uqkun107 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 11:55:51

باشقىچە پىكىرلەرگە كەڭ قورساق بولايلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 12:04  

[align=center]<<باشقىچە پىكىر>> لەرگە كەڭ قورساق بولايلى


[/size]



    ئىددىيە، نوقتىنەزەرلەرنىڭ قىممىتى رىقابەت ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ، ئەمىلىيەت ئارقىلىق سىناقتىن ئۆتىدۇ، <<سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە قوشۇلمايمەن، لىكىن سىزنىڭ سۆزلەش ھوقوقىڭىزنى جان تىكىپ قوغدايمەن>> كۆكسى-قارنى كەڭ بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش دىگەن مانا مۇنداق بولىدۇ! قالپاق كەيدۈرۈش، كوكۇلىسىنى تۇتۇۋىلىش، باشقىچە پىكىر قىلغاننى دۈشمەن دەپ بىلىش-ماھىيەتتە كالتە پەملىك ۋە زەھىپلىكتۇر. بۇنداق قىلىشنىڭ ئىناق جەمىيەت قۇرۇشقا، ساغلام پىسخىكا يىتىلدۈرۈشكە ھەرگىز پايدىسى تەگمەيدۇ.
    ئوخشاش بىر مالنى سىتىۋىلىشتا، بەزىلەر ساتقۇچىنىڭ دىگىنىگە سىتىۋالسا، بەزىلەر<<بەك قىممەتكەن>>دەپ قاخشايدۇ: ئوخشاش بىر دىلوغا نىسبەتەن. بەزىلەر ھەققانى ھۆكۈن چىقىرىشقا ئالدىرىسا، بەزىلەر تەرتىپ جەھەتتىكى نوخساننى ئىزدەيدۇ: ئۇخشاش ئىسلاھات تەدبىرىنى بەزىلەر قوش قوللاپ قۇۋۋەتلىسە، بەزىلەر شۈبىھلىنىدۇ......ھازىرقى جۇڭگۇ جەمىيتى ئىددىيە ۋە مەدىنىيەت جەھەتتە كۆپ مەنبەلىك، كۆپ خىللاشقان، ئۆزگىرىشچان دەۋىردە تۇرماختا. شۈبىھىسىزكى، بۇبىر تارىخى ئۆزگىرىشتۇر.
    ھەر خىل پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى-ئىددىيە زۇر دەرىجىدە ئازات بولغانلىقى، جۇڭگۇنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش نىشانىنى نامايەن قىلىدۇ، ئىسساھات چوڭقۇرلاشقان ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ھەرقايسى تەرەپنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە رىقابەت-ئىلىشىش نەتىجىسىدە، ئوخشاش بولمىغان تەلەپلەرنىڭ پەيدا بولىشى تەبىئى ئەھۋال. ئىچىۋىتىش دائىرسىنىڭ كېڭىيشى ۋە يەرشارىلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق، چەتئەل بىلەن ئۆزلۈك، ئوخشاش بولمىغان قىممەت قاراشلىرى ئوتتۇرسىدا مۇقەررەر ھالدا توقۇنۇش-تىركىشىش بولىدۇ.
      ئىپادىلەش كۆپ مەنبەلەشكەندە، <<باشقىچە پىكىر>> لەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشتىن ساقلىنىش تەس. بەزىدە ھەتتا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەستەكمۇ تۇيۇلىدۇ. سوغۇققانلىق ۋە تەمكىنلىك بىلەن مۇنازىرە قىلغان، قۇلاققا ياقمايدىغان گەپلەرنىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغانلارغا ھەۋسىمىز كىلىدۇ، ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە شۇنىمۇ كۆردۇقكى، بەزىلەر باشقىچە پىكىرلىك لەرنى قوبۇل قىلالماي، بىر-بىرىنى تىللاشقا، شەخسىيتىگە ھۇجۇم قىلىشقا چۈشۈپ كىتىدۇ، ھەدىگەندە قالپاق كەيدۈرۈشكە، ھىسسىياتىنى ھەقىقەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرىنىدۇ. بەزىلەر تەنقىت پىكىرلەرنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تۆھمەت قىلىشقا، ئەدىپىنى بىرىشكە ئۆتىدۇ، ھەتتا ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ، باشقىچە سادا چىقارغانلارنى باسىدۇ. لۈشۈن ئەپەندى: <<تىللاش ۋە تەھدىت سىلىش جەڭ ھىساپلانمايدۇ >> دىگەن ئىكەن. ئىددىيە، نۇختىنەزەرلىرىنىڭ قىممىتى رىقابەت ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ، ئەمىلىيە ئارقىلىق  سىناقتىن ئۆتىدۇ،  <<سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە قوشۇلمايمەن، لىكىن سىزنىڭ سۆزلەش ھوقوقىڭىزنى جان تىكىپ قوغدايمەن>> كۆكسى-قارنى كەڭ بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش دىگەن مانا مۇنداق بولىدۇ! قالپاق كەيدۈرۈش، كوكۇلىسىنى تۇتۇۋىلىش، باشقىچە پىكىر قىلغاننى دۈشمەن دەپ بىلىش-ماھىيەتتە كالتە پەملىك ۋە زەھىپلىكتۇر. بۇنداق قىلىشنىڭ ئىناق جەمىيەت قۇرۇشقا، ساغلام پىسخىكا يىتىلدۈرۈشكە ھەرگىز پايدىسى تەگمەيدۇ.
     <<باشقىچە پىكىر>> لەرگە كەڭ قورساق بولۇپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق ماسلاشتۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق زىددىيەتنى پەسەيتكەندىلا،ئاندى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايمز، ئىددىيە نۇقتىنەزەرلىرىمىز توغۇرلىنىدۇ. ئاۋام-پۇخرادىن كۆرە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ھۆكۈمدارلار تېخىمۇ كەڭ قورساق بولمىقى كىرەكتۇر، چۈنكى، ئاۋام-پۇخرا كەڭ قورساق بولمىسا، گەپ سۆزدە قالايمىقانچىلىق بولۇشى مۇمكىن، لىكىن ھۆكۈمدارلار كەڭ قورساق بولمىسا، ھەقىقى زىيان زەخمەت پەيدا قىلىدۇ. مەسلەن پىڭشۈيدىكى نەزمە دىلوسى، لىڭباۋدىكى يازما دىلوسىغا ئوخشاش.(تەرجىماندىن ئىزاھات:پىڭشۈيدىكى نەزمە دىلوسى 2006-يىلى چۇڭچىڭ شەھرىنىڭ پىڭشۈي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن، چىنخۇڭفېي ئىسىملىك دۆلەت مەمۇرى زامان ئىللەتلىرىنى قامچىلايدىغان بىر نەزمە يىزىپ، يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى شەكلىدە تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك دائىرلەر تەرپىدىن قاماققا ئىلىنىپ، كىيىن گۇناسىز دەپ قۇيۇپ بىرىلگەن ؛ لىڭباۋدىكى يازما دىلوسى 2009-يىلى خېنەننىڭ لىڭباۋ شەھرىدە يۈز بەرگەن. ۋاڭشۈۋي ئىسىملىك بىر تورداش، يۇرتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ دىھقانلارنىڭ يېرىنى قانۇنغا خىلاپ ئىگىلىۋالغانلىق ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىپ توردا يازما يازغانلىقى يولىغانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئىلنىپ، كىيىن گۇناسىز دەپ قوتۇپ بىرىلگەن). بۇ ئىككى دىلونى بەزىلەر، << پۇخرالارنىڭ سۆزقىلىش ئەركىنلىكىگە ئېغىر دەخلى-تەرۈز قىلىش دىلوسى>> دەپ قاراشقان. ئاۋام-پۇقرانىڭ كەڭ قوساق بولۇشى ئۇنىڭ ساپاسىغا باغلىق بولسا، ھۆكۈمدارلارنىڭ كەڭ قورساق بولۇشى ئالىجاناپلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەل ئۈچۈن ھاكىمىيەت تۇتۇشنىڭ ھەمدە قانۇن بوتىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تەلىپىدۇر.
     <<بىز خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلارمىز،شۇڭا كەمچىللىك نوخسانلىرىمىزنى كۆرسىتىپ تەنقىت قىلنشتىن ئەندىشىمىز يوق>> تەنقىت توغرا بولۇشىمۇ، خاتا بولشىمۇ مۇمكىن، ھەتتا چىكىدىن ئىشىپ كەتكەن پىكىرلەرمۇ ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن، لىكىن تەنقىت، ياخشى نىيەتتە بولغان بولسىلا، قانۇن نىزاملارغا خىلاپلىق قىلمىغان بولسىلا، جامائەت مەنپەتىگە زىيان سالمىغان بولسىلا، چوقۇم كەڭ قورساق بولماق زۆرۈردۇر. بۇنى سوبىكتىپ قىياس بويىچە <<قارشى مۇقام توۋلىدى>> دەۋىلشقا بولمايدۇ. بىلىش كىرەككى كۆپ مەنبەلەشكەن بىر جەمىيەتتە ئوخشاش بولمىغان سادالار ۋە پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلىش-ھەم ئاۋامنىڭ سۆزىگە ھۆرمەت قىلغانلىق بولىدۇ. ھەم جەمىيەتتىكى تەشۋىشلەرنى ئازايتىش،  زىددىيەت-توقۇنۇشلارنى پەسەيتىشنىڭ مۇقەررەر تەلەپى ھىساپلىنىدۇ.
     دانالار ئەلنى گۈللەندۈرۈشتە كۆپنىڭ ئەقەل-پاراسىتىگە تايىنىدۇ، ئوخشاش بولمىغان سادا ۋە قارشى پىكىرلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى موھىم بايلىق ھىسابلىنىدۇ. تەدبىر بەلگىلەشتە، ئوىشاش بولمغان پىكىرلەرنى ئاڭلاش زۆرۈر.چۈنكى، ئوخشاش بولمىغان سادالار چىقىشقا يول قويغاندىلا، ھەر تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، توغرا ھۆكۈم چىقارغىلى، توغرا تەدبىر بەلگىلىگىلى بولىدۇ. يولداش ماۋزىدۇڭ <<خەقنى گەپ قىلغىلى قويغانغا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ>> دىگەن بولسا، دىڭ شىاۋپىڭ:<<بەس-بەستە سۆزلەش  قۇرقۇنۇچلۇق ئەمەس، قورقۇنۇچلۇقى سۈكۈتتە تۇرۋىلىشتۇر>> دىگەن. مەركەز رەھبەرلىرىمۇ<<خەلىقنىڭ ھۆكۈمەتنى تەنقىت ۋە نازارەت قىلىشىغا شارائىت يارتىپ بىرىش كىرەك>> دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.
      گۈللىنىشنىڭ سىرى-كۆپ مەنبەلىشىشتە. بىر جەمىيەت تەرەققى قىلغانسىرى، كۆپلىگەن خاسلىقنىڭ ئىپادىلىنىشىگە شۇنچە ئىھتىياجلىق بولىدۇ، ھەرخىل پىكىرلەرنى بىرىكتۈرۈپ ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئىھتىياجلىق بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان سادالارغا كەڭ  قورساق بولۇپ، پەرىقنى ساقلاپ قىلىش ئاساسىدا ئوخشاشلىقنى ئىزدىگەندە، مۇقەررەركى جەمىيەتتىكى چىچىلاڭغۇلۇق  تۈگەيدۇ، ئىددىيە ئالماشتۇرۇش ۋە تونۇتۇش جەريانىدا تېخىمۇ ئۇيۇشۇش ۋە يۈكسىلىش بولىدۇ.

bayram يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:30:15

ھەممە گۈللەر تەكشى ئىچىلىشقا يول قۇيۇش، كەڭ قۇرساق سىغدۇرۇشچان بۇلۇش كېرەك.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 22:12:01

گەپ شۇنداق

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 23:03:32

تىللاش ۋە تەھدىت سىلىش جەڭ ھىساپلانمايدۇ،

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 11:22:39

چەكتىن ئىشىپ كەتكەن باشقىچە  پىكىرلەرنى چەكلەيلى!!!!:lol

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 19:20:22

azharbag يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 11:22 static/image/common/back.gif
چەكتىن ئىشىپ كەتكەن باشقىچە  پىكىرلەرنى چەكلەيلى!!!!

دۇرۇس .مىسال-ھەققانىيوۋېچتەكلەرگە كەڭ قول بولۇشقا بولمايدۇ .;P

TaQa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 05:01:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TaQa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 05:58  

مەھەللىڭىزدە بىر ئاشخانا بار، بۇ ئاشخانىدا لەغمەن يەيدىغانلار،پولو يەيدىغانلار،چۆچۆرە ئىچىدىغانلار بار. سىز ۋە باشقىلار مۇشۇ ئاشخانىدا ھۇزۇرلىنىپ تاماق يەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ، سىزگە ئوخشاش تاماق يىگىلى كىرگەن بىرىسى ئوسۇرۇپ ىويسا ياكى ھەممە ئادەم ئاڭلىغۇدەك قىلىپ مىشقىرىپ بۇرنىغا قەغەز تىقىۋالسا سىز تاماقنى خاتىرجەم يىيەلەمسىز.
مەقسەت تاماق يىيىش ئەمما :lol
مەسىلەن مەن بىر تېمىغا ئىنكاس يازسام، مېنىڭ ئىنكاسىمغا ئىكىس قارشى پىكىردە بولسا ،ئكىسنىڭ پىكىرى قارشى پىكىر بولۇپ،مېنىڭ پىكىرىم قارشى پىكىر بولمايدىكەن.{:92:}

uqkun107 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 12:35:06

تىمىنى تولۇق ئۇقۇپ چۈشىنىپ، ئىنكاس يىزىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن قىرىنداشلىرىم، ماۋزۇغا قاراپلام ئىنكاس يازماي...................................................
بەت: [1]
: باشقىچە پىكىرلەرگە كەڭ قورساق بولايلى