waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 03:39:14

خوتەن تارىخىدىكى ئەڭ سەۋىيەلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۇلدى

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 18-فېۋرال خەۋىرى؛  خوتەن ۋىلايەتلىك مەدىنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن  دىلپاك سودا چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان  2015-يىلى2-ئاينىڭ 15-كۈندىن 2-ئاينىڭ 22-كۈنگىچە ئۆتكۇزۇلىدىغان  « خوتەن دىلپاك  لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » خوتەن شەھرىدىكى خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا  ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ.
  بۇ قىتىمقى خوتەن دىلپاك  لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ  مۇسابىقىسىگە دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى قىرغىز يىگىتى قىرانبەك،   شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنىرى مۇرات ئادىلجان، جىياڭسۇ تۇڭشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى مەۋلان تۇرسۇن ۋە مەردان تۇرسۇن،  دۆلەت ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئابدۇسالام ئابدۇرىشىت،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار3- كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىدىن  رەپقەتجان تۇرسۇنجان، پەتتارجان ئەنۋەر،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى خەن لىي، شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى قازاق جىگىتى خاستېر قاتارلىق داڭلىق كەسپى ۋاسكېتبولچىلىرىمىز، ئەل ئىچىدە تۇنۇلغان ۋاسكېتبولچىلىرىمىزدىن ئەنقەرجان، زاھىر، ئابدۇرۇپ، يۈسۇپجان، قەييۇم كومپاس، سەيپىدىن، ئۆمەرجان قاتارلىقلار  خوتەندىكى ھەر قايسى مىللى كارخانىلار تەشكىللىگەن كوماندىلارغا تەكلىپ قىلىنىپ  بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتى.  بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە يەنە چەتئەللىك خەلىقئارالىق ۋاسكېتبول چولپانلىرىدىن ئامرىكالىق لىبىنسون، تونى، شەنشى كوماندىسىنىڭ ئىئوردانىيەلىك ئەزاسى ئابباس قاتارلىق ئۈچ نەپەر چەتئەللىك ۋاسكېتبول تەنھەركەتچىسى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بۇلۇپ مۇسابىقىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنە بىر قەدەم ئاشۇرغان.   شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كىنو – تېلېۋىزىيە – تىياتىر قانىلى  جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ تەكلىپلىك چۇشەندۇرگۈچىسى، شىنجاڭ سانائەت قۇرلۇش ئىنىستىتوتىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئېزىزجان مۇھەممەتئىمىن مۇسابىقىنى چۈشەندۇرۇشكە تەكلىپ قىلىنغان.  مۇرات ئادىلجان، قىرانبەك،  مەۋلان تۇرسۇن، مەردان تۇرسۇن قاتارلىق پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ ئاتا-ئانا ئائىلە تاۋاباتلىرى تاماشىبىن سۈپىتىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان.
  2015-يىلى2-ئاينىڭ 18-كۈنى،  تۆتىنجى مۇسابىقە كۇنى كەچ  ئىلىپ بىرىلغان  ئەڭ ئاخىرقى گۇرپا مۇسابىقىدە،   قىرغىز يىگىتى قىرانبەك يىتەكچىلىگىدىكى تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى 90-67 نەتىجە بىلەن خوتەن ئالى تىخنىكومى كوماندىسىنى يەڭدى، ئاكا-ئۇكا مەۋلان مەردانلار كائىنات ئۆي جازىلىرى كوماندىسى 90-62 نەتىجە  بىلەن مۇرات ئادىلجان يىتەكچىلىكىدىكى خوتەن بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  بۇگۇنكى ئەڭ ئاخىرىقى گۇرپا مۇسابىقىسىدىن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن دېلپاك كوماندىسى، تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى، كائىنات ئۆي جازىلىرى كوماندىسى، خوتەن بۆدۇنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسى تۆت كۈچلۇك كوماندا قاتارىغا كىردى. بۇ تۆت كۈچلۇك كوماندا  2-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ ئايلانما شەكىلدە مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.  
    بۇ قىتىمقى  « خوتەن دىلپاك  لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكېتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » خوتەن تارىخىدىكى ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدىكى بىر قىتىملىق ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بۇيىچە ئەل ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەر ئىچىدىمۇ كۈلىمى  چوڭ، سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى  بۇلۇپ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالغۇسى.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛  http://waskitbol.com/forum.php

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 08:14:42

ما بالىلار شىرئەلىيجانلار بىر چاغدا مۇشۇ تەكلىپلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ قويۇپ كۇلۇبنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغاندەك بولۇپ قالمىسىلا بولدى…
ئەمما ئىسىل مۇسابىقە بوپتۇ…

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 08:15:21

خوتەندە مۇشۇنداق مۇسەبىقىلەرگە بەك كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ.  پالۋان يىگىتلىرىمىز كۆپلەپ يېتىشىپ چىققاي.

kapitan3067 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 08:46:30

ۋوي بىكارچىلىقتا قىلغىلى ئىش چىقىپتۇ، بىراق شۇ كىرىش بىلىتى قىممەت ھەقىچان ؟باھاسى توغرىسىدىمۇ ئۇچۇر بىرىۋەتمەمسىز!كەچتە سائەت نەچچىدە باشلايدۇ؟

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 08:59:33

مۇسابىقە جەريانى سىنغا ئېلىنغانمىدۇ يا؟ شىرئەلىجاننىڭ بۇقېتىمقى ئىغىر يارلىنىشىنىڭ باشلىنىش سەۋەبى ئالدىنقى نۆۋەتلىك تەكلىپلىك مۇسابىقە دەيدىغۇ بەزى بالىلار… ئىشقىلىپ ئېغىر يارىلىنىپ كېيىنكى كەسپى ھاياتىغا تەسىر يېتىپ قالمىسىلا بولدى…

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 13:02:37

ئەينى يىللىرى خېلى نام قازانغان ناخشىچىلىرىمىز دىبامۇ دىبا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ناخشا ئېيقاندەك ئىشلار بولىۋېتىپتۇ ..........................

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 13:32:03

تەيئەيتەن كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى:lol:lol:lol
نونى كوماندىسى يوقكەندە.{:136:}

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 14:00:59

CMD ھاياتلىق تېمىتمىسى كوماندىسى
ئەمۋاي كوماندىسى
جېمىيسون كوماندىسى
ئورفىلىم كوماندىسى
تىيەنشى كوماندىسى
:shutup:
بەت: [1]
: خوتەن تارىخىدىكى ئەڭ سەۋىيەلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۇلدى