KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 11:16:09

كومپيۇتىرنىڭ مائۇسى قانداق ئىشلەيدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 11:24  

كومپيۇتىرنىڭ مائۇسى قانداق ئىشلەيدۇ؟
كومپيۇتېر 0 ۋە 1 دىن تەركىب تاپقان رەقەملەرنى ھېسابلاش قورالىدىن ئىبارەت. لېكىن بۇنىڭغا كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى بولمىسا ئادەملەر كومپيۇتېردىن پايدىلىنالمايدۇ. كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىلىرى كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس، مىكروفون، كامېرا قاتارلىق ئىنسانلار بىۋاسىتە ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېرغا يەتكۈزەلەيدىغان ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسەتسە، چىقىرىش ئۈسكۈنىسى، ئېكران، ئاۋاز ساندۇقى قاتارلىق ھېسابلىنىپ بولغان ئۇچۇرلارنى ئىنسانلار قوبۇل قىلالايدىغان ئۇچۇرلارغا ئايلاندۇرۇپ تارقىتىش ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مائۇس دەل كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ھازىرقى مائۇسلارنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك. لېكىن ئەڭ ئاددىي مائۇسنىڭ ئىشلەش مېخانىكىسىغا نەزەر سالساق، ئۇ بىزنىڭ قولىمىزنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق كومپييوتېرغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ. مائۇس زادى قانداق قىلىپ قولنىڭ ئۈستەل ئۈستىدىكى يۆلىنىشى ۋە ھەرىكىتىنى ناھايىتى يۇقىرى ئېنىقلىق بىلەن خاتېرلىيەلەيدۇ؟

ئەگەر ئەڭ دەسلەپكى مائۇسلارنى ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئىچىدە بىز يۇمىلاق ئەۋرىشىم ۋە سۈركىلىش كۈچى چوڭ بولغان پىلاستىك شارچە بار. بۇنداق مائۇسنى ئۈستەل يۈزىدە مېدىرلاتساق، ئىچىدىكى شارچە تەڭ چۆرگۈلەيدۇ. ئەمدىكى مەسىلە پەقەت شارچىنىڭ چۆرگۈلەش ھالىتىنى قولىمىزنىڭ توغرا ھەرىكىتىگە تەرجىمە قىلىشتا. بۇنىڭ ئۈچۈن توپنىڭ ئەتراپىدا بىرنەچچە سىلىندىرسىمان چۆرگىلەيدىغان كىچىك سەزگۈچلەر ئورۇنلاشتۇرساق، سەزگۈچلەرنىڭ ئورنى ۋە نىسپىي ھەرىكىتى ئارقىلىق توپنىڭ چۆرگۈلىشى ۋە قولنىڭ ھەرىكىتىنى خاتېرلىگىلى ۋە كومپيۇتېرغا يوللىغىلى بولىدۇ. بەلەن.

ئەگەر مائۇسنىڭ ئىچىدىكى بۇ توپ چۆرگۈلىمەي قالسا قانداق قىلىمىز؟ چۈنكى بەك سىلىق شارائىتتا، توپ چۆرگلىمەسلىكى مۇمكىن. بەك ئاستا ھەرىكەتنى بۇ خىل مېخانىزم سەزمەسلىكىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، سېزىمچانلىقى كۈچلۈك، ھەرخىل يۈزدە ھەرىكەت خاتېرلىيەلەيدىغان مېخانىزم كېرەك.
ئوپتىكىلىق مائۇس مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان. نۇر بىر ئېنېرگىيە دولقۇنى، ئوخشىمىغان ۋاسىتە ئىچىدە تارقىلىش سۈرئىتى ئوخشىمايدۇ شۇنداقلا چاستوتىسى ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن نۇر ھاۋانى ۋاسىتە قىلىپ تارقىلىۋاتقاندا ئەينەكتەك ئوخشىمىغان ماتېرىيال ياكى ۋاسىتىگە دۇچ كەلسە، نۇر ئېنېرگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئەينەككە سىڭىپ كېتىدۇ، يەنە بىر قىسمى ئەينەك يۈزىدىن ئەكس ئېتىپ قايتىپ نۇر دولقۇنى ئارقىلىق ھاۋادا تارقىلىدۇ. نۇرنىڭ ئەكس نۇرىنى ئۆلچەش ئارقىلىق نۇر تارقاتقۇچى جىسىمنىڭ ياكى نۇرنى ئەكس ئېتىپ قايتۇرغۇچى جىسىمنىڭ رەسىمىنى ياكى كۆلەڭگىسىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. بۇ دەل كامېرانىڭ پىرىنسىپى (كامېرا قانداق ئىشلەيدۇ؟).

ئوپتىكىلىق مائۇس دەل مۇشۇ قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىدۇ. مائۇسنىڭ ئىچىدە نۇر مەنبەسى بار، شۇنداقلا كىچىك كامېرامۇ بار. نۇر مەنبەسى نۇرنى ئۈستەل يۈزىگە چۈشۈرىدۇ، ئۈستەل يۈزىدىن قايتقان نۇر كامېرا ئارقىلىق ئۈستەل يۈزىنىڭ (ناھايىتى كىچىك بىر دائېرنىڭ) رەسىمىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۈستەل يۈزىنىڭ رەسىمى رەقەملەشكەن سان سىپىر بولۇپ، ئۈستەل يۈزىدىكى ئەڭ ئىنچىكە ئۆزگۈرۈشلەرنىمۇ خاتېرلىيەلەيدۇ. مۇشۇنىڭ بىلەن مائۇسىنى ئازراق مېدىراتساق، مائۇس مېدىراشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن تارتىلغان رەسىمنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مائۇسنىڭ قايسى يۆلىنىشتە قانچىلىك مېدىرىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقالايدۇ. لېكىن، مۇھىم يېرى شۇكى، مائۇسنىڭ سۈرئەت تارتىش سۈرئىتى مائۇسنى مېدىرىتىش سۈرئىتىدىن تىز بولۇش كېرەك. شۇڭلاشقا، ئادەتتىكى ئوپتىكىلىق مائۇس كامېراسىنىڭ سۈرئەت تارتىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا 1500 قېتىم بولىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىدىكى قول ھەرىكىتىنىڭ ھەربىر ئىنچىكە ئۆزگىرىشىنى خاتېرلەشكە يېتەرلىك سۈرئەت. ئەگەر بۇ خىل ئوپتىكىلىق مائۇسىڭىزنى گاچىلاشتۇرۇپ باقاي دېسىڭىز، بىر سېكۇنت ئىچىدە 1500 قېتىم كىچىك بولسىمۇ ھەرىكەت قىلىشقا ئورۇنۇپ بېقىڭ.

كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانى قانداق ئىشلەيدۇ؟ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قىزىقسىڭىز كىيىنكى يازمىلارغا دىققەت قىلىڭ.


ئەسكەرتىش: كارۋان بىز سەھىپىسگە ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى «كارۋان بىز يازمىسى» دەپ ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ohximas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 12:09:45

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:29:52

كومپيۇتېر 0 ۋە 1 دىن تەركىب تاپقان رەقەملەرنى ھېسابلاش قورالىدىن ئىبارەت
--مۇشۇ سۆزنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار .

newyork يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:30:38

مائسۇنىڭ ئىچكى تۈرۈلۈشى قانداق؟
مىنىڭ نۇرى يانىدىغان مائۇس ،تۈزۈلۈشى قانداق بۇنىڭ

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:34:05

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 17:30 static/image/common/back.gif
مائسۇنىڭ ئىچكى تۈرۈلۈشى قانداق؟
مىنىڭ نۇرى يانىدىغان  ...

ئوپتىكىلىق مائۇس

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 14:41:37

newyork يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 17:29 static/image/common/back.gif
كومپيۇتېر 0 ۋە 1 دىن تەركىب تاپقان رەقەملەرنى ھېسابلاش  ...

بىزنىڭ ئەمىلىيەتتە ئىشلىتىدىغىنىمىز 0 دىن 9 غىچە بولغان ئونلۇق سېستىمىغۇ؟ كومپيۇتېرنىڭ ئىشلىتىدىغىنى ئىككىلىك سېستىما ، يەنە 0 ۋە 1 دىن ئىبارەت. بىزنىڭ كومپيۇتېردىكى ھەربىر مەشغۇلاتىمىز، سانلىق مەلۇماتلار  مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچتا ئىككىلىك سېستىمىغا ئايلاندۇرۇلۇپ ئاندىن ئىجرا قىلىنىدۇ.  تولۇق چۈشەنمەكچى بولسىڭىز بەيدۇدا  خەنزۇچە 二进制, 机器语言 دېگەنلەرنى ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ.

21132113 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 16:53:46

پايدىلىق قىممىتى بار تىما بوپتۇ
بەت: [1]
: كومپيۇتىرنىڭ مائۇسى قانداق ئىشلەيدۇ؟