ozturk001 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 08:11:42

خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى كۆتۈرۈشتىكى م.


ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچى يوق خىزمەتچى بولمايدۇ ،پەقەت پەم –پاراسەتسىز خوجايىن بولىدۇ ،كارخانا باشقۇرۇش ئادەم باشقۇرۇش دېمەكتۇر ،ئەمىليەتتە سىز خىزمەتچىلەرنىڭ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ياخشى ئويلىنپ باقسىڭىز ،ھېس قىلىسىزكى ،ئادەم باشقۇرۇشنىڭ كەينىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ پەيدا بولىشى ماھىيەتتە تۆۋەندىكى ئۈچىدىن ئايرىلالمايدۇ .
بىرىنچى ئامىل:پۇل
ئويلاپ بېقىڭ، خىزمەتچىلەر نېمە ئۈچۈن سىزنىڭ يېنىڭىزغا بېرىپ ئىشلەيدۇ ،چۈنكى كۆپ قىسىم خىزمەتچىلەرنىڭ قولىدا پۇل يېتەرلىك ئەمەس ،خىزمەت قىلمىسا ناھايتى تېزلا يەيدىغانغا تاماقمۇ يوق ،ئۆي ئىجارە پۇلىنىمۇ تۆلىيەلمەيدىغان ،ئائىلىسىنى باقالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن .شۇ سەۋەپتىن ،خىزمەتچىلەرنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنى  خوجايىن مۇشۇ پۇل مەسىلىسىنى ھەل قىلالامدۇ يوق ؟
شۇنىڭ ئۈچۈن خوجايىننىڭ خىزمەتچىلەردە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ شەكىللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ھالقا بولسا –پۇل .
ئىككنچى ئامىل : ئىستىقبال
ئەگەر بىر كارخانىدا ئېنىق بولغان كارخانا تەرەققىيات  پىلانى ۋە ئېنىق بولغان كارخانا نىشانى بولمىسا ،سىزنىڭچە ،بۇيىلقى شىركەت خادىمى كېلەر يىلى يەنە ئوخشاش شىركەت خادىمى بولسا ئورنى ئۆزگەرمىسە ،مۇشۇنداق خوجايىننىڭ قول ئاستىدا ئىشلەۋەرسە قاچان بىر باشقۇرۇش ھالىتىگە يېتەلەيدۇ ؟ شۇ سەۋەپتىن خوجايىن خىزمەتچى كىرگەن كۈندىن باشلاپ ،خىزمەتچىلەرگە كارخانىنىڭ كەلگۈسىدىكى نىشانى ،پىلانى ،تەشكىلى تەرەققىيات پىلانى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپى ھايات پىلانى توغىرىسىدا  ئېنىق بىر نەرسە دېيىشى ،كۆپچ
ىلىككە ئۈمۈد ئاتا قىلىشى كېرەك .
ئۈچىنچى :مەنىۋى  كۈچ
ھەر بىر ئادەمنىڭ ماددى ئېھتىياجى بەلگىلىك قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن،مەنىۋى ئېھتىياجقا قاراپ يۈزلىنىدۇ ،لېكىن مەنىۋى ئېھتىياج قۇرۇق ۋە شەخسى ھەۋەسكە بولغان ئىزدىنىش بولماستىن بەلكى ئەھمىيەتلىك يۈكسەك ئىزدىنىش .شەخىس جەمىيەتتىكى قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلسا ئەمىلي ئىش ھەركىتىنىڭ ياردىمى بولىدۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن خوجايىننىڭ خىزمەتچىلەردە ھەركەنلەندۈرگۈچ كۈچ پەيدا قىلىشىدىكى ئۈچىنچى مۇھىم ھالقا مەنىۋى كۈچ.
          ھەرقانداق بىر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۈچۈن  خىزمەتچىلەنى  ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇش ۋە خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش ئىنتايىن مۇھىم   ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئال
دى بىلەن يېڭى خىزمەتچىلەردىن باشلاپ تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرۈش
1 ـ باسقۇچ : يېڭى خىزمەتچىلەر ئىشقا چۈشكەندە ،ئۇلارغا نېمە ئىش قىلىدىغىننى بىلدۈرۈش كېرەك .
خىزمەتچىلەرنى 7 كۈن ئىچىدە تېز سۈرئەتتە شىركەتكە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ،باشقۇرغۇچىلار تۆۋەندىكى يەتتە تۈرلۈك ئىشنى قىلىش  كېرەك :
1-        يېڭى خىزمەتچىلەرگە ئورۇن بېرىش كېرەك ،ھەمدە ئەتراپتىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن ئۆز-ئارا تونۇشتۇرۇش .
2-        كۈتۈۋېلىش زىياپىتى بېرىپ بۆلۈمدىكى ھەر بىر ئادەم بىلەن تونۇشتۇرۇپ چىقىش.
3-        شىركەت مەدەنىيىتى ۋە ئىستىراتىگىيسىنى چۈشەندۈرۈش ،ھەمدە يېڭى خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنىشى ،كەسپى پىلانىنى چۈشۈنۈش.
4-        بىۋاستە باشقۇرغۇچى خىزمەتچىلەرنىڭ بىرىنچى ھەپتىلىك ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇش،مەسىلەن :ھەركۈنى نېمە ئىش قىلىش ،قانداق قىلىش ،مەسئۇل ئادەم كىم دېگەندەك .
5-        كۈندىلىك خىزمەتتە ئۇچرىغان مەسىللەرنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە تۈزۈتۈش ،ھەركۈنلۈك خىزمەت مىقدارى ۋە خىزمەتنىڭ قىيىن تەرىپىنىڭ نەدىلىكىنى تەكشۈرۈش .
6-        كونا خىزمەتداشلار بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇش ،يېڭى خىزمەتچىلەردە ناتونۇشلۇق تۇيغۇسىنى يوقىتىش ،تېزراق كوللىكتىپقا قوشۇلىشىغا ياردەم قىلىش .  
     2 ـ باسقۇچ : يېڭى خىزمەتچىلەرگە قانداق قىلسا ياخشى قىلىدىغىننى بىلدۈرۈش .
1 - يېڭى خىزمەتچىلەرنى شىركەت مۇھىتى ۋە ھەرقايسى بۆلۈمدىكى كىشلەر بىلەن تونۇشتۇرۇش ، شىركەتنىڭ ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسنى قانداق يېزىش ۋە قانداق ئەۋەتىشنى ئۆگىتىش .

2 ـ يېڭى خىزمەتچىلەرنى كونا خىزمەتچىلەرنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرش ،كۆزىتىش ۋە يېتەكلەشكە قولايلىق يارىتىش .
3 ـ روھى ھالىتىگە دېققەت قىلىش ،ۋاقىدا تەڭشەشكە ياردەم قىلىش ،خىزمەتتە بېسىم ھېس قىلدۇرماسلىق .
4 ـ ئۆز تەجىربىسىنى سۆزلەپ بېرىش ،تەجىربە جەريانىدا ئۆگىنىش ، ئۆگەنگىننى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش .
5 ـ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرنى ۋە ئىگىرلەشلىرىنى ماختاش ،ئېلھام  مەدەت بېرىش .
3 ـ باسقۇچ :  يېڭى خىزمەتچىلەرگە رىقابەتكە تولغان ۋەزىپىلەرنى  قۇبۇل قىلىشغا يادەم بېرىش .
مۇۋاپىق ۋاقىتتا مۇۋاپىق  بېسىم ،خىزمەتچىلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ياردىمى بولىدۇ ،لېكىن كۆپلىگەن باشقۇرغۇچىلار توغرا بولمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق خىزمەتچىلەرگە بېسىم پەيدا قىلدۇ .  1 ـ يېڭى خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىقتىدارىنى بىلىش ،ئۇلارغا خىزمەت تەلىپى ۋە نىشانىنى ئۇقتۇرۇش.
     2 ـ شىركەتلەردە كۆپرەك كوللىكتىپ پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ،ئارتۇقچىلىق ۋە ئىقتىدارلارنى بايقاش ،كەمچىلىكلەرنى تۈزۈتۈش .
      3  - خاتالىق ئۆتكۈزگەندە چوقۇم ئۆزگەرتىدىغان پۇرسەت بېرىش .
   4 ـ باسقۇچ :تەقدىرلەش ۋە ئېلھاملاندۇرۇش ،ئۆز ـ ئارا ئىشىنىش مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈش
يېڭى خىزمەتچىلەر بەلگىلىك رىقابەتچانلىقى بار ۋەزىپىلەرى ئورۇنلىغاندا چوقۇم ئېلھاملاندۇرۇش ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك .
   5 ـ باسقۇچ : خىزمەتچىلەر شىركەت كوللىكتىپىغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئاكتىپلىق بىلەن ۋەزىپە ئورۇندايدىغان ھالەتكە يەتكۈزۈش
     يېڭى خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەب ئېيتقاندا،ئۇلاردا يېڭىلىق يارىتىش روھى كەم ئەمەس ، كۆپىنچە چاغلاردا باشقۇرغۇچىلارنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن يېتەكلىشى ،كوللىكتىپقا ئەكىرىشى  بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
1 – قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئاكتىپ ھالدا كوللىكتىپ يىغىنلاردا ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشىغا رىغبەتلەندۈرۈش  ۋە ماختاش .
2 -  رىغبەتلەندۈرۈش مىخانىزىمى ، كوللىكتىپ قۇرۇلمىسى ،ۋەزىپىلەرنىڭ  ئېقىشى ،ۋە ياخشى بولغان تەجىربىلەرگە نىسبەتەن يىغىنلاردا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ،ئورتاق بەھرىمان بولۇش
3 – يېڭى خىزمەتچىلەر بىلەن مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۇسۇلى توغۇرسىدا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش .
4 – كونا خىزمەتچىلەر بىلەن بولغان ئىختىلاپنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش .
   6 ـ باسقۇچ : خىزمەتچىلەرگە مۇۋاپىق ۋەزىپە ۋە ھوقۇق بېرىش .
ئالدىنقى ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ،ئادەتتە يېڭى خىزمەتچىلەر رەسمى خىزمەتچىگە ئايلىنىدۇ ،ھەمدە شىركەتنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ،باشقۇرغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىمۇ تۆۋەندىكىگە قاراپ يۆتكىلىدۇ .
1ـ قول ئاستىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ قايتىدىن ئورۇن بەلگىلەيدۇ ،قول ئاستىدىكىلەرگە خىزمەتنىڭ قىممىتىنى،خىزمەتنىڭ ئەھمىيىتىنى ، خىزمەت مەسئۇلىيىتنى ،خىزمەت ۋەزىپىسىنى قايتىدىن تونۇتۇش .
2 ـ ھەرۋاقىت قول ئاستىدىكى يېڭى خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش ،ئۇلاردا پاسسىپ كەيپىيەت كۆرۈلسە ،ۋاقتىدا تەڭشەش،قول ئاستىدىكى ھەر قايسى تەرەپكە نىسبەتەن سەزگۈر ھالەتنى ساقلاش ،ئاكتىپ ئۇسۇللار ئاقىلىق ئۇلارنىڭ مەسىللىرىنى ھەل قىلىش .
3 ـ شىركەتتە ئالاھىدە چوڭ  ئىشلار  ياكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان خەۋەرلەر بولسا باشقىلارنى ئورتاق بەھرىمان قىلىش .
7 ـ باسقۇچ :خۇلاسە چىقىرىش ،تەرەققىيات پىلانى تۈزۈش .
1 ـ ھەر پەسىلدە بىر قېتىم بىر سائەت ئەتراپىدا ياراتقان نەتىجە ،تۆھپە توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ،سۆھبەتتىن بۇرۇن ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش .
2  ـ ئۈنۈم سۆبىتى ئېلىپ بارغاندا چوقۇم مەقسەت ئېنىق بولۇش ،خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىنى باھالىشى ئەتراپلىق بولۇش مەسىلەن قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ،قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى ،يېتەرسىزلىكى نەدە ؟ قايسى جەھەتلەردە باشقا خىزمەتچىلەردىن پەرىقلىنىدۇ دېگەندەك .
3 ـ قول ئاستىدىكىلەر ئۈچۈن تەرەققى قىلىش ۋە ئۆسۈش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش
4 ـ قول ئاستىدىكىلەرگە تەربىيلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ،كۆپرەك ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ،پىلان تۈزۈشكە دەۋەت قىلىش .
                     -ئۆزتۈرك كارخانا مەسلىھەتچىلىكى                                                      www.ozturkbiz.com              

Safi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 11:12:51

تولىمۇ ئەىراپلىق بوپتۇ .  يۇقارقى مەسىلىلەرنىڭ كۆپۇنچىلىرى مەن خىزمەت قىلىش جەريانىدا ھىس قىلىپ يەتكەنلىرىم . رايۇنىمىز كارخانىلىرىنىڭ تەرەقىيات باسقۇچىدا مۇھىم رول ئوينايدىغىنى كارخانا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى .  مەن ئويلايمەن، باش دېرىكتوردىن تارتىپ  ھەرقايسى بۆلۇم باشلىقلىرىغىچە بولغان باشقۇرۇش قاتلىمىدىكى كىشىلەر ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇشى ،  ئاڭلىق بولۇشى ۋە كەسپى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك . بۆلۇملەر ئېنىق ئايرىلىشى ، خادىملارنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇشى كېرەك.
مۇشىنچىلىك دەپ تۇراي .

21132113 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 07:58:55

ياخشى تىما بوپتۇ
بەت: [1]
: خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى كۆتۈرۈشتىكى م.