jeSat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 10:54:59

گەر سۆيگۈ شۇ قەدەر ئۇلۇغ بولسىمۇ


گەر سۆيگۈ شۇ قەدەر ئۇلۇغ بولسىمۇ،
ئەرزىمەس قىلچىلىك كۆز-ياش تۆكۈشكە.
سەن مەغرۇر ياشاشقا ئادەتلەنگەنغۇ!؟
مەن كەيىپ-ساپادا خۇشال يۈرۈشكە.


ئۇنتۇپ كەت ھەممىنى، ئۇنتۇش- بىر بەخىت،
ئۇنتۇپ كەت شۇ مىسكىن ئىسمىمنى ھەتتا.
قالماسمىز ئەمدى بىز بەلكىم ئۇچرىشىپ،
ئاھ، بۇ تار، زۇلمەتلىك، بەتتام ھاياتتا.

مەيلىلا، قولۇڭنى تۇتسۇن باشقىلار،
مەيلىلا، كىم سۆيسە سۆيسۇن لېۋىڭگە.
خوشلاشتىم ئاخىرى چىداپ-چىدىماي،
مەن قالدىم بۇ يەردە يەككە-يىگانە.

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 16:24:17

ئاخىرى ئىدىيىڭىزدە بۇرۇلۇش بوپتۇدە...

NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 13:18:56

راس گەپ قىلسام شېئېرلىرىڭنى بۇرۇنقىدەك ياقتۇرۇپ ئوقۇمايدىغان بولۇپ قالدىم،نىمىشقا دەمسەن؟مىنى ئازراقمۇ ھاياجانغا سالالماس بولۇپ قالدى،بۇرۇنقىدەك تەلۋىلىك يوق،ئەسەبىيلىك يوق،چۈشكۈنلۈك يوق،پارتلاپ چىققان ھېسىيات ۋە پۇرقىراپ تۇرغان ئازاپلار يوق،ئۆزۈڭنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك تۇرىسەن

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 14:08:17

مەن قالدىم بۇ يەردە يەككە-يىگانە
زارىقش ئىچىدە كەينىڭدىن قاراپ
مەيلىلا، كىم سۆيسە سۆيسۇن لېۋىڭگە
ھەمرادۇر ماڭىلا پەقەتلا ئازاپ
بەت: [1]
: گەر سۆيگۈ شۇ قەدەر ئۇلۇغ بولسىمۇ