مۇرات ناسىرنى ئەسلەپ قالدىم
مۇرات ناسىر توغرۇلۇق تۇنجى قېتىم 2011- يىلى رامىزان ئېيىدا ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە . شۇ چاغلاردا رادىيودا ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ‹‹باھادىرنامە›› ناملىق ئەسىرىنى ئاڭلىتىۋاتاتتى . ‹‹باھادىرنامە››نى ئاڭلىتىپ بولغاندىن كېيىن ، مەشھۇر شەخىسلەرنى تونۇشتۇراتتى . بىر كۈنى شۇ پروگىراممىدا مۇرات ناسىرنى تونۇشتۇرۇپ قالدى . مۇرات ناسىر تونۇشتۇرۇلغان بۇ قىسىمنى تولۇق ئەستايىدىل تىڭشاپ چىقتىم . پروگىرامما ئاخىرىدا مەرھۇم مۇرات ناسىرنىڭ ‹‹قالدىم يالغۇز›› دىگەن ناخشىسىنى ئاڭلاتتى . پروگىرامما ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئازاپلىنىپ قالدىم . ئۇيقۇم قاچتى ، بەلكىم كۆزۈم نەملەشتى . ياتاقتىن سىرىتقا چىقىپ زاۋۇت ھويلىسىدا ئايلىنىپ يۈردۈم . مۇرات ناسىر توغرۇلۇق ، ئۇيغۇر توغرۇلۇق ، روسىيە توغرۇلۇق ، تارىخ توغرۇلۇق ، دادىسى ھۆرمەتلىك مەرھۇم ئىسمائىل سوپى ئاكا ھەم ئۇنىڭ ھاياتى توغرۇلۇق ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مېنى قاتتىق ئازاپلايدىغان ئىشلار توغرۇلۇق ئويلاپ كەتتىم .شۇندىن كېيىنكى نەچچە كۈن ئىچىدە بىر ئاتۇشلۇق ئاغىنەمنىڭ ياردىمىدە توردىن سۈرەتلىك ، سۈرەتسىز ناخشىلارنى چۈشىرىشنى ئۆگەندىم ۋە مۇرات ناسىرنىڭ ناخشىلىرىنى چۈشۈرۈپ ئاڭلاشقا باشلىدىم . خېلى ۋاقىتلار بولغان ئىدى ناخشا چۈشۈرۈشنى ئۆگىنىمەن دەپ ئۆگىنەلمەي يۈرگىلى .
تورخانىغا كىرگەن چاغلىرىمدا ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى چۈشىرىۋالاتتىم . سۈرەتلىك ۋە سۈرەتسىز ناخشىلىرىدىن ئۇنىڭغا زەڭ سالاتتىم ، ئۇنى ئىزدەيتتىم .
مەنچە ئۇنىڭ ناخشىلىرىدا بىر خىل مۇڭ ، ئازاپ بار ئىدى ھەم مەنمۇ ئۇنىڭ شۇنداق ئازاپ يوشۇرۇنغان ناخشىلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدىم . ئۇنىڭ ناخشىلىرىدا ئۆزگىچىلىك بار ئىدى . ئۇ ئېيتقان رۇسچە ناخشىلاردا رۇس ناخشىلىرىغا خاس ئۇسلۇب بارئىدى . سۆزى رۇسچە ئاھاڭى ئۇيغۇرچە ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ ناخشىلىرىدا ئىلغارلىق ، ماسلىق ، چوڭقۇرلۇق بار ئىدى . مۇراتنىڭ ناخشىلىرىدا ئۇنىڭ ئۆزى بار ئىدى .
مەن مۇزىكىسىنىمۇ سۆزىنىمۇ ئۆزى يېزىپ ئۆزى ئورۇنلىغان ناخشىچىنى ياختۇرىمەن . ھېچ بولمىغاندا مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىجاد قىلغان بولىشى كىرەك . ئىشلەتكەن ناخشا سۆزى پۈچەك ، ساپاسىز بولماسلىقى كىرەك . خەلق ناخشىلىرىنى زامانغا لايىق ، ئۆزلىكىنى ئىپادىلەپ ئېيتقان ناخشىچىلارنىمۇ ، ناخشىسىنىمۇ ياختۇرىمەن . مۇراتنىڭ ناخشىلىرى مېنىڭ بۇ تەلىپىمگە تامامەن چۈشتى .ئۇ ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنىمۇ ، سۆزىنىمۇ ئۆزى يازىدىكەن . ئۇ ناخشا ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەيدىكەن . بىلىشىمچە ، ئۇ باشقىلارنىڭ ئىجادىيىتىنى ئىشلىتىپ باقمىغان ئىكەن . مەن رۇسچە بىلمەيمەن . ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشىلىرىدىن ناخشا سۆزىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ھىس قىلدىم ھەم بەك ياختۇردۇم . ئۇنىڭ رۇسچە ناخشىلىرى بولسۇن ، ئۇيغۇرچە ناخشىلىرى بولسۇن ئاڭلىسام ناخشىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتەتتىم .
يوكۇدىن ئۇ توغرۇلۇق سۈرەتلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم . ئۇ توغرۇلۇق يېزىلغان يازمىلارنى كۆردۈم . تور بەتلەردىن ئۇنىڭ توغرۇلۇق تونۇشتۇرۇشلارنى ئوقۇدۇم . ‹‹مۇرات ناسىروف ۋە مەن›› نى ئوقۇدۇم بىر چاغلاردا .
ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى باشقا يۇرتلاردا كىپەز تەرگۈچە ، ئېتىز-ئېرىقلاردا ئىشلىگۈچە ، كىچىلەردە سۇ تۇتقۇچە ، يولدا ماڭغۇچە ، ئىش قىلغۇچە تىڭشىدىم ؛ سۈرەتلىك ناخشىلىرىنى كۆردۈم . ياتقاندىن كېيىن تىلفۇندا قويۇپ قۇيۇپ بەزىدە ئۇيقۇم كەلگەندە توختۇتۇپ قويۇپ ، بەزىدە ئۇخلاپ قالسام تاڭ ئاتقۇچە چىقىۋىرىپ دىگۈدەك ئاڭلىدىم . ئائىلەمدە ئۇ توغرۇلۇق بىلمەيدىغانلارمۇ قالمىغان ئىدى .
ئۇ توغرۇلۇق ئويلىسام ئازاپلىنىپ قالاتتىم . ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتىم ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇراتتىم . ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيتتىم .
نەچچە كۈندى بېرى ئۇنى يەنە ئەسلەپ قالدىم . ‹‹قالدىم يالغۇز›› يەنە مىنى ھەسرەتكە سالدى . ‹‹قالدىم يالغۇز›› مىنى نۇرغۇن خىياللارغا باشلىدى .
قەدىرلىك مۇرات ناسىروف مەن سىزنى ۋە سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزنى ، سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز تەۋە بولغان مىللەتنى ، سىز ئىنتىلگەن ۋە ئارزۇ قىلغان ، سىز تاللىغان ئىتىقادنى ياخشى كۆرىمەن . سىز ئوقىغان نامازنى ، سىز ئوقىغان قۇرئاننى ياخشى كۆرىمەن . ... ... ... ياخشى كۆرىمەن . مۇرات ناسىر دېسە كىمكىن دەپتىمەن، ئاخىرىدا بىلسەم مۇرات ناسىروفمىتى؟
مەنمۇ رەھمىتىنىڭ سىز ياخشى كۆرگەن «قالدىم يالغۇز» دېگەن ناخشىسىنى بەك سۆيۈپ ئاڭلايمەن. مېنىڭچە، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا «قالدىم يالغۇز» بىلەن ھېلىقى «كامبودياغا ماڭغان بالا»(؟) دېگەن ناخشىلىرى ئەڭ تونۇشلۇقمىكىن.
مۇرات ناسىر دېسە كىمكىن دەپتىمەن، ئاخىرىدا بىلسەم مۇرات ناسىروفمىتى؟
مەنمۇ رەھمىتىنىڭ سىز ياخشى كۆرگەن «قالدىم يالغۇز» دېگەن ناخشىسىنى بەك سۆيۈپ ئاڭلايمەن. مېنىڭچە، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا «قالدىم يالغۇز» بىلەن ھېلىقى «كامبودياغا ماڭغان بالا»(؟) دېگەن ناخشىلىرى ئەڭ تونۇشلۇقمىكىن.
«قالدىم يالغۇز» نى بەك ئاڭلايمەن..گەرچە تېكىستى مۇكەممەل بولمىسىمۇ، لېكىن بىر مۇڭ بار...ئادەمگە تەسىر قىلىدۇ...
بىلوگىمغا كىرىسڭىزلا شۇ ناخشا ياڭرايدۇھازىرمۇ..
مۇراد ناسىروفنى مەن 2003 -يىلى غۇلجىدىكى بىر پىلاستىنكا دۇكىنىدا پىلاستىنكا كۆرۈۋىتىپ تونۇغان ئىدىم، قارىسام ئۈئالغۇ لېنتىلىرى ئارسىدا مۇقاۋىسىغا غۇلاچلىرىنى كەڭ كېرىپ تۇرغان بىر ئۇزۇن چاچلىق يېگتنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ، ئاستى تەرەپكە سىلاۋىيان يېزىقىدا مۇرات ناسىيروف دېگەن چوڭ خەت چۈشۈرۈلگەن بىر لېنتا تۇرۇپتۇ، قولۇمغا ئېلىپ قارىسام بىرمۇنچە روسچە ناخشىلار تېزىملىكىنىڭ ئارىسىدا «ئاتۇش» دېگەن بىر ناخشا تۇرىدۇ...كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك ، خوجايىندىن سورىسام تۈزۈك چۈشەنچە بەرمىدى...شۇنىڭ بىلەن لېنتىنى سېتىۋىلىپ ئۆيگە ئاپىرىپ ئاڭلىدىم...شۇنىڭدىن كېيىن روسىيىدە شۇنداق بىر ناخشىچىنىڭ بارلىقىنى بىلدىم، كېيىن دىيارىم مۇنبىرىدە گۈلچىھرەنىڭ يازمىلىرىدىن ، نەبىجان تۇرسۇننىڭ يازمىلىرىدىن ئۇنى تېخىمۇ ئىنىقراق تونىغان ... ناخشىسىدىن بىرەرنى ئاڭلىمىسام پەقەتلا ئىسىمگە ئالالمايۋاتىمەن بۇ ناخشىچىنى يىقىندا دەي چىقاردىمۇ؟؟:funk: kuwruk يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 20:39 static/image/common/back.gif
ناخشىسىدىن بىرەرنى ئاڭلىمىسام پەقەتلا ئىسىمگە ئالالم ...
ھىي كۆۋرۈك ساقام ئاۋۇ يازمىنى ئوقۇمايلا ئىنكاس يازغان گەپ دېگىنە ؟ dadash يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 20:45 static/image/common/back.gif
ھىي كۆۋرۈك ساقام ئاۋۇ يازمىنى ئوقۇمايلا ئىنكاس يازغا ...
ئوقودۇم بۇ ناخشىچىنى ماختاپتىغۇ شۇ..شۇڭا قىزىقىپ قالدىمغۇ،،،چوڭ داداش،،،:$ kuwruk يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 20:47 static/image/common/back.gif
ئوقودۇم بۇ ناخشىچىنى ماختاپتىغۇ شۇ..شۇڭا قىزىقىپ قالد ...
2007-يىلى بىر كۈتۈلمىگەن بىر ھادىسىدە تۈگەپ كەتتى... dadash يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 20:50 static/image/common/back.gif
2007-يىلى بىر كۈتۈلمىگەن بىر ھادىسىدە تۈگەپ كەتتى...
ھە،،،تۇگەپ كەتكەن ناخشىچى ئىكەندە،،،تۇرغان ئومەر،پەرىدە قاسىم لارمۇ تۇگەپ كەتتى ھە،،،:'( «قالدىم يالغۇز» نى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئاڭلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم يېقىندىن بېرى:( kuwruk يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 20:47 static/image/common/back.gif
ئوقودۇم بۇ ناخشىچىنى ماختاپتىغۇ شۇ..شۇڭا قىزىقىپ قالد ...
مەنمۇ بەك ئامراق بۇ قالدىم يالغۇز دېگەن ناخشىغا. باشقىچە بىر مۇڭ، باشىقىچە ئېغىر بىر ئازاب.
ئاۋۇ بۇرادەرنىڭ بېلوگىغا كىرىپ نەچچە رەت ئاڭلىۋالدىم مانا. سىلىمۇ تىڭشاپ باقسىلا كۆۋرۈككا، پەرىخانلىرىغا غىڭشىپ بېرەلا:lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-19 21:23
مۇرات ناسىروۋنىڭ قالدىم يالغۇز دىگەن ناخشىسىنى كۈندە بىر ئاڭلاپ تۇرىدىغانلا يالغۇز مەنلا ئەمەسكەنمەندە…
ئىشخانىدا يالغۇز قالغاندا يوۋكۇدىن پەرھات بىلەن مۇرات ناسىروۋنىڭ ناخشىسىنى ھەم 98 دۇنيا لوڭقىسى ناخشىسىنى بىر قېتىم ئېچىپ
ئاڭلىۋىتىمەن…
رەھمەتلىك شەبنەم تورىنىڭ بىر ئىلىكتىرونلۇق ژۇرنىلى بولىدىغان شۇنداق سۈپەتلىك ئىشلەنگەن شۇنىڭ ئىچىدە مۇرات ناسىروۋ تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇلغان ماقالە ۋە ناخشا بار ئىدى… ئىزدە رادىئوسى
مۇشىنىڭدا ناخشىلىرى بار President يوللىغان ۋاقتى 2015-02-19 20:33:50 static/image/common/back.gif
مۇرات ناسىر دېسە كىمكىن دەپتىمەن، ئاخىرىدا بىلسەم مۇر
تامبوغا بارماقچى بولغان بالا ئوغلۇم مۇرات ناسىروف بىر يېرىم ياشقا كىردى . قالدىم يالغۇز دېگەن ناخشىسىنى بۇرۇندىن تارتىپلا ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xjks تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-19 23:38
قالدىم يالغۇز
http://v.youku.com/v_show/id_XNzcxNzY0MzI=.html مۇرات ناسىروف دېپقا بەك ئوخشايدىكەن چاچ پاسونىدىن تارتىپ ،.
بىلمىگەن ۋاقتىمدا تىخى ئىككىسى بىر ئادەم دەپ ئويلايتىم. dadash يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 20:36 static/image/common/back.gif
«قالدىم يالغۇز» نى بەك ئاڭلايمەن..گەرچە تېكىستى مۇكەمم ...
:handshake «قالدىم يالغۇز» دىگەن ناخشىسىنى مەنمۇ بەك ئاڭلايمەن..
سىزبىلوگىمدا بار دەپتىڭىز ،دەرھال كىرىپ شۇ ناخشىنى ئاڭلىغاچ بۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتىمەن . :lol راس بەك مۇڭلۇق بۇ ناخشا.
بىر سۇئال بار:
مۇرات ناسىروفنىڭ ئۆلۈمىنى سەل سىرلىق دەپ ئاڭلىغانتىم ،ئۆلۈمىنىڭ ئېنىق سەۋەبىنى بىلىدىغان مۇنبەرداشلار بىر دەۋەتسەڭلا بىلىپ قالغان بولساق .:( بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-20 11:37
مۇرات ناسىر ياشلا بىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ،ئۇنىڭ ئۆلمەس ناخشىلىرى بىزنىڭ قەلبىمىزدە ! بىز داۋاملىق مۇرات ناسىرنى ياد ئېتىمىز .ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا مۇزىكىسنى دۇنياغا تونۇتۇش جەھەتتە ياخشى قەدەملەرنى ئالغان بۇ مەرھۇم ناخشا پىشۋاسىغا چۇڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەيمىز.
بەت:
[1]
2