Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 14:00:55

قارلىق يولدا سەيلە قىلىش

قارلىق يولدا سەيلە قىلىش

ۋاقىت ئۆتىدۇ تامچىپ، تامچىپ
چۈشتىن بۇرۇننىڭ مەنىسىزلىكى.
بىر تامچە يېشىمىزنى ئېقىتىپ قويساق
بىلىنمەيدۇ چىنلىقنىڭ رەھىمسىزلىكى .

مەڭىز تىلار سوغۇق ھاۋادا
ياقىمىزنى كۆتۈرۈپ ماڭغىنىمىزدا،
بىز پۈتمەس بىر ھىجراندا، بەرھەق
پۈتىمىز بىر كۈنى ئىڭەك تاڭغىنىمىزدا .

قەدەم ئاستىدا غارسىلدايدۇ قار
ھاياتتىن ئېغىر ھەر بىر ئاۋاز.
قەلبىم تېگىدە ياڭراق كۆلەڭگە
ئاچچىق ئۈمىد كەينىدە بار باھار.

          2015ـ يىل 2-ئاينىڭ 3-كۈنى  

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 08:11:43

بەت: [1]
: قارلىق يولدا سەيلە قىلىش