KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 09:58:38

«كارۋان بىز»نىڭ يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-22 11:39  

«كارۋان بىز»نىڭ يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى
كارۋان بىز گۇرۇپپىمىز قۇرۇلۇپ جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭلا بىز نۇرغۇنلىغان ياخشى تىلەكلەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ زور مەدەتكە ئېرىشتۇق. بىزنىڭ كارۋان بىز ۋە بىلىمداننى ھازىرقى مەزگىلدە تەشۋىق قىلىشىمىز پەقەت قىلغان ئىشلىرىمىز تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزسىكەن دېيىشنى كۆزلىگەنلىكىمىزدىن بولدى. ئەمما بىز قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى ناھايىتى ئاددىي بىر ئىش دەپ ئويلايمىز ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ زىيادە يۇقىرى باھالارنى بەرمەسلىكىنى ۋە بىز قىلالمايدىغان دەرىجىدىكى چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتمەسلىكىنى ئالدىنئالا ئەسكەرتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ يازما ئارقىلىق بىز سىلەرگە كارۋن بىز گۇرۇپپىمىزنىڭ بىزنىڭ نۆۋەتتىكى يادرولۇق قاراشلىرىنى بىلدۈرىمىز:

1. بىز نېمىنى بىلمەيدىغىنىمىزنى بىلىمىز، بىلمەيدىغىنىمىزنىڭ بىلىدىغىنىمىزدىن بەكلا كۆپ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمىز. بىز پەقەت ئازغىنە بىلىدىغانلىرىمىزنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىمىز.

2. بىز كىشىنى ئەمەس بىلىمنى، نوپۇزنى ئەمەس ھەقىقەتنى ئۈستۈن كۆرىمىز.

3. بىز ئۆزىمىزنى چوڭ ئىش قىلدۇق دەپ قارىمايمىز، ئەمما چوڭ ئىش قىلىشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە چوڭ ئىش قىلغۇچىلارنىڭ بارلىققا كىلىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.

4. بىز ئۆز-ئارا ھۆرمەت، باراۋەرلىك، ھەمكارلىق ۋە كۆيۈنۈشنى ئەڭ مۇھىم دەپ بىلىمىز ۋە باشقىلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلىدە بولىمىز.

5. بىز ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدىكى يېزىلغان ھەر قانداق ماقالە ئەسەرلەرنى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئوخشاشلا مۇھىم دەپ بىلىمىز ۋە بۇ تىپتىكى ئىشەنچىلىك ماقالىلەرنى كۆپرەك سۇنۇشنى ئويلايمىز. شۇنداقلا، كىشىلەرنىڭ ئىددىيىسىگە تەسىر قىلىدىغان ئىلمىي تېمىلاردىكى قىززىق نۇقتىلارغا ئېتىبار بېرىمىز.

6. بىز سوئال سوراشنى ياخشى كۆرىمىز ۋە سوئال سورىغانلارنىمۇ ياخشى كۆرىمىز. سورالغان سوئاللارغا ئەستائىدىللىق بىلەن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەڭ چۈشىنىشلىك جاۋاب بېرىشكە تېرىشىمىز، ئەمما بىز بىلمەيدىغان نەرسىلەر تېخى كۆپ بولغاچقا بىزنىڭ جاۋابلىرىمىز چوقۇم سىز كۈتكەندەك ئېنىق جاۋاب بولۇشى ناتايىن.

7. كارۋان بىز گۇرۇپپىمىزدا پەقەت بىلىمدان ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر باشقا گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ باھالىشىدىن تولۇق ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەمما كارۋان بىزنىڭ باشقا سەھىپىلىرىدە ئاپتورلارغا شەخسىي پىكىر ئەركىنلىكى بېرىلگەن ۋە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرگە يۇقىرى تەلەپلەر قويۇلسىمۇ، ئەمما پۈتۈنلەي ئىلمىي دەلىللەشتىن ئۆتكەن بولۇشى ناتايىن.

8. كارۋان بىز گۇرۇپپىمىز ئاددىيلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ ۋە ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشلىرىدىن ۋاقىت ئاجرىتىپ ماقالىلەرنى تەييارلايدىغان بولغاچقا پەقەت پۈتۈنلەي ئورتاق نىشان-مەقسەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان ئەزالارنى ئاستا-ئاستا قوشىدۇ. ئوقۇۋاتقانلار ئۆگىنىشكە دېققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلاردىن ئەزا قوبۇل قىلمايمىز.

بىزنىڭ ماقالىلىرىمىزغا قارىتا سوئال ياكى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئىزدىنىش تورى كارۋان بىز سەھىپىسىگە مەرھەممەت قىلىڭ (karwanbiz.izdinix.com).

ئەسكەرتىش: كارۋان بىز سەھىپىسگە ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى «كارۋان بىز يازمىسى» دەپ ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ

mykariz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 16:03:39

ياخشى ئىشلار  بولىۋاتىدۇ، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ. ئەلگە بىلىم تارىتىش ئۈچۈن ئاتلانغان ئىلىم كارۋانلىرىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ قۇۋەتلەيمىز! سىلەرگە ئاپىرىن!

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:23:29

mykariz يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 16:03 static/image/common/back.gif
ياخشى ئىشلار  بولىۋاتىدۇ، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ.  ...

كۆپ رەخمەت.

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:33:28

سىلەرنىڭ ماقالىلىرىڭلارنى فەيىسبۇكتا كۆپەيتىپ تارقىتىۋاتىمەن، بۇ خانسىيەتلىك ئەمگىكىڭلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە پايدا يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
ئەگەر سىلەرنىڭ فەيىسبۇكتا ئايرىم بىتىڭلار بار بولسا، قوشۇۋىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، ۋە شۇ ئارقىلىق ھەمبەھىرلەنسەممۇ بولىدۇ.
ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن، ئېتىڭلار ھىرىپ قالمىغاي!

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:51:51

1. بىز نېمىنى بىلمەيدىغىنىمىزنى بىلىمىز، بىلمەيدىغىنىمىزنىڭ بىلىدىغىنىمىزدىن بەكلا كۆپ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمىز. بىز پەقەت ئازغىنە بىلىدىغانلىرىمىزنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىمىز.
----
تولىمۇ تېتىملىق جۈملىلەر بوپتۇ. كۈنسىرى ياخشى ئىشلارمۇ ئۇلىشىپ چىقىۋاتىدۇ...{:112:}{:112:}{:112:}

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 20:25:58

    بىز ئۆزىمىزنى چوڭ ئىش قىلدۇق دەپ قارىمايمىز، ئەمما چوڭ ئىش قىلىشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە چوڭ ئىش قىلغۇچىلارنىڭ بارلىققا كىلىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.

ئىزىڭلارنى باسىدىغان ئەۋلادلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن نىمە قىلىش زۆرۈر بولسا شۇنى قىلىمىز.

kokbilge يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 12:46:14

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىمەتلەر،


    قىلماقچى بولغان خىزمىتىڭلاردىن ناھايىتى سۆيۈندۈم، ھەم چىن دىلىمدىن قوللايمەن.

    بىر تەكلىپ پىكرىم: سەھىپەڭلارغا ‹‹ئىلمىي ماقالە›› دەپ بىر سەھىپە قوشۇلغان بولسا. بۇ سەھىپىگە  ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ھەرخىل تەبىئى پەن كەسپلىرىدە  مۇناسىۋەتلىك  يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى ئاساسىدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلساق.
   چۈنكى ھازىر ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئېنگىلزچە ، خەنچە ياكى باشقا تىللاردا يېزىپ ئېلان قىلىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ ئېلان  قىلىش بولسا بىر بوشلۇق.  بۇ بوشلۇق چوقۇم تولدۇرىلىشى كېرەك.
     ئانا تىلىمىز ئىلمىي ماقالە يېزىش جەھەتتىمۇ ئۆز پاساھىتىنى جارى قىلدۇرىشى كېرەك، بۇنىڭغا سىلەردەك يۇقۇرى ئوقۇش تارىخغا ئىگە جاپاكەش تۆھپىكارلار چوقۇم كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك، دەپ قارايمەن.

KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 22:26:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 06:40  

kokbilge يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 12:46 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىمەتلەر،




رەھمەت، تەكلىۋىڭىزنى ئىلخەت قىلىپ يېزىڭ. ھازىرچە يېڭى مەسلەھەتلەرنى قۇبۇل قىلىشنى كەينىگە سۈردۇق.

ئىلخەت ئادرىسىمىز:
karwanbizz@yahoo.com
بەت: [1]
: «كارۋان بىز»نىڭ يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى