ihlas123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 19:21:21

ئاتۇش پۇتبول بايرىمى ئاخىرلاشتى

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم قېرىنداشلار:
پۇتبول ماكانى ئاتۇشتا كاتتا پۇتبول بايرىمى  ئاخىرلاشتى.

ئاتۇش بۇغرا گوروھى ئۆتكۈزگەن بۇغرا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 2-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ئون كۈن داۋاملىشىپ ئاتۇشتا بىر پۇتبول بايرىمىنى شەكىللەندۈردى.
،بۇ مۇسابىقىگە سۇنتاغ،ئازاق،ئارغۇ،ئۈستۈن ئاتۇش،كاتتا يايلاق،ئەلرايى،تۇغلۇق،مورتوم،باش بارماق،ئاقتۇ ئارزۇ،ئۇلۇغچات،ساقچىلار قاتارلىق 12 كوماندا قاتنىشىپ ،ئىككى گوروپپىغا بۆلۈنۈپ ئايلانما شەكىلدە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى.


يەتتە كۈنلۈك گوروپپا مۇسابىقىسىدىن كىيىن سۇنتاغ ،ئازاق،ئۈستۈن ئاتۇش ،ساقچىلار قاتارلىق كوماندىلار تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى، يېرىم ھەل قىلغۇچتا سۇنتاغ بىلەن ئازاق كوماندىسى رەقىپلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچقا قەدەم قويدى، ئاخىردا ئازاق كوماندىسى 1گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن سۇنتاغ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ لوڭقا كۆتۈردى.




بۇ قېتىملىق بۇغرالوڭقىسىدىكى 34مەيدان مۇسابىقىدە جەمئي 128 توپ كىرگەن بولۇپ،مۇسابىقە ناھايىتى يوقىرى سەۋىيەدە،قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى.
تاماششىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقىمۇ ناھايىتى يوقىرى بولۇپ ،ھەرمەيدان مۇسابىقىنى 15-20مىڭغىچە،ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە 30مىڭدىن ئارتۇق تاماششىبىن كىرىپ ،مۇسابىقە كەيپىياتىنى بىر بالداق يوقىرى كۆتۈرۈپ ياۋرۇپا مەيدانلىرىنى ئەسكە سالدى.








شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىملىق مۇسابىقە يوقىرى سەۋىيەدە،ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا كەسكىن جەڭلەر ئارقىلىق ئاياغلاشتى.

ئۈچىنجىلىككە ئېرىشكەن كوماندا

مۇكاپات سوممىسى 10مىڭ سوم


ئىككىنجىلىككە ئېرىشكەن كوماندا

مۇكاپات سوممىسى 30 مىڭ سوم

چىمپىيون كوماندا

مۇكاپات سوممىسى 50مىڭ سوم

سۇنتاغ كوماندىسىنىڭ ۋارتارى ئەنۋەر مۇنەۋۋەر ۋارتار، ئازاق كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى نىزامىدىن مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى، ئازاق كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى زۇلپىقار مۇنەۋۋەر تېرىنىر بولۇپ باھالاندى.

ئەسكەرتىش:بۇغرا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ فىلىمىنى 《salmon》سالونىغا چىقىپ كۆرگىلى بولىدىكەن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 10:17:50

ھەقىقەتەن كۆپ تاماششىبىن كەپتۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تەنھەركەت ساپاسىنى ياخشىلاشتىكى ياخشى مۇسابىقە بوپتۇ. {:112:}
شەھەرلىك1-ئوتتۇرىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىمۇ قانداق ئۆتكۈزۈلگەن ئورۇن؟

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 11:33:15

مۇشۇنداق روھىمىزنىڭ كۆتۈرىدىغان مۇسابىقىلەر كۆپرەك بولۇپ تۇرسا نېمە دېگەن ياخشى! ئاتۇشتىكى ئەزىمەتلەرنىڭ غەيرىتىگە بارىكاللا! قاتناشقان تاماشىبىنلارنىڭ كۆپلىگىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم. پۇتبول ھەقىقەتەن تەنھەرىكەتلەرنىڭ سەركىسى بولۇشقا لايىق.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 12:12:20

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 10:17 static/image/common/back.gif
ھەقىقەتەن كۆپ تاماششىبىن كەپتۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تەنھەركە ...

تېببى مەكتەپنىڭ مەيدانى،ئاۋۇ ئادەمنىڭ كۆپلىكىدە،شەھەرلىك بىرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا،ئاتۇشتا قاتناش توسۇلۇپ كىتەمىكىن دەيمە...ماشىنا دىگەنمۇ ھەددىدىن زىيادە كۆپ...
مىس كان تەرەپكە يىڭىدىن سالغان مەكتەپ  رايۇنى

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 15:37:43

راستىنلا قىززىغان مۇسابىقە بوپتۇ {:112:}

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:38:45

فەچەت مۇسابىقە بولدى بۇ ... ... ...

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 18:43:24

  ئۇلۇغچاتتا بۇ توغۇرلۇق ھىچ گەپ يوق يا؟   ئۇلۇغچات كوماندىسىنىڭ ئەۋالى قايداراق بولدى؟   بىلسەم بىلمىسەم ئەڭ ناچار :lol        بىلگەن بولسام قانداق قىلىپ بولمىسا قاتنىشاتتىم مەن.  {:101:}

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 07:42:07

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 12:12 static/image/common/back.gif
تېببى مەكتەپنىڭ مەيدانى،ئاۋۇ ئادەمنىڭ كۆپلىكىدە،شەھ ...

ھە قارىسام بەك ئوخشاپ كەتتى شەھەرلىك بىرنىڭ مەيدانىغا.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 11:46:14

qassap يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 18:43 static/image/common/back.gif
ئۇلۇغچاتتا بۇ توغۇرلۇق ھىچ گەپ يوق يا؟   ئۇلۇغچات كوما ...

ئۇلۇغچات بىلەن ئاقتۇنىڭ گەپ سۆزى يوققۇ :lol :lol :lol

erxat1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 11:55:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   erxat1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 11:58  

تاماشىبىنلاغا بىلەت سىتىپتىمۇ. ياكى.  ھەقسىزمىكەن بىلەت ساتقان بۇلسا داۋاملىق ئۈتكۈزۈلۈپ تۇرىشىغا ئاساس سىلىنغان بۇلاتتى دەپ ئۇيلايمەنغۇ ئۈزەمچە.
بەت: [1]
: ئاتۇش پۇتبول بايرىمى ئاخىرلاشتى