KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 09:40:07

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە مۇھتاج

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KarwanBiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 10:28  

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە مۇھتاج

يېقىندا «شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 2014-يىللىق 8-سانىدا ئېلان قىلىنغان «خوتەندىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى، بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى» ماۋزۇسىدىكى ئىلمىي ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچىسى (بۇ يەردىن كۆرۈڭ) پەرزەنىت تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەزكۇر ماقالە كۈچلۈك دېققىتىمنى قوزغىدى.

بۇ ماقالىدە قاراقاش ناھىيىسىدىكى مەكتەپ يېشىغا توشمىغان 787 نەپەر ئۇيغۇر بالىلىرى تەتقىقات ئوبىيكتى قىلىنغان بولۇپ، بۇ بالىلارنى 3 كۈن ئىچىدىكى ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى ۋە ئۇلار ئىستىمال قىلغان يېمەكلىكلەردىكى ھەر قايسى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئۆلچەنگەن بولۇپ، بۇ نەتىجىلەر كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ دېققىتىمنى تارتقىنى، قاراقاشتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى خەلقىئارا ئۆلچەمدە تەۋسىيە قىلىنغان كۈندىلىك ئاقسىل مىقدارىنىڭ ئاران 50% توغرا كىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار ئىستىمال قىلغان ئاقسىل ئاساسلىقى پەقەت ئاشلىقتىن كىلىدىغان بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل مەنبەسى بولغان سۈت، تۇخۇم، گۆش، بېلىق، پۇرچاق قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن.

بالىلارنىڭ مېڭە يېتىلىشى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان كىچىك ياشتا ساغلام بولغان ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەسلىكىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنىڭ بىرى شۇكى بۇ بالىلار گەرچە نورمال ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئەمما نەق مۇشۇ مەزگىلدە ياكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكى تۈپەيلى كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قابىلىيىتى، ئەستە تۇتۇش، دېققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەقلىي پائالىيەتلىرى پاسسىپ تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

خوتەن بالىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىدا بايقالغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى پەرىزىمچە شىنجاڭدىكى باشقا يۇرتلاردىمۇ ئوخشاش نىسبەتتە ياكى مەلۇم دەرىجىدە تېپىلىشى مۇمكىن. يۇقىرىدىكى ئىلمىي ماقالە پەقەت بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى خاركتىرىدىكى ماقالە بولۇپ، كۆزىتىلگەن تەجىرىبە نەتىجىلىرىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە بولغان تەسىرلىرى يېتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىنمىغان. شۇنداقتىمۇ بۇنداق تەتقىقات نەتىجىلىرى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ دېققىتىمىزگە سازاۋەر بولۇشى ۋە ئاتا-ئانىلار، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتكە بىر ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمەن.

گەرچە ئانىلار ۋە بالىلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى كەمبەغەللىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش ناھايىتى ئاسان بولسىمۇ، ئەمما شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى كەمبەغەللىك ئانىلار ۋە بالىلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئەمەس. خوتەن ۋە باشقا يۇرتلاردا ئۇيغۇرلار ئومۇمەن گۆشنى ئەڭ ئالىي يېمەكلىك دەپ ئىستىمال قىلىدۇ، ئەمما كۆكتات ئىستىمال قىلىشقا سەل قارايدۇ. كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى كەمچىل ۋە خاتا بولغانلىقى ئۈچۈن شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋالدىمۇ دائىم ساغلام بولغان يېمەكلىكلەر، پۇرچاق ۋە يېشىل كۆكتاتلارنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەرنى ئىلمي ئوزۇقلىنىش ھەققىدە تەربىيەلەش ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە نورمال ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

پايدىلىنغان مەنبەلەر:

http://d.wanfangdata.com.cn/Periodical_xjykdxxb201408026.aspx
http://www.parzant.com/%D8%AE%D9%88%D8%AA%DB%95%D9%86%D8%AF%D9%89%D9%83%D9%89-%D8%A8%D8%A7%D9%84%D9%89%D9%84%D8%A7%D8%B1%D9%86%D9%89%DA%AD-%D8%A6%D9%88%D8%B2%DB%87%D9%82%D9%84%D9%89%D9%86%D9%89%D8%B4-%D8%A6%DB%95%DA%BE/%D9%8A%DB%90%DA%AD%D9%89-%D9%85%DB%95%D8%B2%D9%85%DB%87%D9%86%D9%84%D8%A7%D8%B1/


ئەسكەرتىش: كارۋان بىز سەھىپىسگە ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى «كارۋان بىز يازمىسى» دەپ ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

muslim1023 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 17:36:25

تۇركىي مىللەتلەر ئىچىدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سۈت يىمەكلىكلىرى ئىستىمال قىلىشىمىز ئەڭ ئازمىكىن دەپ ئويلايمەن. مۇشۇ تۈركىيە تۈركلىرى ناشتىلىققا بەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن، پىشلاق،زەيتۇن، گۆش، تۇخۇم دېگەندەك يېمەكلىكلەر كەم بولمايدۇ.
بىز بولساق بىرخىللا يىمەكلىك بىلەن كۇپايىلىنىمىز،  بىر ئاي رامازاندا سوھورلۇققا ھەركۈن بىرخىل تاماق يېگەنلەرنى كۆردۇم ، ئىلمىي ئوزۇقلۇنۇشنى تەكىتلەيدىغان يەرگە كەلدى.  

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 08:35:49

بۇ بەك ئادەمنى چۆچۈتىدىغان دوكلاتكەنغۇ
ئېنىقكى مېنىڭ بالامدىمۇ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك باركەن،بوي ئېگىزلىكى،ئېغىرلىقى ئۆلچەمگە توشمايدۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 08:44:52

ئاقسىل ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان بوي ئېگىزلىكى،ئېغىرلىقى ئۆلچەمگە توشمايدىغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى قانداق تولۇقلايمىز؟ سۈت بېرىشتىن باشقا ئەمۋاي ، لاكتوگېن 力多精 قاتارلىق ھەرخىل ئوزۇقلۇق تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنى بەرسەك بولامدۇ؟مەن دۆلىتىمىزدە ياسالغانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن،سۈپىتىدىن ئەنسىرەيمەن،زىيانسىز كىراخمال تالقىنى بولسىغۇ ھەر ھالدا ياخشىتى
بالىلارغا ئوزۇقلۇق،ئاقسىل،ۋىتامىن،زۆرۈر ئېلمېنتلارنى تولۇقلايدىغان چەتئەلنىڭ قانداق ياخشى مەھسۇلاتلىرى بار؟
ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى قانداق تەكشۈرتۈشلەر ئارقىلىق بىلەلەيمىز؟

222888 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 15:05:10

ھەقىقەتەن ئۇيلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلىكەن ،بىز ئۇيغۇرلادا  يىزا- قىشلاقلاردا ئىلمى ئۇزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىشى يىتەرسىز شۇڭا پەرزەنىتلىرىمىزدە  تۇرلۇك ئۇزۇقلۇق كەملىك  كىسەللىكلىرى كۇرۇلۋاتىدۇ.

safiya816 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 09:49:24

تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى شۇنداق يۇقىرىكەن، لىكىن كۆپ كىشىلەر بالىلار تۇخۇمنى كۆپ يىسە بالدۇر يىتىلىپ قالىدۇ دەپ قارايدىكەن، مۇشۇنداق قاراش توغرىمۇ؟ قىزىم بىر يېرىم ياشقا كىردى، تۇخۇم يىيىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، زادى قانچىلىك مىقداردا بەرسەم مۇۋاپىق بولىدۇ پەقەت بىلەلمىدىم، كۈندە بىر تۇخۇم يىسە كۆپ بولۇپ قالامدۇ؟

SAYAHET يوللانغان ۋاقتى 2015-3-1 14:58:48

ئوزۇقلۇققا يىتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىك زامانىمىزدا تۈرلۈك كىسەللەللىكلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن بىرى، بۇنى ئىستىمال قىلىۋاتقان يىمەكلىكلىرىمىزنىڭ يېشىل بولماي(خېمىيەۋى ئوغۇتلارنى كۆپ ئىشلەتكەن) قېلىۋاتقانلىقتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بالىلىرىمىزنىڭ تاماقلىرىنىڭ ئىلمىي بولىشىدىن سرت بەدەنگە كىتەرلىك بولغان ئېلمنتلارنى تولۇقلايدىغان ئىشەنچلىك ئوزۇقلۇق دورىلىرىنى يىگۈزۈش زۆرۈر.
بەت: [1]
: ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە مۇھتاج