parxat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 21:52:06

كۆركەم ۋە ئىقتىدارى كۈچلۈك ئېكران كەسمە رەسىم قورالى


Ashampoo Snap بولسا ئىنتايىن نەپىس لايىھەلەنگەن، ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئېكران كەسمە رەسىمىنى ھاسىل قىلىش دېتالى بولۇپ، پۈتۈنلەي يېڭى نەشىردىكى Ashampoo Snap 7 گە ئېنىقلىقى يۇقىرى رەسىم، ۋىدىئو ۋە ئېكران پىرويىكسىيە ھۆججىتى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان، بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى تېز، ھەمبەھىرلەشنى قوللايدۇ.
Ashampoo Snap قاچىلانغاندىن كىيىن، ئېكراننىڭ ئۈستى قىسمىغا ئاپتوماتىك يوشۇرۇنىدىغان تېزىملىك ستونى ھاسىل قىلىدۇ، مائۇس سىترىلكىسى ئېكران ئۈستى قىسمىغا بارغاندا، يۇمشاق دېتالنىڭ تېزىملىكى ئاپتوماتىك پەيدا بولىدۇ، تىزىملىك ئىچىدە ۋىدىئو ھاسىل قىلىش، كۆزنەك كەسمە رەسىمى ھاسىل قىلىش، ۋاقىت بەلگىلەپ رەسىم ھاسىل قىلىش، رايون بەلگىلەپ كەسمە رەسىم ھاسىل قىلىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تاللاش تۈرلىرى بار.
مەزكۇر دېتال يەنە ھاسىل قىلىنغان رەسىمنى تەھرىرلەش ئىقتىدارىنىمۇ ھازىرلىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك، رەسىمگە ھەرخىل بەلگە ۋە ئۈنۈملەرنى قوشقىلى بولىدۇ.

مەزكۇر دېتال يېشىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، توردىن چۈشۈرگەندىن كېيىن، ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى AshampooSnapPortable.exe ھۆججىتىنى ئىجرا قىلسىلا بولىدۇ. يۇمشاق دېتال كۆرۈنمە يۈزى خەنزۇچە، نەشىر نۇسخسى Ashampoo Snap 7.0.10 ، بۇ يۇمشاق دېتالغا يەنە ئەمەلىيەتكە يىقىن بولغان ياردەم قوللانمىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن.
Ashampoo Snap 7 دىكى بىر قىسىم يېڭىلىقلار:
1. بىر كۇنۇپكا بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى قوشۇلغان، ئېكران كەسمە رەسىمى ھاسىل قىلىش باسقۇچى ئەلالاشتۇرۇلغان.
2.پۈتۈنلەي يېڭى لايىھە ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئارقا باشقۇرۇش سۇپىسى قوشۇلغان.
3. ئېكران يۈزىدە كۆرۈنىدىغان ھەرقانداق ئوبېكىتنىڭ كەسمە رەسىمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
4. بىر كۇنۇپكا بىلەن ئوبېكىت تاللىغىلى بولىدۇ.
5. رەسىم رەڭگى ۋە ئۇسلۇبىنى خالىغانچە بېكىتكىلى، ئالدىن كۆرگىلى بولىدۇ.
正在上传...
يۇمشاق دېتال ئورگان تەرەپ تور بېكىتى: www.ashampoo.com
يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
ئىنگىلىزچە ئەسلى نەشىرى
خەنزۇچە يېشىل نەشىرى
ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتال يېشىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، توردىن چۈشۈرگەندىن كىيىن، ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى AshampooSnapPortable.exe ھۆججىتىنى ئىجرا قىلسىلا بولىدۇ

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 12:00:34

رەھمەت .سىزنىڭچە قانداق ئىشلەتسەك ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايمىز؟

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 16:41:57

بۇنىڭدا بىرەر مەسىلە يوقتۇ  ؟  مەن گۇمانلىنىپ قالدىم ..

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 21:04:40

elipbe يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 16:41 static/image/common/back.gif
بۇنىڭدا بىرەر مەسىلە يوقتۇ  ؟  مەن گۇمانلىنىپ قالدىم ..

خەنزۇچە يېشىل نەشرىدە ئېلان بار شۇ:lol

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 22:00:42

ئەخلەتچى پەرھاتمۇ سىز؟
بەت: [1]
: كۆركەم ۋە ئىقتىدارى كۈچلۈك ئېكران كەسمە رەسىم قورالى