ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:47:02

مەن ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 20:48  

90-يىللاردا تۇلۇقسىزدا ۋاختىمدا مەن بىلەن ئەۋرە تۇققان كىلىدىغان رىمونتچى ئاكامنىڭ ئۈيىدە ئۆزگىرىشچان توكنى تىرانسىفورماتور ئارقىلىق بىسىم ئاشۇرۇپ ئىشلەتكىنىنى كۆرگەندىن كىيىن بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم.
ئاندىن بىر 5-نۇمۇرلۇق باتارىيەنىڭ تۇكىنى ئىلىكتىرماتورغا بېرىپ گىنراتورنى ئايلاندۇرۇپ توك چىقارسام، ئاندىن تىرانسىفورماتوردا بىسىم ئاشۇرۇپ لامپۇچكىلارنى ياندۇرسام، ئاھ!...
  نىمە دىگەن چوڭ بايقاش!...
يەنە چىققان تۇكىنى ئىلىكتىرماتورنى ئايلاندۇرۇشقا ئىشلەتسەم!...
پۈتۈن مەھەللىمىزدە بۇندىن كىيىن توك ئۈچمەيدۇ، ئاۋۇ توك ئىدارىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلىۋالدىم!...
بۇ نەرسىنى تىزرەك پۈتتۈرۈپ ئاۋۇ توك ئىدارىسىنى يىغىشتۇرە ئىسىل-سەڭگۈللېرىڭنى! بۇندىن كىيىن سىنىڭ تۇكۇڭنى ئىشلەتمەيمىز دەۋەتمىسەم!...
  قاتتىق ھاياجان بىلەن ئىشنى باشلاپ كەتتىم، ئۇ چاغدا تىرانسىفورماتور ئوراشنى بىلىپ بولمىغان بولساممۇ ئۆيدە 50 ۋاتلىق تىرانسىفورماتور، ئۇيۇنچۇقلارنىڭ باتارىيەدە ئايلىنىدىغان كىچىك ئىلىكتىرماتورلېرى بار ئىدى.
  شۇنىڭ بىلەن بىسىم ئاشۇرغۇچ ئارقىلىق 12 ۋولىتلۇق ئاكۇمۇلياتورنىڭ تۇكىنى تىرانسىفورماتور ئارقىلىق بىسىم ئاشۇرۇپ ئىشلەتمەكچى بولدۇم، ئەمما ئۇلىساملا تىرانسىفورماتوردىن چىققان توكقا ئۇلىغان لامپۇچكا لەپ قىلىپ يىنىپلا ئۈچۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۈزۈپ-ئۇلىسام قايتىلانغاندىن كىيىن بىر ئامال تاپتىم. تۇراقلىق توكلۇق كىچىك ئۇيۇنچۇقلاردىن چىقارغان ئىلىكتىرماتورنىڭ چۇتكىسى ئۇلىنىدىغان تاكىتىنى چىقىرىپ يەنە بىر ئىلىكتىرماتورنىڭ ئوقىغا بىكىتىپ ئاندىن چۇتكىسىنى شۇنىڭغا تىگىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ ، ئىلىكتىرماتور ئايلانسا توك نىڭ مۇسبەت ئۇچى يەنە بىر ئۇچقا ئۈزلۈكسىز ئۈزۈپ-ئۇلىنىدىغان قىلدىم، ئاندىن لامپۇچكىمۇ 10 سىكونتچە يانغاندىن كىيىن ئىلىكتىر چۇتكىسى بىلەن تاكىتنىڭ قىززىپ كىتىپ ياخشى توك ئۈتكۈزەلمەيۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. 25 ۋاتلىق لامپۇچكا يىنىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىزىپ كەتسە مەھەللىنىڭ بارلىق تۇكىنى ئۇلىسام قانداق بۇلار؟...
  شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر تاكىت ئالماشتۇرغۇچنى يىڭىلاپ ئورنىتىپ قايتا سىنىماقچى بولدۇم، بۇ قىتىم لامپۇچكىنىڭ ئورنىغا 2 كىلوۋاتلىق توك ئۇچاقنى ئۇلىدىم. ئۇتۇق قازىنىش پەيتلېرى كەلدى دىگەن ھاياجانلىق ئىستەك ۋە قانداق بۇلار؟ دىگەن سۇئال كاللامدا تەڭلا مەۋجۈت ئىدى.
  تەييارلىق پۈتۈپ بولغاندا شېرىن خىياللار ئىلكىدە توكنى شۇنداقلا ئۇلىشىمغا پارس! قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ تاكىت ئالماشتۇرغۇچ كۈيۈپ كەتتى...
  شۇ چاغدا ئاندىن چوڭ يۈككە چوڭ توك ئىقىمى، كىچىك يۈككە كىچىك توك ئىقىمى لازىم بۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندىم...


   دىمەك ‹‹ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش›› بۇلىدىغان ئىش يوقكەن. ھازىرغا قەدەر ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل مەن ئويلىغان ئىلىكتىرماتوردا گىنراتورنى ئايلاندۇرۇپ توك چىقىرىش، چىققان توكتا يەنە ئۆزىنى تەمىنلەش...
دېۋگاتىل ئۈچۈن سۆزۈمنى بۈلۈپ قويدۇم، داۋامىنى دەۋېرەي. 92-يىللېرى 10-ئاي ۋاقىتلېرىدىن ئىلىكتىر كەسپى ئۈگەنگەندىن كىيىن ئەڭ قىزىق تىما يەنە مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل بولدى ، ئالدى بىلەن ئىلىكتىرماتور ۋە تىرانسىفورماتور ئوراشنى ئۈگەندىم، ئۇ چاغلاردا تىرانسىفورماتور ئاساسلىق توك مەنبە ئالماشتۇرغۇچ ئىدى، سۇ پومپىسىمۇ قىممەت ئىدى. 100ۋاتلىق بىر تىرانسىفورماتورنى ئوراپ بىر ياكى ئىككى دانە ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئورنىتىپ موتو ۋە ماشنىلارنىڭ زەرەتلىگۈچى قىلىپ قويساقلا 100 يۈەندىن 150 يۈەنگىچە پۇلغا بېرەتتۇق. ئۇ پۇلغا ئۇ چاغلاردا خېلى كۆپ نەرسىلەر كىلەتتى. ئارلىقتا ئۇستام 150 ۋاتلىق تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ ياساش قىزغىنلىقىغا چۈشۈپ كەتتى. شۇ چاغدىلا ئاندىن مەن ياسىغىنىمنىڭ پەقەت يەككە يۈنىلىشتە توك ئۈتكۈزىدىغانلىقىنى، نورمال بىسىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن چىقىدىغان توكنىڭ ئۆزگىرىشچان 50گىرتىسلىق بۇلىشى كېرەكلىكىنى ۋايىغا يەتكۈدەك چۈشەندىم. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ياندا تۇرۇپ لامپىلارنىڭ كۈيۈپ تۇرغىنىنى كۆردۈم، مەن سۇ پومپىلېرىنى ئوراۋاتقان بولسام ئۇستام باشقا نەرسە ياسىماقچى بولغاندا مىنى قىلىۋاتقان ئىششىمنى تۇختىتىپ يىنىغا كىلىپ كۆرۈشكە چاقىراتتى. ئادەتتە يەنە مەخسوس رادىئو قۇبۇللىغۇچنى چۈشەندۈرگەن بىر كىتاپنى ئۆيگە قايتقاندا تەپسىلى ئۇقۇپ دەپتەرگە كۈچۈرۈشۈم ئۈچۈن چوڭ بىر خاتىرە دەپتەرنى قۇشۇپ بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە كەچلىكى خاتىرە يىزىپلا ئولتارمايتتىم، ئۇستامنىڭكىدە كۆرگەن نەرسىلەرنى ئۆيدە تەجىربە قىلىپ نەچچە كۈندە بىر ئىككى-ئۈچ سائات ئۇىلايتتىم.
  شۇنداق قىلىپ بىر يىلغا يىقىن ئۈگەندىم،  1992-يىلى كۈزدە دادام يۈرەك كىسىلى بىلەن ئاغرىپ قىلىپ نەچچە ئاي داۋالاندى، بىزنىڭ بۇ يەر يىقىن بولغاندىكىن 2- دۇختۇرخانىغا ئاپىرىپ بىر مەزگىل داۋالاتتۇق. 93-يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغا يىقىن دادام تۈگەپ كەتتى.
  ئۇ چاغلاردا ئىقتىسادىمىزمۇ يامانلىشىپ قالدى، ئۈگىنىشىممۇ ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ ماڭدى. 96-يىلى ئىچكىرىگە بېرىپ مال ئاچىقىپ سودا قىلماقچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتىۋدىم ئۆيدىكىلەر ئەنسىرەپ تۇنۇشلار بىلەن ئۇقۇشۇپ ئۈرۈمچىگە شىنجاڭ سودا تېخنىك ئىشچىلار مەكتىۋىنىڭ ئائىلە ئىلىكتىر سىنىپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئىككى ئاي بىر سىنىپتا ئۇقۇپ يۇقىرلاپ ئۇقۇماقچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم، بىر مەۋسۈم ئۇقۇپ چىققاندىن كىيىن مۇئەللىمنىڭ يەنە بىر يىل تۇرغىن دىگىنىگە قارىماي ‹‹ئۆيدە كىچىكلەر بار، ئانامغا ياردەملەشمىسەم بولمايدۇ›› دەپ قايتىپ كىلىپ كۈزلىكى رىمونتخانا ئاچتىم...
  شۇ يىللادا كىچىك بازىرىمىزدا رىمونىتخانا كۆپ بولغاچقا تاپقىنىمنى خەجلەپ بۇلۇپ ئۆيدىن ئاچىقىپ باج تۆلەپ يۈرۈپ نەچچە ئاي تۇردۇم، 7- ئايلاردا بىر كۈنى ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئويغانسام دۈمبە تەرپىم ئىچىشىپ تۇرىدۇ، ئەينەككە قارىسام قىزىرىپ بەك كۆپ چىكىت بۇپ قاپتۇ، بىزنىڭ تۇرپاننى ئىسسىق دەپ ئاڭلىغانسىلەر بەلكىم، ئىسسىقتا شۇنداق پىشىپ قاپتىەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ماشنىنىچاقىرىپ لاقا-لۇتقىنى بىسىپ ئۆيگە قايتتىم...
  ئۇنى-بۇنى قىلىپ يۈرۈپ 2008-يىل ئاخىرلېرىدا ماشنىلارنىڭ ئاكۇمۇلياتورىغا توك زەرەتلەيدىغان زەرەتلىگۈچنى مۇسبەت-مەنفى دەپ ئايرىماي ئاپىرىپ 12 ۋە 24 ۋولىتلىق ئاكۇمۇلياتورلارغا چاتسىلا ئۆز ئىچىدىن قۇتۇپ ئالماشتۇرۇپ ھەم 12،24 ۋولىتلىق بىسىمنى ئاپتۇماتىك ماسلاشتۇرىدىغان ‹‹ئاپتۇماتىك زەرەتلىگۈچ›› ۋە ماشنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىچىپ قۇيۇپ ئۇنتۇپ قالسا ئۆزلىكىدىن 10سىكونت ئىچىدە ئۈتىۋاتقان توكنى ئۈزۋىتىدىغان، ماشنىنى قوزغاتماقچى بولسا ماشىنىنىڭ توك مەنبەسىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان گىنراتورنىڭ ياكورى ئايلانسىلا يەنە قايتا توك تەمىنلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ‹‹ئاپتۇماتىك قۇغدىنىشلىق توك تەڭشىگۈچ›› (سەرەڭگە قىپىدەك كىلىدىغان نەرسە، رېل دەپمۇ قۇياتتى) نى لاھىيلەپ ئەۋرىشكە تەييارلاپ ماشنىدا سىنىغاندىن كىيىن پاتىنت ئىلتىماس قىلدىم. ئەلۋەتتە ئۆيدە تەييار ئىقتىساد يوق ئىدى، ئاپامغا دېۋدىم بانكىدىن قەرىز ئىلىپ ماڭا بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى پاتىنتتىممۇ 24 ياشقا تۇشمىغان ۋاختىمدا ئىلتىماس قىلىنىپ بولدى.
  پاتىنت ئىلتىماس قىلغان چاغلاردا بىرەر يەرنى ئىزدىسەم نىشان قىلغان ئەتراپتىكى بىرەر ئىدارىگە كىرسەملا شۇلار ئۇقۇشۇپ بېرەتتى، مۇئامىلىسىمۇ بەك ياخشى. جەمىيەت كۆزۈمگە گۈل كۆرۈنەتتى. ئۆزى يىنىۋالغان شىرىكىمنىڭ كىيىن ھاياجان بىلەن كىلىشىم بىلەن قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ تېخنىكى بىلەن ئىشلەيدىغان بۇلۇپ شىرىكلىكتىن چىكىنىپ بۇلۇپ ئىككى يېرىم يىلدىن كىيىن سوتقا بېرىشىدىن، كىيىن نەچچە يىل ئىچىدە بۇرۇنقى سوتتا ئىقرار قىلغان ئىقرالېرىنىڭ قىلچە نەزەرلەرگە ئىلىنماسلىقىدىن ئاندىن خەقنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىكتىن نىمە ئۈچۈن زارلانغىنىنى بىلدىم...
  ھازىر شى رەئىسنىڭ چىرىكلىكنى قاتتىق تۇتىۋاتقىنىدىن، ھەم يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تىپىپ تۇرىۋاتىمەن. دىمىسىمۇ ئۇچۇق-ئاشكارە تەلەپ قىلىپ ئالىدىغان ئىشلارنى سەل ئوڭشالدى دەپ ئاڭلاۋاتىمەن! دۆلەتنىڭ قۇدرەت تىپىشىدا مۇشۇنداق بىر يول تۇتىدىغان باش بولمىسا زادىلا بولمايدۇ...
  ‹‹ئۆيدە كىچىكلەر بار، ئانامغا ياردەملەشمىسەم بولمايدۇ›› بۇ گەپلەرنى ھازىر ئويلىسام توۋا دەپ قالىمەن، ئاپامغا مەن ئەمەس ئاپام ماڭا قاراپ قۇيدى...
  مەن بولسام يىلدا نەچچە ئون مىڭنى ئۇنى ياسايمەن، بۇنى ياسايمەن دەپ سورىۋىتىمەن. خەجلىسەم كەسپىمگە خەجلىگەندىكىن دەپ كۈڭلۈمگىمۇ كېپ كەتمەيدۇ...
  ھازىر نەچچە كۈندە بىرەر قىتىم باللېرىمنى ئىلىپ چوڭ ئۆيگە بېرىپ يەتمىشتىن ئاشقان ئاپام تەييارلاپ قويغان تاماقنى يەپ چىقساممۇ يەنە ئاپام شۇنىڭدىن خوش، ھەپتىدىن ئىشىپ كەتسە چاقىرىدۇ...

muhlis0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 06:20:57

پاتىنىت پارخورلۇقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتىما؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 06:32:44

muhlis0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 06:20 static/image/common/back.gif
پاتىنىت پارخورلۇقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتىما؟

  ئۇلا ئەمەس كىيىنكى تىخىمۇ چوڭ ياخشى تۈرلېرىمنىڭ رۇياپقا چىقىشىغىمۇ تەسىرى بولدى.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 08:01:22

ئىككىمىزنىڭ بىر قىسىم مەڭگۇلۇق دىۋگاتىل توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىز ئوخشاپ كىتىدىكەن ، مەنمۇ ئىككى خىل دېۋگاتىلنى لايھىلەپ باققان ئىدىم تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇقتا ، لىكىن ، ئەمدى ئويلاپ باقسام بىرسى ماگىنىت ئىنىرگىيىسىنى مىخاينىك ئىنىرگىيىگە ئايلاندۇرىدىغان ماشىنا ئىكەن ئىدۇق . ھا ھا ھا .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 08:27:55

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 08:01 static/image/common/back.gif
ئىككىمىزنىڭ بىر قىسىم مەڭگۇلۇق دىۋگاتىل توغرىسىدىكى ق ...

  شۇ چاغدا بىلمىگەنلىكتىن دىسىلە، شۇلارنى ھىس قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن تۇلۇقسىزنىڭ ئۈچىنچى يىللىقلېرىدا ئاندىن توك كۈچى، توك بىسىمى، قۇۋۋەت دىگەنلەرنى ياخشى ئۆزلەشتۈرگەن ئىدىم...

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 09:11:32

تۇلۇق ئوتتۇرنىڭ فىزىكىسىدا « مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل ياساش مۇمكىن ئەمەس » دەپ چىقسىمۇ قايىل بولماي ئىزدىنىپ باققانتىم مەنمۇ . فىزىكىغا قىززىقىدىغان كۆپۈنچە بالىلار باشتىن كەچۈرىدىغان بىر جەريان ئوخشايدۇ بۇ .

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 09:26:35

memetawaq يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 09:11 static/image/common/back.gif
تۇلۇق ئوتتۇرنىڭ فىزىكىسىدا « مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل ياساش ...

شۇنى دىمەمسىز . مەنمۇ شۇ مەڭگۇلۇق دىۋگاتىل بىلەن قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋىرىدىكى ئەدەبىياتتىن فىزىكىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەنچە ھازىرغىچە چىقىپ بۇلالمايۋاتىمەن.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 16:55:50

چوڭ بىر تېما قىسقىراپ قالغاندەك بېلىندى ماڭا ........

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 20:27:08

gulahmalik يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 16:55 static/image/common/back.gif
چوڭ بىر تېما قىسقىراپ قالغاندەك بېلىندى ماڭا ........

ھەقىقەتەن چوڭ بىر تىمىنىڭ سايىسى ، ئەسلى مۇشۇنىمۇ يازغۇم يوقتى، دۆت ئادەملەر سىز يىرگەنگەنچە شۇنچە سىزگە يىپىشۋالىدۇ...

abcd يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 22:50:20

بۇ كەسىپكە ئوتتەك قىزىقىدىغانلار ھەممىسى ئوخشاش بولسا كىرەك ،2002ـيىللىرى ،تولۇقسىزغا ئەمدىلا چىققان ۋاقىتلىرىم ،مەھەللىمىزدە بىرسىدە «ياش رادىئو ھەۋەسكارلىرى » دەپ بىر كىتابنىڭ بارلىقىنى ئۇقۇپ ،يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئالغان ئىدىم ،شۇ چاغلاردا ئەشۇ كىتابنىڭ پايدىسىنى كۆپ كۆرگەن ئېدىم ، ئۇ چاغلاردا تولۇقسىز ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەبلەرنىڭ فىزىكا دەرسلىكلىرىنىمۇ ئىزدەپ سوراپ كۆرگەن ئىدىم .بىراق تىزلا رادىئۇلارنى ،ئۈنئالغۇ تىلۋىزۇرلارنى ئۆزۈم لاھىيەلەپ ياسىغۇم كەپكەتتىمۇ ئىشقىلىپ بۇ كىتابلاردا ماڭا لازىمىلىق نەخ بىلىملەر يوقتەك،بىر بولسا ئۆزۈمنىڭ چۈشىنىش قابىلىيتى تۆۋەندەك ھىس قىلىپ يۈرەتتىم .تولۇقسىزدىكى يۇقىرى يىللىقتىكى بالىلاردىن مەكتىپىمىزدە سەۋىيەسى ئېنتايىن يۇقىرى بىر مۇئەللىمنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنى ئىزدەپ باردىم ،
ئۇنىڭدىن لاپ چىراقنىڭ پىرىنسىپىنى سورىسام «مەندە شۇ چاغلاردا ئىككى تال كىرىستال لامپا ،ئىككى تال  كوندىستاتۇر ،تۆت تال قارشىلىق ۋە ئىككى تال يورۇقلۇق چىقارغۇچى ئىككى قۇتۇبلۇق لامپىدىن تۈزۈلگەن توك يولى سىخىمىسى بار ئېدى ،مەن مۇئەللىمنىڭ يىنىغا شۇ توك يولىنى كۆتۈرۇپ كىرگەن ئىدىم »بەك تومتاقلا «ماۋۇ ئۈچ قۇتۇبلۇق لامپىلار مۇنۇ ئىككى قۇتۇبلۇق لامپىلارنى كونتىرۇ ل قىلىدۇ »دەپ تومتاقلا جاۋاپ بەردى ،تىخىمۇ ئىچكىرلەپ چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى ئۆتۈنسەم «مەن ماتىريال كۆرۈپ باقاي »دەپ جاۋاپ بەردى ، بۇ چاغدا مىنىڭ كاللامغا كەلگىنى ئالىي مەكتەپتە نەچچە يىل ئوقۇغان ئادەم «ئۇ زامانلاردا ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئېلىكتىرۇن كەسپىدە ئوقۇمىغانلىقىنى بىلـمەيتتىم ،ھەمدە فىزىكا ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ھەممە نەرسىلەرنى  تولۇق ئۇقىدۇ دەپ ئويلايتتىم » مۇشۇنچىلىك نەچچە تال دىتال بار توك يولىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلـمى بىرەلـمىگىنىگە قارىغاندا ھەقىقەتەن تەس  ئىشلار ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ،لىكىن شۇنداقتىمۇ ئىلىكتىرۇنلۇق نەرسىلەرنى ياساشقا ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى يەنىلا ئىزدەپ يۈرۈپ  ئاشۇ كىتابنى تاپقان ئىدىم ،شۇنىڭ بىلەن تولۇقسىزنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى پۈتتۈرگىچە دىتاللار ۋە ھەر خىل تەقلىدى توك يوللىرىغا نىسبەتەن خىلىلا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالدىم ،ئىككىنچى يىللققا چىققاندا بىرتال ئۈزچات بىلەن رادىئو تارقاتقۇچ ۋە قوبۇللاش توك يولى ئالـمىشىپ خىزمەت قىلىدىغان سۆزلىشىش ئاپپاراتى ياساپ مەكتەپتە خىلى داڭلىق شەخىس بولۇپ قالغان ئىدىم ،ئەلۋەتتە شۇ ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە نۇرغۇن قىتىملاپ مەغلۇپ بولۇش ، نۇرغۇن ئۇششاق توك يوللىرىنى ياساپ سىناش ئارقىلىق ئېلىكتىرۇنلۇق دىتاللارنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئەمەلىي تەجىربىلەر ئارقىلىق يامان ئەمەس چۈشىنىۋلغان ئىدىم ، شۇ يىلى دادامنىڭ  تۈگەپ  كېتىشى بىلەن  تولۇقسىزنى تۈگۈتۈپلا ، دەرسلەردە مەكتەپ بويىچە ئالدىدا ئىكەنلىكىمكە  قارىماي ، ئانامغا يۈك بولۇپ قىلىشنى خالىماسلىق ،تىزرەك ئانامنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئويۇم سەۋەبلىك  يۇقىرلاپ ئوقۇشتىن توختىۋالدىم، مانا 11يىل بوپتۇ ،نۇرغۇن يوللارنى بىسىپ مۇشۇ  كۈنلەرگە ئۇلاشتىم ،ھازىر ئىككى بالىنىڭ دادىسى ،ئىككى ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ قاپتىمەن ،نەچچە قىتىم كەسىپ ئالـماشتۇرۇپتىمەن ،رىمۇنىتچىلىقنى ئۆي بىزەكچىلىكىگە ،ئاندىن ماشىنا ـئۈسكىنىلەرنى سېتىش ـياساشقا ،ئاندىن ئۆي جاھازلىرى ئىشلەپچىقىرىشقىچە نۇرغۇن قىتىم كەسىپ ئالـماشتۇرۇپتىمەن ،بۇ جەريانلاردا ئىقتىسادى جەھەتتىمۇ خىلى يامان ئەمەس نەتىجىلەرگىمۇ ئېرىشىپتىمەن ،ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بىر ھەمراغىمۇ ئىرىشىپتىمەن ،ئەڭ مۇھىمى نۇرغۇن قىتىملاپ جاپاكەش ،مىھرىبان ،پەرشتە سۈپەت ئانامنىڭ دۇئاسىغىمۇ ئېرىشىپتىمەن ،لىكىن ئىشلىرىم تەرەققى قىلغانسىرى كۆپلەپ بىلىم ئىلىش كىرەكلىكىنى تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ  تۇرۇپتىمەن ، لېكىن  يۇقىرلاپ ئئوقۇشتىن توختاپ قالغىنىمدىن پۇشايمەن قىلـمايمەن ،لىكىن ئىشلىرىمنى مەلۇم چەككە يەتكۈزۈۋالغاندىن  كىيىن  ئىلىكتىرۇن  ۋە ماشىنسازلىق كەسىپلىرىدە يۇقىرلاپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىمەن ،ئەمما بالىلىرىمنىڭ توختاپ قالـماي ئۆزى ئارزۇ قىلغان كەسپىدە ئۈزلۈكسىز يۇقىرلاپ ئوقۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن  ھەم  تىرىشىپ قوللايمەن ،مىنىڭچە ھازىر  قىلىۋاتقان ئىشىنى  تىرىشىپ ياخشى قىلىش  مۇۋاپىقيەتكە ئەڭ  تىز يىتكۈزىدۇ دەپ ئويلايمەن ،ھەممىمىز تىخىمۇ  تىرىشساق مىھرىبان ئاللاھ مۇاپپىقيەتكە تىخىمۇ تىز ،تىخىمۇ كۆپ ئىرىشتۈرىدۇ،  دەپ  ئويلايمەن ،ھەمىمىزگە تىرىشچانلىق  بىلىم  يار بولغاي ،

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 23:08:23

مەنمۇ بۇرۇن كىچىك بۇزغۇنچى ئىدىم، شۇ چھغلاردىكى ئوتتەك قىزغىنلىقلار....

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 04:09:00

abcd يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 22:50 static/image/common/back.gif
بۇ كەسىپكە ئوتتەك قىزىقىدىغانلار ھەممىسى ئوخشاش بولسا ...

  سىز ئااسىڭىز بولغاندىكىن سۈپەكلەرنىڭ گىنراتورىدىكى تەبئى ماگىنىتلارنى ۋە باشقا ئادەتتىكى تۇراقلىق توكلۇق ئىلىكتىرماتورلارنى مودىل تەييارلاپ باللېرىڭىزغا چۈشەندۈرسىڭىزمۇ دەرىستە ئىلگىرلىشىگە ۋە نىشان تۇرغۇزىشىدا كۆپ پايدىسى بۇلىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۈگىنىشىگە كەلسەك تۇرمۇشنى تاشلاپ قويغىلى بولمىغاندىكىن خەنزوچە ماتىرياللاردىن پايدىلىنىشنى ئۈگەنسىڭىز  شۇ ئاسانراق...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 08:22:59

تۈۋەندىكىلېرى كەشپىيات تورىدا ماتىريالى يۇشۇرۇن كىرگەن ئىسيان ناملىق تورداشنىڭ ئىنكاسلېرى؛

ئۆتمۈش تارىخقا مەنسۈپ. جەريان سۆزلىگەننىڭ نىمە ئەھمىيتى.6 D( B8 ]5 M# t) z) g% J; d9 S% c& p
ئېتى ئۇلۇق سۇپۇرا قۇرۇق

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 15:19
قايسى سۇپۇرا قۇرۇقتەك تۇرىدۇ؟ ...
مەن سىزگە قاچان داس ...
2 |9 e" V  w/ w/ x& v6 P4 ~2 c
ساپلا قادىخان

‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹‹تاققا تۇققا زەنجىر ھالقا››››››››››››››››››››››››››››2 b0 \' K* i5 G8 K1 y+ ~( k3 W& f( w
تورلاردا مىللەت سۈيەر


بەيدۇدا جىققۇ ئىۋۇ تىمىغا تەمىنلىگەن رەسىم، 无铁盘式发电机 دەپ يازسا كۈرمىڭ.
ئۇ يەر بۇ يەردىن قۇرۇق رەسىملەرنى توپلاپ كىلىپلا ئابرۇي ئۈچۈن يېزىۋەرگەن ." N+ X4 M' I* E( ]. Y; A+ r  Q
بىلمىگەنلەر ھەيران بۇلىۋاتقان
باھا سۆز


anwaribrayim  بىلىمگە ھۆرمەت قلايلى ئەخلاقلىق بولايلى  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:01 IP:43.242.154.52


نىمىسنى ئۈگىنىمىز ھېي بۇ تۇترۇقسىز چەك بازسمايدىغان نەسىلىرىڭنىڭ، بىردەم بىرسىگە ئوخشۇتۇپ باقىدىكەنسە پوخۋاش ھېي.........
بەك كۈلۈپتىمەن تىما  ئىنكاسلىرىڭنىڭ نەگە قارىسا قايسى مۇنبەرگە قارىسا قېرى خۇتۇننىڭ پايدىمىسەك سۆرىلىپ يۈردىكەنسەن ھېي


بۇنىڭ قۇرۇق گەپ  قىلىپ يېڭى ئۈگنگۈچىلەرنى قايمۇقتۇرۇشتىن باشقا ھېچ ئىشى يوق.! ^8 h/ a+ V, i9 q/ Y6 |9 R
بۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى پەقەت تور مەستانىسى خالاس./ B. R5 I* K8 O( T( M' ~
دائىملارنى تور ماتىلاپ يۈدىغان شوپىلەي

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 19:30 6 m6 y8 U. L$ |, j: `# e9 A
قىنى باشقىلار ئۈگەنگۈدەكى بولسا يوللاپ باقمامسەن؟... ...
) m  F# O0 T$ v9 I
: g9 W' b% e8 |( F! p4 E
پىسپاس ماڭقۇرت  رەزگى ، جىڭ تۇلخۇتۇننىڭ بالىسى ئىچى قوتۇر ،
خىيالىڭدا سەن كۇسپۇرۇش  مەندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ پەقەت مەنلا  بار  دەپ قالغان ئوخشىمامسەن .8 X$ R- s% o$ H$ O) D
يالاقچى ، يالاق يالاپ يۈرۈپ ماۋۇ تور بەتكە  باشقۇرغۇچى سايلاپ قويسا ئۆزەڭچە ئۆزەڭنى كىم دەپ قالدىڭ ، 15 يىللىق تور تارىخىمدا  سەندەك قۇسۇرچى يالاقچىدىن نەچچىنى كورگەنمەن .
ھەر بىر مۇنبەردە ، ماۋۇ تور بەتتە خەقنىڭ تىمىلىرىغا  بىلەرمەنلىك قىلىپ يازغان ئىنكاسلىرىڭنى كۆرسەم ئاجايىپ كۈلكەم قىستايدۇ.& l0 N. q+ {* y  U/ \: B
باغداشىقا يوللىغان تىمىرىڭنىڭ تۇلىسىنىڭ تەستىقلانماسلىقى تېخى، سەن قۇتۇرنىڭ قۇرۇق گەپلىرى پەقەت مۇشۇ توربەتتىلا  ئاقىدۇ .
چوڭ توربەتلەردە سەندەكلەرگە ئورۇن يوق جىم يۈرىيسەن ، شۇنىڭدىن سىنىڭ قانچىلىك ئادەملىكىڭ چىقىپ تۇرىدۇ .5 `9 d8 Z9 @" c/ c3 M5 J) b* B+ @
سەن ئاتا  تەربىيسى كۆرمىگەن دەرىجىلىك تۇل خۇتۇننىڭ  تىجىمەل چوڭ بولغان ھاراملىقىسەن.
شۇڭا باشقا يەردە جىم يۈرىيسەن مۇش بەتكە كىرىپ كىم بىرنىمە يازسا  قاملاشسا قاملاشمىسا بىر ئامال قىلىپ دەرىجە تالىشىپ قۇسۇرچىلىق قىپلا يۈرىيسەن ، بەلكىم ئەتراپىڭدىمۇ دوستۇڭ يوق ، قىلىدىغانغا ئىشىڭ يوق ، مۇنبەرلەردە ئىچ  بۇشۇقىڭنى چىقىرىپ يۈرىسەن .
ئىشى بار ئادەم ياكى جەمىيەتتە ئورنى بار ئادەمنىڭ بۇ ياشقا  كىرىپ قالغان تۇرۇقلۇقمۇ كىچىك بالىدەك كۈنۈممۇ كۈن مۇنبەر ، تور بەت ئارلاشقا  نەدىمۇ ۋاقتى بولسۇن . سەن جەمىيەتتە بىر پەسەندى خالاس ." P) Y+ e; |, s' f) U$ j5 [) i
ناۋادا مۇشۇ مۇنبەردە پو ئېتىپ لاپ ئۇرغانغا چۇشلۇق بىلىمىڭ بولسا  مۇنبەردە پىتراپ يۈرگىدەك ۋاقىت نىمە قىلسۇن.! s: A) L7 V1 M* e: p
يېزىۋالغان ئىمزالىرىڭدىن ئايلىناي ئادەم قانچىلىك بولسا شۇنچلىك سۆزلەيدۇ ، بەئەينى ئۈزۈڭنى تەسۋىرلەپسە، كىملا كۆرمىسۇن ئىمزالىرىڭغا لەنەت- e4 E  _) Y7 ]& G% ~+ l
سەن پەقەت ئەۋرەز يۇلىدى بىر ماڭقۇرت خالاس .. b& _7 I' b% D
ئۆزۈڭنى بىلىپ يۈر تۇل خۇتۇننىڭ بالىسى

بارلىق ماتىريالى ئىككى ئى پ ئادرىسلىكەن.
جانلىقلىق ئەھۋالى
ئەزا گۇرۇپپىسى  ئادەتتىكى ئەزا
توردىكى ۋاقتى4 سائەتتىزىملاتقان ۋاقتى2015-1-25 01:10ئاخىرقى كەلگەن ۋاقىت2015-2-22 23:50تىزىملاتقان IP49.114.150.204 - - 新疆ئالدىنقى زىيارەت IP49.116.65.220 - - 新疆ئالدىنقى پائالىيەت ۋاقتى2015-2-22 23:50ئالدىنقى قېتىم ئېلان قىلغان ۋاقىت2015-2-22 23:09ۋاقىت رايونىسىستېما تەڭشىكى

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 10:02:14

مەنمۇ، چۇجە چىقىرىش ماشىنىسى، سەۋزە چاناش ماشىنىسى دىگەندەكلەرنى ياساپ باققان. مەڭگۇلۇك دىۋگاتىل ماۋۇ توغرىلىقمۇ ئاڭلىغان.
بىرسى بىر سايمان ياساپ ماشىنىسىغا بىكىتىپتىكەن، كارامات مۇرەككەپ سايمانمىش، ئۇنىڭ بەزى ئىش پىرىنسىپلىرىنى ئۆزىدىن بىلەك ھىچكىم چۇشەنمەيمىش، كۇلىدىن چىققان غوجاملار بىيىرىم مىلۇيۇن باھا قۇيۇپتىكەن ساتماپتۇ.
ھىلىقى ماشىنىسى، قوزغىلىۋالسا، ئۆزى چىقارغان توكتا ئۆزى مىڭىپ كىريىگە بارغانمىش. ئۆيىدە، ياقاي ئىجادچىنىڭ ئۆيى بولمايدۇ، كەپىسىدە نۇرغۇن ئىسخىما يىساپ بارمىش. ئاشۇ تىخنىكىسى بىلەن پۇتۇن قەۋىمنى باي قىلۋەتكۇسى باركەن.
يەنە بىر دوستۇم بارتى، بۇ پۇرشۇننىڭ كۇچى بىلەن  ماگىنىتىنى بىرلەشتۇرۇپ، شۇنداق نەرسە ياسايمەن دەپ بىر ئۆمۇر قۇم قەغىزىگە جىلاپ ئولتۇرۇدۇ. ئۇنىڭچە مۇمكىنمىش.
بىر ۋاختىدا بىر گىزىتمىكى، شۇنىڭدا خوتەن جىيىدىن بىر تۇمۇرچى، مۇشۇ ياۋرۇپادا تۇمۇر ئاتقا مىنىپ ماڭىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، قانچىلىك نىمىدى ئۇ دەپ، بىر تۇمۇر ئات ياسىغانمىش. شۇنىڭ بىلەن تۇمۇر ئاتنى مىنىپ  يۇرۇڭقاش دەرياسىغا كەلگەندە، شۇ چاغدىكى ھۆكىمەت بىدئەت ياۋرۇپانىڭ جىن ئالۋاستىسىنى ياسىدى دەپ چۇۋۇپ كۇمپايكۇم قىلىۋىتىپتىكەن.

مەنمۇ مۇنداق قاراپ قۇيىمەن ،توك دىگەن نەرسىنى تادۇغا ساغىلى بۇلامۇ دەپ.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 10:11:08

abcd يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 22:50 static/image/common/back.gif
بۇ كەسىپكە ئوتتەك قىزىقىدىغانلار ھەممىسى ئوخشاش بولسا ...

جەمىيەتمۇ بىر مەكتەپ، بەزىلەر تەدىرجى ئۆزگۇرۇش، ھەركەت قانۇنلىرىنى پەن تەرەققىياتىدىكى يىتەكچى دەپ جۆيلىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە پەن تىخنىكا تەرەققىياتى ئىجاد مىھنەتنىڭ مەسھۇلى.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 10:25:29

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 10:11 static/image/common/back.gif
جەمىيەتمۇ بىر مەكتەپ، بەزىلەر تەدىرجى ئۆزگۇرۇش، ھەرك ...

  بەدەلسىز كىلىدىغان نىمە بار، ئۇزاق ۋاقىتتا توپلىغاننى نەچچە ئون مىڭ خەتلىك قىلىپ ئىلەشتۈرىۋەتمەي ئاددى تىلدا چۈشىنىشلىك قىلىپ يىزىپ قويساق ئاز كىشىگە بولسىمۇ پايدىسى تىگىپ قالىدۇ.
تادۇغا ساغىلى بۇلامۇ دەپ. تادۇ دىگەن نىمىدۇ؟...

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 10:46:19

ھازىرقى ئىلملەرنى قاتالىساق،

مىخانىكا بۇ پىزىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇندىن باشقا خىمىيە دەپ بىر پەن بار. خاك ياسايدىغان. يەنە ماۋۇ ئىلكتىر ساھاسىمۇ خۇيىدىن ئايرىم بىر تىما.
تۇپراق ئوت سۇھاۋا دىسەك،         مىتالچىلىق مىخانىكا بۇ ئاساسلىق تۇمۇر ماۋۇنى چۆرىدەيدۇ. تۇمۇر دىمەك ئوت ،ئوتتا قىزىيدۇ. ئوتتا يۇمشايدۇ.  خىمىيە رەڭۋالچى، زەمچە بۇلار سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، خىمىيە جەھەتتىكى ئۇتۇقلاركۆپۇنچە ئادەم داۋالاشتا يۇقرى سەۋىيسى ئەكىس ئىتىدۇ. توك بۇ ھاۋاغا مەنسۇپ تۇ بەلكىم، زەرىچە ئەمەسمۇ.  ئەمدى تۇپراقنى چۆرىدەيدىغان قايسى تىمىدۇ، ياكى قايسى ساھادۇ؟
ئۆز ۋاختىدا يەھۇدىيلار ئون ئىككى بۇلاقتىن سۇ ئىچكەن. ئون ئىككى قەۋىم بولغان. قارىماققا، بىر قەۋىم پىزىكىچى، بىرقەۋىم خىمىيەچى، بىرقەۋىم توكچى، بىرقەۋىم يەنە بىر نىمىچى ،،،،،،،مۇشۇنداق ئون ئىككى خىل ئىلىم ئەكىس ئەتسە كىرەك.
گۇمانىم.
بەت: [1]
: مەن ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل