ozturk001 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:22:15

كەلگۈسى ئۈچۈن ئېلىشىۋاتقانلارغا سوۋغا


                                                 كەلگۈسى ئۈچۈن ئېلىشىۋاتقانلارغا سوۋغا  


1. نامرات كىشلەردە نېمە كەمچىل :كۆرىنىشتە پۇل كەمچىل ،ئەمىليەتتە  كاللىسىدا ئىدىيە كەمچىل ،پۇرسەتنى چۈشىنىش كەمچىل ،جاسارەت كەمچىل ،ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتىكى ھەرىكەت كەمچىل ،بىر ئىش قىلىشتىكى قەتئىيلىك كەمچىل .
2. دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم باشقىلارنىڭ بېشى يېرىلىپ يۈز-كۆزى قانغا بويالغان تەجىربىسىنى قۇبۇل قىلىپ ئۆزىگە تەجىربە توپلايدۇ .
3.ئىلگىركىگە ئېسىلىۋالماسلىق  ،يېڭى ئىدىيە ۋە خىرىسلارنى رەت قىلماسلىق كېرەك.
4.ھەممە ئادەمنىڭ پىنسىيىگە چىقىدىغان بىر كۈنى بولىدۇ ،بىراق ھەممە ئادەمنىڭ پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن كاپالەتكە ئېرىشەلىشى ناتايىن .
5. ھاياتلىق ياشاشنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىدا ئەمەس ،بەلكى بىر ھەقىقىەتنى چۈشىنىشنىڭ ئىگىرى كېيىنلىكىدە .
6. ياشلىقنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ،لېكىن تىرىشمىسىلا قىممىتنى يوقىتىدۇ .
7.ئاسماندىكى ئەڭ گۈزەل نەرسە يۇلتۇز،كىشلىك ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل نەرسە ھەقىقى مۇھاببەت .
8.ئادەمنىڭ قىيالمايدىغىنى چەكلىك ،ئېرىشەلەيدىغىنى چەكسىز.
9.كىشلەر دائىم كىتاپتىكى نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ  شەيئىلەرگە ھۆكۈم قىلىدۇ ،خاتا بولغان ئەقلى خۇلاسىنى دائىم توغرا دەپ قارايدۇ .
10.سىز گەرچە دۈشمىنىڭىزنى نەچچە مىڭ قېتىم يەڭگەن بولسىڭىزمۇ ،ئەمما بۇ يېڭىش ئۆزىڭىزنى بىر قېتىم يەڭگەنگە  يەتمەيدۇ .
  11.بىر ئادەمگە پۇل بېرىش توغرا بولمىغان تەدبىر ،ئىقتىدار بېرىش ئوتتۇرھال تەدبىر ، ئىدىيە ،ئاڭ بېرىش ئەڭ ئاقىلانە تەدبىر.
12.ئۆزىڭىزگە قاتتىق ئىشەنسىڭىز ،كۈچ قۇدرەتكە ئىگە بولىسىز .
13.كۆز ئالدىڭىزدىكى كىشلەر بىلەن زىغىرلىشىپ يۈرسىڭىز ،كەلگۈسىنى يوقىتىپ قويىسىز .
14.زۇڭتۇڭ روزۋېلت مۇنداق دېگەن:«ۋاقىت ۋە تەقدىرنىڭ خوجايىنى ،روھنىڭ رولچىسى بولۇڭ» .
15.بايلار دەسمايىسىگە تاينىپ پۇل تاپىدۇ ،نامراتلار ئەقىل پاراسىتىگە تاينىپ باي بولىدۇ.
16.باشقىلارنىڭ سىزنى كۆزگە ئىلماسلىقى ئېچىنىلشىق ئىش ،ئەمما ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆزگە ئىلماسلىقىڭىز ئەڭ  ئېچىنىشلىق  .
17.دۇنيادا ھەممە نەرسىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولىدىكى ،ئەمما ئۈمۈتنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ ،ھەممە نەرسىنى يوقىتىشقا بولىدىكى ئىشەنچنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ .
18.ئەقىل پاراسەتلىكلەر پۇرسەتنى يارىتىدۇ ،كۈچلۈكلەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتىدۇ ،ئاجىزلار پۇرسەتنى ساقلاپ تۇرىدۇ .
19.ئادەمدە ئىككى مو يەر بولسا ،كۈندۈزى بىر مو يەردە قورساق تويغۇزىدۇ ،كېچىسى بىر مو يەردە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى تېرىيدۇ .
20.ھېچنېمە بولماسلىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق ،ئۇ نامرات كىشلەردە تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان ھەركەت پەيدا قىلىدۇ .
21.باشقىلارنىڭ بىردەملىك كۈلكىسىگە قېلىشىغا  بولىدىكى ،ئەمما بىر ئۆمۈرلۈك مەسخىرىسىگە قېلىشقا بولمايدۇ .
22.بالىلىق دەۋرلەرنى يوقىتىپ قويساق مەيلىكى ،بالىلارچە قەلىپنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ .
23.تىرىك بېلىق  ئېقىنغا قارشى ئۈزىدۇ ،ئۆلۈك بېلىق جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالىدۇ .
24.باشقىلار بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان جاپالارغا بەرداشلىق بېرەلىسىڭىز ،باشقىلار چىداپ تۇرالمايدىغان ئاچچىققا سىز چىداپ تۇرالىسىڭىز ،باشقىلار قىلالمىغان ئىشلارنى سىز قىلالىسىڭىز ،شۇندىلا باشقىلار بەھرىمان بولالمايدىغان بارچە نەرسىدىن سىز بەھرىمان بولالايسىز .
25.بىر ئىش ھەممە كىشلەر تەرىپىدىن پۇرسەت دەپ قارالغاندا ،ئەمىليەتتە بۇ ئاللىقاچان پۇرسەت بولماسلىقى مۇمكىن .

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 22:04:29

ئېسىل سۆزلەركەن.
بەت: [1]
: كەلگۈسى ئۈچۈن ئېلىشىۋاتقانلارغا سوۋغا