Aziz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 10:36:52

مەركەز رادىيوسىدا ئىسلام بىلىملىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمى، داڭلىق مەسجىدىمىز ئۈرۈمچى بەيتۇلمەئمۇر جامەسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىمامى شېرىپجان داموللامنى تەكلىپ قىلىپ، ئىسلام دىنىمىز ھەققىدە بىر قاتار رادىيو لېكسىيەلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ ئاڭلىتىپتىكەن. بۇ ئاڭلىتىشلارنى شۇ رادىيونىڭ تور بېتى
http://www.uycnr.com/zt/yslzdsx
دىن ھازىرمۇ ئاڭلىغىلى بولىدىكەن.



مەن توردىن ئاڭلاي دىسەم، بەك تولا قېتىۋېلىپ، ئىچىمنى پۇشۇردى، چۈشۈرۈپ ئاڭلاي دىسەم تېخنىكام يەتمىدى. شۇڭا سىلەردىن چۈشۈرىۋېلىش ھەققىدە ياردەم سورىغاچ، ئاڭلاپ باقمىغانلار بولسا، ئاڭلاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىپ، بۇ تېمىنى يازدىم. (قېتىۋالغان يېرىگىچە ئاڭلاپ باقتىم، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق تارقىتىش ۋاستىسىدا بۇنداق سۈپەتلىك لېكسىيەنى چىشىم چىقىپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. بەك سەۋىيەلىك، سۈپەتلىك بىلىندى. شۇڭا سىلەرگىمۇ تەۋسىيە قىلىشىم.)

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 13:31:10

يەنىلا رادىيو دىن ئاڭلاۋېرىڭ،چۈشۈرۈپ ئاڭلىسىڭىز بەكرەك قېىتپ قالارمىكىن.........

Bighem0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 14:09:40

Toghra chushurup anglisa bekla qetip qalidu

ghura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 15:12:46

مۇھتەرەم ھاجىمنىڭ بىلىمى يۇقىرى، جۇڭگۇچە مۆتىدىل ئ‍ىسلام بىلىملىرىنى بەك ياخشى سۆزلەيدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 15:17:26

شېرىپجان داموللامنىڭ تەرجىمھالىنى بىلگۈم كىلىۋاتىدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 15:17:30

شېرىپجان داموللامنىڭ تەرجىمھالىنى بىلگۈم كىلىۋاتىدۇ.

yurak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 15:27:16

ئاچسام ئاڭلانمايدىغۇ؟  ئۇ تورنىڭ نەرىدىن قانداق ئاڭلايمىز.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 15:32:14

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 15:48:12

رەھمەت قېرىندىشىم !بەك ئاڭلىغىنى بولمىسا   tapqu     دىگەن يانفۇن دىتالىدىن ‹‹توردىكى رادىئۇ››سەھىپىسىدىنمۇ ئاڭلىغىنى بولىدۇ

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 15:53:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kilimat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-21 15:57  

بۇ توربەتتە قېتىۋالىدىكەن

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 17:20:58

شىرىپجان داموللام ئۆلۈپ كەتكەن بولغىيتى ؟ ھازىرقى ئىمام شۇ شىرىپجان داموللامنىڭ ئوغلى ، شىنجاڭ ئىسلام ئېنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى موھتىرەم شىرىپجان ھاجىمغۇ دەيمەن .

MOHADDIS يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 17:49:56

مۆتىدىل ئىسلام دېگەن ئاتالغۇ ماڭا غەلىتە تۇيۇلىدۇ. قانداق پەيدا بولغاندۇ؟ چۈشەنچە بەرسەڭلار

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 18:20:32

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 17:20 static/image/common/back.gif
شىرىپجان داموللام ئۆلۈپ كەتكەن بولغىيتى ؟ ھازىرقى ئىم ...

  شېرىپجاننىڭ ئوغلى شېرىپجان بولامدۇ؟ :lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 18:22:17

MOHADDIS يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 17:49 static/image/common/back.gif
مۆتىدىل ئىسلام دېگەن ئاتالغۇ ماڭا غەلىتە تۇيۇلىدۇ. قان ...

  ماڭىمۇ غەلىتە تۇيۇلدى.  {:97:}

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 18:34:27

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 18:23 static/image/common/back.gif
رادىكال پىكىرنى ئاز قىلىدىغان. بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيانى  ...

مۆتىدىل ئىسلام بىلەن ئىسلامدىكى مۆتىدىللىكنىڭ پەرقى بارمىكىن دەيمەن...

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 18:42:59

MOHADDIS يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 18:54:18

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 18:42 static/image/common/back.gif
ھەقىقى ئىسلامنىڭ ئۆزى ئىنتايىن مۆتىدىل پۈتۈن دۇنيا خ ...

مۆتىدىل ئاتالغۇسىنىڭ مىسىردا ئاتىقى يامان، بۇ يەردە مۆتىدىل ئىسلام دېمەك- ئىسلامنى خۈنۈكلەشتۈرۈش، بىر قىسمىنى ئېتىراپ قىلىپ، بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىش، بۇرمىلاش ۋە ئىسلامنى غەربلىكلەرگە، خرىستىئانلارغا ئىگىپ بېرىش خاھىشى ئېغىر بولغان ئېقىمنى كۆرسىتىدۇ. بۇيەردىكىسى جۇڭگۇچە مۆتىدىل ئىسلامدىن پەرقلىق ئۇخشايدۇ ئۇنداقتا

eyyub يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 18:57:22

ئىسلامنىڭ ئۆزى بىر مۆتىدىل دىن. ئەمما، ئىسلامنى «مۆتىدىل ئىسلام» دەپ ئاتاش ئىسلامدىكى مۆتىدىللىك مۇۋازىنىتىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغۇچىلار تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان.....
مۇسۇلمانلار ئۇيقۇ دورىسى ئىچىۋالسا «مۆتىدىل ئىسلام» گورۇھىنىڭ نەمۇنىلىك ئەزالىرىدىن بولالايدۇ.

turken يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 20:26:12

qassap يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 18:22 static/image/common/back.gif
ماڭىمۇ غەلىتە تۇيۇلدى.

تەرجىمالى

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 20:49:06

qassap يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 18:20 static/image/common/back.gif
شېرىپجاننىڭ ئوغلى شېرىپجان بولامدۇ؟

مۆھتىرەم شىرىپجان
  شىرىپجاننىڭ ئوغلى موھتىرەم
مۆھتىرەم ئىسمى ئىكەن، تەكەللۇپ سۆزى ئەمەس
بەت: [1] 2
: مەركەز رادىيوسىدا ئىسلام بىلىملىرى