لاتا شېئىرى (65)«پۇل ھەققىدە ئەبجەش خىياللار » غا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lata تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-19 21:40لاتا شېئىرى (65)«پۇل ھەققىدە ئەبجەش خىياللار » غا
ئەسلى تېما :http://bbs.izdinix.com/thread-62448-1-1.html
پۇل ھاياتىم ، پۇل مىنىڭ جېنىم ،
پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان دىنىم ،
پۇل مۇقەددەس ئىلاھىم ھەتتا ،
پۇل ئالدىدا خاردۇر ۋەتىنىم .
پايدا -مەنپەت ئۈچۈندۇر قەسەم ،
پايدا - ئاللاھ گۇۋاھتۇر دىسەم ،
راست گەپ قىلسام تارتىمەن زىيان ،
سەمىرىمەن ھارامدىن يىسەم .
قۇرئان - ھەدىس سۆزلىمەڭ ! بىكار ،
پۇل ئۈچۈن مەن بولغان مەدىكار ،
پۇل بەرسىڭىز پۈكۈلۈپ يېتىپ ،
ھۆرمىتىمنى قىلىمەن ئىزھار .
پۇل بەرسىڭىز سىز ماڭا داھى ،
پۇل ئالدىدا جالاپمەن گاھى ،
نەخ پۇل بولسا ساتاي ھەممىنى ،
پۇلى بارلار دۇنيانىڭ شاھى .
پۇل ئالدىدا ئىمان - دىيانەت ،
پۇلدىن ئارتۇق ئەمەس ھىدايەت ،
پۇلى يوقلار كۆرەر دۇزاقنى ،
پۇلى بارغا كەلمەس قىيامەت .
شۇڭا مەنمۇ كۆپ پۇل تاپاي دەپ ،
ھەتتا ئاتام-ئانام ساتاي دەپ ،
پۇلغا ئىشىرەت قىلىپ ياتاقتا ،
پادىشاھتەك پوچى ياتاي دەپ .
ساتماق بولدۇم ھەممە - ھەممىنى ،
ئىسىل مېلىم سىڭلىمنىڭ تىنى ،
تىللىمىغىن مەندەك لاتىنى ،
ئويلا ئۈزەڭ قانچىلىك قېنى ؟؟؟؟ مەن ئۇقۇدۇم شئىركەن…… {:112:}{:112:}{:112:} لاتا يامان ئەمەس شېئىر يوللاپتۇغۇ...:P يوقاپ كەتتىڭىزغۇ لاتا؟ بۇ شىئىرنى ماختاشنى نۇمۇس بىلدىم... شىئىر يېزىشقا تىرىشىپتۇ، بىر كىنايىلىك شىئىر ئىكەن
قاپىيەلەر ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ..
ۋەزىن كەمچىل..رىتىم كەمچىل...
كىنايە ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن مەقسەتنى ياقتۇردۇم. ،رەھمەت
ئاپىرىن ! يەنە بىر ئېسىل كىنايە ... :)
بەت:
[1]