bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 08:24:41

بىلىمخۇمار: «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە

«پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى

مەن يېقىندا تونۇشتۇرغان «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى» نىڭ بەشىنچىسى «جۈرئەت، جاسارەت ياكى غەيرەت» بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەپ چۈشەندۈرۈلگەن ئىدى : «ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئېتىقادىنى قوغداشقا جۈرئەت قىلىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ تەشۋىشلىرىنى تولۇق چۈشىنىڭ، ھەمدە ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزدە بار بولغان بارلىق ئېسىل پەزىلەتلەر (integrity) نى ساقلاپ قېلىڭ. بۇ ئىشلارنى قىلىشتا تۆلەيدىغان بەدەللەر ئۆزىڭىز تۆلەشنى خالايدىغان مىقداردىن ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ شۇنداق قىلىڭ.»

مەن يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت بەزى خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم، ھەمدە تورلارغا چىقىرىلغان بەزى رەسىملەرنى كۆردۈم. شۇنىڭدىن كېيىن چوڭقۇر ئويغا پېتىپ، ئۆز-ئۆزۈمدىن مۇنداق سوئاللارنى سورىدىم: «بۇ قانداق ئىش؟ بۇ ئىشلار نېمە ئۈچۈن يۈز بېرىدۇ؟ بۇنداق ئىشلارنى قايسى پەندىكى قانداق ئىلمىي نەزەرىيەلەر بىلەن چۈشەنگىلى ۋە چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ؟ ھازىرقىدەك شارائىتتا ئاشۇنداق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن كىشىلەر قايسى ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟» مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ئۆزۈم ئۇچراتقان ئەھۋال ۋە ھادىسىلەرنى بىر ئىلمىي ئاساس بىلەن چۈشىنىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشنى ئۆزۈمگە بىر ئادەت قىلىۋالغان ئىدىم. شۇڭلاشقا بۇ قېتىممۇ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە دۇنيانىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئىشلارنى ئىلمىي ئاساستا چۈشىنىۋېلىش يولىدا ئازراق ئىزدەندىم. مېنىڭ مەزكۇر ماقالىدە يازىدىغىنىم ئاشۇ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئېرىشكەن بىر قىسىم ئىلمىي ئۇچۇرلاردىن ئىبارەت.

مەن بۇ يەردە ئالدى بىلەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق بىر مەزمۇننى تەسۋىرلەپ ئۆتىمەن.

مەن ئۆزۈمنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئۆمرىدە، مىللەت ئۈچۈن ياخشىراق خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، ئۆز كەسپىمنى ئۈچ قېتىم تەبىئىي-پەندىن ئىجتىمائىي پەنگە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىپ، كېيىن ئۇنداق قارارلىرىمدىن ۋاز كېچىپ باقتىم.

بىرىنچى قېتىم 1980-يىللىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، مەن ئۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ رادىيو-ئېلېكتىرونىكا كەسپىدە باكلاۋۇر ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا خۇ ياۋباڭ ئەپەندى مەملىكەتلىك پارتىيە باش سېكرېتارى بولۇپ، ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق «ئۈچ دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنى» ئېچىلىپ، ئەمدىلا تاماملانغان مەزگىللەر ئىدى. ئاشۇ قېتىملىق يىغىندا ئۈچنى 60 پىرسەنت قىلىش، يەنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قىلىش، ئىشچىلارنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قىلىش ۋە كادىرلارنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قىلىش قارار قىلىنغان ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئاشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ رەئىسلىرىنى يىغىپ، يۇقىرىدىكى قارارغا نىسبەتەن ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى سۆزلەپ بېقىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بىر سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. مەن ئۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، بۇ يىغىنغا قاتناشقان بىردىنبىر ئۇيغۇر ئىدىم. مەن بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن ناھەق پىكىرلەرگە چىداپ تۇرالماي، تىترەپ كەتتىم. شۇنداقلا مەن (1) ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان بىرسى بولغانلىقىم، (2) يىغىندا خەنزۇ تىلىدا سۆزلەشكە مەجبۇرى بولغانلىقىم، (3) مېنىڭ كەسپىم تەبىئىي-پەن بولغانلىقى، ۋە (4) مەن مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان بىردىنبىر ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن (قالغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ رەئىسلىرىنىڭ ھەممىسى خەنزۇ مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەسپىمۇ ئاساسەن ئىجتىمائىي پەن ئىدى)، مەن ئۆز پىكىرلىرىمنى ئىپادىلەشتە ناھايىتى پايدىسىز ئورۇندا تۇرۇپ قالدىم. بۇ ئىشتىن كېيىن مەن بىر قانچە ھەپتە ئويلىنىپ، مىللەت ئۈچۈن ياخشىراق خىزمەت قىلىمەن، دەيدىكەنمەن، مەن چوقۇم ئۆز كەسپىمنى «سىياسەت ئىلمى» (political science) كەسپىگە ئۆزگەرتىشىم كېرەككەن، دېگەن تونۇشقا كەلدىم، ھەمدە كەسپىمنى ئېلېكتىر كەسپىدىن سىياسەت كەسپىگە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىپ، قارارىمنى شۇ چاغدىكى فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇلتان مۇئەللىمگە ئېيتتىم. ئەمما سۇلتان مۇئەللىم ماڭا «سىز ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدىڭىز. ئۇنداق بولۇشىڭىزدىكى بىر مۇھىم سەۋەب، ھازىرغىچە تەبىئىي-پەن كەسپىدە ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە سىزدەك ئوقۇغان بىرەرى چىقىپ باقمىدى، ئەگەر كەسىپ ئۆزگەرتسىڭىز، سىزنىڭ بۇنداق ۋەكىللىك خاراكتېرىڭىز يوقاپ كېتىدۇ» دېگەن مەزمۇندا چۈشەنچە بېرىپ، مېنىڭ قارارىمغا قوشۇلمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆز كەسپىمنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇرى بولدۇم.

ئىككىنچى قېتىملىقى مەن ئامېرىكىدا ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىقى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، مەن بىر ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى خىزمەت ئورنىغا بېرىپ، بىر ھەپتە ئىشلىگەندىن كېيىن، ئەھۋالنىڭ مەن بۇرۇن ئويلىغىنىمدەك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇ خىزمەتتىن ۋاز كەچتىم. مەن بۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كېيىنچە بىر مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلانغاندا تەپسىلىي بايان قىلىمەن.

ئۈچىنچى قېتىملىقى بۇنىڭدىن 4-5 يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى «سىياسەت ئىلمى» كەسپىدە يەنە بىر ئۇنۋان ئېلىش ئىشى بولدى. مەن ئۆزۈم كىچىكىمدىنلا ئىجتىمائىي پەنلەرگىمۇ ئىنتايىن قىزىقىدىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي پەنلەرگە ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرۈشنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن «سىياسەت ئىلمى» ۋە «خەلقئارا مۇناسىۋەت» دېگەندەك كەسىپلەرگىمۇ ناھايىتى قىزىقىپ ياشىدىم. ئامېرىكىدا ئىشتىن سىرت ياكى ئاخشىمى ئوقۇپمۇ باكلاۋۇرلۇق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىنى ئالغىلى بولىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭدىن 4-5 يىل بۇرۇن مەن بىزنىڭ ئۆيگە 35 كىلومېتىر كېلىدىغان كالىفورنىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشتىن سىرت ئوقۇپ، «خەلقئارا مۇناسىۋەت» كەسپى بويىچە بىر ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىشقا نىيەت قىلدىم. ئەمما ئۇ مەكتەپنىڭ دەرسلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرسەم، مەن تاللىماقچى بولغان دەرسلەر ئاخشاملىرى ئەمەس، ساپلا كۈندۈزلىرى ئۆتۈلىدىكەن. مەن ئۇ چاغدا NASA مەركىزى JPL دە بىر ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، كۈندۈزدىكى خىزمىتىمنى تاشلاپ، ئۆز كەسپىم بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق بىر ساھەدە دەرس تاللىسام بولمايدىغان بولغاچقا، بۇ ئارزۇيۇمدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرى بولدۇم. ئەمما ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئۆگىنىشنى توختاتمىدىم. مەن مەزكۇر ماقالىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە پارچە ماقالىدە تونۇشتۇرىدىغىنىم ئەنە شۇنداق ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق توپلىغان بىر قىسىم بىلىملەردۇر.

ئەمدى گەپنى رەسمىي تېمىغا يۆتكەي. ھازىر دۇنيادا بۇنىڭدىن 2500 يىل بۇرۇن ئىجاد قىلىنىپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر خىل توقۇنۇشلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە پايدىلىنىلغان، ئەمما پەقەت 1940-يىللىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن بىر رەسمىي پەن بولۇپ شەكىللەنگەن، ھازىر بولسا ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم ئەللەردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە ھەربىي ئاكادېمىيەلەر بىر مۇھىم دەرس سۈپىتىدە ئۆتىدىغان بىر پەن بار. ئۇنىڭ ئىسمى «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» تىن ئىبارەت. ئۇ ئۇرۇش مەزگىلى ۋە تىنچلىق مەزگىلىنىڭ ھەر ئىككىسىدە كىشىلەرگە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بىر پەن بولۇپ، ئۇ ئۇرۇش مەزگىللىرىدە قوشۇنلارنى قوغدايدىغان، ۋە زەربە بېرىش كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدىغان قىرغۇچى ئەمەس ئۇرۇش قوراللىرى سىستېمىسى بولالايدۇ. سىز پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنى ئۆزىڭىز نىشان قىلغان دۈشمىنىڭىز ھەققىدىكى ھەممە ئۇچۇرلارنى، مەسىلەن، ئۇلارنىڭ ئېتىقادلىرى، ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان نەرسە ياكى ئىشلىرى، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقلىرى، ۋە ئۇلارنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرى ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىپ، ئۇلاردىن دۈشمىنىڭىزنى يېڭىشتىكى ئەڭ مۇھىم قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىش ئارقىلىق ئېلىپ بارىسىز. شۇڭلاشقا پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش دېگىنىمىز ھەر خىل خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرىدىن پىلانلىق ھالدا پايدىلىنىپ، سىز نىشان قىلغان كىشىلەر توپىنىڭ ئىنسانىي پوزىتسىيىلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردا ئۆزىڭىزنىڭ مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەر، ھېسسىياتلار ۋە پوزىتسىيەلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.

مەن مەزكۇر ماقالىدە پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ھەققىدە بىر ئومۇمىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن. كېيىنكى بىر قانچە پارچە ماقالىلەردە بولسا پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ يەنە بىر قانچە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ مەزمۇنلاردىن بىز ئاز خەۋەردار بولۇش ھەر بىر ئادەمنىڭ ھازىر ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل ئەھۋاللارنى، ۋە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ھەر خىل توقۇنۇشلاردىكى بىر قىسىم مۇھىم ئەھۋاللارنى ئىلمىي ئاساستا توغرا ۋە تولۇق چۈشىنىۋېلىشىنىڭ بىر مۇھىم شەرتى بولۇپ، مەن مەزكۇر تېما ئۈستىدە يوللايدىغان ماقالىلەرنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە بۇنىڭدىن ئارتۇق توختالمايمەن. ئۇلارنىڭ مۇھىملىقىنى ئوقۇرمەنلەردىن ماقالىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزلىرى ھېس قىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن ماقالىسىدە ، «كۆڭۈلنى پىروگراممىلاش» دېگەن بىر ئىلمىي ئۇقۇمنى تونۇشتۇردۇم. كۆڭۈلنى پىروگراممىلاش تەدبىرىنى بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە، بىر گۇرۇپپا كىشىلەر يەنە بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە، ياكى بىر جەمئىيەت كىشىلىرى يەنە بىر جەمئىيەت كىشىلىرىگە قوللىنىدىغان بولۇپ، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ماھىيەت جەھەتتىن كۆڭۈلنى پىروگراممىلاشقا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەمما پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭرەك بولۇپ، بىر قوۋم يەنە بىر قوۋمغا، بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە، ھەمدە بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ئىشلىتىدۇ. پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتىن پايدىلىنىش دۇنيادا يېقىنقى 50 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ناھايىتىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەسىلەن، ئامېرىكا ئىراقنى بېسىۋېلىشتىن بۇرۇن ۋە بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە كۆپلىگەن رادىيو ۋە تېلېۋىزور ئىستانسىلىرىنى قۇرۇپ، ھەر يىلى نەچچە مىليون دوللار پۇل خەجلەپ، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ئېلىپ باردى. ئامېرىكا ئۇنداق قىلىشنى ھازىرمۇ ئىنتايىن كۈچەپ داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئوخشاش بىر مېدىيە شىركىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان، ئوخشاش بىر ۋەقەنى مەزمۇن قىلغان، ئەمما ئىراق بىلەن ئامېرىكىدا تارقىتىلىدىغان ئىككى خىل خەۋەر بىر-بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىكى مېدىيە شىركەتلىرىگە سۆزلەش ئەركىنلىكى بەرگەن بولسىمۇ، ئىراقتا تارقىتىلىدىغان تەشۋىقات مەزمۇنلىرىنى ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇيغۇرلار ياشىغان زېمىنلاردىمۇ 16-ئەسىردىن تاكى 1949-يىلىغىچە ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي، ھەربىي، دىنىي ۋە دىنىي تونلارغا ئورىنىۋالغان سىياسىي ھۆكۈمدار كۈچلەر ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشلارنى زادىلا ئۈزۈپ قويمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىدەك بىر خىل پىسخولوگىيەلىك ھالەتكە كىرىپ قېلىشىدا ئەنە ئاشۇنداق تارىخ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. شۇڭلاشقا مەن ئوقۇرمەنلەردىن مۇشۇ ماقالە بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن تەييارلايدىغان پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ھەققىدىكى ماقالىلەرنى ئوقۇغاندا، ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقىدەك تارىخلىرى بىلەن باغلاپ ئوقۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

تۆۋەندە مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ مەزمۇنلىرىنى بىر قانچە كىچىك بۆلەكلەر بويىچە بايان قىلىمەن.


1. پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ قىسقىچە تارىخى

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىر قىسىم ئىدىيەلىرىنى بۇنىڭدىن 2500 يىل بۇرۇن جۇڭگولۇق ھەربىي ئالىم سۈنزى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ چاغلاردا «پسىخولوگىيە ئىلمى» دېگەن پەن مەۋجۇت بولمىغاچقا، سۈنزى ئۆزىنىڭ ئىدىيەلىرىگە «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دەپ نام بەرمىگەن، ئەمما پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئىدىيەلىرىنى ئۇ ئەينى ۋاقىتتىلا ئوتتۇرىغا قويغان. تارىختا زور كۆپ زېمىنلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان ئىمپېراتور ئالېكساندېر (ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، Alexander the Great) ۋە موڭغۇللارنىڭ دۇنياغا داڭلىق داھىيسى چىڭگىزخان قاتارلىق مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتا پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ ئىدىيەلىرىنى پايدىلانغان بولۇپ، مەن بۇ ھەقتە كېيىنكى ماقالەمدە ئايرىم توختىلىمەن.

كىشىلەر «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆزنى ئەڭ دەسلەپتە ئىشلەتكەن كىشى ئەنگلىيەلىك ھەربىي ئانالىزچى ۋە تارىخشۇناس فۇللېر ئەپەندىم (J. F. C. Fuller)، دەپ قارايدۇ . فۇللېر 1920-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش تېخنىكىلىرىدا قانداق يېڭى يۈكسىلىشلەر يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، كەلگۈسىدە بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ئۇرۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئورنىنى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشلار ئالىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئۇرۇشلاردا ھەربىي قوراللار ۋە ئۇرۇش مەيدانلىرىغا ھېچ قانداق ئېھتىياج قالماي، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنسانلارنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاش، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۈجىمەللەشتۈرۈش، بىر دۆلەت خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە روھىي ھاياتىنى يەنە بىر دۆلەتنىڭ ئىرادىسى بويىچە ھالاك قىلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گەرچە فۇللېر «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆزنى 1920-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇ سۆز ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئاكادېمىيە ساھەلىرىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئانچە بەك تارتىيالمىدى. ئۇنىڭدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئۆزى ئېلىپ بارماقچى بولغان بەزى تەشۋىقاتلارنى «سىياسىي ئۇرۇش» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىگەن بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە فۇللېر ئوتتۇرىغا قويغان «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» نىڭ ئىدىيىسى بىلەن ئوخشاش ئىدى. «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆزنى ئامېرىكا 1940-يىلى رەسمىي يوسۇندا ئىشلەتتى. يەنى، شۇ يىلى 1-ئايدا ئامېرىكىدا «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ۋە ئۇنى ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى» دېگەن بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق ئىرادىسى كومىتېتى «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆزنى ئۆزلىرى بېسىپ تارقاتقان بىر پارچە كىتابتا ئىشلەتتى. ئەمما ئۇ كىتابتا «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» قا بېرىلگەن ئىزاھاتلار 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» قا باشقىلار تەرىپىدىن بېرىلگەن چۈشەنچىلەر بىلەن زادىلا ئوخشىمىدى.

«پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆزنى ئەڭ دەسلىپىدە ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىشلىتىشكە باشلىدى. يەنى ئۇلار بۇ سۆزنى ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا توقۇنۇش تارىخىدىكى بىر خىل ئىش-ھەرىكەتنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دەسلەپكى 10 يىل ئىچىدە «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆز ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئەڭ قىزىقارلىق بەس-مۇنازىرىلەر ۋە ئىلمىي مۇزاكىرىلەردە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن ئالدى.

ئامېرىكىلىقلار «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» ئۇقۇمىدىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كەڭ كۆلەمدە پايدىلاندى. يەنى، ئامېرىكا ھەربىي قوشۇنلىرى بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان، ياكى ئۇلارغا ياردەم قىلغان تەشكىلاتلار ۋە تەشۋىقات ئورۇنلىرىنى «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىدى. ئەمما ئۇ كەڭ-كۆلەملىك ۋە ئۇزۇن-مۇددەتلىك تەشۋىقات ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلمىدى. ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل ئاساسلىق رەھبىرىي ئورگانلىرىمۇ كېيىنچە «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» نىڭ ئورنىغا «سىياسىي ئۇرۇش» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى.

ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېلىپ بارغان پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش بىر ئالدىن پىلانلانغان ئىش بولماستىن، پەقەتلا نەق مەيداندا مەيدانغا چىقارغان ئىشلاردىنلا ئىبارەت بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولدى. ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەر ئىككىسى مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئىدارىلەردىن مەخسۇس خادىملارنى تاللاپ، ئۇلارنى مەخسۇس تەربىيەلەپ ، ئۇلارنى ھەربىي قوشۇنلارغا، ئۇرۇش مەيدانىدىكى قوشۇنلارغا، ۋە ئالاھىدە ھەربىي قىسىم باش شتابىغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇنداق ئىشلار ياپونغا قارشى ئۇرۇشتىمۇ ئوخشاش تەرىقىدە داۋام ئەتتى. ئۇ چاغلاردا پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشقا مەسئۇل ئورۇنلار ئاساسەن ھەربىي ئاخبارات ئورۇنلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىلدى. تەشۋىقات خىزمەتلىرى بىلەن ئۇرۇش پىلانلىرى ئاساسەن مۇۋاپىق ھالدا ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلمەي، تەشۋىقات ئىشلىرى ھەربىي مەشغۇلاتلارنىڭ بىر قىسمى تەرىقىسىدە ئەمەس، ئۇلاردىن ئايرىم مەشغۇلاتلار سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلدى. چەت ئەلدىكى رايونلاردا پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنى قوللىنىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە پىلانلاش ئىشلىرى ھەر بىر قوماندانلىق مەركەزلىرى ئىچىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ تەشكىللىنىش ئەھۋاللىرى ئۇرۇش مەيدانلىرىغا قاراپ ئوخشاش بولمىدى.

ئامېرىكىدا 1953-يىلىغا كەلگەندە «ئامېرىكا ئۇچۇر ئىدارىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر رەسمىي، ئۆز-ئۆزىنى مۇستەقىل باشقۇرۇش يېرىم ئىشقا ئاشۇرۇلغان بىر ئورۇن ۋۇجۇدقا كەلدى.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بىلەن كورېيە توقۇنۇشىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قانچە تارماقلىرىغا قاراشلىق چەت ئەللەردىكى تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر يېڭى قۇرۇلمىغا بولغان ئېھتىياجمۇ زور دەرىجىدە كۈچەيدى. چەت ئەللەرگە ئائىت ئاخباراتلارغا مەسئۇل بولغان بىر قانچە ئورۇنلارنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئورۇنغا «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆزگە يېقىن بولغان «پىسخولوگىيەلىك ئىستراتېگىيە» دېگەنگە ئوخشاش سۆزنى ئىشلىتىش بىر تەبىئىي يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترۇمېن (Truman) 1950-يىلى «پىسخولوگىيەلىك ئىستراتېگىيە ئىدارىسى» نى قۇرۇپ، بىر قانچە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتقان چەت ئەللەرگە ئائىت ئاخبارات ئۇچۇرلىرى ۋە پىسخولوگىيەلىك ئىستراتېگىيە خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويدى. 1953-يىلى ئۇ ئىدارىنىڭ ئىسمى «مەشغۇلاتلارنى ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى» گە ئۆزگەرتىلدى. 1961-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى كېننېدى ئۇ ئىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

مەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى مەزكۇر ماقالىنىڭ 3-بۆلۈمىدە بايان قىلىمەن.


2. پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ئۇقۇمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن ئۇقۇم ئوخشىمىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئەڭ كۆپ تارقالغان ژۇرناللار ۋە ئىلمىي ئەسەرلەردە قوبۇل قىلىنغان مەنىلىرىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەش مۇمكىن:

(1) پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش دېگىنىمىز 1-دۆلەت 2-دۆلەتنىڭ ياكى بىر چەت ئەلنىڭ خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىش-ھەرىكىتىگە 1-دۆلەتنىڭ ئارزۇسى بويىچە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللانغان بارلىق تەدبىرلىرىنىڭ جۇغلانمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تەدبىرلەر 1-دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي بايلىق مەنبەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. تەشۋىقات پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ ئاساسىي قىسمى بولۇپ، بىردىنبىر قىسمى بولمايدۇ.

(2) پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش يۇقىرىقىدىنمۇ كەڭرەك دائىرىدىكى ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، سىمۋوللۇق خاراكتېرىنى ئالغان زوراۋانلىق ئىش-ھەرىكەتلەر، ۋە رەقىبنى ئۆز ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىشكە قايىل قىلىش ياكى ھەيۋە قىلىش مەقسىتىدە لايىھەلەنگەن تېررورلۇقلار قاتارلىقلار. ئۇ يەنە جاسۇسلۇققا ئوخشاش مەخپىي ھەرىكەتلەرنى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە ئۇنىڭ ھوقۇق، نوپۇز ۋە دەرىجە تۈزۈمى تۈزۈلمىسىنى باشقا بىر شەكىلگە ئۆزگەرتىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان ئىش-ھەرىكەتلەر (subversion) نى، مەخپىي ئۆلتۈرۈش، تېررورىزملىق ۋە ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىشلار بەزى ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىش-ھەرىكىتىنى چىرىتىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.

(3) پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش يەنە «مېڭە يۇيۇش»، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ۋە بەزى كوممۇنىست ئەللەردە ئىشلىتىلىدىغان، ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مىجەزىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(4) پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش يەنە ئۆز خەلقىنىڭ ئاممىۋى پوزىتسىيەسىنى چىرىتىشنى، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كېتىدىغان پارتىزان ئۇرۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي-ھەربىي ئىش-ھەرىكەتلەرنى، شۇنداقلا دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇنتىزىم ئەسكەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئىش-پائالىيەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 20 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپا ئەللىرىدە، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى رولى ھەققىدە بىر ئورتاق چۈشەنچە شەكىللىنىشكە باشلىدى. كىشىلەر قوبۇل قىلغان بىر ئورتاق خۇلاسە شۇ بولدىكى، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش دېگىنىمىز بىر ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئالدىن پىلانلانغان تەرىقىدە كونترول قىلىشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئىش-ھەرىكەتلەر پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلانمايدۇ .

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش يېقىنقى زامانلاردا «پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار» (Psychological operations, psyops) دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى مۇنداق: ئاڭلاش ئوبيېكتلىرىغا تاللانغان ئۇچۇرلار ۋە كۆرسەتكۈچلەرنى يەتكۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھېسسىياتلىرى، مەقسەتلىرى، ۋە سەۋەبلەرنى ئوبيېكتىپ ھالدا چۈشىنىش ئىقتىدارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش، ئەڭ ئاخىرىدا نىشان قىلىنغان تەشكىلات، گۇرۇپپا ۋە شەخسلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىش. ئۇنى مەلۇم بىر ئۇرۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئېلىپ بارغاندا، ئۇ بىر ئىنتايىن كۈچلۈك قورالغا ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى چەكلەپ قويىدىغان نەرسە پەقەت ئۇنى قوللانغان قومانداننىڭ چېۋەرلىك دەرىجىسىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ .

«پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار» غا بېرىلگەن يەنە بىر ئېنىقلىما مۇنداق: دۈشمەنلەشكەن، قارشىلاشقان، بىتەرەپ يول تۇتقان ۋە دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان چەت ئەل گۇرۇھلىرىدا ئۆزىنىڭ مىللىي مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولغان ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پىلانلانغان ۋە ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى پائالىيەتلەردىن ئىبارەت.


3. پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

كورېيە ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ئىشخانىسى» نى قۇردى. شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا (North Carolina) شتاتىدا بىر پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش مەركىزى ۋە بىر پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش مەكتىپىنىمۇ قۇردى. ھەمدە ئاشۇ قۇرۇلمىلاردىن پايدىلىنىپ، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش نەزەرىيىلىرىنى كودلاشتۇرۇش (رەسمىيلەشتۈرۈش) ۋە ھەربىي خادىملارنى مەخسۇس تەربىيەلەش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى. شۇنىڭدىن كېيىن پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشقا بولغان قىزىقىش ئامېرىكىنىڭ بارلىق ھەربىي قوشۇنلىرىغا كېڭەيدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشقا ئائىت يېڭى ئۇقۇم ۋە يېڭى ئېنىقلىمىلار مەيدانغا كېلىپ، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش تەلىماتلىرىمۇ ناھايىتى چۈشىنىشلىك قىلىندى. بۇرۇنقى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش (psywar) دېگەن سۆز «پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار» (psyops) ۋە «پىسخولوگىيەلىك پائالىيەتلەر» (psychological activities) دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بەردى.

ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ساھەسىدە تۇتقان يول ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئامېرىكا ئىشلەتكەن «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆز قالغان دۆلەتلەردە ئىشلىتىلىپ كەلگەن باشقا سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمراق بولغىنى، قالغان ئەللەرمۇ كىرىزىس ۋاقىتلىرىدا پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان، ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن ۋە ئالاھىدە قوراللار بىلەن قوراللانغان بىر ئالاھىدە قوشۇنغا بولغان ئېھتىياجنى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلدى. ئاشۇنداق ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كۆپلىگەن ئەللەر ئامېرىكىغا ھەربىي ئوفىتسېرلارنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئامېرىكىدىكى ھەربىي مەكتەپلەردە تەربىيەلىدى.

ھازىرقى زامان پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشى بۇرۇنقى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشىدىن تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە تۈپتىن پەرقلىنىدۇ:

(1) پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش تىنچلىق ۋە ئۇرۇش مەزگىللىرىدە پايدىلىنىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە پىسخولوگىيەلىك ۋاسىتىلەردىن ئىبارەت 4 چوڭ ۋاسىتىنىڭ بىرى سۈپىتىدە رەسمىي ئېتىراپ قىلىندى. شۇنداق بولغاچقا، ھازىر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى چەت ئەللەرگە قاراتقان سىياسەتلەر ئۈستىدە مۇھىم قارارلارنى ئالغاندا، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئامىللار بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويىدۇ.

(2) خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىدىكى يېڭى تەرەققىياتلار نىشان قىلىنغان كىشىلەرگە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئىشىنى ناھايىتى ئاسان ۋە ئۈنۈملۈك قىلىۋەتتى. ھازىر تەشۋىقات ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار قىسقا-دولقۇنلۇق رادىيو، فىلىم، تېلېۋىزور پىروگراممىلىرى، ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك خەت بېسىش تېخنىكىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەشۋىقات ئوبيېكتلىرىغا ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا يەتكۈزەلەيدۇ.

(3) خەلقنىڭ رايىنى سىناش، تاللانغان كىشىلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىش، تاللانغان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئانالىز قىلىش، ۋە چەت ئەلدىكى گۇرۇھلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش تېخنىكىسىدىكى يېڭى تەرەققىياتلار مەلۇم بىر گۇرۇھ ياكى مەلۇم بىر خەلق ئۈستىدە ناھايىتى توغرا مۆلچەرگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. شۇنداق بولغاچقا، ھازىر پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنى ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان بولۇپ، ھازىر بۇرۇنقىدەك پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش بەزىدە ئۈنۈم بېرىپ، بەزىدە ئۈنۈم بەرمەيدىغان ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلىرى مۇنداق ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنگەن: تاكتىكىلىق پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار، ئىستراتېگىيەلىك پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار، ۋە مۇستەھكەملەش پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلىرى .

تاكتىكىلىق پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار بىر ئالاھىدە دۈشمەن ھەربىي قوشۇنىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇنداق مەشغۇلاتلارنىڭ مەقسىتى دۈشمەننىڭ ھازىرقى ياكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى ئۇرۇش قىلىش ئەھۋالىنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالەتكە ئۆزگەرتىش.

ئىستراتېگىيەلىك پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار نىشان قىلغان دائىرە يۇقىرىقىدىن كۆپ چوڭ بولۇپ، ناھايىتى پۇختا پىلانلاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مۇستەھكەملەش پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلىرىنىڭ مەقسىتى مەمۇرى ۋە ھەربىي رەھبىرىي ئورۇنلار قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلەرنى مۇستەھكەملەش بولۇپ، بۇنى قانۇن-تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىش ۋە ئىجرا قىلىش، بېسىۋالغان رايونلاردا ھۆكۈمەتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشتىكى بىر مۇھىم ئامىل ئاخبارات توپلاش بولۇپ، توپلىنىدىغان ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇنداق ئۈچ چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) تەپسىلىي ئارقا كۆرۈنۈش ئۇچۇرلىرى بولۇپ، ئۇ نىشان قىلىنغان گۇرۇھنىڭ مايىللىقلىرى ۋە ئاجىز نۇقتىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(2) تەشۋىقاتلاردا سىرتقا تارقىتىلىدىغان ئۇچۇرلار. رەقىبنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ماقالىلىرى، مۇخبىرلارغا تارقىتىدىغان ئۇچۇرلىرى، ۋە سۆزلەيدىغان نۇتۇقلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم بىر قېتىم ئىنچىكىلىك بىلەن ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئۆزىگە پايدىلىق ۋە دۈشمىنىگە زىيانلىق تۈسلەرگە كىرگۈزۈش.

(3) ئېلىپ بارغان پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشقا زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلار. تارقاتقان ئۇچۇرلار نىشانلىغان كىشىلەرگە يېتىپ بارالىدىمۇ؟ نىشانلىغان كىشىلەر ئۇ ئۇچۇرلارنى ئېنىق چۈشىنەلىدىمۇ؟ تارقاتقان ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ پايدىلىق قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنى ئېلىپ بارغۇچىلار ئوخشىمىغان دۈشمەن رايونلىرىغا ئوخشىمىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ، يۇقىرىقىدەك سوئاللارغا جاۋاب بولىدىغان ئۇچۇرلارنى توپلاپ، شۇ ئارقىلىق قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشقا ئائىت ئوقۇرمەنلەر بىلىشكە تېگىشلىك يەنە بىر قىسىم مۇھىم مەزمۇنلار بار بولۇپ، مەن ئۇلارنى كېيىنكى ماقالىلەردە تونۇشتۇرىمەن. مەن كېلەر قېتىم تورلارغا يوللايدىغان ماقالىدە تارىختىكى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشلارنى قىسقىچە تەسۋىرلەپ ئۆتىمەن.


4. ئاخىرقى سۆز

چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇكىمىز يېقىندا ماڭا پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ھەققىدىكى بىر لېكسىيەنى تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، مېنىڭ مەزكۇر تېمىنى ھازىر يېزىشىمغا ئاشۇ ئىش تۈرتكە بولدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاشۇ ئۇكىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ھېلىقى لېكسىيەنىڭ مەزمۇنىنى كېيىن تەييارلايدىغان بىر پارچە ماقالىدە ئايرىم تونۇشتۇرىمەن.

بۈگۈن ئەسلىدە مەن «بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ» دېگەن تېمىنىڭ داۋامىنى (يەنى 4-قىسمىنى) يوللايدىغان كۈن ئىدى. ئەمما مەن ئۇنداق قىلمىدىم. مەن ئۇنىڭ ئورنىغا مەزكۇر تېمىنى يوللىدىم. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، مەن تەييارلاۋاتقان «بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ» دېگەن تېما ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنى ئانچە جەلپ قىلالمىدى. مەن بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە كۆپ ئويلاندىم. ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ بالا تەربىيەسى ھەققىدىكى تېمىلارغا قىزىقماسلىقىدا تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بار: (1) ھازىر تورلار ئانچە راۋان بولمىغاچقا، تورغا كىرىدىغانلارنىڭ سانى ئازلاپ كەتتى. (2) ھەر خىل ئەندىشىلەر تۈپەيلىدىن ھازىر تورلارغا كىرىدىغانلارنىڭ سانى ئازلاپ كەتتى. (3) تورغا كىرىدىغانلارنىڭ ئىچىدە كىچىك بالىلىرى بار ئوقۇرمەنلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. بۇ ئەھۋالنىڭ باشقا سەۋەبلىرىمۇ بار بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان مەن بەزىدە ئۆزۈمنى دوزاختا ياشاۋاتقان بىر خەلققە جەننەتنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. بالا تەربىيەسى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، چوقۇم بالا تەربىيەسى بىلەن مائارىپقا ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ كىشىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بالا تەربىيەسىنىڭ سۈپىتى بىلەن مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇ ئەللەردىكىگە يېقىن بىر سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. مانا بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك توغرا ئىشلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى. مەن ھازىرغىچە بالا تەربىيەسى ۋە مائارىپ ھەققىدە خېلى كۆپ نەرسىلەرنى يازدىم. ئۇلارنى يېزىشنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىمەن. «بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ» دېگەن ماقالىنىڭ داۋامىنى يېزىشنىمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن يەنە داۋاملاشتۇرىمەن.


1-رەسىم: پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ماھىيەت جەھەتتىن كۆڭۈلنى قايتىدىن پىروگراممىلاش بىلەن ئوخشاش.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

بىلىمخۇمار: «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى»
http://bbs.izdinix.com/thread-62250-1-1.html

بىلىمخۇمار: «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق»
http://book.menzil.biz/2013/08/05/3070.html

William E. Daugherty: «Psychological Warfare»


Major Ed Rouse: «Psychological Operations/Warfare»
http://www.psywarrior.com/psyhist.html

Psychological warfare

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 10:38:41

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئەپەندى،ياخشىمۇسىز؟قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن....راستىمنى دىسەم سىزنىڭ بۇلتۇرقى ياسىراخۇننىڭ لېكسىيەلىرىنى يوللاۋاتقان چاغدا سىزنىڭ بۇ ئىشلىرىڭىزنى توغرا تاپماي مانا بۈگۈنگىچە تېمىلىرىڭىزنى كۆرمىگەندىم.....بۈگۈن بۇ تېمىنى ئۇقۇپ چىقىپ شۇنداق خوش بولدۇم،ھەم مۇنۇ ئىنكاس ئارقىلىق سىزگە رەھمىتىمنى يوللاشنى ئويلىدىم...........ئارلىقتا نۇرغۇن تېمىلارنى ئۇقىيالمىغان بولساممۇ سىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى تېما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن...!!!!!!!!مانا بۇ مىنىڭ شەخسكە ئەمەس،تېمىغا قارىتا ئىنكاس يازغىنىمنىڭ دەلىلى........مۇشۇنداق ئەمەلى نەپ تېگىدىغان تېمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن...........

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:22:55

بىلىمخۇمار ئۇستاز سىز يازغان يازمىڭىزنى ھەممە ئادەم  ياختۇرۇپ ئوقۇپ كېتىشى ناتايىن .لېكىن  يازمىنىڭ تەۋەلىكى بۇيىچە شۇ كەسىپتكە قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن يازمىڭىزنىڭ پايدىلىنىش قىمممىتى بار دەپ قارايمەن. شەخسەن  مەن سىزنىڭ مائارىپ ۋە دىن جەھەتتىكى يازمىلىرىڭىزنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن.قالغانلىرىنى بولسا قىزىقىشىم بۇيىچە ئوقۇيمەن.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:23:50

ياسىراخۇننىڭ لىكسىيەلىرى پايدىلىق ئەمەسمىكەن ؟  سىزگە پايدىسىز تۇيۇلغان بولسا ئۇ تېمىدىن نەپ ئالغانلار نۇرغۇن ...

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:40:39

كۇپ رەھمەت ،  تىخمۇ كۇنكىرىتراق  بۇلسا تىخمۇ  ياخشى بۇلاركەن .

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 11:49:30

uzakyul يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 11:40 static/image/common/back.gif
كۇپ رەھمەت ،  تىخمۇ كۇنكىرىتراق  بۇلسا تىخمۇ  ياخشى بۇل ...

ئەرزىمەيدۇ.  ئاللاھ خالىسا بۇ تېما بارغانسېرى كونكىرىت بۇلۇشقا قاراپ ماڭىدۇ.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 12:01:37

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 12:02:53

پىسخولۇگىيىلىك ئۇرۇش،كاللا يۇيۇش،مېڭىنى پىروگراممىلاش..دىگەندەك تېمىلارنى  قايتا قايتىلاپ ئوقۇۋاتىمەن.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 12:05:46

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 11:49 static/image/common/back.gif
ئەرزىمەيدۇ.  ئاللاھ خالىسا بۇ تېما بارغانسېرى كونكىرى ...

رەھمەت بىلىم شۇمەر ئاكا ، ئالدىراش تۇرۇپمۇ بىز لەرگە نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىپ نۇرغۇن  قىممەتلىك  ئۇچۇرلارنى يەتكۇزسىز ، تىنىڭىز  ئامان  بۇلسۇن .

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 12:09:46

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 12:10:33

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 12:01 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىلىمخۇمار ئاكا،

كۈندە 3،4 سائەت ئ ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئۇكام!

ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.  مېنىڭ سالامەتلىكىم ھازىر خېلى نورمال (ئاللاھغا مىڭ شۈكرى).  ماڭا بىر ئېلخەت يېزىڭ، ھېلىقى ماقالىنى سىزگە ئېلخەت ئارقىلىق ماڭدۇرۇپ بېرەي: bilimxumarmen@gmail.com

ناھايىتى ياخشى دىنىي تېمىلار يەنە خېلى كۆپ بار ئىدى.  مەن ئاشۇنداق تېمىلارنى كۆتۈرەلەيدىغان بىر ۋەزىيەتكە تەقەززا بولىۋاتىمەن.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 13:06:53

Iamalive يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 12:09 static/image/common/back.gif
ئۇزەك يۇل (ئۈزۈك يول)
ULY نى بىلەمسىز؟ شۇ بويىچە ئوقى ...

بىلمەيدىغان نەرسەم بەك  كۇپ  ئۇگىنۋاتمەن . رەھمەت.

yasir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 15:20:17

بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ يازغان تېمىللىرى قايسىلا تېمىدا بولمىسۇن ،ئۇنىڭدىن مىللەتكە بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببىتىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ.دەرۋەقە مىللىتىمىزنىڭ غېمى كۆپ بولغاچ ،مەلۇم بىر تېمىنى تۇلۇق يۇرۇتۇپ بولماستا تېخمۇ مۇھىم بىر تېمىغا ئۈتۈپ كېتىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن.مەنمۇ بەزىدە ئالىمنىڭ تەن سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ قالىمەن .ئاللاھ تەنلىرىنى ساق قىلغاي.

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 15:24:43

ئىنكاس يازمىغان بىلەن ئۇقۇۋاتمىز ئەركىنكا
«بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ»  دېگەن تېمىدىكى يازمىللىرىڭىزنى تۇلۇق ئۇقۇپ كىلىۋاتمەن.  ئەمما بىر تالمۇ ئىنكاس يازالمىدىم.
مىننەتتارلىقنى بىلمىگىنىم ئەمەس، قانداق مىننەتتارلىق بىلدۈرۈشنى بىلەلمىدىم.
بىز سىزدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇق. بولسا شۇ تېمىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسا.

ھە راست يازمىللىرىڭىزنى بېسىپ چىقىرىپ كىتاپچە قىلىپ ساقلىۋېلىپ ئۇقۇۋاتقانلارمۇ بار.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 15:38:00

muzappar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 16:20:31

قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.رەھمەت.ئىسىل تېما

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 16:27:57

رەھمەت بىلىم خۇمار ئاكا .يەنە بىر ئىسىل تىما يوللاپسىز ، نۇرغۇن خۇنۇك مەسىلىلەر كاللامدا ئايدىڭلاشتى

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 16:28:44

  سىمايى قىلىچىنى يالىڭاچلاپ كەلسە جۇگېلىاڭ ساز چىلىپ ببېرىشى، سىمايىنىڭ بىر بالىسىنى قۇربانلىق قىلىپ بېرىپ قايتقىنىدەك بىر ئىش. پىسخولوگىيە بەك يامان نىمىكەن، ئەركىن ئاكىمىزنىڭ بۇرۇنقى تىمىسىدىكى دىنغا بەك ئىسىلىۋالىدىغان توپنىڭ ئاجىزلىقىنى بايقىغان ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىن ياشلارنى ئاچىقىپ دىنىمىزنى تەتقىق قىلىپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مەقسىدىگە يىتىدىغان ئىدىيەلەرنى سىڭدۈرۈپ قايتۇرىشى بىلەن ئىسلاپ دۇنياسىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتكىنىمۇ يەنى مۇشۇ پىسخولوگىيەگە تەۋە...
  دۆلىتىمىز مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇپ پۇخرالارنىڭ ساپانى ئۈستۈرگەندە تەپەككۈر ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيدىغان پۇخرالاردىن خەقنىڭ دىپىغا ئۇسول ئوينايدىغانلار چىقمايدىغان بۇلىدۇ.
  مۇنبەرلەردە ئاددى بولغان تېخنىكىلارنىڭ بىر-مۇنچە داغدۇغا قوزغىۋىتىشىنىڭ ئۆزىلا كۈپىنچە پۇخرالېرىمىزنىڭ ساپاسىنىڭ ئەينىكى بۇلالايدۇ. تىخى مۇنبەرلەرگە چىقالايدىغانلېرى كۈپىنچىسى شارائىتى ياخشىراق، نىمىلا بولمىسۇن ساۋاتلىق بولغانلېرى دىگەن گەپ...
kaxpiyatqigha uquk hat
mani alahida yukiri tehnika ixlattimikin dap kaptikanman xu qaghda...
kaxpiyatqigha obzor

su /inirgiyg1
su inirgiya 2

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 16:51:24

بۇ تىمىدىكى بۇ گەپنى چۈشنەشكە ئاجىزلىق قىلدىم:
. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان مەن بەزىدە ئۆزۈمنى دوزاختا ياشاۋاتقان بىر خەلققە جەننەتنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم

asalam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 17:26:04

ياسىر قارىنىڭكىنىمۇ سېغىندۇق.
بەت: [1] 2 3 4
: بىلىمخۇمار: «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە