KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 11:16:23

كىرئالغۇ قانداق ئىشلەيدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 11:29  

كىرئالغۇ قانداق ئىشلەيدۇ؟
لەغمەن يەۋاتقاندا تۆكۈلۈپ كەتكەن ماي داغلىرى، ياكى توپ تەپكەندىكى چاڭ-توزان لاي دېگەندەكلەرنى، تېخىمۇ ئىنچىكە قىلىپ ئېيتقاندا، كىيىم-كېچەكلەرگە كىرىۋالغان ھەرخىل ئىلىمىنتلاردىن تەركىب تاپقان خىمىيەۋىلىك بىرىكمە ياكى ماددىلار كىر ھېسابلىنىدۇ. كىرئالغۇنىڭ مەقسىتى، كىيىم-كېچەكلەرنى بۇزۇۋەتمىگەن شەرت ئاستىدا، مۇشۇ كىر زەررىچىلىرىنى كىيىمدىن ھەيدەپ چىقىرىش.

سۇ ۋە پاراشوك كىيىمگە چاپلىشىۋالغان كىر زەررىچىلىرىنى ھەرخىل فىزىكىلىق ئۆزگىرىش ۋە خىمىيەۋىلىك رېئاكسىيە ئارقىلىق كىيىمدىن ئاجرىتالايدۇ. كىر پاراشوكىنىڭ قانداق قىلىپ كىيىمدىن كىرنى ئاجرىتىپ چىقىش جەريانىمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ باسقۇچلارنى ۋە چوڭقۇر خىمىيەۋىلىك بىلىملەرنى تەلەپ قىلىدىغان ھالقا.

سۇ ۋە پاراشوك ئارقىلىق كىيىم تالالىرىدىن ئاجراپ بولغان، لېكىن كىيىمنىڭ رەخت قاتلاملىرىدىن تېخى چىقىپ كەتمىگەن كىر زەررىچىلىرىنى قانداق قىلىپ كىيىمدىن ھەيدەپ چىقارغىلى بولىدۇ؟
نىيۇتوننىڭ بىرىنچى قانۇنىدا، تاشقى كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان جىسىم ئەسلىدىكى تۈز-سىزىقلىق (بىر نۇقتىمۇ تۈز سىزىق ھېسابلىنىدۇ) ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلايدۇ دېگەننى نەچچە يىللار بۇرۇن ئۆگەنگەنلىكىڭىز بەلكىم يادىڭىزدا باردۇر. كىچىكىڭىزدە (ۋە بەلكىم ھازىرمۇ) ئاچقۇچنىڭ يىپىنى بارمىقىڭىزغا سېلىپ پىرقىرىتىپ ئوينىغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا بارمىقىڭىزدىن چىقىپ كېتىپ نە-نەلەردىن ئىزدەپ يۈرگەن بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئاشۇ ئاچقۇچ چەمبەرسىمان ھەرىكەت قىلدۇرىۋاتقان بارماقنىڭ كۈچى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەندىن كىيىن، تۈز سىزىقلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇچۇپ كېتىدۇ. شۇڭا چەمبەرسىمان ھەرىكەت قىلغان نەرسە ئاشۇ چەمبەرنىڭ سىرتىغا قاراپ قېچىشقا ئىنتىلىدۇ.

كىرئالغۇنىڭ بىر چەمبەرسىمان ھەرىكەت قىلىدىغان قىسمى بولۇشى كېرەك. بۇ چەمبەرسىمان سىلىندىرنىڭ تېمى كىيىمنى ئىچىگە ئىتتىرىش كۈچى ئارقىلىق كىيىملەرنىڭ چەمبەرسىمان ھەرىكىتىنى ساقلايدۇ ھەمدە كىيىملەرنىڭ مىجىلىش ۋە سىقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. سىلىندىرنىڭ يۈزىدىن نۇرغۇن كىچىك تۈشۈكلەرنى ئېچىپ قويساق، تۆشۈك بار يەرلەردە ئىچىگە ئىتتىرىپ تۇرىدىغان كۈچ بولمىغانلىقتىن، ھېلىقى چەمبەرسىمان ھەرىكەت قىلىشنى خالىماي، چەمبەر سىرتىغا چىقىپ كېتىمەن دەيدىغان كىر زەررىچىلىرى سۇ بىلەن ئاشۇ كىچىك تۆشۈكلەردىن چىقىپ كېتىدۇ. چەمبەرسىمان ھەرىكەتنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلەتسەك، كىرئالغۇنىڭ كىر چىقىرىش كۈچىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتەرگىلى بولىدۇ (نېمە ئۈچۈن؟). لېكىن، پىرقىراش سۈرئىتى بەك تىز بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئەھۋالدا سىلىندىر تېمىنىڭ كىيىمنى مىجىش كۈچىمۇ چوڭ بولۇپ كېتىپ، كىيىمنى بۇزۇپ قويۇشى مۇمكىن.

بۇخىل كىر يۇيۇش ئۇسۇلىدىن باشقا كىر يۇيۇش ئۇسۇللىرى يوقمۇ؟ بار. بۇ خىل ئىشلەش مېخانىزمى بىلەن، كىرئالغۇ پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنقى قولدا ياكى تاختايدا كىر يۇيۇشنىڭ ئوخشاش ۋە پەرقلىق تەرەپلىرىنى ئويلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. پەرقى، ئىشلەش ئۈنۈمىنىڭ ئوخشىماسلىقىدا بولۇپلا قالماي، ئىشلەش مېخانىزمىدىمۇ ئازراق ئوخشىماسلىقلار بار: بۇرۇن ئاساسلىقى مىجىش ۋە سىقىش ئارقىلىق يۇيۇلسا، ھازىرقى كىرئالغۇلار فىزىكىنىڭ ئەڭ ئاددىي قانۇنىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ سۈپەت، سۈرئەت، ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرالايدۇ.

كېلەچەكتە بۇنىڭدىنمۇ ئۈنۈملۈك ماشىنىلار بارلىققا كېلىشى مۇمكىن، ئوخشىمىغان مېخانىزملار ئىشلىتىلىشى مۇمكىن، كىيىدىغان كىيىملەرمۇ ئوخشىمايدىغان ماتېرىياللاردا ياسىلىشى مۇمكىن.

ئېلېكتىر تېخنىكىسى، ماتورنىڭ ئىشلەش مېخانىكىسى، ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلارغا قىزىقسىڭىز، مېنىڭ كەلگۈسىدىكى يازمىلىرىمغا دىققەت قىلىڭ.

ئەسكەرتىش: كارۋان بىز سەھىپىسگە ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى «كارۋان بىز يازمىسى» دەپ ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 12:31:16

مەن ھەممىدىن كىر قۇرتىدىغان يىرىغا قىزىقىپ قالدىم ،قانداق قۇرتىدۇ،بىز كۆرەلمەيدىكەنمىز،ئاچسىلا ھەركەتتىن توختايدىكەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 12:54:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 14:56  

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 14:31 static/image/common/back.gif
مەن ھەممىدىن كىر قۇرتىدىغان يىرىغا قىزىقىپ قالدىم ،قا ...

سۈزۈك كەلگەن سۇلىياۋ قاپقىقىدىن مارىسىڭىز كۆرەلەيسىزغۇ؟

ياكى بولمىسا قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئايلىنىۋاتقاندا، قاپقاقنى ئاچسىڭىز ئايلىنىشتىن توختاپ قالسا، قاپقاپنىڭ تىگىشىش يۈزىدە بىر سەزگۈر ئورون بار، شۇ يەرنى قول بىلەن يىنىك بىسىپ تۇرساق ئايلىنىشنى كۆرەلەيمىز.

مەن سىتىۋالغان ئاپتۇماتىك كىرئالغۇ Panasonic ماركىلىق بولۇپ، ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى، شاۋقۇنى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ئۇز گۈلۈمگە بەك ياراپ كەتتى.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 13:02:12

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 12:31 static/image/common/back.gif
مەن ھەممىدىن كىر قۇرتىدىغان يىرىغا قىزىقىپ قالدىم ،قا ...

مەن ھازىرغىچە كىرئالغۇنىڭ قۇرۇتۇش پىرىنسىپىنى، سۇغا چۈمۈلگىلى چىققان كىچىك باللارنىڭ، ئىچ كىيىمىنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ شامالغا سىلىپ قۇرۇتقىنى بىلەن ئوخشاش دەپ چۈشىنىمەنغۇ؟

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 14:01:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 14:02  

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 12:31 static/image/common/back.gif
مەن ھەممىدىن كىر قۇرتىدىغان يىرىغا قىزىقىپ قالدىم ،قا ...

ئۇ مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ پىرىنسىپى بويىچە ئىشلەيدۇ، يەنى قۇرۇتۇش تۇڭى تېز سۈرئەتتە چۆگىلەپ ھاسىل بولغان مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ تەسىرىدە كىيىمدىكى سۇ كىيىمدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىدۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 14:41:50

قۇرۇق يۇيۇش  ئۇسۇلىدا قانداق قىلىپ يۇيىدۇ ؟ سۇ ئىشلەتمەمدۇ؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 15:31:17

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 13:02 static/image/common/back.gif
مەن ھازىرغىچە كىرئالغۇنىڭ قۇرۇتۇش پىرىنسىپىنى، سۇغا  ...

شۇنچە تىز قۇرۇپ بولغىنىغا قاراپ مەن تىخى ئىچىگە ئىسىقلىق ھاۋا  قويۇپ بىرىپ قۇرتىدىغان دەپ ئويلاپتىمەن.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 15:32:20

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 14:01 static/image/common/back.gif
ئۇ مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ پىرىنسىپى بويىچە ئىشلەيدۇ، ...

سۇلىرى تۇگەپلا قالماي قۇرۇپمۇ چىقىدىكەن ،ئىچىگە ئىسىغىقلىق قويۇپ بىرەمدىغاندۇ؟

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 16:06:46

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 15:32 static/image/common/back.gif
سۇلىرى تۇگەپلا قالماي قۇرۇپمۇ چىقىدىكەن ،ئىچىگە ئىسى ...

سۇ تۈگىدى دېگەن گەپ قۇرۇدى دېگەن گەپ، مېنىڭچە ئىچىگە ئىسسىق ھاۋا قۇيۇپ بەرمەيدۇ.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 18:33:31

كۆۋرۈك بىلەن ئەتتىر ئىككىڭلار ئادەم چېلىۋاتامسىلەر؟{:87:}:lol

13899857644 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 21:37:52

بىر ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئىلجى شىركىتى سۇ سۇپۇن كەتمەيدىغان كىرئالغۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ دەپ بىر خەۋەر كۆرگەنىدىم،قانداق بوپ كەتتىكىن.

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 21:09:17

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 14:41 static/image/common/back.gif
قۇرۇق يۇيۇش  ئۇسۇلىدا قانداق قىلىپ يۇيىدۇ ؟ سۇ ئىشلەتم ...

قۇرۇق يۇيۇشنىڭ پىرىنسىپىمۇ يۇقۇرىدىكى ئۇسۇلغا ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن سۇ ئىشلىتىلمەي باشقا خىل كىر ئېرىتكۈچ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
http://baike.baidu.com/view/1727895.htm

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 09:33:09

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 13:02 static/image/common/back.gif
مەن ھازىرغىچە كىرئالغۇنىڭ قۇرۇتۇش پىرىنسىپىنى، سۇغا  ...

كىچىك بالىلارنىڭ كىيىمنى تۇتىۋېلىپ قولىدا پېقىرىتىپ قۇرۇتقىنى بىلەن ئوخشاش. يەنى مەركەزدىن قاچما ھەرىكەت تەسىرىدە سۇ ئەتراپقا چاچراپ چىقىپ كېتىدۇ. سۇ چىقىپ كەتكىنى قۇرىغىنى شۇ. ئۇنىڭ پىرىنسىپى شامالدىتىپ قۇرۇتۇشقا كىرمەيدۇ.
بەت: [1]
: كىرئالغۇ قانداق ئىشلەيدۇ؟