izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 10:41:37

بوكىس تارىخىدا رىۋايەت يارىتىلغۇسى




    فىلويىد مەيۋەدىر بىلەن مەننىي پەكىيو 5-ئاينىڭ 2-كۈنى لاس ۋىگاستا مۇسابىقىگە چۈشۈشى بىكىتىلدى. بۇ مۇسابىقە بوكىس تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ پۇل تىكىلگەن مۇسابىقە بولۇپ قالغۇسى.
ئامېرىكىلىق مەيۋەدىر،37 ياش ھەمدە فىلىپىنلىق ماھىر مەننىي پەكىيو 36ياش بولۇپ ،نۆۋەتتە مۇشۇ ئەۋلاد ئەڭ ياخشى بوكسىچىلار ھىساپلىنىدۇ. مەيۋەدىرنىڭ دۇنيا بوكىسچىلار بىرلەشمىسى ‹WBA› ۋە دۇنيا بوكىسچىلار كىڭىشى‹WBC› دىكى چىمپىيۇنلۇقلىرى ھەمدە پەكىيونىڭ دۇنيا بوكىسچىلار تەشكىلاتى‹WBO›دىكى ئالغان چىمپىيونلۇق بەلۋىغى لاسۋىگاستىكى بۇ مۇسابىقىنىڭ نەقەدەر قىزىيدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
بۇ مۇسابىقىگە تەخمىنەن 162مىلىيون فونىستىرلىق‹250مىلىيون دوللار› پۇل دوغا تىكىلىشى مۇمكىن. بوكىس تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ كىرىملىك مۇسابىقە مەيۋەدىر بىلەن سائۇل ئالۋارىزنىڭ 2013-يىلىدىكى مۇسابىقىسى دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئۇ مۇسابىقىدە 97مىلىيون فونىستىرلىڭ كىرىم بولغان. ئەمما مەيۋەدىر بىلەن پەكىيونىڭ بۇ مۇسابىقىسى رىكورتنى بۇزىۋىتىشى مۇمكىن.
    مەيۋەدىر تور بىتىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:‹دۇنيانىڭ ساقلاپ كىلىۋاتقىنى ئاخىرى كەلدى. مەيۋەدىر بىلەن پەكىيونىڭ مۇسابىقىسى 2-مايغا بىكىتىلدى.بۇ بەلكىم تەنھەركەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسابىقە بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، بوكىس مەستانىلىرى ۋە تەنھەركەت مەستانىلىرى 2-مايدا بىر بۈيۈكلۈككە گۇۋاھچى بولۇپ قالىدۇ›.
پەكىيو مۇنداق دەيدۇ:‹فىلويىد مەيۋەدىر بىلەن بوكىس مەستانىلىرىغا ئۇلار ئۇزۇندىن يىللاردىن بىرى ساقلاپ كەلگەن مۇسابىقىنى ھوزۇرىغا سۇنماقچى بولغانلىقىمدىن شۇنداق خۇشالمەن.ئۇلار بۇنداق بىر ۋاقىتنى كۈتكۈنى ئۇزۇن بولغان ۋە ئۇلار بۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىشقا ھەقلىق.مۇشۇنداق تارىخى مۇسابىقىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشۇمدىن شەرەپ ھىس قىلىمەن. مۇشۇ مۇسابىقىنى بارلىق مەستانىلىرىمغا بىغىشلايمەن، مۇشۇ مۇسابىقە ئارقىلىق فىلىپىنلىقلارغا شەرەپ ئىلىپ كىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن ›.
فىلويىن مەيۋەدىر ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر تۈرىدە بەش قىتىملىق دۇنيا چىمپىيونى بولغان. 47مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ ھىچقايسىسىدا مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان.
مەننىي پەكىيو  ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر تۈرىدە سەككىز قىتىملىق دۇنيا چىمپىيونى بولغان . 64مەيدان مۇسابىقىدە 57 نۆۋەن غەلبە قىلغان.5 قىتىم ئۇتتۇرغان.

مەنبە:http://www.bbc.com/sport/0/boxing/31484837
   

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 11:11:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 11:12  

ماۋۇ پەكىيو:

http://player.youku.com/player.php/sid/XMjQxMzc3NjY4/v.swf

ماۋۇ مەيۋەدىر:

http://player.youku.com/player.php/sid/XMzc4MTA5MTUy/v.swf

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 12:56:22

پەكىيو  ، «ئاسىيا پەخىرى» دەپ ئاتالغان مۇشۇ بوكىسچىمۇ ئۇنداقتا؟

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 12:57:07

ھەي!!!  بەكلا  ھەۋەس  قىلاتتىم  بۇكىسچىلىققا:(

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 13:25:14

نەچچە يىلنڭ ئالدىدا تەيسىن بىلەن قايسى چۇشتى شۇ مۇسابقمۇ شۇنداق بەك قىزىغانتى ،بۇمۇ دەششەت قىزيدغنان چىراي... قۇلى ئۇزۇن بۇيى ئگىزى يىڭدۇمىنڭچە

750210 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 13:30:46

يەڭگۇچى يىڭلگۇچى ئۇخشاشلا قەھىرمان

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 13:39:27

ozyurt يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 13:25 static/image/common/back.gif
نەچچە يىلنڭ ئالدىدا تەيسىن بىلەن قايسى چۇشتى شۇ مۇسابق ...

تەيسىننىڭ  قۇلى  قىسقا:lol

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 13:42:06

پەكىيۇ كەمتەر كۈرىنىدىكەن مەنچە مىجەزى ئاۋۇ ئاداشتىن ئىسىل بولسا كىرەك ...

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 13:42:29

تۆكۈلگەن مۇنچاق-مۇنچاق تەرلەر.جاپالىق مەشىقلەر
ئاخىرى ھەقىقى رەقىبلەر مەيداندا ئۇچىرشىپتۇ.
نوپوسى كۆپ ھىلىيگەرلىكتە ئۇچچىغا چىققانلار ئىۋۇ
فىلىپىنلىقلاردەك بولالماپتا …
شۇنىڭ ئۈچۈن پەكىيو ھۇررا !

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 14:21:13

azharbag يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 13:39 static/image/common/back.gif
تەيسىننىڭ  قۇلى  قىسقا

شۇ ئەينى ۋاقتا تەيسنڭ بويى پاكار قۇلى قىسقا ئاتقان مۇشتى قارشى تەرەپكە يەتمەي ئۇتتاغان..

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 14:32:50

750210 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 13:30 static/image/common/back.gif
يەڭگۇچى يىڭلگۇچى ئۇخشاشلا قەھىرمان

ئەسلى سىز چۈشسىڭىز بۇلاركەن مۇسابىقىگە، ھېرىپ قالغاندا بىر دۇمىلاپ ئاستىڭىزغا بىسىۋىلىپ يىتىپ-يىتىپ ھاردۇقىڭىز چىققاندا قۇپۇپ يەنە ئۇرۇپ كەتسىڭىز...

asalam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 15:16:17

تۇرانىمدىغۇ دەيمەن ، مەننى توغرىسىدا ئىشلەنگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ ئۇ ئاداشنى خېلى ياقتۇرۇپقالغانتىم.  راس كىچىك پېئىل تەسىر بېرىدىكەن.  ئادىرىسنى ئۇچىرتىپ قالسام يوللاپقوياي.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 07:49:36

dadash يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 12:56 static/image/common/back.gif
پەكىيو  ، «ئاسىيا پەخىرى» دەپ ئاتالغان مۇشۇ بوكىسچىمۇ  ...

دەل شۇ. بۇنىڭ باشقىلارغا بەرگەن تەسىرى ياخشى.

TaQa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 08:10:49

فىلىپپىن دۆلەت گۆھىرى  پاككۈيئاۋ بىلەن  گۈزەل يىگىت دەپ نام ئالغان مايۋەزىر .
پاككۈيئاۋ مىللىي قەھرىمان بولسا مايۋەزىر بەتخەج شاھزادە.
پاككۈيئاۋنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى، مەردلىكى پۈتكۈل فىلىپپىنلىقلارنىڭ كۆڭلىگە ئايان.
فىلىپپىندا ھەتتا زۇڭتۇڭمۇ پاككۈيئاۋنىڭ مەستانىسى بولۇپ، پاككۈيئاۋ ئالتۇن كەمەرنى قولغا كەلتۈرۈپ زەپەر قۇچۇپ كەلگەندە زۇڭتۇڭ ئالايىتەن ئۆزى ئالدىغا چىقىپ گۈللۈك ماشىنىدا بىللە شەھەرنى ئايلىنىپ تەبرىكلىگەن، زۇڭتۇڭ سارىيىدا ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈتۈش ئۆلچىمى بويىچە زىياپەت بەرگەن بولۇپ، ئۇ يەنە فىلىپپىندا تەسىر كۈچىنىڭ پاككۈيئاۋنىڭكىگە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاككۈيئاۋنىڭ تەسىر كۈچى زادى قانچىلىك دەرىجىدە زور؟ 2007-يىلى 4-ئايدا پاككۈيئاۋنىڭ مېكسىكىلىق ماھىر ماكۇز بىلەن بولغان مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن فىلىپپىن ھەربىي تەرەپ دۆلەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشنى يەتتە سائەتلىك ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، نەتىجىدە ئىككى تەرەپلا قوراللىرىنى قويۇشۇپ ئورتاق پاككۈيئاۋنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ غەلىبىسىگە شاھىت بولۇشقان، 2008-يىلى 12-ئايدىكى ھويا بىلەن بولغان مۇسابىقىسىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئۈچ سائەت ئىچىدە فىلىپپىندىكى جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتى نۆلگە چۈشكەن، 2009-يىلى كوتتونى مەغلۇب قىلغان ۋاقتىدا بولسا فىلىپپىندا ئۈچەيلەن نەق مەيدان مۇسابىقە كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىشى تۈپەيلى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلگەن.
فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ئاكىنو ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئەسلى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بولمىغان پاككۈيئاۋنى 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى فىلىپپىن ۋەكىل تەرەپ بايراقدارى قىلىپ تەيىنلىگەن، بۇ تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان كۆرۈنۈشتىنلا «دۆلەت گۆھىرى» پاككۈيئاۋنىڭ فىلىپپىندىكى ئورنىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ. ھەر قېتىم زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندە سانسىزلىغان فىلىپپىن خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن شادلىنىپ تەنتەنە قىلىشىدۇ، شۇڭا زۇڭتۇڭ ئاكىنونىڭ : «پاككۈيئاۋنىڭ ھەربىر مەيدان غەلىبىسى 76 مىليون فىلىپپىن خەلقىنىڭ غەلىبىسى» دەپ تەسۋىرلىشىنىڭ قىلچە چېكىدىن ئېشىپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ.
2013-يىلى پاككۈيئاۋ ئاۋمېندا لىئوسنى مەغلۇب قىلغاندا بولسا بېكھام ئەسلى پىلانىدىن ۋاز كېچىپ ئالايىتەن ئاۋمېنغا يېتىپ بېرىپ مۇسابىقە كۆرگەن، بېكھام يەنە پاككۈيئاۋ بىلەن فىلىپپىندىمۇ ئۇچرىشىپ باققانلىقىنى ئىلگىرىمۇ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ باققانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2013-يىلى پاككايئاۋ قايتىدىن بوكس مەيدانىغا قايتقان مۇسابىقىسىدە داڭلىق مودېل پارىس ھىلتونمۇ ئاۋمېنغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ بۇ فىلىپپىنلىق بوكس پادىشاھى ئۈچۈن مەدەت بەرگەن.
ۋاقتىنچە ئامېرىكا دۆلە كاتىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ھىلارىمۇ فىلىپپىندا زىيارەت قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا پاككۈيئاۋنى قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىلگىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان يولدىشى كىلىنتون ئىككەيلەننىڭلا پاككۈيئاۋنىڭ مەستانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، كىلىنتونمۇ ئىلگىرى پاككۈيئاۋنىڭ ئەنگلىيەلىك ماھىر خاتتون بىلەن بولغان مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن ئالايىتەن پاككۈيئاۋ بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پاككۈيئاۋ مەستانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كوبى، ئونېئال، گارنېت...قاتارلىق NBA گىگانت چولپانلىرىمۇ پاككۈيئاۋنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ «مەستانىلىرى» گە ئايلانغان، ئونېئال ھەتتا مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن پاككۈيئاۋنىڭ ئالتۇن كەمىرىنى ئالدىدا كۆتۈرۈپ مېڭىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەيۋەرىز، ھازىر يەرشارىدىكى يىللىق كىرىمى ئەڭ يۇقىرى تەنھەركەتچى. يىللىق كىرىمى 80 مىليون دوللار.
پاككۈيئاۋنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى، مەردلىكى پۈتكۈل فىلىپپىنلىقلارنىڭ كۆڭلىگە ئايان، ئەمىسە مايۋەزىر ئەكسچە پىخسىقمىدۇ؟ ئىزچىل تۈردە سەلبىي تەسىر قوزغاپ كەلگەن بۇ بوكس شاھىمۇ 2012-يىلى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىش ئارقىلىق لاسۋىگاسنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرگەن، ئۆتكەن يىلىمۇ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن خەيرى-ساخاۋەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ يىغىلغان پۇللار ئارقىلىق نامرات رايوندىكى مەكتەپلەرگە ياردەم قىلىشنى ئۇنۇتمىغان ئىدى.
مايۋەزىر يەنە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىنو-فىلىم چولپىنى جېمى فوكس بىلەن بىرگە ۋاسۇن خەيرى-ساخاۋەت ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئاساسلىقى ئۆسمۈرلەرنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن ئىئانە توپلاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى مايۋەزىر بۇ مەيدان ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە پۈتكۈل بىر مەيدان تولۇق قاتناشقان بولۇپ ئۈچ نومۇرلۇق توپنى چۈشۈرۈش ماھارىتى ناھايىتى ياخشى بولغان. ئوخشاشلا ياخشى ئىش قىلىشنى خالايدىغان مەرد بوكس پادىشاھلىرى تۇرۇقلۇق پاككۈيئاۋ كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ، ئەكسچە مايۋەزىر باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، مايۋەزىر مەيلى ئىش-ھەرىكىتى ياكى گەپ-سۆزىدە بولسۇن بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ، ئەتراپىدىكىلەرگىمۇ مۆتىۋەرلەرچە پوزىتسىيەدە بولمايدۇ، بولۇپمۇ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشتا مايۋەزىر كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قىزغىنىشى ھەتتا ھەسەت قىلىشىنىمۇ قوزغاپ قويىدۇ.
2012-يىلى مايۋەزىر سابىق قىز دوستىنى خورلاش جىنايىتى بىلەن 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان، ئۇ قويۇپ بېرىلىپلا خۇسۇسىي ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ مىيامىغا قايتىش يولىدا سومكىدىن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى چىقىرىپ كامېرا ئالدىدا ساناشقا باشلىغان، ھەم يۇقىرى ئاۋازدا : «بۇ يەردىكى بارچە نەرسە ماڭا تەۋە، مىيامى بوشلۇقىدىكى ھاۋامۇ شۇنىڭ ئىچىدە» دېگەن.
بىراق بۇ 2011-يىلىدىكى ئاتلانتا كېچىلىك بەزمىخانىسىدا يۈز دوللارلىق قىممىتىدىكى قەرغەز پۇلنى نەق مەيداندا كۆيدۈرگىنىگە سېلىشتۇرغاندا خۇددىي موللا بار يەردە موللىمەن، موللىنى كۆرسەم يولدىمەن دېگەندەكلا ئىش ھېسابلىنىدۇ.
مايۋەزىرنىڭ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشتىكى قىلمىشلىرىنى ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ يىغىپ ساقلىغان قول سائەتلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ يوللىغان، ھەمدە : «تاللاش تەسكە چۈشتى...باھاسى 64 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (بىر قاپتىكى سائەتنىڭلا باھاسى)» دەپ قوشۇپ قويغان.
مايۋەزىر يەنە ئۆزىنىڭ ئۈزۈكى ۋە ئالماسلىرىنى كۆز-كۆز قىلغان، ئوغلىنىڭ 16 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە بېنتىلىي ئاپتوموبىلدىن بىرنى سوۋغا قىلغان. ئۇ يەنە مۇنچىدىكى رەسىمىنى چىقىرىپ : «مېنىڭ بىر كۈنۈم مانا مۇشۇنداق باشلىنىدۇ، ھەر بىر كۈنۈم ئوخشاش» دەپ يېزىپ قويغان.(خەلق پۇلىدا 3 مىليوننىڭ ئۈستىدە)


مەنبە:ئۇنىڭدى -بۇنىڭدىن.:lol

TaQa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 08:12:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TaQa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 08:16  



ئۈچ بۇگاتتى ،ئۈچ پورشى،بىر دانە لەمبورگىنى،بىر فېررارى شەخسى ئايرۇپىلان.
بۇگاتتى ھازىر يەرشارىدىكى ئەڭ قىممەت ماشىنا ،خەلق پۇلىدا 20 مىليوننىڭ ئۈستىدە،ئۈچى 60 مىليوننىڭ ئۈستىدە.
2 سېكۇنتىتتا 100 گە چىقىدۇ،ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى 430 كېلومېتىر ھەر سائەت.

TaQa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 08:17:48



izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 09:12:14

بىر مەيدان مۇسابىقىدە نەچچە يۈز مىلىيون دوللار ئاقتۇرالىغاندىكىن تاپىدىغان پۇلىمۇ كۆپ بولىدىكەن. كىچىكىدە پۇل كۆرمەي چوڭ بولغان گۇيمۇ نىمە بۇ مەيۋەدىر.:lol

TaQa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 09:34:13

فىلىپنىلىق پاككيۇئاۋ كىچىكىدە بوينىغا بىر نەرسە ئېسۋېلىپ ئۇششاق چۇششەك ساتامىشكەن. مەيۋەرىز بوينىغا شىتانكا ئېسۋېلىپ مەشىقى قىلغان گۇي ئوخشايدۇ.: lol

TaQa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 09:38:09

ozyurt يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 13:25 static/image/common/back.gif
نەچچە يىلنڭ ئالدىدا تەيسىن بىلەن قايسى چۇشتى شۇ مۇسابق ...

تەيسىن 2006-يىلىمۇ ئىشقىلىپ بىر يىلى ،ئىككى مېتىردىن ئاشىدىغان لۇيىس بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان . سەككىزىنچى كونتېردا لۇيىس تەرپىدىن ئېچىنىشلىق مەغلۇب بولغان. شۇنىڭ بىلەن بوكىستىن خوشلاشقان. تەيسىننىڭ ئىككى مىلياردقا يېقىن پۇلى ۋاكالەتچىسى تەرپىدىن ئوغرلانغان. تەيسىننىڭ ھاياتى شۇنىڭ بىلەن چۈشكۈنلۈكتە ئۆتكەن.

TaQa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 09:39:57

مۇشۇ مۇنبەردىمۇ  بار ئېغىزى بەزەپ، جەڭ ئېلان قىلدىغان گۇيدىن بىر-ئىككىسى:lol:lol:lol
بەت: [1] 2
: بوكىس تارىخىدا رىۋايەت يارىتىلغۇسى