ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 10:08:21

گىنراتور ھەققىدە مۇلاھىزە

  بىز ئۇزاق زامانلاردىن ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان گىنراتورلاردا توك ھاسىل قىلىش نىسبىتى، تۇغرىسى ئىش ئۈنىمىنى كۆپ ئويلايمىز. ئۇنداقتا گىنراتورلارنىڭ ئىش ئۈنىمى قايسىنىڭ يۇقىرى؟ قايسىنىڭ تۈۋەن؟  قانداق ئۆزگەرتىشكە مۇھتاج؟
  بۇ تۇغرىلىق ئۆزەمنىڭ بىلىش دائىرەمدە مۇلاھىزە سۇنماقچىمەن. تورداشلارنىڭ مۇلاھىزىگە ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرىشىنى قارشى ئالىمەن.
ئەڭ ئالدى بىلەن تۇراقلىق توك گىنراتورىنى تۇنۇشتۇراي؛
  تۇراقلىق توك گىنراتورى ياكور ئۇقىدىن توك ئالىدىغىنى بولسۇن ياكى سىتاتىردىن توك ئىلىپ يېرىم ئۈتكۈزگۈچتە(مۇسبەت-مەنفى قۇتۇپلاشتۇرۇش) تۇراقلاشتۇرىدىغىنى بولسۇن. تەبئى ماگىنىتلىق ياكى ئۆزىدىن ھاسىل بولغان توكنىڭ بىر قىسمىنى يەنە بىر ئورام گۇرۇپپىسىغا تەمىنلەش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان توكنى كاپالەتلەندۈردىغىنى بولسۇن ماگىنىت مەيدانىدا يەنە بىر ئورام گۇرۇپپىسىنىڭ يۈنىلىشلىك يۈتكىلىشىدىن توك ھاسىل قىلىدۇ، قۇۋۋەت چوڭ بولسا يۈتكىلىش ھەركەت ئىنىرگىيەسىگە بولغان قارشىلىقمۇ چوڭ بۇلىدۇ.


  ھەركەت ئىنىرگىيسىنى ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈنىمى بولسا ككۈچلۈك ماگىنىت مەيدانىدا پەقەت سىم ئوراملا ئايلىنىپ ئىندوكسىيلىك توك ھاسىل قىلىدىغىنى، يەنى ئۈزەكسىز گىنراتور. ئۈزەك بولمىغاچقا ماگىنىت مەيدانىدىكى ئۈزەكنىڭ تارتىشىش كۈچىدىن بۇلىدىغان قارشىلىق يوق بۇلۇپ، شۇ بىر قىسىم ئىنىرگىيەنىڭ ئىسراپ بۇلىشىدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ. ئەمما كەمچىلىكى تەننەرخى قىممەت، كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانى ھاسىل قىلالايدىغان شۇ تەبئى ماگىنىتنى ئىشلىتىپ ئۈزەكلىك گىنراتور ياسىسا بەش ھەسسىلەر كۆپ ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىگە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. بۇ يەردە مۇلاھىزە قىلىدىغىنىمىز بۇ ئەمەس.
  گىنراتور بولسۇن ياكى ئىلىكتىرماتور بولسۇن يەككە فازىلىق ياكى ئۈچ فازىلىق دەپ ئايرىلىدۇ. يەنە ئۈچ فازىلىقلېرىدا ئورام ئورىلىش ئۇسولىدىمۇ ئۇخشاشلا ماگىنىت بۈلۈش شەكلىدە ئورىلىدۇ.
  ئۈچ فازىلىق گىنراتوردا؛
يەنى يولتۇز ئۇلاق ۋە ئۈچ بۇلۇڭ ئۇلاقلار بار. قايسىسىدا بولسۇن بىر ئورام گۇرۇپپىسىدا توك ھاسىل بۇلىۋاتقاندا يەنە بىر ئورامنىڭ بىر قىسمىمۇ شۇ ماگىنىت مەيدانىغا كىرىپ بىر ۋاقىتتا توك ھاسىل بۇلۇشقا باشلايدۇ.


  يەككە فازىلىق گىنراتوردا؛
  ئىككى فازىلىق گىنراتوردا ئىككى توك چىقىرىدىغان ئورام گۇرۇپپىسى توك ھاسىل قىلىش جەريانىدا  مۇسبەت يېرىم دەۋىر بىلەن مەنفى يېرىم دەۋىر ئىنىق ئايرىلغان بۇلۇپ، ھەرگىزمۇ بىرى ئاخىرلاشمىغۇچە يەنە بىرى باشلانمايدۇ ياكى ماگىنىت مەيدانىغا تەسەر قىلىدىغان باشقا ئورامنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.


مەن بۇنى يۈكلۈك ھالىتىدە ئىلىكتىرماتور بولسۇن ياكى باشقا يۈك چىتىلسۇن گىنراتورنىڭ ئىنىرگىيە ئالماشتۇرۇش نۇقتىسىدىنلا مۇلاھىزە قىلغاندا ئۈچ فازىلىق گىنراتورنىڭ ئۈنىمى تۈۋەن، يەككە فازىلىق گىنراتورنىڭ ئىنىرگىيە ئالماشتۇرۇش ئۈنىمى يۇقىرى دەي، سىزچە قانداق بۇلىدۇ.

  يەنە بىر مۇلاھىزە سۇئالى؛  

  بىز ئادەتتە سۇدىن ئوكسىگىن ئايرىش ئارقىلىق دۇختۇرخانىلارنى تەمىنلەيمىز، ھەم ئايرىۋالغان ھىدروگىننى سانائىتىدە ئىشلىتىمىز. يەنە تاماق ئىتىش ۋە ئىسسىنىش ئۈچۈن كۆيدۈرگەن كۈمۈردىن كۆپلىگەن كاربون تۆت ئوكسىدى قۇيۇپ بېرىمىز، ئەگەر تەننەرخى ئەرزان، ئىلغار بولغان ئايرىش ئۈسكىنىسى بارلىققا كىلىپ شۇ قۇيۇپ بېرىلگەن كېرەكسىز گازدىن كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئايرىۋالساق. ھەم ھىدروگىن سانائەتتىن ئىشىپ قالسا ھىدروگىن بىلەن كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئارلاشتۇرۇپ يىقىلغۇ قىلىدىغان مەخسوس ماتور ئىشلەپ كۆيدۈرۈپ توك چىقارماقچى بولساق ھىدروگىن بىلەن كاربون تۆت ئوكسىدىنى كۆيدۈرىدىغان ماتورنىڭ ئىش ئۈنىمى ۋە ھىدروگىننى ھاۋادا كۆيدۈرىدىغان ماتورنىڭ ئىش ئۈنىمىدىن قايسىسىنىڭ ئىش ئۈنىمى يۇقىرى بۇلىدۇ؟
مەن ھىدروگىن بىلەن كاربون تۆت ئوكسىدىنى كۆيدۈرىدىغان ماتورنىڭ ئىش ئۈنىمى يۇقىرى بۇلىدۇ دەيمەن. سىز قانداق قارايسىز؟

sahl777 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 14:06:27

كاربون تۆت ئوكسىدنى قانداق كۆيدۈرىمىز؟ماتورنىڭ ئىچىدىلا كۆيدۈرىدىغان ئامال بامۇ

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 14:47:35

sahl777 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 14:06 static/image/common/back.gif
كاربون تۆت ئوكسىدنى قانداق كۆيدۈرىمىز؟ماتورنىڭ ئىچىد ...

دېزىل يىقىلغۇسىمۇ كۈيىدىغۇ، يۇقىرى تىمپىراتورىدا ھىدروگىن بىلەن كاربون تۆت ئوكسىدى رىئاكسىيلەشسە كاربون چالا ئوكسىدى ۋە سۇ ھاسىل بۇلىدۇ.

lata يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 19:27:24

مەن مۇنداق قارايمەن : 1- ئىككى فازىلىق گېنىراتور ياكى ئېلىكتىر ماتۇر دىن ئۈچ فازىلىق گېنىراتور ياكى ئېلىكتىر ماتورنىڭ .ىش ئۈنۈمى يۇقىرى .
2- ھىدىروگىننى ھاۋادا ككيدۈرگىنىنىڭ ئىش ئۈنىمى يۇقىرى .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:31:17

lata يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 19:27 static/image/common/back.gif
مەن مۇنداق قارايمەن : 1- ئىككى فازىلىق گېنىراتور ياكى ئې ...

بۇ ياخشى بولدى، مىلتىق دورىسى تۇغرىلىق دەرىسلىك يادىڭىزدىمىكىن؟ كاربون تۆت ئوكسىدى يۇقىرى تىمپىراتورىدا 2000 ھەسسە كىڭىيىدۇ. ئەمما ھاۋا ئۇنچىلىك كىڭەيمەيدۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:46:49

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 14:47 static/image/common/back.gif
دېزىل يىقىلغۇسىمۇ كۈيىدىغۇ، يۇقىرى تىمپىراتورىدا ھى ...

ئۇ بىر قايتىما رېئاكسىيە، تازا نورمال ماڭماسمىكىن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:50:25

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 20:46 static/image/common/back.gif
ئۇ بىر قايتىما رېئاكسىيە، تازا نورمال ماڭماسمىكىن.

بىر تۇتىشۋالسىلا ئاىىرلاشقۇچە داۋاملىشىدۇ...
بەت: [1]
: گىنراتور ھەققىدە مۇلاھىزە