21132113 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 08:56:04

قىش كۈنلىرى تېلىۋىزورنى قانداق ئاسراش كىرەك

قىش كۈنلىرى تېلىۋىزورنى قانداق ئاسراش كىرەك
خەلىق تۇرمۇشىنىڭ كۈنسايىن ياخشىلنىشىغا ئەگىشىپ،ھەرخىل تىپتىكى تېلىۋىزورلار ئائىلىلەرگە ئومۇمىلاشماقتا قىش كۈنلرى تېلىۋىزورلاردىن كۆپرەك كاشىلىلار كۆرۈلدىغان بولغاچقا  تۆۋەندە مەن تېلىۋىزورلارنى ئاسراش توغرىسىدا توختۇلۇپ ئۆتۈمەن
1-قايسى تىپتىكى تېلىۋىزور بولۇشىدىن قەتتىنەزەر تىلىۋىزورنى دەرىزىگە قويماسلىق كىرەك بۇنداق قىلغاندا دەرىزىدىن ئۇرۇلغان سوغاق ھاۋا بىلەن ئۆيدىكى ئىسسىق ھاۋا ئۇچرىشىپ تېلىۋىزۇرنىڭ ھورلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ بۇنىڭ بىلەن تىلىۋىزور ئاسانلا كۆيۈپ كىتىدۇ
2-تېلىۋىزورنى ساغاق ئۆيدىن ئىسسىق ئۆيگە يۆتكەپ دەرھال توككا چاتماسلىق كىرەك. ئۇنداق بولغاندا توڭلاپ كەتكەن تېلىۋىزور ئىسسىق ئۆيدە ئاسانلا نەملىشىپ،تىلىۋىزورنىڭ كۆيۈك كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ
3- قىش كۈنلىرى تىلىۋىزوردىن بەزىدە چاراسلىغان ئاۋاز پەيدا بولۇپ قالىدۇ بۇ تېلىۋىزورنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يۇقرى بېسىملىق قالپاقتىن توك قېچىۋاتقان ھادىسە بولۇپ،بۇ خىل ھادىسە تېلىۋىزورنىڭ نەملىشىپ كەتكىنىدىن پەيدا بولىدۇ.بۇنداق ۋاقىتتا تېلىۋىزورنى داۋاملىق ئىشلەتمەي رىمىنۇتخانىلارغا كۆرسۈتىپ،نەملىكتىن ساقلىنىش مېيى سۈركەپ، ئاندىن ئىشلىتىش كىرەك.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:47:53

شۇنداق قىلىلى ،
1دەرىزىگە قويسا پەسكە چۈشۈپ كېتىدۇدە بوزىلىدۇ .زىيانلىق .
2بىزدە ساغاق ئۆي يوق .ھەم بىزنىڭ تېلىۋوزۇر بەك كېلەڭسىز،يۆتكەشكە بولماس .مەن خاتىرجەم .
3مىنىڭ تېلىۋوزورۇم يىپيىڭى چاراسلىغان ئاۋازنى مەن ئۇنىڭدىن كۆيىۋاتقان ئوتنى كۆرگەندەئاندى چىقىدۇ .
4ئاۋۇماينى سۈركەش قاملاشماسمىكىن .مايمۇ قىزىيدۇ ،ئاقىدۇ .

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 17:12:01

:lol

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:44:23

تىلىۋزۇرنى ياز كۇنلىرى قانداق ئاسرايدۇ،،،:funk:

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 21:50:12

ھەر بەش مىڭ كىلومىتىردا بىر قېتىم ئاپتۇل ئالماشتۇرۇش بەك مۇھىم…
ئېكراننى بەك پاكىز قىلىمەن دەپ قۇم قەغەز ئىشلىتىش مۇۋاپىق ئەمەس…
توغرا بولغان ئىتىش مەشغۇلاتى قىلىش كېرەك،بىۋاستە توك مەنبە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئۆچۈرگەندە سېستىما ھۆججەتلىرىدە خاتالىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن…
روت ھوقۇقى ئېلىش تەۋىسىيە قىلىنمايدۇ، ئالغاندىن كېيىن ئېنىقسىز ئەپلەرنى قاچىلىماسلىق كېرەك…
كېچىدىمۇ ماڭغۇزۇپ قويۇش قارىماققا راھەت بىلىنگەن بىلەن شامالدارىپ قېلىش، سەكتە قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن…
ئامال بار قالايمىقان يۆتكىمەسلىك، يۆتكىگەندە 45گىرادۇستىن يانتۇ قىلماسلىق،يۆتكىگەندىن كېيىن ئالدىراپ توكقا چاتماسلىق  كېرەك، چۈنكى كومپىرىسسور بۇلارغا بەك سەزگۈر…

Economists يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 02:35:07

ما بالا جەنۇبى يىرىم شاردىن كەلگەن ئوخشايدۇ ، شىنجاڭدا قىش چىقىپ كەتكىلى تۇردى ، بىزگە كۆۋرۈك دىگەندەك ئەتىياز ، يازلاردا ئاسىراش بىلىملىرى كىرەك ، ما تىمىنى بانكىغا قويۇپ قويۇپ كۈزدە يوللاڭلا ئەمدى .
بەت: [1]
: قىش كۈنلىرى تېلىۋىزورنى قانداق ئاسراش كىرەك