغان ۋە بىر سۈرىنى ئۇنىڭ نامىدا ئاتىغان. "لوقمانغا ھېكمەت ئاتا قىلدۇق" دېگەن. ھەدىسلەردىمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. ئەگەر بىرەر ئاتا ئوغلىنى لوقمان سۈرىسى بويىچە تەربىيەلەيدىغان بولسا ھەقىقەتەن ياخشى ئەۋلات تەربىيەلىگەن بولىدۇ. بولمىسا سۈرە لوقماننى بىر ئوقۇپ كۆرۈڭلار!

MOHADDIS يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 18:22:20

function يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 20:59 static/image/common/back.gif
بۇ نېمە گەپ ئۆزى؟

پەيغەمبەر سۆزىنىڭ تەرجىمىسى.

MOHADDIS يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 19:38:17

Yuksel يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 20:16 static/image/common/back.gif
تەخەللۇسى: لوقمان ھەكىم.
        ئىسمى: لوقمان
        نەسەبى ( ...

ئىمام بۇخارى لوقمان ھەكىم توغرىلىق مۇنداق بىر ھەدىسنى خاتىرلىگەن:
        پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتىدۇ: لوقمان كۆپ تەپەككۇر قىلىدىغان كىشى ئىدى. گۈزەل كۆز قاراشلارغا ئىگە ئىدى. كۆپ ۋاقىتلاردا تىنچ ئولتۇراتتى. ئۇ ئاللاھنى سۆيەتتى، ئاللاھمۇ ئۇنى سۆيەتتى.  شۇ سەۋەپتىن ئاللاھ ئۇنىڭغا ھېكمەتنى ئىلتىپات قىلدى.

-----------------------
ئىمام بۇخارى قايسى كىتابىدا خاتىرىلىگەن؟
بەت: [1]
: ھەزرىتى لوقمان ھەكىم ھەققىدە ئاجايىپ رىۋايەتلەر