hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 08:52:17

چىلاننى قىشلىق چاتاشتىكى مۇھىم نوقتىلار (خىيالچى )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 08:54  

  
چىلاننى قىشلىق چاتاشتا تېخنىكىلىق ئۆلچەم بىر خىل بولسىمۇ ، دەرەخ شەكلى ئىزچىل قالايمىقان بۇلۇپ كەلدى . بۇتېمىدا ئاساسلىقى بۇغداي كىۋەز كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان ، ئادەتتىكى زىچلىقتىكى چىلانلىق باغلاردىكى دەرەخ شەكلىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى  ھەل قىلىشقا بىرلەشتۈرگەن ھالدا چاتاش پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى .
1.بىر يىل چاتاپ بىر يىل قۇيۇۋېتىش ،ئۈچىنچى يىلى ئۈسۈش ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن چاتاش ياكى قۇيۇۋېتىشنى تاللاش ، ئۈسۈش ھالىتىنىڭ ئۆلچەملىشىشى  10%گە يەتمىسە داۋاملىق بېقىش .
ۋىلايەتنىڭ ئۆلچىمى : چاتاشقا تىگىشلىك بولسا ھەممىنى چاتاش ،  قۇيۇۋېتىش كە تىگىشلىك بولسا ھەممىنى قۇيۇۋېتىش .
2.دەرەخ ئىگىزلىگىنى قېلىپلاشتۇرۇش :
بۇنىڭدا دەرەخنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمسىنى بىكىتىش كېرەك ، بۇنىڭدا بىر تۈپ دەرەختە بەش تال ئاساسى شاخ ، ئىككى قەۋەت بۇلىدۇ .
بىرىنچى يىلى 50 سانتىمىتىردا غول قالدۇرۇلىدۇ .
ئىككىنچى يىلى قىش پەسلىدە 80-90 سانتمىتىردا غول قالدۇرۇلىدۇ .
ئۈچىنچى يىلى بىرىنچى قەۋەت ئاساسى شاخلىرى شەكىللىنىدۇ .بەش تال ئىككىلەمچى شاخ ئۈسۈپ چىققاندىن كىيىن ئۇچىنى ئۈزىمىز ، بۇنىڭدا مەركىزى غول بىلەن ئىككىلەمچى شاخنىڭ ئارىلىقى 20-30 سانتىمىتىرغىچە بۇلىدۇ .
تۆتىنچى يىلى قائىدە بۇيىچە بىر يىل قۇيۇۋېتىمىز .
بەشىنچى يىلى جەزمەن يان شاخ قۇيىمىز ، يەنى بىرىنچى ئاساسى شاختا يان شاخ تەربىيلەيمىز .
ئالتىنچى يىلى بىر يىل قۇيۇۋېتىمىز .
يەتتىنچى يىلى ئىككىنچى قەۋەت ئاساسى شاخلىرىنى ئويلىشىمىز .
بەش دانە ئىككىلەمچى شاخ ئۆسكەندە ياكى  (80 سانتىمىتىر ) ئەتراپىدا ئۇچىنى ئۈزىمىز .
بۇ چاغدا دەرەخ ئىگىزلىگى 4 مىتىر ئەتراپىدا بۇلىدۇ ، يان تەرەپ كەڭلىگى 1.5 مىتىر بۇلىدۇ ، شۇ بۇيىچە بولغاندا ئىككى تەرەپتىن ئۈچ مىتىر بوشلۇقنى ئىگەللىسە ئۈچ مىتىر بولسا بىر مىتىر پائالىيەت بوشلۇقى ئاشىدۇ .
سەككىزىنچى يىلى يەنە بىر يىل قۇيۇۋېتىمىز .

يازلىق چاتاشتا 7-ئايدىن ئىلگىرى تۈكۈلمە شاخلاردا ئىككى بۇغۇم قالدۇرۇپ ئۇچىنى ئۈزۈش ، 7-ئايدىن كىيىن ياغاچلاشقان تۈكۈلمە شاخنىڭ 5 سانتىمىتىر ئەتراپىدا قېلىشىنى كونترول قىلىپ ، ئۇزۇقلۇقلارنىڭ يىتىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .


بوشلۇق بۇلۇپ، ئۆسكۈچى شاخ ئۆسمىگەندە ، ئىككىلەمچى شاخلارنى قىسقا كىسىش ئارقىلىق ئۆستۈرۈشكە بۇلىدۇ .
بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا بىر يىل ئۆستۈرۈش ، بىر يىل كونترول قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىلىدۇ .

دەرەخ شەكلى قالايمىقان باغلارغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى :
بىرىنچسى دەرەخ شەكلىنى قايتىدىن يىتىشتۈرۈش .
ئىككىنچىسى ، ئەمەلىي شارائىتنى چاتاش پىرىنسىپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چاتاش كېرەك .

قەۋەتلەرگە بۈلۈنگەن دەرەخ شەكلىنىڭ ئاساسى شاخ قۇرۇلمىسى :
يەر يۈزىدىن بىرىنچى قەۋەت ئاساسى شاخقىچە بولغان ئارىلىقى 0.8 مىتىردىن 1.2 مىتىرغىچە .
بىرىنچى قەۋەتتە ئۈچ تال ئاساسى شاخ بۇلىدۇ ، بىرىنچى ئاساسى شاختىن ئۈچىنچى ئاساسى شاخقىچە بولغان ئارىلىق بىر مىتىر ، ،بىرىنچى قەۋەت بىلەن ئىككىنچى قەۋەت ئارىلىقى 0.8 مىتىر .
ئىككىنچى قەۋەتتە ئىككى دانە ئاساسى شاخ بۇلىدۇ .ئىككىنچى قەۋەن بىرىنچى ئاساسى شاخ بىلەن ئىككىنچى ئاساسى شاخنىڭ ئىگەللىگەن ئورنى0.6 مىتىردىن 0.8 مىتىرغىچە بۇلىدۇ.
مۇشۇنداق بولغاندا مۇشۇ خىل دەرەخ ئىگىزلىگى 3 مىتىردىن 3.8 مىتىر ئارىلقتا كونترول قىلىنىدۇ .

يازلىق چاتاش
ئاساسلىقى ئارتۇق بىخلارنى سىيرىۋېتىش، ئۇچىنى ئۈزۈش ، شاخنى ئىگىش، تولغاپ زەخمىلەندۈرۈش، قوۋزاقنى ھالقىسىمان سۇيۇش، شاخلارنىڭ بۇلۇڭنى چوڭايتىش، كەرىگە سېلىش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارىمىز.

چاتاش ئۇسۇللىرى
•         (1) . ئاساسى غولنى تۇراقلاشتۇرۇش
•        (2) . شاخلارنى قىسقارتىش
•        (3) . شالاڭلىتىپ چاتاش
•        (4) . يىغىنچاقلاپ چاتاش
•        (5) . ئۇچىنى ئۈزۈش
•        (6) . بىخ پۇتاش
•        (7) . شاخنى ئىگىش
•        (8) . تولغاپ زەخمىلەندۈرۈش
•        (9) . قوۋزاقنى ھالقىسىمان سۇيۇش
•        (10) . شاخلارنىڭ بۇلۇڭنى چوڭايتىش
•        (11) . كەرىگە سېلىش


[قىسقا خۇلاسە ]:
بىرىنچىسى : بەش تال ئاساسى شاخ
ئىككىنچىسى : دەرەخ ئىگىزلىگى 3.4 مىتىردا كونترول قىلىش
ئۈچىنچىسى : بىر يىل چاتاش ، بىر يىل قۇيۇۋېتىش

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 10:46:45

شۇجى شاڭجاڭ قاچان چاتايسەن دىسە شۇ چاغدا چاتايمىز

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 11:01:12

ئاۋۇ تېما شەنجاڭ ئۆتكەن دەرستىن ئېلىنغان .....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 11:01:30

ئاۋۇ تېما شەنجاڭ ئۆتكەن دەرستىن ئېلىنغان .....

9292 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 12:27:04

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!خىيالچى بۇرادەر،بىز تېرغىلى 4يىل بولغان. 10موبىنام يەرنى چىلانلىق باغ قىلىشنى ئويلىغان،ئۇيەرگە ئۇلاق چىلان قويساق ياخشىمۇ؟ياكى  ئۇلانمىغان چىلانمۇ؟ھازىر ئۇلاق چىلاننىڭ بىرتۈپى نەچچە پۇلدۇ؟ئەگەرئۇلانمىغان چىلان قويساق ئۇلاقچىلار بىرتۈپۈنى نەچچە پۇلدىن ئۇلاپ بىرىدۇ؟

9292 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 12:27:38

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!خىيالچى بۇرادەر،بىز تېرغىلى 4يىل بولغان. 10موبىنام يەرنى چىلانلىق باغ قىلىشنى ئويلىغان،ئۇيەرگە ئۇلاق چىلان قويساق ياخشىمۇ؟ياكى  ئۇلانمىغان چىلانمۇ؟ھازىر ئۇلاق چىلاننىڭ بىرتۈپى نەچچە پۇلدۇ؟ئەگەرئۇلانمىغان چىلان قويساق ئۇلاقچىلار بىرتۈپۈنى نەچچە پۇلدىن ئۇلاپ بىرىدۇ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 12:59:29

   سەل قۇمساڭ ياڭى ئەت تۇپراقلار بولسا چىلان ياخشى ئاينىيدۇ ، زەي تۇپراقلارغا ، زىيادە سېغىز تۇپراقلارغا ئالدىراپ چىلان سالماڭ ، بىكار ئاۋارە قىلىدۇ ...
   چىلانلىق باغ قىلىدىغانلار كۆپىنچىسى ئۇرۇقنى ئېتىزغا تېرىپ ، ئېتىزدىلا ئۇلاپ ، پەرۋىش قىلىدۇ ، ئون مو يەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلاتسىڭىز 2-3 كويغىچە ئۇلايدۇ .....
   چىلاننى 4-5 يىلنىڭ ئالدىدا كۆچىتىنى ئەكىلىپ سالغان ، ئەمما ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۇتۇش نىسبىتى تۆۋەن بولغان ، ھازىر كۆچەتنى سېلىپ چىلانلىق باغ قىلىدىغان ئىش ئاساسەن يوق ، تېرىيدۇ ...
بىرمو يەرگە 500 گىرام ئۇرۇق يىتىدۇ ، كىلوسى 260 كوي ، ئۇرۇقنى بىخلاندۇرۇش ھاجەتسىز ، بىۋاستە تېرىيسىز ...
ئۇلاق كۆچەت ئەكىلىپ سالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ، باھاسى ھەرخىل ، سورتى،  چوڭ كىچىكلىگى ، ئالىدىغان كۆچەت سانىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ ...
ئۇچۇر تورىغا كىرىپ ئىزدىسىڭىز تېپىلىپ قالىدۇ ،  تېلىفۇن ئۇرۇپ بىۋاستە سۈرۈشتۈرسىڭىز ياخشى ...

9292 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 14:45:10

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 12:59 static/image/common/back.gif
سەل قۇمساڭ ياڭى ئەت تۇپراقلار بولسا چىلان ياخشى ئاين ...

رەھمەت!بىزنىڭ ئۇيەر ئەسلى شورلۇق جاڭگالتى،بىز ئېچىپ تېرىغىلى 3-4يىل بولغان.يەغۇ خېلى ياخشى ئۆزگەرگەن.

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 16:34:32

ئەمەلىي نەپ تىگىدىغان تىما..{:112:}

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 22:29:49

مۇشۇ قاپاق چىلاننىڭ قارا داغ كېسىلى نىمە سەۋەپتىن پەيدا بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 22:47:43

بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى سىناق قىلىپ باقمىدىم ....
بۇ  توغرىدا ماۋۇ ماتىريال سىزگە ئەسقاتىدۇ :
كىسەللىك مەنبەسى : باكتىرىيە
كىسەل پەيدا بۇلۇش قانۇنىيىتى : ئادەتتە دەرەختە يۇشۇرۇن قىشتىن ئۈتىدۇ ، شامال ، يامغۇرلاردا يۇقۇشقا باشلايدۇ .
كىسەللىك ئالامىتى : چىلان سېسىپ كىتىدۇ ۋە بالدۇر تۈكۈلىدۇ ، قۇڭۇر داغ بارا بارا قارا قۇڭۇر داغقا ئۆزگىرىدۇ ، ئاندىن چىرىندى ماددىغا ئۆزگىرىدۇ ...
ئالدىنى ئېلىش يۇقىتىش ئۇسۇلى :
1.باغنى تازىلاش : غازاڭ ، قۇرۇق شاخ ، تۈكۈلگەن مىۋە قاتارلىقلارنى كۆيدۈرىۋېتىش ..
2.باغ باشقۇرۇشنى كۆچەيتىش : باغقا ئىگىز غوللۇق زىرائەت تېرىماسلىق .
3. دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش :بىرىنچىسى ،چىچەكلەشتىن بۇرۇن يۇپۇرماق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك ، بۇنىڭدا بىر قېتىم دۇرا چاچساق بۇلىدۇ ، ئىككىنچىسى چىچەكلەپ بولغاندىن كىيىن ھەر 15كۈندە بىر قېتىم ئۇدا ئۈچ تۆت قېتىم دۇرا چاچىمىز .
مىتىل توپىسىن ( جىياجى توبۇجىن )
باۋستىن (دوجنلىڭ )
مانكۈزىپ ( دەيسېن مىڭشىن )
بوردو سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلار بار،  دۇرىلارنى ئىشلەتكەندە چۈشەندۈرۇشىگە قاراڭ ...

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 13:17:56

رەھمەت سىزگە ، ناھايتى پايدىلىق تىما ئىكەن. بىزنىڭمۇ 4 مو يەردە چىلانلىق بار ئىدى. كىيىن بىرەر مەسلىگە يۇلۇقسام سىزنى ئىزدىسەم بولىدىكەندە؟
بەت: [1]
: چىلاننى قىشلىق چاتاشتىكى مۇھىم نوقتىلار (خىيالچى )