KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:10:02

بىلىمدان ھەققىدە چۈشەنچە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 10:25  

بىلىمدان ھەققىدە چۈشەنچە
بىلىمدان - كارۋان بىز گۇرۇپپىمىزنىڭ كوزۇر سەھىپىسى. ئاممىباپلىق، ئىلمىيلىق، يېڭىلىققا ئىگە بولۇش ۋە قىزىقارلىق بولۇش بىلىمداننىڭ تۈپ خۇسۇسىيەتلىرىدۇر. بىلىمدان گەرچە بىر ئىلمىي ژۇرنال بولمىسىمۇ، ئەمما بىلىمدان ئىلمىيلىقنى تۈپ چىقىش نۇقتىسى قىلغان ئاممىباپ ژۇرنالدۇر. بىلىمدان دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى، يېڭى ئىددىيەلەر، ئوقۇرمەننىڭ قىزىقىشىنى زەررەتلەيدىغان ئۆزگىچە قاراشلارنى ئاممىباپ ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىشنى، شۇ ئارقىلىق كەڭ ئاممىغا بىلىم بېرىش، شۇنداقلا بالىلار ۋە ياشلارنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بىلىمداننىڭ يادرولۇق قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. بىلىمدانغا پەقەت كارۋانبىز گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يازغان ئىجادىي ماقالىلەر ياكى ئىلمىي ئوبزورلار (خۇلاسە ماقالىلەر) يوللىنىدۇ، بىۋاستە تەرجىمىلەر يوللانمايدۇ. ئەگەر تەرجىمە قىلىنغان ماقالە بولسا ئاپتورلاردىن ئۆز چۈشەنچىسىنى قوشۇپ سېڭىشلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك قىلىپ يېزىپ چىقىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

2. بىلىمداندا پەقەت كەسىپ ئەھلىلىرى ئۆز كەسپ دائىرىسىدە يازغان ماقالىلەرلا ئېلان قىلىنىدۇ. بىلىمداننىڭ ئاپتورلىرى چوقۇم ئەڭ ئاز دېگەندە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق مائارىپىنى تۈگەتكەن ئىلىم-پەن، تېخنىكا ساھەلىرىدىكى كىشىلەردۇر. بىلىمدانغا ئېلان قىلىنغان ھەر بىر ماقالىنىڭ ئاپتورى شۇ ماقالىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆزى ياخشى چۈشىنىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەشى شەرت.

3. بىز پاسكالنىڭ «خەتنى قىسقىراق يازغۇم بار ئىدى، ئەمما قىسقا يېزىشقا ۋاقتىم يەتمىدى» دېگەن ھېكىمەتلىك سۆزىنى بىلىمداندىكى ھەر بىر ماقالىگە ئۆلچەم قىلىمىز. ماقالىلەرنىڭ ئىمكانقەدەر قىسقا، پىششىقلاشتىن ئۆتكەن، ۋە مېغىزلىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.

4. بىلىمدان كارۋانبىز ئەزالىرىنىڭ پەقەت ئىلمىي ساھەدىكى ماقالىلىرى ياكى ئىجتىمائىي مەسلىلەرنى ئىلمىي يوسۇندا چۈشەندۈرۈپ يازغان ئىخچام، مېغىزلىق ۋە باھالاشتىن ئۆتكەن ماقالىلىرىنىلا قارشى ئالىدۇ.

5. بىلىمدان زامانىۋى كۈلتۈردە كىشىلەر توغرا ۋە ئىلمىي دەپ ئىشىنىدىغان، ئەمما ئىلمىي ساھەدە نۆۋەتتە ئىلمىيلىكى كەمچىل دەپ قارالغان قاراشلارغا ئەڭ يېڭى چۈشەنچىلەرنى بېرىشنى، ھەقىقىي ئىلمىي پاكىتلىق قاراشلارنى كىشىلەرگە سۇنۇشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسى قىلىدۇ.

6. بىلىمداندىكى ماقالىلەر چوقۇم ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئىلمىي بولۇشى ناتايىن، ئەمما بىز ئۆزىمىز ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئىلمىي دەپ بىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمىز.

7. بىلىمداندا ئۇچرايدىغان بارلىق چەتئەل يەر جاي ناملىرى ۋە كىشى ئىسىملىرى ئەسلى شۇ تىلدىكى ئەسلى ئوقۇلۇشىغا ئەڭ يېقىنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشى بويىچە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن، گىئورگى بۇش ئەمەس جورج بۇش؛ مايئامى ئەمەس مايئەمى دېگەندەك.

8. بىلىمدان - يېڭى، كارۋانبىز گۇرۇپپىمىز ژۇرنال چىقىرىشتا ئوخشاشلا يېڭى. شۇڭا ئۆزىمىز ئويلىغاندەك ياخشى ژۇرنال چىقىرالىشىمىزغا بىر مەزگىل كېتىشى ئېنىق. دەسلەپكى مەزگىللەردە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالماي قالىدىغان قىسمەن كەمچىلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبئىي. بۇ ئەھۋالدا بىز خالىس قىلىۋاتقان بۇ ئىشىمىزدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىزگە كەڭ قورساقلىق ۋە مېھىر بىلەن مۇئامىلىدە بولۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز چۈنكى بۇ ئىش مېھىر بىلەن باشلانغان.


ئەسكەرتىش: كارۋان بىز سەھىپىسگە ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى «كارۋان بىز يازمىسى» دەپ ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:46:40

ئېسىل! ئىستىداتلىق دوسلار بىلەن مۇنازىرە ئىلىپ بارالەيدىكەنمىز. :P:)

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 08:32:22

{:112:}{:112:}

kokbilge يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 12:52:32

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر.



   بۇ خىزمىتىڭلارنى قوللاش ئۈچۈن، مۇشۇ ئايدا  دىيارىمىزدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپ ئىلمىي ژورنىلى تەبىئى پەن قىمسى( ئۇيغۇرچە) دە  ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئىلمىۇ ماقالىنى يوللاپ قوياي دىسەم :‹‹كەچۈرۈڭ، بۇ سەھىپىگە سىزنىڭ تېما يوللاش ھوقۇقىڭىز يوق›› دەپ ئەسكەرتىش چىقىۋالدى.

  يوللىماقچى بولغان ماقالىنى سىلەر چوقۇم كۆرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن يوللىغىلى بولامدۇ؟

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 19:08:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 06:35  

kokbilge يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 12:52 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر.




رەھمەت توھپە قوشۇش ئويلىرىڭىزغا.

شۇنداق، ھازىرچە مۇشۇ سەھىپىدە كارۋان گۇرۇپىمىز ئەزالىرى تەرىپىدىن يېزىلغان يازمىلارلا  ئىلان قىلىنىدۇ.

Adilkozeynek يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 00:48:20

يائالللا، ئىلمى مۇنازىرىلىشىدىغان سورۇن ئاخىرى ھازىرلىنىپتۇدە! ئەمگىگىڭلارغا بارىكاللا!!!

izden يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

بەك ياخشى بوپتۇ ،  مۇمكىن بولسا ئالاقىلشىش خەت ساندۇق ئادرىسىڭىزنى يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

izden يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 01:39 static/image/common/back.gif
بەك ياخشى بوپتۇ ،  مۇمكىن بولسا ئالاقىلشىش خەت ساندۇق ئ ...

karwanbizz@yahoo.com
بەت: [1]
: بىلىمدان ھەققىدە چۈشەنچە