nur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:11:01

[شېئىر] ئەرقالغا مەدھىيە



ئەرقالغان مەدھىيە



كەلدۇق بىز ئەرقالـغـا ئەردەك بولغىلـى،
ئـۈگىنىپ روھلىنىپ كـۆكـتـە ئۇچقىـلى.
بىلمىسەك سوراپ بىز ئىلىپ مەسلىھەت،
بـۇ سـودا جـىڭـىـدە زەپـەر قـۇچـقـىـلـى.



كـەلدۇق بىز ئـەرقالغا ئەردەك بولـغىـلى،
تـاپـقـىلى ئەجـدادنـىڭ ئـىـزى-يولـىـنى.
تونۇشـۇپ تىپىـشـىپ بىر گەۋدە بـولـۇپ،
بـىـرىـشــكـە ئۆز-ئـارا يــاردەم قولـىـنى.



كـەلـدۇق بـىـز ئەرقالغا ئەردەك بولغىلـى،
بـىـرلىشـىپ كـىـلەچـەك يولـى ئاچـقـىلى.
ئـىـزدىنـىپ تـىـرىشىپ قىلىپ تەپەكـكـۇر،
ئـەۋلاتـقا يـول ئىچـىـپ ئۈمـىـد تـاپـقـىـلى.



كەلـدۇق بـىـز ئەرقـالغا ئـەردەك بولـغـىـلى،
قـاراڭــغــۇ يولــلارغــا چـىـراق تــاپـقىـلـى.
ســۇغـۇرۇپ،ئـاغـدۇرۇپ ئـەجىر سىڭدۈرۈپ،
كەلـگۈسى ھـوسـۇلـغـا ئـۇرۇق چـاچـقـىـلى.



كەلـدۇق بـىـز ئەرقالـغـا ئـەردەك بـولـغـىـلى،
يـىـقـىـن دوسـت،ئـاكـىجـان ئۇستاز تاپقـىلـى.
بـىـر ئـۆمـۈر ئـازماسـقا ھـەقـىـقـەت ئـۈچـۈن،
زىـيـانـسـىـز نـۇرانــە بــىــر يــول تـاپـقـىـلى.



كـەلـدۇق بـىـز ئـەرقـالـغـا ئـەردەك بولـغـىـلى،
كــەسىــپـكـە مەسـلـىـھەت بـىـلـىـم ئالـغـىـلى.
ئـىشـىرىـپ مەنـىـــۋى كـۈچــلـۈك ئــاسـاسـقـا،
چىراغ بوپ بـىـر ئـۆمـۈر ئـۆچـمـەي يـانـغـىـلـى.



كـەلـدۇق بـىـز ئـەرقـالـغـا ئـەردەك بـولـغـىـلـى،
بىرلىـشىـپ كـۈچ قوشـۇپ مـىلـلـەت سـۆيـگـىـلى.
تـەڭ تـارتـىــپ جــاپــانى تــەڭ كـۆرۈپ راھــەت،
خــەلــقــىــمـىـز يــولـىـدا ئــوتـتــا كۆيــگــىـلى.



كـىـلـىـپ بـىـز ئــەرقالــغــا ئـەردەك بـولـغـىـلـى،
ئــالــدۇق بـىـز ھـىسـاپـسـىز مــەنـىـۋى ئــوزۇق.
بـــەل بـاغــلاپ نـىشـانــغــا ھــۇررا دەپ تــوۋلاپ،
قـەلبـىـمـىـز كۈنــسـىـرى بــوپ كەتــتــى يـورۇق.



كـىـلـىــپ بـىـز ئـەرقالـــغـــا ئـەردەك بـولـغـىـلـى،
يـىـشـىـلـدى كـۆڭـۈلــــدە قـىـيـىـن تــۈگـــۈنـلــەر.
تــاپــــقـــاچــقـا ئـــەرقــالــدا تـوغــرا جـــاۋاپــنـى،
خــــۇش بــولــوپ يـايـراپـلا كــەتـتـى كـۆڭــۈلــلـەر.



ئۈمىـدلەر-تـىــلەكــلــەر ئــۆرلــىــگــىــن ئــەرقـــال،
يــول ئىـچـىـپ قــۇرۇتــقــىـن مـــەنــىــۋى قاقــشـال.
ئــاچــقــايـســەن مـىــلــلـەتـنـىڭ ئـەقــلــى كـۆزىـنـى،
يــوقــاتــقــىـن يولــدىـــكـى كـــۆرۈنـمــــەس ئازگــال.



زەپـەرقــۇچ كــۆكــكــە يــەت يـول بــاش بـول ئەرقــال،
يــاخـشــى يـــول ئـۈمـىــدكـە بـاشــلـىـغـىـن دەرھــال.
سـىـنـىڭــدىـن تـارالـــدى يــىـڭـى بــىــر ئــۇچــقــۇن،
ئـۆرلــەتـكـىن چـۈشـۈشــكـە قـىـلـغـىـن سـەن ئــامــال.

بۇ شېئىرنى مەن 2014.يىلى 2.ئاينىڭ ئاخىرىدىكى تۇنجى قىتىملىق ئەرقال ئىگىلىك تېكلەش مۇسابىقىسدە يىزىپ ئوقۇغان بولۇپ گەرچە ئارلىقتىن بىر يىل ئۆتكەن بولسىمۇ لىكىن يەنىلا تورغا يوللاپ قويۇشنى ئويلاشتىم.ھەم 2015.يىللىق ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىدىكى ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

Ablazewolf يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:55:55

ئېسىل مەزمۇنلۇق، ياخشى چىققان شېئىركەن. مەنمۇ سىلە بىلەن ئوخشاش تىلەكتە...

asman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:58:25

شېئىرنىڭ مەزمۇنى ياخشىكەن، لېكىن ماۋزۇ شېئىرغا چۈشمەپتۇ، يەنە كىلىپ ئاۋۇ بۆلەكلەر ئارتۇق بولۇپ قاپتۇ.

nur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 12:05:35

asman يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 11:58 static/image/common/back.gif
شېئىرنىڭ مەزمۇنى ياخشىكەن، لېكىن ماۋزۇ شېئىرغا چۈشمەپ ...

شېئىرنى يازغاندا  ۋاقىت  ئالدىراشچىلىقىدا يىرىم سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىنغانلىقى سەۋەپلىك ماۋزۇ قويماپتىكەنمەن،شۇڭا بايا يەنە ئالدىراپ كىتىپ شۇنداقلا ماۋزۇ قويۇپ قويغان . سىز دىگەندەك خاتالىقلار كۆرۈلۈشى ئىنىق . تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 14:36:39

يانفۇندا خەتلەر مۇنداق چىقۋاتىدۇ،،،،،
يازغاندا مۇشۇنداق ئۇسلۇپتا يازغانمۇ ياكى……
كەلـدۇق بـىـز ئەرقـالغا ئـەردەك بولـغـىـلى،
قـاراڭــغــۇ يولــلارغــا چـىـراق تــاپـقىـلـى.
ســۇغـۇرۇپ،ئـاغـدۇرۇپ ئـەجىر سىڭدۈرۈپ،
كەلـگۈسى ھـوسـۇلـغـا ئـۇرۇق چـاچـقـىـلى.

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 14:38:56



كـەلـدۇق بـىـز ئـەرقـالـغـا ئـەردەك بـولـغـىـلـى،
بىرلىـشىـپ كـۈچ قوشـۇپ مـىلـلـەت سـۆيـگـىـلى.
تـەڭ تـارتـىــپ جــاپــانى تــەڭ كـۆرۈپ راھــەت،
خــەلــقــىــمـىـز يــولـىـدا ئــوتـتــا كۆيــگــىـلى.



كـىـلـىـپ بـىـز ئــەرقالــغــا ئـەردەك بـولـغـىـلـى،
ئــالــدۇق بـىـز ھـىسـاپـسـىز مــەنـىـۋى ئــوزۇق.
بـــەل بـاغــلاپ نـىشـانــغــا ھــۇررا دەپ تــوۋلاپ،
قـەلبـىـمـىـز كۈنــسـىـرى بــوپ كەتــتــى يـورۇق.



كـىـلـىــپ بـىـز ئـەرقالـــغـــا ئـەردەك بـولـغـىـلـى،
يـىـشـىـلـدى كـۆڭـۈلــــدە قـىـيـىـن تــۈگـــۈنـلــەر.
تــاپــــقـــاچــقـا ئـــەرقــالــدا تـوغــرا جـــاۋاپــنـى،
خــــۇش بــولــوپ يـايـراپـلا كــەتـتـى كـۆڭــۈلــلـەر.

tokqi123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 16:01:19

ياخشى يېزىلغان  شېئىركەن!ئەرقالنىڭ گۇللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمىز!

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 17:50:51

مىنىڭ تقلفۇنۇمدىمۇ ئوخشاش.. ........غەلىتە. ھەرىپلەر

eyyub يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 19:32:02

ئەرقال قۇرغۇچىسى قۇدرەت ياقۇپنىڭ ئۆزىنى خارۋاد ئەركىسى دەپ ئاتىۋېلىشى ماڭا بەكلا غەيرى بىلنىشىدۇ.

nur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 19:41:39

eyyub يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 19:32 static/image/common/back.gif
ئەرقال قۇرغۇچىسى قۇدرەت ياقۇپنىڭ ئۆزىنى خارۋاد ئەركىس ...

ئەجەپ  قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز قىرىندىشىم ، خارۋارد ئەركىسى دىگەننى ئۇ ئۆزى قويىۋالـمىغان،باشقىلار دەسلەپتىن باشلاپ شۇنداق ئاتىغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىشىۋاتقان ئادەت .

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 20:35:26

ئىگىلىك تىكلىڭىزمۇ ؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 20:37:26

nur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 19:41 static/image/common/back.gif
ئەجەپ  قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز قىرىندىشىم ، خارۋارد ئ ...

ئارقالنىڭ بارلىق تەشۋىقاتىدا شۇنداق ئاتاۋاتىدىغۇ ، سىزنىڭ باشقىلار دىگىنىڭىز ئارقالدىن باشقىنى كۆرسەتسە توغرا بولىدۇ

eyyub يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 20:47:58

nur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 19:41 static/image/common/back.gif
ئەجەپ  قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىز قىرىندىشىم ، خارۋارد ئ ...

چۈشەندىم.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 21:37:53

تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇزۇنراق يازالىسىڭىز، ئاندىن ئابدۇقەييۇم ئېمىنغا ئوقۇتۇپ پىلاستىنكا قىلىپ نەشر قىلدۇرسىڭىز بۇمۇ بىر ئىگىلىك بولۇپ قالغۇدەك جۇمۇ.....

Ablazewolf يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 21:49:00

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 20:37 static/image/common/back.gif
ئارقالنىڭ بارلىق تەشۋىقاتىدا شۇنداق ئاتاۋاتىدىغۇ ، س ...

ئەرقال قۇرلماستا، تېخى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا شۇنداق خارۋارد ئەركىسى دەپ  نامى چىققان يېگىت ئۇ.  

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 22:18:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hakaniye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 22:30  

ئەرقالنىڭ ئۇيغۇر ئىقتىزادىغا بەلگىلىك تەسىر ئىلىپ كىلەلەيدىغانلىقىغا بىر قىتىملىق نۇتىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن تېخىمۇ ئىشەندىم.ئۇيغۇردىن بىشىنى كۆتۈرگەنلا ئادەم بۇلسا بىر چىشلىۋالمىساڭلار چىشىڭلار قاماپ قالارمۇ قېرىنداشلىرىم،خارۋارىت ئەركىسى دىگەن سۈپەتنى قۇترەتنى دەسلەپ تۇنۇشتۇرغان يازمىدا تۇنۇشتۇرغان ئاپتۇر تىلغا ئىلىپ سۈپىتىگە ئايلاندۇرۇغان ئەگەر ئۆزىنى ئۆزى شۇنداق ئاتىسا نىمە بۇپتۇ ؟! ئىۋۇ كۇچىدىكى ئاپتاپ سۇنۇپ يۇلدىن ئۆتكەنلەرنىڭ بىرنىمىسىنى خاجايدىغان بىكار تەلەت خۇتۇنلاردىن پەرقىڭلار بۇلسۇن ھىچ بۇلمىسا كۇنۇپكا تاختىسىدا خەت باسالايدىغان ساپاسىڭلا بۇلغاندىكىن.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 22:28:19

غاجاش دىگەن قالپاقنى تىپىۋاپتىكەن بۇ باللا ، بۇ يىل بۇ قالپاقنى كەيدۈرۈش ئەجەپ مودا بولدى دىسە

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 22:35:29

غاجىغۇچى بىكار تەلەت خۇتۇنلارنىڭ ساپاسى كۆتۈرۈلگىچە مۇدىدىن قالمايدۇ:lol

eyyub يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 22:38:23

hakaniye يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 22:35 static/image/common/back.gif
غاجىغۇچى بىكار تەلەت خۇتۇنلارنىڭ ساپاسى كۆتۈرۈلگىچە م ...

پىكىر مۇستەبىتلىكى قىلمىسىڭىزغا تورداشلار. براۋنىڭ ئۆزىنى خارۋارد ئەركىسى دەپ ئاتىۋېلىشىنى ياكى باشقىلارنىڭ شۇنداق ئاتىۋېلىشىنى مەن ياقتۇرمايدىكەنمەن. بۇ مېنىڭ ئەركىنلىكىم. خارۋاردا تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن بىر ئۇيغۇرنى خارۋارد ئەركىسى دەۋېلىش ماڭا بىر خىل تېتىقسىز تۇيۇلدى شۇ، ئەركىنلىك بېرىڭلار ئۇنداق قىلماي ئادەمگە

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 23:26:34

hakaniye يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 22:35 static/image/common/back.gif
غاجىغۇچى بىكار تەلەت خۇتۇنلارنىڭ ساپاسى كۆتۈرۈلگىچە م ...

غاجىدى دىگەن قالپاقنى كىيىپ قالماسلىق ئۈچۈن چىشىمنى چىقرىشتىنمۇ  ئىھتىيات قىلىۋاتىمەن
بەت: [1] 2
: [شېئىر] ئەرقالغا مەدھىيە