ftp يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 22:14:01

ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «شېرىن ئايلىرى» ئاياغلاشتىم...

ياپونىيەدىكى «تاللاش ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ 2-ئايلىق سانىدا«ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ (شېرىن ئايلىرى) ئاياغلاشتى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى قايتىدىن تەڭشەش باسقۇچىغا كىرگەن. يېڭى پادىشاھ سەلمان گەرچە سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنى داۋاملىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ساقلاشنىڭ ئۇلى قىلىسىمۇ، بىراق ئوتتۇرا شەرققە 20 يىل «باش» بولغان سىياسىي «گېگانت» نىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى كۈنسېرى ئازىيىپ كېتىشى مۇمكىن.
پادىشاھ سەلمان تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، سىياسەتنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ قېتىم شەپە بەرگەن. بىراق خەۋپسىزلىك مەسىلىسىگە ئائىت خەۋەرلەرنى بېرىشكە مەسئۇل ئامېرىكىلىق بىر مۇخبىرنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇناسىۋىتى مۇھىم جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋېتىپتۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىكى بىرلىشىپ تەڭ كۈرەش قىلىدىغان دەۋرى مەڭگۈلۈك ئاياغلىشىپتۇ.
ئابدۇللا دەۋرىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۈچ «ئۇرۇش» نى قىلغان. بۇ ئۈچ «ئۇرۇش» بىر-بىرىدىن مۇرەككەپ، بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەر بىر مەيدان ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى ئويلىغىنىدەك بولمىغان، بىراق ئامېرىكا رايون ۋەزىيىتىنى پىششىق بىلىدىغان سابىق پادىشاھ ئابدۇللاغا ئىشەنگەچكە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئوتتۇرا يولدا توختاپ قالمىغان. مۇشۇنداق بىر رەھبەرنىڭ ۋاپات بولۇشىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ئېغىر  زەربە بولدى، دېيىشكە بولىدىكەن.
گەرچە ئىككى تەرەپتە تۈرلۈك قارشىلىشىشلار مەۋجۇت بولسىمۇ،بىراق ئامېرىكا سەئۇدى ئەربىستانىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ۋە رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا تايانغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە«ئىراننى قامال قىلىش» جەھەتتە ئورتاق پايدا-مەنپەئەتلىك مۇناسىۋەتنى تېپىپ چىققان. ئوباما ھۆكۈمىتى ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن ھەمدە ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا ئانچە ئارىلاشمىغاچقا، ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كۈچلەنگەن ھەربىي كۈچىگە ھەقىقىي تايىنىشقا باشلىغان.
گەرچە سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھەرىكەتكە، يەنى« ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان بولسىمۇ، بىراق شىئە مەزھىپى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئىراندىن ئېھتىيات قىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستانى «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈنلەي گۇمران بولۇشىنى خالىمىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوتتۇرىسىدا يەنە ئىراق يادرو سۆھبىتىگە مۇناسىۋەتلىك پايدا-زىيان ۋە پەلەستىن خەلقنىڭ دۆلەت قۇرۇش مەسىلىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ ئابدۇللا دەۋرىدە ئىككى تەرەپ بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغان مەسىلىلەر ئىكەن.
پادىشاھ سەلماننىڭ ئانىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت قۇرغان پادىشاھىنىڭ ئەڭ ئارزۇلۇق خانىشى خانىش ھەشە. پادىشاھ سەلمان خانىش ھەشەنىڭ يەتتە ئوغلىنىڭ كەنجىسى. سەلمان يەنە ئوغلى مۇھەممەد بىن سەلماننى دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى قىلىپ تەيىنلىگەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىدە، خانىش ھەشەنىڭ تومۇرداشلىقىنىڭ ئەمەلىي كۈچى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن.
ھەشەنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن يەنە بىر ئوغلىدىن بولغان نەۋرىسى مۇھەممەد بىن نائىف 2012-يىلى ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ نەچچە ئايدىن كېيىن ئىچكى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، نائىف ئاتا-بالا ئۆتكەن 40 يىلدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تۈۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستانى يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكاپەرەس مەيدانى ئۆزگەرمەيدىكەن.
بىراق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلىدا زور ئۆزگىرىش بولغان. پادىشاھ ئابدۇللا 1945-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى فىرانكلىن زورۋېلىت بىلەن «ئامېرىكا خەۋپسىزلىك ياردىمى بېرىش بەدىلىگە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىتىگە ئېرىشىدۇ»دگەن كېلىشىمنى ئىمزالىغان.
بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۆپەيگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت سودا رەقىبلەردىن بولۇپ قالغان. ھەر ئىككىسى دۇنيادىكى 1-نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇشىنى تالاشقان. سەئۇدى ئەرەبىستانى خەلقئارادىكى نېفىت باھاسىنى ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيەدە كونترول قىلىۋېلىپ، ئامېرىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولغان.
1991-يىلىدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن ئىبارەت« نېفىتكە تىنچلىق ئالماشتۇرۇش» تەك سىمۋول خاراكتېرلىك بۇ ۋەقەنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئامېرىكاپەرەس رەھبەرنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى ئامېرىكا ئۈچۈن زور يوقىتىش بولغان. بۇ ئەھۋال شەك-شۈبھسىزكى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇقىمسىزلىق ئامىلى بولۇپ قالىدىكەن.

مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى.

serwan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:09:41

قۇرۇق گەپلەر ئۇلار ئىچىدە نىمە چوت سۇقىدۇ بىزگە ئاشكارلامدۇ

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 12:02:57

رۇسيە ۋە ئىرانلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، ئەرەبىستان ھەرگىزمۇ ئامېرىكىدەك بىر ئىتتىپاقدىشىدىن ۋاز كەچمەسلىكى مۇمكىن.
ئىۋۇ ئاستىدىكى ئامېرىكا بىلەن ئەرەبىستان نىفىت ئىشلەپچىقىرىشنى تالاشقان دىگەن كۈلكىلىك گەپ بولۇپ قاپتۇ. :lol
ئەرەبىستاننىڭ نىفىت بازىرىدىكى  ئەڭ چوڭ رەقىبى رۇسىيە ئاندىن  قالسا ئىران، ۋىنسۇئىلا، نىگىرىيە ۋە باشقا ۋاراڭ-چۇرۇڭ دۆلەتلەر.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 12:09:08

ياپونىيەدىكى «تاللاش ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ 2-ئايلىق سانىدا«ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ (شېرىن ئايلىرى) ئاياغلاشتى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى.
__________________________________________
مۇشۇ ئەسلى ماقالىنى ئوقۇپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ. ياپۇنيەدىكى ژورنالمىدۇ ياكى ئىراندىكى ژورنالمىدۇ؟{:92:}

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 16:08:49

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 12:02 static/image/common/back.gif
رۇسيە ۋە ئىرانلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، ئەرەبىستان ھ ...

:handshake  ئىيىتقانلىرىڭىز بەرھەق...

ZULYAR0997 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 21:41:55

ياپۇنىيە ئامېرىكىنىڭ ئۇكىسى تۇرسا، ئامېرىكا ياپۇنىيەنى مۇشۇنداق ماقالە ئېلان قىلىشقا بۇيرۇغاندۇ.
بۇنداق ماقالىلەرنى ياپۇنىيە خوجائاكىسىنىڭ بۇيرۇقىسىز ئېلان قىلارمۇ.
ئاللىقانداق يېڭى بىر پىكىرگە بىزنى ھەيدەۋاتقاندۇ.
بەلكىم CIA دىكىلەرنىڭ بىر پىلانىنىڭ باشلىنىشى ياكى بىر قىسىمى.

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 22:37:22

ZULYAR0997 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 21:41 static/image/common/back.gif
ياپۇنىيە ئامېرىكىنىڭ ئۇكىسى تۇرسا، ئامېرىكا ياپۇنىيە ...

تەھلىل دىگەننى ژىتىۋىتىدىغان بوپ كىتىپ بارىسىلەر جۇمۇ....

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 23:09:33

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 23:44:39

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 23:09 static/image/common/back.gif
سىز قاچان مۇشۇنداق تەھلىل قىلىشنى ئۆگىنەرسىزكىن؟

راست دەيسىز بۇنداق تەھلىل قىلىشقا بىر تۈمەنلىك كاللا بولمىسا بولمايدۇ

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 23:48:58

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 23:56:35

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 23:48 static/image/common/back.gif
شۇنداقمۇ؟ بەك كۈلدۈرۋەتتىڭىز. ئادەم قېرىغانسىرى ك ...

داتلىشىپ كىتىدۇلا ئەمەس ئاسارە ئەتىقىغا ئايلىنىپ مۇزىيخانىغا كىرىپ كىتىدۇ دەڭە

بولدى تېمىنى پاخال قىلمايلى ئەمدى، تېمىغا مۇناسىۋەتلىك گەپلەر بولسا دىيىشەرمىز

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 00:03:29

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 00:14:30

سەئۇدىنىڭ ئامىرىكىغا بويسۇنماسلىقى ئىھتىمالدىن بەكلا يىراقتىكى ئىش دەپ ئويلايمەن، ئاۋۇ خەۋەرنى مەن پەقەت ياپۇنيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى نىفىت باھاسىنىڭ قايتا داۋالغۇشىغا بولغان ئەندىشىسى دەپ چۈشەندىم.
ئاۋۇ بۇرادەرنىڭ گىپىگە كەلسەك،  ئامىرىكىنىڭ بۇيرۇقىسىز ياپۇنيەدە ماقالە ئېلان قىلغىلى بولمايدۇ دىگەن قارا يۇمۇرىنى ئاڭلاپ يا كۈلۈشىمنى يا يىغلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 00:46:54

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 00:57:24

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 00:46 static/image/common/back.gif
ھە تاراتقۇدىكى پاراڭنى دېگەنمىتىڭىز.   
مەنمۇ سەئۇدى ...

ئامىرىكا بىلەن روسىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ ئورتاق كىسىشىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. ھەر ئىككىلا تەرەپ شاھماتنى ياخشى ئوينايدۇ.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 01:11:43

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 01:27:28

پۇتىننىڭ باياناتچىلىقىنى يەنە باشلاپسىزغۇ :lol:lol
ئامىرىكى ۋە ناتونى ئوكرائىناغا قورال ۋە ئەسكەر كىرگۈزدى دىيىشتىن بۇرۇن ئوكرائىناغا ئەڭ دەستلەپ كىم ئەسكەر كىرگۈزدى، قىرىمنى كىم يۈتىۋالدى شۇنى ئويلاپ بېقىش كېرەكقۇ دەيمەن.
سىزگە دىسەم ھىچكىم ئامىرىكىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى ئەخلاقى جەھەتتىن توغرا دەپ ئويلىمايدۇ ھەم ئۇنداق تەلەپمۇ كۈتمەيدۇ، ئەمما روسىيەنىڭ قىلغانلىرى ۋە قىلىۋاتقانلىرى ئامىرىكىنىڭكىنى بېسىپ چۈشسە چۈشىدۇكى ھەرگىز كام ئەمەس...

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 01:39:24

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 02:48:41

قىزىق گەپلەركەن بۇ. سەلمان دېگەن نەق ئامرېكاپەرەسلىكى بىلەن داڭق چىقارغان ئاداشتى بىلىشىمچە.
سەئۇدى خانلىقىنىڭ ئۇلى كومپارتىيە بىلەن ئوخشاش چىڭمىكىن. يېقىن كەلگۈسىدە غۇلاپ چۈشىشى يوق پاراڭ.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 03:33:52

ئارتۇق ئويلاپ كېتىپسىز. مەن تېمىغىلا ئىنكاس يازدىم، ئىنكاسلارنى ئوقۇمىدىم.
سەئۇدىنىڭ كېيىنكى تەخت ۋارىسى ئاجايىب غەربپەرەس، 10-20يىل ئىچىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىنى مەن بىلمىدىم.
بەت: [1] 2 3
: ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «شېرىن ئايلىرى» ئاياغلاشتىم...