يانفوندا كىتاب سېتىشتىن ياردەم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن ئالما يانفۇنى ۋە ئاندرويد يانفۇنلىرىغا ھەقلىق كىتاب سېتىشنى ئويلاشقان.لىكىن ئۇ ئىككى ئورۇن بىلەن قانداق ئالاقىلىشىپ پ د ف كىتابنى ئەۋەتىشنى ھىساباتنى قانداق ئېچىشنى بىلمەيمەن. بىلىدىغانلار يول كۆرسەتسەڭلار.
قېرىنداشلار، ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر. ebuy,amazon
دىگەندەك سودا تور بەتلىرىدىن سېتىۋېلىپ PDF كىتابنى توردا ساتىمەن دەپ قويۇڭ، ھازىرقى شارائىتتا بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، PDF ھۆججەتنى شىفىرلىغىلى بولمايدۇ،بىرسى چۈشۈرۈپ تورغا تارقىتىۋەتسە، ھېچكىم پۇللۇق نۇسخىنى سېتىۋالمايدۇ
ئەگەر كىتابىڭىز ئالاھىدە ياخشى بولسا، قانۇنلۇق تارقىتىش ئۆلچەملىرىگە چۈشسسە ،ئەپ قىلىپ ياساپ ،ئالما ئەپ بازىرى،گۇگېل ئەپ بازىرىدا ھەقلىق قىلپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ
مەسىلەن: قارلۇق، كاككۇك ئەپلىرىدەك مېنىڭ ئۈچ سوئالىم بار
1-ئۆزىڭىز يازغان كىتابلارنى ساتماقچىمۇ
2-باشقىلار ھەقسىز تارقاتقان كىتابلارنى، PDF قىلىپ ھەقلىق قىلىپ تارقاتماقچىمۇ؟
3-نەشىر قىلىنغان كىتابلارنى PDF قىلىپ ساتماقچىمۇ
جاۋاب بەرسىڭىز ماڭا بۇ ھەقتە تەپسىيليراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز قانداق? بەلكىم ھەمكارلىشىپ قالارمىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-23 00:57
كىتاب يېڭى تەرجىمە قىلنغان، توردا تارقىتىلمىغان ئىككى پارچە بولۇپ، بازىرىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم بار.
ھالىتى:پ د ف.
نەشرىياتتىن تەستىقلاتمىغىنىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەزمۇنى نورمال.
خۇرازجان قېرىندىشىمنىڭ تەكلىپىدىن پايدىلانسام، كىتابلارنى ئەپكە ئايلاندۇرىدىغان ئورۇن ۋە قېرىنداشلار بار بولسا ئالاقىلاشسام. ئاندىن ئالما ۋە ئاندرويد يانفونلىرىنى ئىزدەش مەسىلىسىمۇ قېرىنداشلار ياردىمى بىلەن ھەل بولۇپ قالغۇسى، ئىنشائاللاھ!
بەت:
[1]