Qismet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 14:01:35

Windows Phone ئۈچۈن «جەمگاھ» ئېلان قىلىندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qismet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 14:04  

http://bbs.xjcfan.com/data/attachment/forum/201502/18/1239558zcwx97xz8a09784.png

     ئەپ نامى: جەمگاھ (Jemgah)
     خىزمەت مۇھىتى: +Windows Phone 8.0
     نەشرى: 1.0.0.0
     سىغىمى: 1265KB
     رولى: تور دۇنياسىدىكى IT بىلىملىرىنى جەملەپ ھەمبەھرىلەش
     ئەپ چۈشەندۈرۈلۈشى:
     «IT بىلىملىرى جەمگاھى» ناملىق بۇ ئەپ تور دۇنياسىدىكى IT بىلىملىرىنى جەملەپ ھەمبەھرىلەش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.
     «IT بىلىملىرى جەمگاھى» ناملىق بۇ ئەپ Windows Phone نىڭ 8.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرىلىرىدە ئىشلەيدۇ.
     بۇ ئەپتىكى ماقالىلەر «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن ۋە XJCFAN قاتارلىق IT بېكەتلىرىدىن كېلىدىغان بولۇپ، ئەسلى ماقالە ئېلان قىلىنغان ئورۇن ۋە ئاپتور نامى تولۇق ئەسكەرتىلگەن ھالدا ئىشلىتىلىدۇ.
     «IT بىلىملىرى جەمگاھى» ناملىق بۇ ئەپتىكى ماقالىلەرنى Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە كۆرۈشكە بولۇپلا قالماستىن، ئۈندىدار (Wechat) دىكى دوستلارغا، دوستلار چەمبىرىكىگە، قىسقا ئۇچۇرغا ۋە ئېلخەت قاتارلىقلارغا ھەمبەھرىلەشكىمۇ بولىدۇ.
     شىركىتىمىز مەخسۇس ئادەم كۈچى ۋە مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئەپ نەشرىنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشىغا، ماقالىلەرنىڭ يېڭى، چىن، قوللىنىشچان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
     بۇ ئەپتە بىز ھېس قىلمىغان ئۇنداق ياكى مۇنداق خاتالىقلار ساقلانغان بولۇشى تەبىئىي. كېيىنكى نەشرىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىقتىدارلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئىشلىتىش جەريانىدا خاتالىق بايقىسىڭىز ياكى ئەپكە نىسبەتەن تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا، master@xjcfan.com غا يوللاپ بەرگەيسىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەتراپىڭىزدىكى Windows Phone ئىشلىتىۋاتقان دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇمىغايسىز.
     چۈشۈرۈش ئادرېسى 1: http://www.windowsphone.com/zh-c ... 7-8572-0b4b73e5363c
     چۈشۈرۈش ئادرېسى 2: Windows Phone ئەپ بازىرى http://www.windowsphone.com دىن Xjcfan ياكى Jemgah  دەپ ئىزدەپ، چۈشۈرۈۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

تۆۋەندە ئەپتىن كەسمە رەسىملەر بېرىلدى.
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2015/02/1.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2015/02/2.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2015/02/3.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2015/02/4.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2015/02/5.png
http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2015/02/6.png
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى2015-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى


مەنبە: http://bbs.xjcfan.com/thread-4309-1-1.html

President يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 16:11:29

ئاندروئىد ۋە ئايئوئېس سېتىمىلار ئۈچۈنمۇ ئىشلەپ باقساڭلار بوپتىكەن

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 18:15:49

President يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 16:11 static/image/common/back.gif
ئاندروئىد ۋە ئايئوئېس سېتىمىلار ئۈچۈنمۇ ئىشلەپ باقساڭ ...

ئىشلىنىۋاتىدۇ.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:02:22

كۆپ رەھمەت.
مەن ۋ پ سېستىمىلىق يانفون ئىشلىتىۋاتقىلى ئىككى يىل بولاي دەپ قالغان، ئەپسۇس يانفونومنىڭ ئېكرانى ئىككىنچى قېتىم دەز كەتكەن ئىدى. ئالماشتۇرغانغا كۆرە يېڭىسىدىن بىرنى سېتىۋالدىم. ئەتە قولۇمغا كېتىدۇ.
تېلفونۇم قولۇمغا كەلگەن ھامان مۇشۇ ئەپنى قاچىلاپ بىر ئىشلىتىپ باقاي...

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 11:19:19


بەكلا ياخشى ئەپتىن يەنە  بىرسى مەيدانغا كەپتۇ.سىلەرگە تەشەككۈر.

metujan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 06:34:19

ۋىندوۋس فوندا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولامدۇ؟ بولسا بۇ ئەسلى ئۆزىدە بارمۇ ياكى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىرى ياسىغان كىرگۈزگۈچمۇ؟ بەلكىم بۇ گەپلەر كونىراپ كەتكەندۇ، ئەمما مەن ئەمدى بىلىپ باقماقچى، مەسخىرە قىلماڭلار.

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 09:52:41

metujan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 06:34 static/image/common/back.gif
ۋىندوۋس فوندا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولامدۇ؟ بولسا بۇ ئ ...

windowsphone ئۈچىنچى تەرەپ كىرگۈزگۈچنى قوللىمايدۇ، شۇڭا پۈتۈككە ئوخشاش ئەپلەردىن پايدىلىنىپ،  كۆچۈرۈپ چاپلاپ ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزەلەيمىز. ئەمما پات ئارىدا چىقماقچى بولغان windows10 نەشرىدە ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى بار ئىكەن.

Bighem0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 10:05:04

Epsus echilip bolupla öchup ketti. Telephone Lumia 920 de sinap baqtim.

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:34:37

Bighem0 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 10:05 static/image/common/back.gif
Epsus echilip bolupla öchup ketti. Telephone Lumia 920 de sinap baqtim.

مۇلازىمىتېر تەڭشىلىۋاتىدۇ. ئۇزۇن قالمايلا ئېچىلىدۇ، ئىنشائاللاھ
بەت: [1]
: Windows Phone ئۈچۈن «جەمگاھ» ئېلان قىلىندى