KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 00:06:17

روزا تۇتۇشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 11:30  

روزا تۇتۇشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىرى
قەرەللىك ياكى قەرەلسىز روزا تۇتۇش بەدەنگە پايدىلىق بولۇپ، نۇرغۇن تەتقىقاتلار بۇنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.  روزا تۇتۇش يېقىنقى يىللاردا  نۇرغۇن غەرب ئەللىرى كىشىلىرىنىڭ ساغلاملىق ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇللاردىن بولۇپ قالدى. گەرچە نۇرغۇن دوختۇرلار روزا تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىشتىن ئەنسىرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ساغلاملىقنىڭ ئاشۇرۇشتىكى رولى يەنىلا كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتىدۇ.

مۇسۇلمانلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، غەرب كىشىلىرى روزا تۇتقاندا، كۈننىڭ مەلۇم بىر مەزگىلىدە تاماق يېمەيدۇ ۋە ئادەتتە سۇ ئىچىدۇ. بۇ خىل ساغلاملىق ئۈچۈن روزا تۇتۇشنىڭ ئۇسۇللىرىمۇ نۇرغۇن. بەزىلەر7~8 سائەت، بەزىلەر 24 سائەت ھېچ نېمە يېمەيدۇ، پەقەت سۇ ئىچىدۇ. بەزىلەر ھەتتا ھەپتىلەپ، ئايلاپ ھېچ نېمە يېمەي پەقەت سۇ ئىچىپلا ئۆتكۈزىدىغانلارمۇ بار. ئەلۋەتتە بۇنىڭ خەتىرىمۇ بار، ئۇلارمۇ ئۆز بەدىنىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا ئىش كۆرىدۇ. يەنە بەزىلەر 2~3 ئايلاپ پەقەت سۇ ۋە مېۋە، كۆكتات سۈيى ئىچىدۇ.

ئىنسانلار تارىخىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىدا يېمەك-ئىچمەك بۈگۈنكى كۈندەك قولايلىق بولمىغان. ھازىرقىدەك بىزدەك توڭلاتقۇسى، يەي دېسە دائىم تەييار تامىقى بولمىغان. نۇرغۇن چاغلاردا ھېچنېمە يېمەي، ئاچ-توق كۈننىڭ يېرىمى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۈپ كۆنگەن. ھازىرقى يېمەك-ئىچمەكنىڭ مولچىلىقى ئىنسان تارىخىدىن قارىغاندا  يېڭى بىر ھادىسە. ئەلۋەتتە ئادەم  بەدىنى بۇنىڭغا كۆنمەيدۇ. ئارىلاپ-ئارىلاپ (ھەپتىدە 1،2 قېتىم) روزا تۇتقاندا، بەدەننى شۇ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتۇرغان بولىمىز.

روزا تۇتۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك كونكرېت پايدىلىق تەرەپلىرى بار:

1. روزا تۇتۇش ئورۇقلىتىدۇ.
نۇرغۇن تەتقىقاتلار روزا تۇتۇشنىڭ ئورۇقلاشتىكى بىخەتەر ئۇسۇل ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. روزا تۇتۇش جەريانىدا ئادەم بەدىنى نۇرغۇن سائەتلەپ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلمىغانلىقتىن، ماي ھۈجەيرىلىرىدىكى مايلارنى كۆيدۈرۈش ھالىتىگە ئۆتۈپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا بەدەندىكى مايلارنى ئازلىتىدۇ.
ئادەتتە بەدەن شېكەرنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئېنېرگىيە تولۇقلايدۇ، بۇ شېكەرنى كۆيدۈرىدىغان مېتابولىزم ھالىتى. روزا تۇتقاندا ئادەم ماي كۆيدۈرىدىغان ئېنزىملارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بەدەن ماي كۆيدۈرۈش مېتابولىزمغا ئۆتىدۇ ۋە مايلار ئادەتتىكى سۈرئەتتىن تېز خورايدۇ. روزا تۇتۇشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا، بەدەننىڭ بۇ خىل ماي كۆيدۈرىدىغان ئېنزىملارنى ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارى ئاشىدۇ، شېكەر كۆيدۈرىدىغان ئېنزىملارنىڭ ئىشلەپ چىقىرلىشى ئازلايدۇ. بەدەن ماي كۆيدۈرۈش ھالىتىگە ئۆتىدۇ ۋە تېز ئورۇقلايدۇ.

2. روزا تۇتۇشنىڭ ئىنسۇلىن سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرىدۇ.
ئىنسۇلىن قاندىكى شېكەر مىقدارىنى تەڭشەيدىغان ھورمۇن بولۇپ، قاندىكى شېكەرنىڭ بەك يۇقىرى ۋە بەك تۆۋەن بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇ ئاشقازان ئاستى بېزىدە ئىشلەپ چىقىرلىدۇ. ئەگەر بەدەن ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرالمىسا، بىرىنچى خىللىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ.  ئەگەر بەدەن نورمال ھالدا ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرالىسا، ئەمما بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر ئىنسۇلىنغا ئىنكاس قايتۇرمىسا، بۇ ئىككىنچى خىللىق دىيابېت كېسىلى بولىدۇ. روزا تۇتۇشنىڭ ئىنسۇلىن سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ شېكەرنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

3. روزا تۇتۇش مېتابولىزمنى تېزلىتىدۇ.
روزا تۇتقاندا ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئارام ئالىدۇ. بۇ مېتابولىزم جەريانىدا كالورىيەلەرنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كۆيدۈرلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەگەر ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىڭىز ئاجىز بولسا، يېگەن نەرسىلەر ياخشى قوبۇل بولمايدۇ ۋە بەدەندىكى مايلارمۇ ئۈنۈملۈك كۆيدۈرۈلمەيدۇ. روزا تۇتۇش سىزنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىڭىزنى تەڭشەيدۇ ۋە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق مېتابولىزمنى ئاشۇرىدۇ.

4. روزا تۇتۇش ئاچلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ.
ئاچلىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئادەم 12 دىن 24 سائەتكىچە ئاچ قېلىش كېرەك. ھازىر كىشىلەر 5،4 سائەتتىلا بىر نەرسە يەيدۇ، ھەقىقىي قورساق ئاچقانلىقنى ھېس قىلالمايدۇ. روزا تۇتقاندا، سىزنىڭ  بەدىنىڭىزدىكى ھورمۇنلار تەڭشىلىپ، سىز ھەقىقىي قورساق ئاچقانلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز. سېمىز ئادەملەر قورسىقى تويغان تەقدىردىمۇ، تويغانلىق ھېس قىلمايدۇ. روزا تۇتۇش ئارقىلىق ھورمۇنلار تەڭشەلگەندە، سېمىز كىشىلەر تويغانلىقىنى تېزلا ھېس قىلالايدىغان ۋە جىق يەۋالمايدىغان بولىدۇ.

5. روزا تۇتۇش مېڭە فۇنكسىيەسىنى ياخشىلايدۇ.
روزا تۇتۇش بىرخىل (Brain-Derived Neurotrophic Factor (BDNF دەپ ئاتىلىدىغان  ئاقسىلنىڭ ئىشلەپ چىقىرلىشىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ ئاقسىل مېڭە غول ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېڭى نېرۋىلارغا ئۆزگىرىشىنى قوزغايدۇ ۋە باشقا نۇرغۇن نېرۋا ساغلاملىقىغا پايدىلىق خىمىيەلىك ماددىلارنى ئاشۇرىدۇ.  بۇ ئاقسىل يەنە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ئالزىھايمېرس  ۋە رەئىشە قاتارلىق ئىككى نېرۋا يېگىلەشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەلدىن قوغدايدۇ.

6. روزا تۇتۇش ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ياخشىلايدۇ.
روزا تۇتۇش بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى ئازايتىدۇ، بەدەندىكى ياللۇغلارنى كونترول قىلىدۇ ۋە راك ھۈجەيرىلىرىنى ئاچ قويۇپ يوقىتىدۇ.  تەبىئەتتە ھايۋانلار ئاغرىپ قالغاندا، بىرنەرسە يېيىشتىن توختايدۇ ھەم دەم ئالىدۇ. بۇ ھايۋانلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغما ئىقتىدارى بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا بەدەن ئىچكى ئەزالارنىڭ بېسىمى يېنىكلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا سىرتتىن كىرگەن يۇقۇملۇق ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ.
پەقەت ئادەملەر كېسەل بولغاندا يەنە بىرنەرسە يەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادەملەر كېسەل بولغاندا، ئىشتىھاسىنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشى دەل بۇ خىل  بەدەننىڭ تۇغما ئۆزىنى قوغداش مېخانىزمىدۇر. شۇ كىشىلەر بەزى چاغلاردا، ئۆزىنىڭ بەدىنىگە قۇلاق سېلىش كېرەك.  بۇ دېگەنلىك بەدىنىمىز نۇرغۇن چاغلاردا بىزگە سىگنال بېرىدۇ، بىز بۇ چاغلاردا بۇ سىگناللارغا دىققەت قىلىشىمىز ۋە بەدىنىمىز قانداق راھەت ھېس قىلغان بولسا، شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك.

7. روزا تۇتۇش بەدەننىڭ ئۆزىنى تازلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىمۇ خۇددى مۇسكۇللار ۋە مېڭە چارچىغاندەك چارچايدۇ، شۇڭا ئۇلارغىمۇ ئارام ئالىدىغان پۇرسەت بېرىش كېرەك.  روزا تۇتقاندا، بەدەندىكى ئەزالار ئارام ئالىدۇ، يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. ھاياتىي كۈچكە تولغان ئەزالار بەدەندىكى زەھەرلەرنى تېخىمۇ ياخشى تازلىيالايدۇ. ئادەمنىڭ ئوزۇقلارنى قوبۇل قىلىشىغىمۇ ئېنېرگىيە كېتىدۇ. روزا تۇتقاندا، بەدەن بۇ ئېنېرگىيەنى تېجەپ قېلىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازلىيالايدۇ.

8. روزا تۇتۇش ئادەملەرنى نەپسىمىزنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ.
نۇرغۇن ئادەملەر قورساققا كەلگەندە ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ. ھەتتا قورساق ئاچمىسىمۇ يەيدۇ. يەپ تويغاندىمۇ يەنە يەيدىغانلار نۇرغۇن. تاماق ئالدىدا ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگەنمىسەك، ھامان بىر كۈنى بېشىمىزغا چىقىدۇ.  ئىنگلىزچە مۇنداق بىر ئەقلىيە سۆز بار.
!Man digs his grave with his knife and fork
تەرجىمىسى، ئادەم ئۆزىنىڭ قەبرىسىنى ئۆز ۋىلكىسى ۋە پىچىقى (گۆش كېسىپ يەيدىغان) بىلەن كولايدۇ. بىز بەلكىم چوكا قوشۇقلار بىلەن كولايمىز. روزا تۇتقاندا، بىز نەپسىمىزنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىمىز. ئادەمنىڭ ئۆزىنى ۋە نەپسىنى كونترول قىلالىشى ئېسىل خىسلەتتۇر، نەپسىنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلغانلىقتۇر. نەپسىنى كونترول قىلالىغان ئادەم، مۇۋەپپەقىيەتكە يېقىنراقتۇر.

روزا تۇتۇشنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ساغلاملىق ۋە روھىي جەھەتلەردىكى پايدىلىقلىرى بار.  روزا تۇتقاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارمۇ بار، مەسىلەن: روزا تۇتۇشتىن بورۇن ۋە روزا ئاچقاندا جىق يەۋالماسلىق، بەدەننىڭ ئەھۋالىغا قارىتا ئىش كۆرۈش ۋە زورلىماسلىق، بولۇپمۇ كېسىلى بارلار بەكرەك دىققەت قىلىش كېرەك.  روزا تۇتۇشنى دائىملىق ئادەت قىلىۋالسىڭىز، ھەپتىسىگە بىر ياكى ئىككى قېتىم تۇتۇپ بېرەلسىڭىز، سالامەتلىكىڭىز ئاستا-ئاستا بۇرۇنقىدىن ياخشىلىندۇ.



ئەسكەرتىش: كارۋان بىز سەھىپىسگە ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى «كارۋان بىز يازمىسى» دەپ ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 12:55:55

زىيانلىق  تەرەپلىرىچۇ؟{:136:}

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 21:55:20

گەپما  ئاشۇ  زىيانلىق تەرەپلىرى...

kokbilge يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 11:27:00

azharbag يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 12:55 static/image/common/back.gif
زىيانلىق  تەرەپلىرىچۇ؟

   زىيانلىق تەرەپلىرى بولسا سىز دەپ باقمامسىز قېنى؟

825 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:06:40

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 21:48:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 21:51  

azharbag يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 12:55 static/image/common/back.gif
زىيانلىق  تەرەپلىرىچۇ؟

زىيانلىق تەرەپلىرى ئۈستىدە بەك جىق ئىزدەنمەپتىمەن.

سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولمىسا دىققەت قىلسىڭىز بولىدۇ، خەتەرلىك بولىشى مۇمكىن. ئاز-ئازدىن باشلاڭ.

ھە راست، قورساق ئاچىدۇ، ئۇسسايسىز. :lol

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 10:02:05

   زامانىمىزدىكى كۆپۈنچە كېسەللىكلەر زىيادە ئوزۇقلىنىشتىن كېپ چىقىۋاتقانلىقى ئېنىقلا. بۇ نورمالسىزلىقلارغا ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئۆسمىلەرگە قارتا روزا تۇتۇش ئەلۋەتتە بىر قالقاندۇر.

function يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 20:55:05

سالامەتلىكىككا پايدىلىق دەپ روزا تۇتۇش ياكى سالامەتلىككە زىيىنى بار دەپ روزا تۇتماسلىق روزا بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئۇقۇملاردۇر.

KARWAN123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 21:49:54

ئويلاپ باقسام مۇشۇ ياشقىچە روزا تۇتۇپ باقماپتىمەن  بۇخىل ئۇسۇلنى سىناپ باقسام بولغۇدەك، روزا تۇتۇشنىڭ سالامەتلىككە چوڭ زىيىنى يوقتۇ-ھە؟

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 18:31:42

KARWAN123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 21:49 static/image/common/back.gif
ئويلاپ باقسام مۇشۇ ياشقىچە روزا تۇتۇپ باقماپتىمەن  بۇخ ...

ئاساسەن  بولـمايدۇ . لېكىن  تۇنجى قېتىم بولسا دىققەت قىلىڭ . ئۆزىڭىزنى  كۆزىتىپ تۇرۇڭ ، قىيناپ قويماڭ .

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 14:42:01

روزا تۇتۇش بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلايدۇ، ئادەتتە كېسىلى بولمىسىلا، ھەپتىدە بىر ئىككى كۈن(رامىزاندىن باشقا ۋاقتتا) روزا تۇتقاننىڭ پايدىسى كۆپ.

SAYPULLAH يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 22:08:14

بىر ۋاقىتتا بىر كىتباتا (كىتابنىڭ ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ) مۇنداق بىر ماقالىنى ئوقۇغان: ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار 100 ھايۋاننى 50 دىن ئىككىگە بۆلۈپ، 50 نى نېمە يېسە شۇنىڭغا قويۋېتىپ، 50 نى نۇرمال يەم-خەشەك بىلەن بېقىپ بىر قانچە يىل تەتىقىقات ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە خالىغانچە يېگەن ھايۋاننىڭ سالامەتلىكى ناچار، ئۆمرى قىسقا بولغان. نۇرمال بېقىلغانلىرىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى، ئۈمرى ئۇزۇن بولغان.

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tursunjan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-14 20:18  

كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ،رەھمەت.
بەت: [1]
: روزا تۇتۇشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىرى