KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 11:15:57

بىز قانداق ماڭىمىز؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 11:25  

بىز قانداق ماڭىمىز؟
بىزگە مېڭىشتىنمۇ ئاددىي ۋە تۈپكى ئىش بولمىسا كېرەك. بۇنداق ئاددىي ھەرىكەتنىڭ فىزىكىلىق مېخانىكىسى ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك ئاددىي ئەمەس. بىز زادى قانداق ماڭالايمىز؟ قايسى كۈچلەر، تەبىئەتنىڭ قايسى قانۇنىيەتلىرى بىزنىڭ مېڭىشىمىزنى مۇمكىن قىلغان؟ يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچىمۇ؟ بەلكىم.

نىيۇتوننىڭ ئاساسلىق قانۇنلىرىنىڭ بىرىدە، ھەرىكەتسىز جىمجىت ھالەتتە تۇرغان جىسىمنى بىر يۆلىنىشتە ھەرىكەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، شۇ يۆلىنىشتە جىسىمغا كۈچ بېرىش كېرەك دېيىلىدۇ. شۇڭا، جىم تۇرغان ئادەم يەر يۈزىگە پاراللېل ھالدا ھەرىكەت قىلماقچى بولسا، چوقۇم يەر يۈزىگە پاراللېل بىر كۈچ بولۇشى كېرەك. يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى يەر يۈزىگە تىك يۆلىنىشتە، شۇڭا يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى بىزنى ماڭغۇزىدىغان بىۋاسىتە كۈچ ئەمەس.

بىز يەر يۈزىدە جىم تۇرغاندا، يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى تۈپەيلىدىن، ئايىغىمىز بىلەن يەر يۈزىدە سۈركىلىش كۈچى بولىدۇ. بىزنىڭ پاچاق ۋە پۇتتىن تەركىب تاپقان مۆجىزە خاراكتېرلىك قۇرۇلما، مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق يەر يۈزىدە كەينىمىزگە قارىتا بىر كۈچ بېرىپ سۈركىلىش كۈچىنى ۋاسىتە قىلىپ بىزنى ئالدىغا ماڭغۇزىدۇ.

ئەمدى ئويلاپ باقايلى، يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا (ئەلۋەتتە باشقا تاشقى كۈچلەرمۇ يوق بولغاندا) بىز يەر يۈزىدە ماڭالامدۇق؟ ياق، ماڭالمايمىز، چۈنكى يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىسا بىزنى يەر-يۈزىگە تارتىپ، ئايىغىمىز بىلەن يەر يۈزى ئارىلىقىدا سۈركىلىش كۈچى ھاسىل قىلىدىغان كۈچ بولمايدۇ. يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى بولغان بىلەن سۈركىلىش كۈچى بولمىسىچۇ؟ مۇزنىڭ ئۈستىدە جىم تۇرۇپ، تۇيۇقسىزلا يۈگۈرۈپ باقسىڭىز بۇنى ئازراق چۈشىنىسىز.

يەرشارىنى ئايلىنىپ چۆرگۈلەۋاتقان بوشلۇق پونكىتلىرى ئىچىدىكى ئادەملەر پونكىت ئىچىدە ماڭالمايدۇ، لەيلەپ يۈرۈيدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ ئاجىز ياكى يوقلىقىدىنمۇ؟ ياق، ئۇ يەردە (يەر يۈزىدىن 500 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە) يەرشارىنىڭ ئادەمگە بولغان تارتىش كۈچى يەنىلا خېلى كۈچلۈك. ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بۇنداق ئەھۋالدا ئېغىرلىق ھېس قىلماسلىقى، ئۇچار كېمە ياكى بوشلۇق پونكىت كېمىلىرىنىڭ يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى تۈپەيلىدىن چەمبەرسىمان ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدا. بۇ ئەركىن ھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەركىن ھەرىكەت قىلغان جىسىمنىڭ ئىچىدىكى كىچىك جىسىم (ئېغىرلىقى ئېتىبارسىز) مۇشۇنداق ئېغىرلىق ھېس قىلمايدۇ. مەسىلەن، بىر تۆمۈردىن ياسالغان چوڭ ساندۇق (10 توننا) ئىچىگە بىر ئادەمنى سېلىپ يەر يۈزىدىن 10 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىن تاشلىسا، ساندۇق ئىچىدىكى ئادەم يەر يۈزىگە چۈشكىچە بولغان ۋاقىتتا (45 سېكۇنت) ئېغىرلىق ھېس قىلمايدۇ، ھەم مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا ئوخشاش ساندۇقنىڭ ئىچىدە خالىغانچە لەيلەپ يۈرەلەيدۇ.

يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى ۋە سۈركىلىش كۈچىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەتراپىمىزدا ناھايىتى كۆپ. لېكىن يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى سۈركىلىش كۈچىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئەمەس. ئەڭ ئاددىيسى، قولىڭىزغا قەلەمنى ئېلىپ خەت يازالىشىڭىز، قەلەمنى بارمىقىڭىزدا مىجىپ بېسىم ھاسىل قىلغاندىن كىيىن سۈركىلىش كۈچى ئارقىلىق قەلەم قولىڭىزدا تۇرغانلىقتىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ۋېلىسىپىتنىڭ تورمۇزىنى يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىسىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

تەبىئەتتە تۆت چوڭ كۈچ تۈرلىرىنى بار. يۇقىرىقى دەپ ئۆتكەن كۈچلەر (يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى، سۈركىلىش كۈچى، ...) قايسى كۈچ تۈرىگە كىرىدۇ؟ بىرسى ئېغىرلىق كۈچىگە، يەنە بىرسى ئېلېكتىر ماگنىتلىق كۈچىگە تەۋە. نېمە ئۈچۈن؟ كەلگۈسىدىكى يازمىلارغا دىققەت قىلىڭ.

ئەسكەرتىش: كارۋان بىز سەھىپىسگە ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى «كارۋان بىز يازمىسى» دەپ ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 14:39:03

بىز يەنى يەرشارى يۈزىدە تۇرىۋاتىقانلار نىمە ئۈچۈن قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايمىز؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 14:40:38

يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى ئومۇمەن  پىلانىتلارنىڭ تارتىش كۈچى نەدىن كەلگەن ؟ يەرشارى مەركىزىدە قارا ئۆڭكۈر بارمۇ يە{:92:}

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:20:26

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-02-22 14:39:03 static/image/common/back.gif
بىز يەنى يەرشارى يۈزىدە تۇرىۋاتىقانلار نىمە ئۈچۈن قۇي
قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى يەر شارىنى ئايلاندۇرىدۇ. بىز يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن يەردە يۈرىمىز ، قۇياشنىڭ بىزگە تەسىر قىلالماسمىكى مېنىڭچە :)

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:23:01

قۇياش بىلەن كۈننى نىمىشقا ئىككى مەنىدە ئىشلىتىمىز ؟خەنچىدىمۇ日和太阳  شۇنداق.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:29:03

بىرسى مەندىن مۇنداق سورىدى : يەر شارىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىنىرتسىيە كۈچى قايسى ؟
مەن دېدىم يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىنىرتىسيە كۈچى دەل يەر شارى ئىنىرتىسيە كۈچى.
يەر شارى ھازىر سېكۇنتىغا 30 كېلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋاتىدۇ ، ئەگەر يەر شارى تۇيۇقسىز توختاپ قالسا ، يەر يۈزىدىكى بىزلەر نېمە بولۇپ كېتەرمىز :lol

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:36:11

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-02-22 17:23:01 static/image/common/back.gif
قۇياش بىلەن كۈننى نىمىشقا ئىككى مەنىدە ئىشلىتىمىز ؟خە
قۇياش _ جىسىمنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.
كۈن _ قۇياشنىڭ ئەتىگەن چىقىپ كەچقۇرۇن پاتقان ۋاقىت ئارلىقىنى بىلدۈردۇ. مەسىلەن بىز تۇرمۇشىمىزدا ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى دەيمىز ، ھەرگىزمۇ ئىككى قۇياش ئۆتۈپ كەتتى دىمەيمىز. شۇڭا كالىنداردىمۇ كۈن دەيمىز. بۇ ئىككى ئۇقۇم مەسىلىسى ، ئوخشاش مەنىدە ئەمەس. :P

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:40:50

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-02-22 14:40:38 static/image/common/back.gif
يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى ئومۇمەن  پىلانىتلارنىڭ تارتىش
ئالەملىك تارتىش كۈچى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن دەيدىكەن غەرب پەلسەپچىلىرى. ئېنىق چۈشەندۈرۈشكە مەنمۇ ئامالسىز.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 20:42:11

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 17:23 static/image/common/back.gif
قۇياش بىلەن كۈننى نىمىشقا ئىككى مەنىدە ئىشلىتىمىز ؟خە ...

قۇياش پارىسچە سۆز ، كۈن ساپ ئۇيغۇرچە
   بىز قەدىمدىنلا كۈن سۆزىنى ئىككى مەنىدە قوللانغان .
    قۇياش سۆزىنى يىقىنقى دەۋىردىن باشلاپ يەرشارىنى ئۆزىگە تارتىۋاتقان ، كۈچلۈك يورۇقلۇق چىقىرىۋاتقان ئاشۇ پىلانىت نامى ئۈچۈن ئىشلەتتۇق .
  ھون سۆزى كۈن سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 20:43:11

كارۋانچىلار   سۇئاللىرىمىزغىمۇ جاۋاب بىرەمدۇ ؟

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 21:17:03

بىز نىمىشقا ماڭىمىز؟

پىلانتلار ئارا بوشلۇقتىكى سۈركىلىش كۈچى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 19:45:05

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 14:39 static/image/common/back.gif
بىز يەنى يەرشارى يۈزىدە تۇرىۋاتىقانلار نىمە ئۈچۈن قۇي ...

1. ھەرقانداق ماسسىسى بار ئىككى جىسىم ئارىسىدا تارتىشىش كۈچى بولىدۇ، شۇڭا بىز قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىگە ئۈچرايمىز.
2. يەرشارى، ئادەم ۋە قۇياش ئارسىسىدىكى تارتىشىش كۈچىنى تەھلىل قىلغاندا، يەرشارى ئۈستىدىكى بارلىق جانلىق ۋە جىسىملارنى يەرشارى بىلەن بىر گەۋدە قىلىپ تەھلىل قىلشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ يەرشارى بىلەن تەڭ قۇياشنى ئايلىنىشىمىز، بىزنىڭ قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىگە ئۇچرىغانلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى.
3. ئەگەر بۇ يازما قىزىقىشىڭىزنى زەررەتلىگەن بولسا، ناھايىتى ياخشى، ئىزدىنىڭ سوئاللىرىڭىزغا جاۋاپ تاپالايسىز.

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 20:56:13

0996 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 21:17 static/image/common/back.gif
بىز نىمىشقا ماڭىمىز؟

پىلانتلار ئارا بوشلۇقتىكى سۈركى ...

1. بىز نېمىشقا ماڭىمىز دىگەن سوئالىڭىز مۈجمەلكەن، ئېنىقلاپ بېرىڭ.
2. بوشلۇقتا سۈركىلىش كۈچى پەيدا قىلىش ئۈچۈن جىسىملار ئارا بېسىم ھازىر قىلىش كېرەك.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 21:08:04

KarwanBiz يوللىغان ۋاقتى  2015-02-23 20:56:13 static/image/common/back.gif


1. بىز نېمىشقا ماڭىمىز دىگەن سوئالىڭىز مۈجمەلكەن، ئېن
ئىنكاس قايتۇرغىنىڭلاردىن خوش بولدۇم، رەھمەت.
بىز نىمىشقا ماڭىمىز؟ دىگەن سوئالنىڭ نىمە ئۈچۈن سورالغىنى ماڭىمۇ بەك مۇجىمەل، كىيىن ئىلھام كەلگەندە ئىنىقلىما بېرەي.
ئىككىنچى سوئالغا كەلسەك، ئالەم بوشلىقىنى ۋاكوم دەيدىكەنمىز، راكىتانىڭ پۈركۈگىچىدىن يۇقىرى بېسىم قايسى ماددىغا بېسىم ھاسىل قىلىدۇ؟ جىسىملاردا ماسسا پەيدا قىلىدىغان «تەڭرى زەرەرسچىسى» شۇمۇ يا؟ «قاراڭغۇ ماددا» دىگەن ئۇقۇممۇ؟
بەت: [1]
: بىز قانداق ماڭىمىز؟