ozturk001 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:12:11

يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئالتۇن پىرىنسىپ


                    يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئالتۇن پىرىنسىپ
ئەمىليەتتە ،قانداقلا ئىش قىلىڭ  چوقۇم ئۇنىڭ پىرىنسىپى بولىدۇ ،سودا ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىشمۇ ھەم شۇنداق .
   1-پىرىنسىپ ؛تىجارەتنى كىچكتىن باشلاش ،ھەرگىزمۇ كىچىك دەپ سەل قارىماسلىق . بۇ پىرىنسىپنىڭ مەزمۇنى ،سودا قىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىشنى كىچىكتىن باشلاڭ،ئالدىراقسانلىق قىلماڭ،ھەرگىزمۇ باشلىغان ھامانلا چوقۇم نەچچە يۈزمىڭ تېپىشنى ،نەچچە مىليونلۇق ئېلىم ـ بېرىم قىلىشنى ئويلىماڭ ، قىلىۋاتقان سودىڭىز كىچىك بولسا مەيلى ،مۇھىمى بۇ تىجارەتنى قىلغىلى بولامدۇ يوق؟،سىزنىڭ قىلىشىڭىزغا ماس كېلەمدۇ ،كەلمەمدۇ ؟    پايدا ئېلىپ كېلەلەمدۇ شۇنىڭغا قاراش كېرەك .
      2 – پىرىنسىپ : ئاۋال نەچچە يۈەن تېپىشتىن باشلاش كېرەك  ،پەقەت تاپسىڭىزلا بولدى ،نىشانى ئاۋال تۆۋەنرەك بەلگىلەڭ ، بۇ غەلبە قازىنىشتىكى ئاقىلانە تەدبىر ؛ بۇمۇ ئوخشاشلا ئالدىنقى پىرىنسىپقا ئوخشاش ،كىچىكتىن باشلاڭ ،كاپىتالمۇ ئازـ ئازدىن  جۇغلىنىدۇ ،تەجىربىمۇ ئۆگىنىش جەريانىدا ئاستا ـ ئاستا توپلىنىدۇ .بۇ جەريانىدا ئۆزىگىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزمۇ ئاشىدۇ .
      3- پىرىنسىپ : ئۈزلۈكسىز ھالدا مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ،سودا يوللىرىڭىزنى كېڭەيتىش،خېرىدارلىرىنى كۆپەيتىش ؛ بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم ،چۈنكى بۇ كارخانا تەرەققى قىلىپ چوڭىيىشتىكى چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان يول ،جەمىيەت تەرەققى قىلىۋاتىدۇ ،ئىقتىسادى مۇھىتمۇ تەرەققى قىلۋاتىدۇ ،كارخانىنىڭ خېرىدارلار توپىمۇ تەرەققى قىلۋاتىدۇ .ئەگەر بىر ئىزدىلا توختاپ قالسا ،سىزنىڭ تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىڭىزدە ئىلگىرلەش بولمىسا سىز خېرىدارلارنى تۇتۇپ تۇرالمايسىز ،شۇنىڭ ئۈچۈن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ،مۇلازىمەت ۋە تېخنىكىڭىزنى توختاۋسىز يېڭىلاپ تۇرۇڭ ،خېرىدارلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا مېڭىپ يەنىمۇ كۆپ خېرىدار جەلىپ قىلىڭ، مۇشۇنداق خېرىدارلىرىڭىز بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ سىزگە ئىقتىسادى پايدا ئېلىپ كېلىدۇ .
4 ـ ئىدىيىڭىزنى تارقىتىشقا ماھىر بولۇش ،توختاۋسىز سودا پۇرسىتى ۋە مۇناسىۋەت ئىزدەش ،يېڭى شەيئىلەرنى قۇبۇل قىلىشقا ،ھەمدە يېڭى شەيئى ۋە يېڭى ئىدىيەرلەنى قېزىپ چىقىشقا ماھىر بولۇش ،يېڭى نەرسىلەرگە نىسبەتەن قىزىقىشنى ساقلاش ،كونا شەيئىلەرنىڭ  يېڭى ھاياتى كۈچىنى قېزىپ چىقىرىش.
5 ـ مۇستەھكەم ئەقىدە بولۇش ،بىر ئىشنى پەقەت ئۈچ ئادەم تەستىقىدىن ئۆتسىلا بولدى  ، نەچچە ئادەمنىڭ ماقۇللىقنى ساقلاپ تۇرسىڭىز ئاللىقاچان سەپتىن چۈشۈپ قالغان بولىسىز ،مەيلى قىلىڭ ياكى قىلماڭ سىزدە چوقۇم بىر قەتتىيلىك بولسۇن ،پۇرسەتنى قېزىپ چىقىرىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇشقا ماھىر بولۇڭ  ،ھەرگىزمۇ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇپ كەينىدىن  ياش تۆكمەڭ .
  6 ـ تەننەرخنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرەلىگەندە،پايدىسى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولىدۇ ،بىر كارخانىنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن كۆپ ۋە چوڭ بولىدۇ ،بۇ ۋەزىپىلەرنڭ ئەمەلگە ئېشىشى شۇ كارخانىدا شەكىللەنگەن ئەڭ چوڭ پايدا ئۈستىگە قۇرۇلسا ئاندىن بۇ ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
7 ـ يېڭىلىق يارىتىشتا ياخشى بولغان ئىجادى پىكىر بولۇش  ، باشقىلار دېققەت قىلمىغان سودا پۇرسىتىنى بايقاشقا ماھىربولۇش كېرەك ،ياخشى بولغان ئىجادى پىكىر ۋە سودا پۇرسىتى سىزنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشىڭىزنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرىدۇ .
   8 ـ تەييارلىقىڭىز يېتەرلىك بولسىلا قىلىشنى باشلاڭ ،كەم -كۈتسىز ،مۇكەممەل تەييارلىقنىڭ بولۇشى ناتايىن ،نۇرغۇن ئىشنىڭ بېشى تەس بولىدۇ ،بىراق بىرىنىچى قەدەمنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزىڭىز يول تېپىپ     كېتەلەيسىز .
            _  ئۆز تۈرك مەسلىھەتچىلىكى                www.ozturkbiz.com
بەت: [1]
: يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئالتۇن پىرىنسىپ