KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 11:15:21

«تون»لۇق تىللار نەم ھاۋالىق جايلاردا پەيدا بولغان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 11:25  

«تون»لۇق تىللار نەم ھاۋالىق جايلاردا پەيدا بولغان
نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، خەنزۇچە سۆزلەشنى ئۆگىنىشتىكى ئەڭ چوڭ قېيىنچىلىق دەل مۇرەككەپ تونلارنى تەلەپپۇز قىلىشتۇر. نۆۋەتتە، يېڭى بىر تەتقىقات نەتىجىسى تونلارنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ھەيران قالارلىق بىر چۈشەندۈرلۈشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: نەم كىلىمات. نەم كىلىمات بىلەن تونلارنىڭ رولى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن 3700 خىل تىلنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالىملار تونلۇق تىللارنىڭ قۇرغاق رايونلاردا، مەسىلەن ئوتتۇرا ياۋروپادا، كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغانلىقى؛ ئەكسىچە، مۇرەككەپ تونلۇق تىللارنىڭ كۆپىنچە نەم كىلىماتلىق رايونلاردا، مەسىلەن تىروپىك، سۇبتىروپىك  ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا ئۇچرايدىغانلىقىنى بايقىغان.

«ئامېرىكا تەبئىي پەنلەر ئاكادىمىيسى ئىلمىي ژورنىلى، PNAS» تە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە ئالىملار مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: نەملىك ئاۋاز چىقارغۇچى ئاپپاراتلارنى نەم ھەم ئەۋرىشىم ساقلاش ئارقىلىق توغرا ۋە مۇرەككەپ بولغان تونلارنى ھاسىل قىلىشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ. ئۇلار يەنە مۇنداق جاكارلايدۇ: «ئەگەر ئەنگىلىيە بىر نەم ئورمانلىق بولغان بولسا،  ئېنگىلىزتىلىمۇ بەلكىم تونلۇق تىل بولۇپ شەكىللىنىشى مۇمكىن ئىدى». ئەمدى، كىلەر قېتىملىق خەنزۇتىلى دەرسىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن، كانىيڭىزنى ھۆللەشنى ئۇنۇتماڭ!


http://news.sciencemag.org/climate/2015/01/tonal-languages-arose-humid-climates?utm_source=facebook&utm_medium=social&utm_campaign=facebook
ئەسكەرتىش: كارۋان بىز سەھىپىسگە ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى «كارۋان بىز يازمىسى» دەپ ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 13:41:05

توۋا تېمىسىنى شۇنداقلا ئوقۇسا ،ھىچنىمىنى چۇشەنمەيدىكەن ، ئەگەر مەزمۇنىنى كۆرمىگەن بولساق.
تونلۇق تىللا دىسە نىمە گەپكى دەيمەن .:lol

marjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 15:25:51

ئالىملار جاھاندىكى ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي تەتقىق قىلىدىغان ئوخشايدۇ !

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 16:41:51

بەزىدە خەنزۇچە سۆزلىسەم بەك قېيىپ كېتىدۇ،  تىلىم قېتىپ قالغاندەك ئەسلىدە سۆزلەشتىن بۇرۇن  كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسەم بولىدىكەندە

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:17:13

تۈبۈتلەرنىڭ تىلىمۇ تونلۇق.
زادى ئەرەب،نىمىس تىللىرىدىكى ئەكە-چىشى مۇناسىۋىتىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
يەنە تونلۇق تىللاردىن قايسىلار بار

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:18:57

مۇشۇ «توي،قوي،يەر،بالا»قاتارلىق سۆزلەر ئەسلى مەنىسىدىن باشقا مەىنىلەرنىمۇ بىرىدىكەن،بۇ قاندقا ئەھۋال
يەنە قانداق سۆزلەر مۇشۇنداق «ئىككى بىسلىق »سۆزلەر بۇلالايدۇ

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 15:16:40

‹تون›لۇق تىللارنى مەن تېخى ئۇزۇن چاپانلىق تىللارمىكى دەپتىمەن،
بەت: [1]
: «تون»لۇق تىللار نەم ھاۋالىق جايلاردا پەيدا بولغان