irpan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 14:24:44

تارىختا كىم ئەڭ كۆپ زىمىن ئىگىلىگەن؟


1.چىڭگىزخان (1227-1162)1206– يىلىدىن 1227- يىلىغىچە، تەخمىنەن تۆت مىليۇن 860مىڭ كۇۋادىرات ئېنگىلز مىلى زىمىننى ئىگىلىگەن.ئۇنىڭ ئىمپىرىيىسى تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىدىن ئىچكى دېڭىزغىچە، جۇڭگۇنىڭ شىمالىي يېرىمى، جەنۇبىي سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.


2.ئىمپىراتۇر ئالىكساندىر (ئىسكەندەر ماكىدونىسكىي )م ب 356-م ب 323- يىلغىچە ياشىغان، ماكىدونىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ پادىشاھى.مىلادىدىن بۇرۇنقى 334-يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 326- يىلغىچە بولغان ئارلىقتا، 2 مىليۇن 180مىڭ كۇۋادىرات ئېنگىلز مىلى زىمىننى بېسىۋالغان. ئۇنىڭ ئىمپىرىيىسى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى، كىچىك ئاسىيا، مىسىر ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن تاكى ھېندى دەرياسىغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.


3. ئىمپىراتۇر تۆمۈرلەڭ : 1370- يىلدىن 1402- يىلغىچە 2 مىليۇن 140مىڭ كۇۋادىرات ئېنگىلز مىلى زىمىننى بويسۇندۇرغان.ئۇنىڭ ئىمپىرىيىسى پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق ۋە ھېندى دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان زىمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.


4. ئىمپىراتۇر سېيرۇس ( م ب 600- م ب 529 ) پارىس ئىمپىرىيىسىنىڭ خاقانى بولۇپ، م ب 559-يىلدىن 539-يىلىغىچە تەخمىنەن 2مىليۇن 9مىڭ ئېنگىلىز مىلى زىمىننى ئىگىلىگەن. خەرىتىسى شەرقتا ئىران ئىگىزلىكىدىن غەرپتە كىچىك ئاسىيانىڭ كەڭرى زىمىنلىرىغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باكتىرىيە ئىمپىرىيىسىگىچە بولغان زىمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.


5. ئاتىللا ( 406-453) ھون تەڭرىقۇتلىرىنىڭ بىرى. 433- يىلىدىن 453- يىلىغىچە تەرەپ تەرەپكە قوشۇن تارتىپ، ئۇرۇش قىلىپ « تەڭرى قامچىسى » دەپ ئاتالغان. 1 مىليۇن 450مىڭ كۇۋادىرات ئېنگىلىز مىلى زىمىننى بويسۇندۇرغان.بۇلار ياۋرۇپانىڭ شەرقى ۋە ئوتتۇرا قىسمى يەنە روسىيە تۈزلەڭلىكىنىڭ غەربىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.


6. ئادولف گېتلىر (1889-1945) 1933-يىلىدىن 1942- يىلىغىچە ناتسېسلارنىڭ بۇ ھۆكۈمدارى 1 مىليۇن 370مىڭ كۇۋادىرات ئېنگىلىز مىلى زىمىننى بويسۇندۇرغان. ئەمما، زور كۆپ قىسىم زىمىنىنى كېيىنكى ئۈچ يىلدا يوقۇتۇپ قويغان.گېتلىرنىڭ 3-ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى ھەتتا پۈتكۈل ياۋرۇپا قۇرۇقلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.ئېنگىلز قانىىدىن موسكىۋا ئەتراپلىرىغىچە، شىمالدا نۆرۋىگخيىگىچە سوزۇلغان.


7.ناپالىئون بۇناپارت (1769-1821)1796-يىلدىن فرانسىيە 1-ئىمپىرىيىسى گۈللەنگەن 1810- يىلىنىڭ ئالدى- كەينىگىچە، ئۆزىنى پادىشاھ دەۋالغان بۇ ھۆكۈمدار730مىڭ كۇۋادىرات  ئېنگىلىز مىلى زىمىننى ئىگىلىۋالغان.ئۇنىڭ ئىمپىرىيىسى فرانسىيە، بىلگىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسارىيە ۋە ئىسپانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.


8. مەھمۇد(971؟-1030)  غەزنەۋىيلەر سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى. 680مىڭ كۇۋادىرات  ئېنگىلىز مىلى زىمىننى ئىگىلىگەن.ئۇنىڭ ئىمپىرىيىسى ھېندىستان ، ئافغانىستان، ئىران قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.   


9.پىزاررى(1470-1541) 1531- يىلىدىن 1541- يىلىغىچە ئىسپانىيە ئىمپىرىيىسى ئۈچۈن 480مىڭ كۇۋادىرات ئېنگىلىز مىلى زىمىننى ئىگىلىگەن.ئۇ ئېنگا ئىمپىرىيىسىنى يوقىىتىپ، ئېكۋاتۇرنى كېسىپ ئۆتۈپ، تاكى ئاندىس تاغ تېزمىلىرىغىچە بولىۋىيەنىڭ زور قىسىم زىمىنىنى ئىسپانىيىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن،


10.كورتېس (1485-1547)1519-يىلىدىن 1566-يىلىغىچە ئىسپانىيەنىڭ بۇ مۇستەملىكىچىسى كىچىك بىر قوشۇن بىلەن يۈرۈش قىلىپ، 310مىڭ كۇۋادىرات ئېنگىلىز مىلى زىمىننى ئىگىلىگەن.ئۇ زوراۋانلىق ۋە ئالدامچىلىق ۋاستىسى بىلەن ئازتېكلاردىن غالىپ كېلىپ، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىم مېكسىكىنى ئىگىلىگەن.ئارقىدىن گېۋاتىمالا ۋە ھوندۇراسنى بويسۇندۇرۇپ ، بۇ دۆلەتلەرنى ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكۈزگەن، ئۆزى يېڭى ئىسپانىيىنىڭ باش تۇتۇقى بولغان.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 14:59:25

تاڭ، خەن ، چىڭ سۇلالىسى چۈشۈپ قاپتىمۇ نىمە ؟
ئۇيغۇر خانىدانلىقىمۇ 3 مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زىمىننى بېسىپ  سەلتەنەت سۈرگەن .
دۇنيا  ئېمپۇراتۇرلىقى جەھەتتە 63- ئورۇندا تۇرىدىكەن .
http://en.wikipedia.org/wiki/List_of_largest_empires

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 15:09:12

خەتكۇچ.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 15:20:45

بىرىنچىسى بىرىتانىيە ئىمپىرىيىسى دەپ تۇرامدۇ،

ئۇيغۇر خانلىقى 63-ئورۇندا،
كۆك تۈرۈك خانلىقى 20-ئورۇندا،
قاراخانلار خانلىقى 69-ئورۇندا،

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 15:33:35

    بىر كۇۋادىرات ئېنگىلىز مىلى  = 1 2.58998811 كۇۋادىرات كېلومىتر   

serwan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 18:07:24

ئۇ مۇھىم ئەمەس

serwan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 18:09:49

چىڭگزخان ئىگەللىگەن زېمىن چىڭگىزخان ھاياتدىن  كىين بۇلغان

xirkat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 18:56:25

تېما ئەسلى توغرا، ئۈستىدىكى بەزى ئىنكاسلارنى يازغان تورداشلار ئىمپىرىيە بىلەن ئىمپىراتور ئاتالغۇسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قۇيۇپ سەل خاتا چۈشىنىۋاپتۇ. بۇ تېمىدا ئەڭ چوڭ ئىمپىرىيىلەر ئەمەس، ئەڭ كۆپ زىمىن ئىگىلىگەن ئىمپىراتۇرلار تۇنۇشتۇرۇلغان، ئىككىسى ئوخشىمايدۇ.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 23:59:50

ئىسكەندەر زۇلقەيىنچۇ
بۇ راسلا تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ئۇلۇغ كىشىمۇ ياكى تۇقۇلمىمۇ ،
مەن ھازىرغىچە ئىنىق بىلمەيمەن ئەمما قىسسەسىنى ئوقىغان.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 08:31:57

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 23:59 static/image/common/back.gif
ئىسكەندەر زۇلقەيىنچۇ
بۇ راسلا تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ئۇ ...

ئالېكساندېر راست ئۆتكەن ئىمپىراتۇر، تارىخىتىكى ئەڭ ياش ئىمپىراتۇلارنىڭ بىرى بولۇشى مۈمكىن ، ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاىسياغىچە بېسىپ كىلىپ غۇزلارنىڭ بىر قىسىم ئاتلىق قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ ( بۇنى مەھمۇد قەشقىرى «تۈركى تىللار دىۋانى»دا رىۋايەت قىلىدۇ)  ئىلاج يوق يۈلۈنىشىنى ئۆرگەرتىپ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىدۇ ۋە ھىندىستان رايۇنىنى ئىشخال قىلىدۇ .
ماۋۇ خەرىتىدىكى سوغدىيانە دىگەن جايدىكى توقۇنۇش شۇ .
http://cdn-1.historyguy.com/alexander-the-great-conquest-map.jpg.pagespeed.ce.-g_DpPXCJq.jpg

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 16:20:00

يازمىدا دېيىلگىنى پۈتۈن بىر خانلىقنىڭ زىمىنى ئەمەس، مەلۇم ھۆكۈمدارنىڭ بىر ئۆمرىدە ئىگىلىگەن زىمىنى
بەت: [1]
: تارىختا كىم ئەڭ كۆپ زىمىن ئىگىلىگەن؟