Wifi مەخپىي نومۇرى يېشىش دېتالى ھەققىدە ئىزدىنىش(1)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alpbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-19 11:48مۇندىن تۆت-بەش يىل بۇرۇن ئاغامنىڭ ئاغىنىسى بىر ئۈسكۈنىنى تەۋسىيە قىلغىنى ئېسىمدە. ئۇ ئۈسكۈنە بولسا سىمسىز تور قوبۇللىغۇچ ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان سىمسىز تور مەخپىي نومۇرىنى يېشىش سىستېمىسى ئىدى. تاۋباۋدىن ئۇ ئۈسكۈنىنى 270نەچچە سومغا ئەكەلدۈردۈق، ھەمدە باشقىلارنىڭ سىمسىز تورىنى ئوغرىلىقچە يېشىپ ئىشلەتتۇق. ئۇ مەزگىللەردە بۇنداق ئىشلارنى بىلىدىغانلار ئاز بولغاچقا بىر ئىككى يىلغىچە خاتىرجەم يېشىپ ئىشلىتىۋەردۇق. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ خەقلەر مۇرەككەپ پاروللارنى سالىدىغان، تولا ئۆزگەرتىدىغان بولۇپ كەتتى. توردىن ئىزدەش ئارقىلىق بۇنىڭ پارول يېشىش يادروسى بولسا ”تەييار پاروللار ئامبىرى“ ئىكەنتۇق. دىيارىمىزدىكىلەر ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغاچقا پاروللارغا ئىسىملار ۋە ئۇيغۇرچە باشقا سۆزلۈكلەر قېتىلغاچقا يېشىش قىيىنلىشىپ باردى. شۇل ۋەج بىلەن بۇ ئۈسكۈنىنىمۇ تاشلاپ قويۇشقا توغرا كەلدى.
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلارنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ نەچچە ئون، شۇنداقلا نەچچە يۈز مىگابيت ئېقىم مىقدارى يېتىشمەيدىغان بولۇپ، Wifiدىن ئىبارەت چەكسىز تور ئېقىمىنى ئىشلىتىش ئومۇملىشىپ كەتتى. لېكىن سىرتلارغا چىققاندا Wifi رىمىز ئۆيدە قالىدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا ئەقىللىك(ياخشى تەرەپكە ئىشلىتىشكە ئاجىز ئەقىللىقلار) پىروگراممېرلارنىڭ تۈزۈشى نەتىجىسىدە ئاۋۋالقىدەك كومپيۇتېردا Wifi پارولىنى يېشىدىغانىنى تېلېفون ئەپ دېتالى قىلىپ چىقىشى بىلەن تېزلا ئومۇملىشىپ كېتىپتۇ. ئەمدى مەن تۆۋەندە بۇ ئەپنىڭ قورقۇنۇچلۇق تەرىپىنى شەرھىيلىگەيمەن.
1- ئەپ ئىجرا بولۇش مۇھىتى: Android, iOS,WP
2-سىغىمى نەچچە مىگابايتتىن 40 نەچچە مىگابايتقىچە.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: تېلېفونىمىزغا قاچىلاپ ئۆزىمىزنىڭ سۆزلىشىش كارتىمىزنىڭ ئېقىم مىقدارىنى سەرپ قىلىش ئارقىلىق شۇ ئەپنى تارقاتقان تەرەپنىڭ ساندانىدىن پارول ئامبىرىغا ئۇلىنىش يولى بىلەن سىز يەشمەكچى بولغان Wifi نومۇرۇرىنى يېشىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ جەريانى ئىزچىل تېلېفونىڭىز بىلەن ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ ساندانى بىلەن ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ۋە دەلىللەش جەريانى بىلەن بولىدۇ. مەن بۇنى ئاددىي رەسىملىك قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:
1-باسقۇچ: سىز يەشمەكچى بولغان Wi-fi نومۇرىنى تېلېفونىڭىزغا قاچىلىغان Wi-fi پارولى يېشىش دېتالى ئارقىلىق يېشىشكە بۇيرۇق بەردىڭىز. بۇ جەرياندا تېلېفونىڭىز، يېشىلمەكچى بولغان Wi-fi ۋە Wi-fi پارولى يېشىش ئەپى ”Wi-fi مەخپىي نومۇرى ئامبىرى ساندانى“ بىلەن ئۈزلۈكسىز تۈردە مەخپىي نومۇرلار ئامبىرىدىن بار بولغان پاروللارنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ باسقۇچقا بەزىدە نەچچە سېكۇنت بەزىدە نەچچە مىنۇت كېتىدىكەن. تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ مەخپىي نومۇرنى يېشەلىدى، سىز ھەقسىز تورغا ئېرىشكىنىڭىزگە خۇشال، ئاۋۇ ئەپنى ياسىغانلار سىزنىڭ تېلېفونىڭىزدىكى ئۆزىگە كېرەكلىك بارلىق سىرلىرىڭىز ۋە ماتېرىياللىرىنى ئوغۇرلىۋالغىنىغا خۇش. قانداق ئوغۇرلىدىكى دەپ قالىسىز بەلكىم…
2-باسقۇچ: چوڭ كۆرسەتكۈچلۈك بەلگىدە ئىپادىلەنگىنى بولسا سىز مەخپىي نومۇرنى يېشىشكە بۇيرۇق بېرىۋاتقان مەزگىلدە سىزنىڭ تېلېفونىڭىزدا ئېلىپ بېرىلغان تور سودىسى پارولى، ھەرخىل ئالاقىلىشىش ئەپلىرىڭىز، تېلېفون ئالاقە دەپتىرىڭىزدىكى نومۇرلار ۋە كىملىكى، مۇڭداشقۇلاردىكى پاراڭ خاتىرىلىرىڭىز… دېگەندەك نەرسىلەرنى ئاۋۇ ”Wi-fi مەخپىي نومۇرى ئامبىرى ساندانى“ دىكى مەلۇم بىر بۆلەككە كۆچۈرۈپ ماڭىدۇ. لېكىن بۇنى بۇنداق ئوغرىلىسا سىز يان تېلېفونىڭىزنىڭ سەرپ بولغان ئېقىم مىقدارىدىن بىلىۋېلىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا بۇلار ئۇ ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىراقلا ئوغرىلىشى ناتايىن. ئەمما Wi-fi مەخپىي نومۇرى يېشىلگەندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ مۇلازىمتېرىگە يۆتكىسىچۇ؟ بۇنى بىلەلمەيسىز! چۈنكى ئۇ ئىنتايىن مەخپىي ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشغۇلات.
ئەمدى بۇ دېتالنى يەنە ئىشلەتكۈڭىز كەلدىمۇ؟ باشقىلار سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى خالىغانچە ئوغرىلىسا، كېيىنچە شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سىزنى ئاۋارىچىلىككە قويسا ماقۇل دەمسىز؟ يەنە تېخى نۇرغۇنلىرىمىز بۇ ئەپنى ئۇزاققىچە يۇيىۋەتمەيمىز، باشقا Wi-fi مەخپىي نومۇرىنى يېشىشكە ئىشلىتىمىز ئەمەسمۇ. ئەمما ئۇ قاچىلاقلىقلا بولىدىكەن سىزنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىڭىز ئاشكارىلانغىنى ئاشكارىلانغان. بولۇپمۇ بانكا ھېسابات مەخپىي نومۇرىڭىز. ئۇلارنىڭ بەكرەك قىزىقىدىغىنىمۇ سىزنىڭ ئاشۇ بانكا ھېسابات نومۇرىڭىزدۇر.
ئۇشبۇ يازمىنى ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىم ئاساسىدا يازغان بولغاچقا بەزى جايلاردا خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇشى مۇقەررەر. تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولۇشىڭىزلەرنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە يەنە شۇ: ئالپبەگ تور تۇرايى جاھاندا ھەقسىز چۈشلۈك تاماق يوق :lol دۇنيادا بەدەلسىز پايدا يوق،بەزى پايدىنى بەدەل تۆلەپبولۇپ ئالسا،بەزىسىنى پايدا ئالدىم دەپ بولغىچە ھەسسىلەپ بەدەل تۆلەيدۇ،ئاللاھ ھالال رىزىق بەرسۇن! خەقنىڭ مەخپى نومۇرى بىلەن ئېتىشقىچە...:shutup: ۇ ئۈسكۈنە بولسا سىمسىز تور قوبۇللىغۇچ ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان سىمسىز تور مەخپىي نومۇرىنى يېشىش سىستېمىسى ئىدى. تاۋباۋدىن ئۇ ئۈسكۈنىنى 270نەچچە سومغا ئەكەلدۈردۈق، ھەمدە باشقىلارنىڭ سىمسىز تورىنى ئوغرىلىقچە يېشىپ ئىشلەتتۇق
_____ئادىرىسى بولسا كۆرۈپ باقساق؟
ھەرقانداق مەخپىي نۇمۇرنى يىشەلەمدۇ؟تېلفۇنغا قايسىىسىنى قاچىلىساق بۇلا،سىلەر قايسىنى ئىشلىتىپ باققان مۇشۇ مەزمۇننى مەنمۇ ئاڭلىغان .باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيمەن دىسە ،خەقنىڭ تەرپۇرىقىنى پۇرايدىغان گەپ . خەقنىڭ ھەققىگە قول سوزساق زىياننى بىز تارتىمىز . چوڭ-كىچىك ھەرپ، سان-سىفىر ئارلاش كەلگەن مەخپىي شېفىرنى ھەرگىزمۇ يىشەلمەيدۇ ( مۇتلەق يىشەلمەيدۇ دىمەكچى ئەمەس، بەلكى يېشىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ناھايتى ئۇزۇن دىمەكچى ). ھازىر 2-3 يىلنىڭ ئالدىدىكى 奶嘴 دىگەندەك دىتاللار بىلەن يەشكىلى بولمايدۇ،ھىچ بولمىغاندا ئادەتتىكى كومپىيوتورلاردا.wpa2 يەنىلا ئاساسلىق ئۇرۇندا ئىشلىتىدۇ pinنۇمۇرنى ئىچىپ قۇيىدىغانلار ھازىر ئازدۇ.ئىشقىلىپ مىنىڭ ئەتىراپىمدا بىرمۇ pinنۇمۇر ئىچىلغان سىگىنال تاپالمىدىم.
ئەڭ ياخشىسى ddwrt. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-19 16:52
شۇڭا مەك ئادرىسنى چەكلەش كىرەك ،پەقەت تۇنۇش ئۈسكۈنىلەرنىڭلا مەك ئادرىسنى ئۇلاشقا يول قۇيۇپ ،ناتۇشنى بىردەك ،ئۇلنىشى رەت قىلىدىغان قىلىپ تەڭشەش كىرەك. شۇنىڭدا ھازىرچە ئاساسەن بىخەتەر بۇلىدۇ.
يولدا ماڭغاچ يانفۇننىڭ تورىنى ئاچىمەن، دەپ سىمسىز تورنى ئېچىپ قاپتىمەن. قارىسام ئەتراپتىكى دۇكانلارنىڭ wifiلىرى.... ئىسىملىرى ھەرخىل: تورنى پۇلغا ئاچقۇزغان غۇجوم ، مىمانى سوراۋەرمە يۈزى قېلىن.... دېگەندەك :lol newyork يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 15:13 static/image/common/back.gif
ۇ ئۈسكۈنە بولسا سىمسىز تور قوبۇللىغۇچ ۋە ئۇنىڭغا ياندا ...
ئۇ نەرسىنى دەپ بەرمەي بولدى، تېلېفون نۇسخىسىنىمۇ دېمەي. لېكىن ئاز بىر قىسىملار خەقنىڭ سىمسىز تور پارولىنى يېشىپ قالايمىقان قانۇنسىز نەرسىلەرنى يوللاپ سىسمسىز تور ئىگىسىگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگىنىنى ئاڭلىدىم. بەك دىققەت قىلىدىغان ئىشلاركەن بۇ. شۇڭا سىمسىز تور تارقاتقۇچىڭىزنىڭ پارولىنى مۇرەككەپرەك، چوك - كىچىك ھەرپ ۋە ئالاھىدە بەلگىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ سېلىپ قويۇڭ. سوراپ باقسام، wifi سىگنالىنى يوشۇرۇن تەڭشىگەندىمۇ يەنە ئاشۇنداق app لەر بىلەن ئىزدەپ تاپالامدۇ؟ GoodLuck يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 15:03 static/image/common/back.gif
خەقنىڭ مەخپى نومۇرى بىلەن ئېتىشقىچە...
ھە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yulhun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-19 19:25
jangal يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 17:25 static/image/common/back.gif
سوراپ باقسام، wifi سىگنالىنى يوشۇرۇن تەڭشىگەندىمۇ يەنە ...
wifi analyzer دىگەن دىتال بىلەن يىقىن ئەتىراپتىكى سىگىنالنى چاستوتىسىنى كورگىلى بۇلىدۇ،android ۋە iosنۇسغىسى بار سىناپ بىقىڭ.
pcنۇسغىسىمۇ بارغۇ دەيمەن. يەنە wirelessmon.
بەزىدە سىگىنالنىڭ توۋەن بۇلىشى ئەتىراپتىكى باشقا سىگىنالنىڭ تەسىرىدىن بۇلىدۇ،شۇڭا مۇشۇ دىتال بىلەن كورۇپ ئۆزىڭىزنىڭكىنى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان چاستوتىسىغا تەڭشىسىڭىز سۇرئىتى تىز ۋە مۇقىم بۇلىدۇ.
روتىرنىڭ رايۇن تەڭشىگىنى ئامرىكا قىلسىڭىز ،بەرگەن چاستوتىسى كوپ ۋە مۇقىم.بۇلۇپمۇ 5G دا توۋەن چاستوتىسىدا ياخشى 36 قاتارلىقلار.لىكىن جۇڭگۇدا بۇ چاستوتىنى ئارمىيەگە بەرگەن.شۇڭا ئامال يوق 149 كىيىنكى چاستوتىنى تاللايدىغان گەپ. ئۆيدىكى كومپىيوتىرىمغا wifiسىگنالى تارقىتىدىغان روتىر ئورناتقان.مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم كومپىيوتېرىمدا مەن ئورناتقان روتېر ئارقىلىق تورغا چىققان يانفۇنلارنى كونترول قىلالايدىغان يۇمشاق دىتال بارمىدۇ؟ مىنىڭ بانكا ھىساباتىم بولمىغاندىكىن خاتىرجەم بولساممۇ بولغۇدەك{:87:} راست ئەجەپمۇ خەتەرلىك ئەھۋالكەغۇ بۇ.:(:(:( مۇشۇ ئۆزىمىزنىڭ سىمسىز تورىغا باشقىلارنىڭ ئوغۇرلۇقچە چىققان چىقمىغانلىقىنى قانداق بىلەلەيمىز؟ مەنمۇ تېلىفۇنۇمغا ئاشۇنداق دىتاللارنى ئەسلا قاچىلىمايمەن....
چۈنكى ھېچ قانداق ئىشنى مۇتقا قىلىپ بەرمەيدۇ ئەمەسمۇ...
تېلىفۇنۇمدا 360نىڭ تازلىغۇچىسىلا بار! باشقىسىنى ئەسلا قاچىلىمايمەن taxidriver يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 22:31 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئۆزىمىزنىڭ سىمسىز تورىغا باشقىلارنىڭ ئوغۇرلۇقچە ...
تور كۆرگۈچكە http://192.168.1.1/ ئىشلەتكۈچى ۋە پارولغا admin دەپ كىرگۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
بەت:
[1]
2