izden يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 21:15:01

چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئىزدىنىش تورىدىكى بارلىق ئەزىز دوستلار، كەمىنە يېڭى ئەزا ئىزدەندىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام. مەن يىقىنىڭ ياقى چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى بار دوستلارنىڭ ۋە چەتئەل تىلى ئۈگىنىش ئارزۇسى بار دوستلارنىڭ ئىشەنچىلىك ۋە مۇقىم بولغان بىر توربەتنى تاپالمايۋاتقانلىقى ، ئىزدىگەن بولسىمۇ ياخشى بىر توربەتنى تاپالمايۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ  چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرى ۋە چەتئەل تىلى ئۈگىنىش ئۇچۇرلىرىنى ئىزچىل يوللاپ كىلۋاتقان ۋە ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ كىلۋاتقا ئىزدەن تورۇ ھەققىدە سىلەرگە ئاز تولا ئۇچۇر توپلاپ كەلدىم .ئىزدىنىش تورىدىكى باشقۇرغىلارنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ،كۆپلىگەن دوستلارنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇشى ئۈچۈن تېمامنى تەستىقلەپ قويىشىنى تۆۋنچىلىك بىلەن ئۆتىمەن . بۇ بىر ئىلان ئەمەس بەلكى ئۆز مىللتىمىزنىڭ تىخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ۋە بىلىملىك قىرىنداشلىرىمىزنىڭ تىخىمۇ جىق يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈندۈر .
ئىزدەن تورى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى رەسمىي ھالدا ئىزدەن تىل تەربىيلەش تور دەرسخانىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ،تور بېتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا تور دەرسخانىسىدا ئۆتۈلگەن دەرسلىكلەر،تىل ئۈگىنىش ماتىرىياللىرى ،كومپىيۇتېر بىلىملىرى،تىلفۇن بىلىملىرى ۋە توربەت ياساس بىلىملىرى ئاساس قىلىنغان مەزمۇنلار ئاساس قىلىنغان ئىدى. 2013-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا تىل ئۈگىنىش ماتىرىياللىرى ۋە چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى ئاساس قىلغان توربەتكە ئۈزگەرتىلدى . تور بېتىمىز قۇرۇلغان ئىككى يىرىم يىل جەريانىدا تىل ئۈگىنىش ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرتىلى ،خەنزۇتىلى ،ئىنگىلىزتىلى،تۈرك تىلى ،روس تىلى،ياپۇن تىلى ۋە كومپىيۇتېر بىلىملىرى بىلەن ،چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى بار دوستلارئۈچۈن مەخسۇس سەھىپە ئىچىپ تۈركىيە، ئامىرىكا،ئەنگىليە ،گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىدۇق . تور بېتىمىزدە يەنە چەتئەلدە ئوقىۋاتقان دوستلارنىڭ چەتئەلدىكى تەسىراتلىرىنى يوللاش ئارقىلىق چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى بار دوستلار ئۈچۈن چەتئەلدە ئوقۇش ھاياتى ھەققىدە ئاز –تولا چۈشەنچىلەرگەئىگە قىلدۇق . ۋەتىنىمىز ئىچىدىكى دوستلىرىمىزنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشى ئۈچۈن كىرەكلىك بولغان پاسپورت ۋە چاقىرىق قەغەز ھەققىدە مەسلىھەت بەردۇق ۋە دوستلارنىڭ پاسپورت بىجىرىشى ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن باھا ،ئەڭ ئىشەنچىلىك ئوقۇش چاقىرىقى ۋە تۇققان يوقلاش چاقىرىقى ئەۋەتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدۇق . ئەلا ۋە ئىشەنچىلىك مۇلازىمەتىمىز بىلەن دوستلارنىڭ قوللىشى ۋە ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ كەلدۇق.   يىقىندىن بىرى تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇسى باردوستلار ئۈچۈن تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا قانداق ئىلتىماس قىلىش ھەققىدە ئۇچۇرلارنى بەردۇق .دوستلارنىڭ توغرا ۋە تېز ئىلتىماس قىلىشى ئۈچۈن<<تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش سىن دەرسلىكى >>نى ئىشلەپ تارقاتتۇق . يۇقارىقى خىزمەتلەرنى ئىشلەش جەريانىدا ئازبولمىغان نەتىجە ۋەبىلىملەرگە ئىگە بولدۇق . بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرشىمىزئۈچۈن توربېتىمىز ئۈچۈن ئۈن –تۈنسىز توھپە قوشۋاتقان توربېكەت مەسئولى ۋە توربەت باشقۇرغۇچىلىرى،بىزنى قوللاپ بىرۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ توھپىىسى ئالاھىدە زور رول ئوينىدى .يىقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئىزدەن تورىنى ۋەتىنىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق بىرئوقۇغۇچىلار تور بېتى ،داڭلىق بىر تىل ئۈگىنىش ماكانى ،چەتئەلگە چىقىش ئوقۇش ئارزۇسى بار دوستلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇچۇر ماكانى قىلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.كەڭ دوستلارنىڭ ئىزدەن تورىمىزنى يېقىندىن قوللاپ –قۇۋەتلەپ بىرىشىنى ،تىل ئۈگىنىش ئارزۇسى بار ئەمما قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەيۋاتقان ، تىل ئۈگىنىش ماتىرىياللىرى تاپالمايۋاتقان ،چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى بار ئەمما ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۇچۇرلارنى تاپالمايۋاتقان شۇ قىرىنداشلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىزدەن تورىنىڭ سىزگە پايدىسى بولمىسا بەلكىم يىنىڭىزدىكى مىڭلارچە بىلىم ئىلىش ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز ئىنتىلۋاتقان قىرىنداشلىرىڭىزغا پايدىسى بولىشى مۇمكىن .بىزنى قوللىغانلىقىڭىز يىنىڭىزدىكى قىرىنداشلىرىڭىزنى قوللىغانلىقىڭىز ،ئۆزمىللىتىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈن –تۈنسىز تىرىشۋاتقان شۇ جاپاكەش مەۋھۇم دۇنيادىكى قىرىنداشلىرىڭىزنى قوللىغانلىقىڭىز .ئىزدەن تورى – ئىزدەنگۈچىلەر تورى ،ئىزدەنتورى –ئىزدەنگۈچى ياشلىرىمىزنىڭ تورى.

www.izden.cc - توربەت ئادرىسىمىز


ئۈندىدار سالون:izdencc

تور بېتىمىزنىڭ تىخىمۇ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ دوستلارنىڭ تەكلىپ –پىكىرىنى ھەردائىم قىزغىنلىق بىلەن ئاڭلايمىز ۋە تەكلىپى بويىچە ئەڭ ئىلغار توربېكەت بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز، تەكلىپ –پىكىربىرىش ئۈچۈن بىزگە ئۇچۇر يوللاڭ .


Email:  izden@outlook.com, izdensoft@gmail.com


ئىزدەن تورى ئالما ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئەپ ياسىغان بولۇپ مۇشۇ 20 كۈن ئىچىدە ئالما ئەپ بازىرىدىن چۈشىرەلەيسىز . سىز پەقەت ئەپ بازىرىدىن izden ۋە ياكى uyghur دەپ ئىزدەپ چۈشۈرسىڭىزلا يىڭى ئۇچۇرلارنى تىلفۇنىڭىزدىمۇ كۆرەلەيسىز.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 17:08:28

مىنىڭ بىر ياتاقدېشىم بار،ئامرىكىغا چىقىپ ئىنژىنىرلىقتا ئوقۇيمەن دەيدۇ،ئەپسۇس ئۇ بۇ تىمىنى كۆرۈپ چۈشۈنەلمىگۈدەك چۈنكى ئۇ مىنكاۋخەندە.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 17:26:43

anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 17:08 static/image/common/back.gif
مىنىڭ بىر ياتاقدېشىم بار،ئامرىكىغا چىقىپ ئىنژىنىرلىق ...

ئالى مەكتەپتىما|  سىز..

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 12:47:22

azharbag يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 17:26 static/image/common/back.gif
ئالى مەكتەپتىما|  سىز..

ياق،ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر شەخسىي تىل تەربىيەلەش مەكتىۋىدە...ياتاقتا ئۇنۋىرستىت ئوقۇغۇچىللىرىمۇ،چەتئەلگە چىقىش ئالدىدا ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ،شىركەتتە ئىشلەۋاتقان باللارمۇ بار.ئىشقىلىپ ئاجايىپ ئادەملەرنى كۆرىدىكەنمىز...
بەت: [1]
: چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى ھەققىدە