waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 02:35:37

خوتەن دىلپاك لۇڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى خەۋىرى(1)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 02:48  

    ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 19-فېۋرال خەۋىرى؛  خوتەن ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن  دىلپاك سودا چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان  2015-يىلى2-ئاينىڭ 15-كۈندىن 2-ئاينىڭ 22-كۈنگىچە ئۆتكۇزۇلىدىغان  « خوتەن دىلپاك  لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا  داۋاملىق ئىلىپ بىرىلدى.
  2015-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ ئۈرۇمچى ۋاختى 00؛7 دە،  « خوتەن دىلپاك  لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » ھەل قىلغۇچ ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلىدى.
  بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە  تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى بىلەن مۇرات ئادىلجان يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بىرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسىنىڭ چەتئەلدىن تەكلىپ قىلىنغان ئەزاسى ئىئوردانىيەلىك  ئابباس،  قىرانبېك ماقان، ئابدۇرۇپ قاتارلىقلارنىڭ ياخشى ئىپادىسىگە تايىنىپ ئاخىرى 92-79 نەتىجە بىلەن مۇرات ئادىلجان يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە ساھىپخان كوماندا  دېلپاك كوماندىسى بىلەن  ئاكا-ئۇكا مەۋلان مەردانلار يىتەكچىلىگىدىكى كائىنات ئۆي جازىلىرى كوماندىسى  ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بىرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە  دېلپاك كوماندىسى تەكلىپ قىلغان چەتئەللىك ئەزالاردىن  لىبىنسون بىلەن تونى مەيدانغا چىقتى. ئىككى كوماندا ئەزالىرى كەسكىن تىركىشىپ، نۇمۇر قوغلۇشۇپ ماڭدى. ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق ۋاقىتتا ئابدۇسالام گار ئاستىن ئىككى نۇمۇرغا ئىرىشىپ كائىنات كوماندىسى بىر نۇمۇر ئۈستۇنلۇككە تۇردى.  دېلپاك كوماندىسى 20 سىكىنۇتلۇق ھۇجۇم ۋاختىدىن پايدىلىنىپ چەتئەللىك ئەزا لىبىنسوننىڭ ياردەمچى پاس بىرىشى بىلەن ئىسمايىل ئىككى نۇمۇرغا ئىرىشىپ ئاخىرى دىلپاك كوماندىسى 79-78 نەتىجە بىلەن كائىنات ئۆي جازىلىرى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  
  بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقە كەسكىن، كەيپىيات ناھايىتى يۇقۇرى بولدى.  
  مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە ئەتە 2-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ ئۈرۇمچى ۋاختى 00؛7 دىن باشلاپ  داۋاملىق ئېلىپ بىرىلىدۇ.

  ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛  http://waskitbol.com/forum.php

waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 03:17:34

  بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە  تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى بىلەن مۇرات ئادىلجان يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بىرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسىنىڭ چەتئەلدىن تەكلىپ قىلىنغان ئەزاسى ئىئوردانىيەلىك  ئابباس،  قىرانبېك ماقان، ئابدۇرۇپ قاتارلىقلارنىڭ ياخشى ئىپادىسىگە تايىنىپ ئاخىرى 81-69 نەتىجە بىلەن مۇرات ئادىلجان يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 09:01:54

مۇسابىقە ئورنى قەيەردىكەن ؟ بىلەت باھاسىچۇ ؟

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 10:42:50

بېلەت باھاسى قانچە؟ نەدىن ئالىمىز؟
بەت: [1]
: خوتەن دىلپاك لۇڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى خەۋىرى(1)