Qismet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 13:53:32

Windows/WP/iOS ئەپلىرىڭىز ئەپ بازىرىدا ھەقسىز ئېلان قىلىپ بېرىلىدۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qismet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 13:58  

http://www.xjcfan.com/wp-content/uploads/2015/02/App_plan.jpg
شىركىتىمىز Windows/WP/iOS ئەپلىرىنى ئەپ بازىرىدا ھەقسىز ئېلان قىلىپ بېرىدۇ
     ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى بىلەن كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئېسىل ئەپلەرنى قاچىلاپ ئىشلىتىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يۇمشاق دېتال ۋە تور بېكەت ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتال ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ئەپ نۇسخىسىنى ئىشلەپ ئېلان قىلىش زامان تەقەززا قىلىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالدى.
     بىر قىسىم شىركەتلەر ئەپلىرىنى لايىھەلىتىپ، ئەپ بازارلىرىدا ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن كىچىك شىركەتلەر ۋە شەخسلەر ئۈچۈن بۇ ئۇنچە ئاسان ئىشمۇ ئەمەس.
     Android ئەپلىرىنى Google Play دا ئېلان قىلماي، مۇقىم ئىشلەيدىغان بوشلۇققا يوللاپ، ئادرېسىنى تەمىنلەپ قويسىلا، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ياكى بولمىسا بىر كىشى چۈشۈرۈۋېلىپ، كۆپ كىشىگە تەمىنلەپ بەرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، Windows/WP/iOS ئەپلىرى ئۇنداق ئەمەس. ئەپ چوقۇم بەلگىلەنگەن ئەپ بازىرىغا چىقىرىلىشى، ئىشلەتكۈچىلەر شۇ يەردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشى كېرەك.
     Android ئەپلىرى ئېلان قىلىنىدىغان Google Play ئەپ بازىرى دۆلىتىمىزدە ئېچىلمايدۇ. بەزىدە ئېزىپ-تېزىپ ئېچىلىپ قالدى دېگەندىمۇ، نورمال ئىشلىتىش بەسى مۈشكۈل. شۇڭا ۋاقتىنچە ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرايلى.
     Windows/WP ئەپ بازىرىغا ئاچقۇچى ھېساباتىدا تىزىملىتىشتا بىر تالاي مۇرەككەپ جەرياننى بېسىشتىن باشقا، يىلدا 600 يۈەن خەلق پۇلى ھەق تۆلەش كېرەك؛ iOS ئاچقۇچى ھېساباتىدا تىزىملىتىشتىمۇ يەنە شۇنداق جەريانلارنى بېسىپ، ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا ئورگان تەرەپنىڭ تەستىقىنى كۈتۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يىلدا 99 ئامېرىكا دوللىرى ھەق تۆلەش كېرەك.
     قوشۇمچە: (1) يېقىندىن بېرى Windows/WP ئەپ بازىرىغا ئاچقۇچى ھېساباتىدا ھەقسىز تىزىملىتىش، ئەپلەرنى چىقىرىشتا ھەق تۆلىمەسلىك خەۋىرى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ھېسابات تۇرغۇزۇش خېلى مۇرەككەپ جەريان؛ (2) iOS ئەپلىرىنىApp Store بازىرىغا چىقارماي، بىۋاسىتە چۈشۈرۈشنى تەمىنلەش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، بىخەتەرلىك، ئىشەنچ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەپنى App Store دا ئېلان قىلىش، App Store دا ئېلان قىلىنغان ئەپلەرنى ئىشلىتىش نىسبەتەن تەۋسىيەلىك تاللاش. (ئەسكەرتىش: بۇ Windows/WP/iOS ئەپ بازىرىدا ئېلان قىلىنغان ئەپلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك، خاتىرجەم ئىشلىتىشكە بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئەپ بازارلىرىدا دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-پەرمانلىرىغا، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە خىلاپ ئەپلەرمۇ ئېلان قىلىنىپ قالىدۇ. ئەمىنلىك ئۈچۈن، سەگەك بولۇشىمىز زۆرۈر.)
     چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى شىركەتلەرگە نىسبەتەن Windows/WP ۋە iOS ئەپ بازىرىنىڭ ھېسابات چىقىمى ئۈچۈن يىلدا بىر مىڭ بەش يۈز ئەتراپىدا ھەق تۆلەش چوڭ ئىش ئەمەس. لېكىن، ئەپ ئېچىۋاتقان شەخسلەر، جۈملىدىن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، بىرەر تال ئەپ ئېلان قىلماقچى بولغان كىچىك شىركەتلەر ئۈچۈن، بۇ نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق ۋە بىھۇدە چىقىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
     مۇشۇ ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىركىتىمىز كىچىك شىركەتلەر ۋە شەخسىي نامدا ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ Windows/WP/iOS ئەپلىرىنى ئەپ بازىرىدا ھەقسىز ئېلان قىلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.
     بۇ ئىش خۇسۇسىدا تۆۋەندىكىچە چۈشەنچە بېرىمىز:
     1. ئېلان قىلىنماقچى بولغان ئەپ چوقۇم ھەقسىز تارقىتىلىشى كېرەك. ئەپنىڭ ھەقلىق بولۇپ، شىركەت ھېساباتىمىزنىڭ قالايمىقان بولۇشىنى خالىمايمىز.
     2. ئېلان قىلىنماقچى بولغان ئەپ چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-پەرمانلىرىغا، يەرلىك نىزاملىرىغا، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا شىركىتىمىز مەزكۇر ئەپنى ئەپ بازىرىدىن چىقىرىۋېتىشكە، ئېغىر بولغاندا قانۇن ئورۇنلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ تىنىچ-ئامانلىقىنى، شىركىتىمىزنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا تولۇق ھوقۇقلۇق.
     3. ئېلان قىلىنماقچى بولغان ئەپ بۇزغۇنچىلىق، ئىغۋاگەرلىك خاراكتېرىدىن يىراق بولۇشى، ساغلام ئىنتېرنېت ئۇچۇر مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا شىركىتىمىز مەزكۇر ئەپنى ئەپ بازىرىدىن چىقىرىۋېتىشكە، ئېغىر بولغاندا قانۇن ئورۇنلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ، جۈملىدىن ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئامانلىقىنى، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق.
     4. ئېلان قىلىنماقچى بولغان ئەپ تاق تىللىق بولسا چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدا بولۇشى، كۆپ تىللىق بولسا ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئىنگلىز، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق بىز چۈشىنەلەيدىغان تىللاردا بولۇشى كېرەك. چۈنكى، بىزنىڭ ھېساباتىمىزدا ئېلان قىلىنغان ئەپنى بىز چوقۇم نازارەت قىلىشىمىز كېرەك. ئادەم كۈچىمىز ۋە بىلىمىمىزنىڭ ئازلىقى تۈپەيلىدىن، ئەپ بازىرىدىكى ھېساباتىمىزدا بىزگە نىسبەتەن چۈشىنىكسىز تىلدىكى ئەپلەرنىڭ ئېلان قىلىنىپ، نازارەتسىز قېلىشىنى خالىمايمىز.
     5. ئەپىڭىزنى ھەقسىز ئېلان قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا قانچىلىك ۋاقىت داۋام قىلىدىغانلىقىغا ھازىرچە كاپالەت بېرەلمەيمىز. لېكىن، ئەڭ ئاز بولغاندا بىر يىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
     خۇلاسە كالام، سىزنىڭ ئەپ بازىرىدا ھېسابات ئاچالماسلىق، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئېلان قىلالمىغان ئەپلىرىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن «ئەپ ئېلان قىلىشنى تىزىملاش جەدۋېلى»نى چۈشۈرۈپ، بۇ ئىشنى شىركىتىمىزگە ھاۋالە قىلسىڭىز بولىدۇ. سىز يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە قوشۇلغان ئەھۋالدا، بىز سىزنىڭ قانۇنلۇق ئەپىڭىزنى قانۇنلۇق ئۇسۇلدا ھەقسىز ئېلان قىلىپ بېرىشكە تەييار.

«ئەپ ئېلان قىلىشنى تىزىملاش جەدۋېلى»نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
http://bbs.xjcfan.com/thread-4302-1-1.html
     چۈشەنمىگەن ئىشلار بولسا ياكى ئىچكىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، بىز بىلەن ئەھۋاللاشسىڭىز بولىدۇ.
     شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30/31-ئىشخانا
     تور بېكەت ئادرېسى: http://www.xjcfan.com
     تېلېفون نومۇرى: 8554814 / 8554813-0991
     ئېلخەت: master@xjcfan.com
     QQ مۇلازىمى: 834480060

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى2015-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى

مەنبە: http://bbs.xjcfan.com/thread-4302-1-1.html

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 16:14:18

ھەقسىز ئەپلەرمۇ كۆپكەن ، ئەپنى ياساپ ھەقسىز تارقاتسا  ئەپ ئاچقۇچىلار قانداق پۇل تاپىدۇ ؟

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 18:18:16

شىركەتلەر ئۆز ئەپىنى ھەقسىز تارقىتىپ، شۇ ئەپنىڭ رولى بىلەن شىركىتىنى، مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ۋاسىتىلىك پۇل تاپىدۇ. ئەپ ئاچقۇچى بالىلار ئۆز ئەپىنى ھەقسىز تارقىتىپ، ھەقلىق ئەپ تارقىتىدىغانغا يول تاپىدۇ.
مۇشۇنداقراق چۈشەنسەك توغرا بولۇشى مۇمكىن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:53:04

ئەپتىن بىرنى ھەقسىز تارقىتىدۇ، ئاندىن شۇ ئەپكە ئېلان قىستۇرىدۇ ، ئېلانسىز نۇخسىسىنى 6يۈەنگە سېتىۋېلىڭ دەيدىكەن

tormahiri يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 21:13:08

يۇمشاق دېتال دۇنيانى يەۋاتىدۇ..!

President يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 17:18:54

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 20:53 static/image/common/back.gif
ئەپتىن بىرنى ھەقسىز تارقىتىدۇ، ئاندىن شۇ ئەپكە ئېلان ق ...

بىر ئۇزۇن ئىنكاس يېزىپ ئۆچۈرۈۋەتتىم. لېكىن، بۇ ئىنكاسىڭىزدىن سىزنىڭ پروگراممېر ئەمەسلىكىڭىزگە چىنپۈتتۈم.

ھەقسىز ئەپنىڭ، ھەقلىق ئەپنىڭ، شۇنداقلا ئېلان قۇيۇلغان ئەپنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبلىرى بولىدۇ، سىز دېگەن ئۇ خىل ئەپلەر ئىشلەتكۈچىلەرگىمۇ ۋە پروگراممىرلارغىمۇ قولايلىق بولغان بىر خىل سېتىش تاكتىكىسى. ھازىرقى ئەپلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى ھەقسىز، ئەمما ئىچىدە مەسىلەن ئويۇندا، ئىچىدىكى مەيدانلارنى ياكى قورال-قەھرىمانلارنى سېتىۋالىسىز، بۇمۇ سېتىش تاكتىكىسى. بىراقلا ھەقلىق قىلىۋەتسە، ئىشلىتىپ باقماي سېتىۋالغۇسى كەلمەيدۇ كىشىنىڭ، ھەقسىز قىلىۋېتەي دېسە پروگراممېرلارمۇ ئادەم، جان باقمىسا بولمىسا...

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 17:33:16

President يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 17:18 static/image/common/back.gif
بىر ئۇزۇن ئىنكاس يېزىپ ئۆچۈرۈۋەتتىم. لېكىن، بۇ ئىنكاس ...

توغرا دىدىڭىز مەن پروگىراممېر ئەمەس ، لىكىن پېروگىراممېرلار ياسىغان ئەپنى ئىشلىتىپ باققان

President يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 18:46:21

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 17:33 static/image/common/back.gif
توغرا دىدىڭىز مەن پروگىراممېر ئەمەس ، لىكىن پېروگىرا ...

ئەپنىڭ ھەممىنى شۇ پروگراممىر ياسايدۇ :D

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 21:39:41

President يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 18:46 static/image/common/back.gif
ئەپنىڭ ھەممىنى شۇ پروگراممىر ياسايدۇ

:lol

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 22:11:29

توربېتىڭلار ئېچىلمايۋاتىدۇ

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 22:46:39

ۋىندوۋس 8.1 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى بارمىدۇ، توردىكى گوست نۇسخىسىنىڭ ھەممىسى ئەخلەت ئىكەن

rohqin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 22:54:23

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 22:46 static/image/common/back.gif
ۋىندوۋس 8.1 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى بارمىد ...

http://msdn.itellyou.cn/

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 11:38:27

Tuwatur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 22:11 static/image/common/back.gif
توربېتىڭلار ئېچىلمايۋاتىدۇ

مۇلازىمىتېر تەڭشىلىۋاتىدۇ ...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-22 12:04:01

rohqin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 22:54 static/image/common/back.gif
http://msdn.itellyou.cn/

رەھمەت
بەت: [1]
: Windows/WP/iOS ئەپلىرىڭىز ئەپ بازىرىدا ھەقسىز ئېلان قىلىپ بېرىلىدۇ