bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 08:49:59

NASA: بىر ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ دېگەنلىرى

بىر ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ دېگەنلىرى

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى

بۈگۈن (يەنى ئامېرىكا ۋاقتى بويىچە 2015-يىلى 17-فېۋرال كۈنى) بىزنىڭ ئىدارىمىز ج پ ل نى زىيارەت قىلىپ كەلگەن بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى بىزگە بىر سائەت دوكلات بېرىپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى ھاياتى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.  

ئۇ رۇسىيىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئالىكزاندېر مىسۇركىن ئىكەن.  ئالىكزاندېر باشقا بىر قانچە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن 2013-يىلى 28-مارت كۈنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا چىقىپ، ئۇ يەردە جەمئىي 166 كۈن ئىشلىگەن.  ئاشۇ قېتىم ئىشلىتىلگەن ئالەم كېمىسى بۇرۇنقىلىرىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئاشۇ قېتىمقى سەپەردە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇرۇن 2 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان سەپەرنى تۇنجى قېتىم 6 سائەتتە تاماملىغان.  بۈگۈن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بىرى ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئاشۇ قېتىم خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا 6 سائەت چىقالىغانلىقىنى سورىغاندا، ئالىكزاندېر «ئۇ قېتىم ئىشلىتىلگەن، ئالەم كېمىسىنى كونترول قىلىدىغان كومپيۇتېر كونترول سىستېمىسى بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولدى»، دەپ جاۋاب بەردى.  


1-رەسىم: رۇسىيە ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالىكزاندېر مىسۇركىن (Alexander A. Misurkin)


ئالىكزاندېر مۇشۇ قېتىملىق سەپەرگە جەمئىي 2 يىل تەييارلىق قىلغان.

بۇنداق سەپەردە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىدىن خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئۇتتۇرلا قونمايدۇ.  بەلكى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يېتىپ بارغان ئالەم كېمىسى يەر شارىنى بىر قانچە قېتىم ئايلىنىپ، تېزلىكىنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئۇچۇش تېزلىكى بىلەن قەدەملەشتۈرۈپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قونىدۇ.  ئالىكزاندېر بارغان ئاشۇ قېتىم ئۇلار ئالدى بىلەن يەر شارىنى 2 قېتىم ئايلىنىپ، ئاندىن خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قونغان.

ئالىكزاندېر خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا بىر ئۇچۇش ئىنژېنېرى بولۇپ بارغان بولۇپ، ئاشۇ قېتىملىق مەشغۇلات جەريانىدا ئۇ 3 قېتىم، جەمئىي 20 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىپ، فىزىكىلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارغان.  ئالەم بوشلۇقىدا بىر قېتىمدا ئەڭ ئۇزۇن تۇرغان ۋاقتى 7 سائەتتىن كۆپ بولغان.  خەلقئارا ئالەم پونكىتى يەر شارىنى يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 330 – 435 كىلومېتىر كېلىدىغان ئوربىتلاردا ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ يەر شارىنى ھەر 93 مىنۇتتا بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ بولىدۇ.  ئۇنىڭ مېڭىش تېزلىكى سائىتىگە 27600 كىلومېتىر.  شۇنداق بولغاچقا ئالىكزاندېر ئالەم بوشلۇقىدا 7 سائەتتىن ئۇزۇنراق ۋاقىت مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، خەلقئارا ئالەم پونكىتى يەر شارىنى 4.5 قېتىم ئايلىنىپ بولغان.  يەنى، كۈندۈز بىلەن كېچە تۆت يېرىم قېتىم ئالمىشىپ بولغان.  ئەمما ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا كىيىدىغان كىيىمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلىنىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئالىكزاندېر تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشلىرىنى ئاساسەن ھېس قىلمىغان.  ئۇنىڭ بېشىغا كىيىۋالغان باش كىيىمىنىڭ ئالدى تەرەپتىكى ئەينىكى 2 قەۋەت بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى بىر قەۋىتىدە نۇر سۈزگۈچ (نۇرنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ماددا) بار ئىكەن.  ئالىكزاندېر ئۇ سۈزگۈچ بار قەۋەتنى كۈندۈزى ئىشلىتىپ، كېچىسى ياخشىراق كۆرۈش ئۈچۈن ئۈستىگە قايرىپ قويىدىكەن.


2-رەسىم:  ئالىكزاندېر مىسۇركىن بىلەن مەن، يەنى بىلىمخۇمار.  بۇ رەسىم 2015-يىلى 17-فېۋرال كۈنى تارتىلغان. مەن كەلگۈسىدە ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ چۈشكەن بىر ئۇيغۇر يىگىتى ياكى بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن مۇشۇنداق بىر خاتىرە رەسىمى چۈشۈۋېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.

خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا تۇرغان 166 كۈن جەريانىدا، ئالىكزاندېر ھەر كۈنى كەم دېگەندە ئىككى يېرىم سائەت يۈگۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئۈستىدە چېنىققان.  ھەمدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 35 پىرسەنت ۋاقىتتا ئۇخلىغان.  ئۇخلىغان ۋاقىتتا دۇمبىسى «كارۋات» قا، بېشى «ياستۇق» قا تەگكەن-تەگمىگەنلىكىنى ئانچە ھېس قىلالمىغان.  يەنى، خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا ئادەمنىڭ ئېغىرلىقى يوقاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇ يەرگە چىققان ئادەملەر تۇرۇبا شەكلىدىكى ئۆيلەردە ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ.

ئەگەر تارتىش كۈچى فورمۇلاسىغا سېلىپ ھېسابلاپ باقسىڭىز، خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى يەر يۈزىدىكى تارتىش كۈچىنىڭ تەخمىنەن 97 پىرسەنتىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.  ئەمما خەلقئارا ئالەم پونكىتى بىر چەمبەرسىمان ئوربىتتا ئىنتايىن تېز ئايلىنىپ تۇرغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىدە يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن مەركەزدىن قېچىش كۈچى ئوز-ئارا يېيىشىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئادەمنىڭ ئېغىرلىقى يوقاپ كېتىدۇ.  شۇڭلاشقا سىز خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئىچىدە بىر تال بارماق قولىڭىز بىلەن بىر كىچىك ماشىنىنى كۆتۈرەلەيسىز.

خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىن قايتىپ چۈشكەندە، ئالىكزاندېر قازاقىستاندىكى ئالەم مەركىزىگە قونغان بولۇپ، ئالەم كېمىسىدىن يېڭى چۈشكەندە ئۆزى يول ماڭالماي، ئۇنى باشقىلار كۆتۈرۈپ ماڭغان.  ئولتۇرۇش ۋە ئورنىدىن تۇرۇش، ۋە بىر كىچىك دۆڭگە چىقىش قاتارلىقلارنى ئازراق مەشىق قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇ ئۆزى يول ماڭالىغان.  ئالەم بوشلۇقىدىن قايتىپ چۈشۈپ 6 ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆزى ماشىنا ھەيدىيەلىگەن.  

«سىزنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى بولغۇسى بار ياشلارغا نېمە تەۋسىيە سۆزىڭىز بار؟» دەپ سورىغاندا، ئالىكزاندېر «ھەرگىز «مەن ئۇنداق ئىشنى قىلالمايمەن»، دەپ ئۆزۈڭلاردىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئالەم بوشلۇقىغا چىقمۇغىچە بەلنى قويۇۋەتمەڭلار»، دېدى.

ئالىكزاندېر 1977-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ دەسلىۋىدە رۇسىيىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىدە بىر ئۇچقۇچى بولغان.  كېيىنچە كەسپىنى ئالەم ئۇچقۇچىسى كەسپىگە ئۆزگەرتكەن.  ئۇ ھازىر كەلگۈسىدە ئاستېرويد (كائىنات ئۇچار تاشلىرى) ۋە مارسقا بېرىشنى نىشانلاۋېتىپتۇ.  ھەمدە خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قىلىدىغان 2-قېتىملىق سەپىرىگە تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ.

ئالىكزاندەر بۈگۈن بىزگە ئۆزى خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا تۇرۇپ تارتقان خېلى كۆپ رەسىملەر بىلەن بىر 30 مىنۇتلۇق فىلىمنىمۇ كۆرسەتتى.  لېكىن مەن تورنى ئىزدەپ، ئۇ تارتقان رەسىملەرنى تاپالمىدىم.  ئەمما ئۇ ئالەم بوشلۇقىدا تۇرىۋاتقان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشلەر تورلاردا كۆپ ئىكەن.  تۆۋەندىكىسى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە پارچە رەسىملەر.







ugdelmix يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 09:00:30

مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ چۈشكەن ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ بارلىققا چىقىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن

didat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 10:38:38

  يەر شارىنى ھەر 93 مىنۇتتا بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ بولسا،ئۇلار ئۈچۈن ھەر93مىنۇت بىر كۈن بۇلىدىكەن.ئۇنداقتا ھېلىقى ‹‹ئەرىشتىكى بىر كۈن زىمىندىكى بىر يىل››دىگەن گەپ خاتا ئىكەن ھە.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 11:01:00

didat يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 10:38 static/image/common/back.gif
يەر شارىنى ھەر 93 مىنۇتتا بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىپ بول ...

  يەر شارىنىڭ ئۆز ئۇقىدا بىر قىتىم ئايلىنىشى ۋە ئۇچقۇنىڭ يەرشارىنى بىر قىتىم ئايلىنىشى باشقا ئۇقۇم-دە...
  ئاۋۇ تىمىدا دىيىلگەن 166 كۈن ئۇقۇنىڭ يەرشارىنى 166 قىتىم ئايلىنىشى ئەمەس يەر شارى ۋاختىدا ھىساپلانغان، سىز دىگەن ‹‹يەر شارىدىكى بىر يىل ئالام بوشلىقىدىكى بىر كۈنگە تەڭ›› دىگەن گەپكە ئەركىن ئاكىمىز باشقا بىر تىمىسىدا ‹‹ئەمىليەتتە 80 يىلچە ۋاقىتتا بىرە سائەتچە پەرىق چىقىدۇ›› ، ۋوللىۋود بۇنى كۈپتۈرۈپ كىنو قىلىپ ئىشلىگەن دىگەنتى...

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 11:05:12

ئالەم قاتنىشى ، ئېسسىل ساياھەت بولاتتىكەن .

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 12:33:54

ئارزۇيىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا تىلەكداشمەن،يەنى ئالەم قاتنىشىغا ئولتۇرۇپ چىقىپ چۈشكەن مىللىتىمىز ياشلىرى چوقۇم چىققۇسى....بۇنىڭ ئۈچۈن فىزىكا ئاساسى بولىشى كىرەككەن...ما ئۆيدىكى قىسپۇرۇشقا فىزىكىنى ئوبدان ئۆگەن دىسەم ھە دەپ قۇيۇپ سىرىتقا چىقىپ توپلا تىپىدۇ...بوپتۇ،تەپسەڭمۇ تەپ دەۋەتتىم.

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 13:36:16

ئالەم بوشلۇقى ھەققىدىكى ئىشلار ئەجەب قىزىقارلىق ئىكەن.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 15:42:31

يەنە بىر ئېسىل تېما! تېما تولىمۇ قىزىقارلىق ۋە چۈشىنىشلىك يېزىلىپتۇ بىلىمخۇمار ئاكا، شۇنداق بىر ئۇيغۇر ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ چىقىشىنى ھەمىمىمىز بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز. ھارماڭ ئاكا، بىز دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىپ بولالمىساقمۇ ماس قەدەمدە بىلىپ بولسىمۇ تۇرىلى ھازىرچە!

bariber يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 16:14:17

ئارزۇلىرىمىز ئەمەلگە ئاشسۇن ،مىللىتىمىز ياشلىرىنىڭ يۈزىدە كۈلكە پارلىسۇن.

aziz101 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 00:46:04

رەسىم دىكى ئاۋۇ بىلىم خۇماردىگەن ئاكىمىز شۇمۇ   

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 06:35:42

izqel يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 12:33 static/image/common/back.gif
ئارزۇيىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا تىلەكداشمەن،يەنى ئالە ...

بالىغا مىس سىمنى مىتالغا ئوراپ باتارىيەنىڭ تۇكىدا ماگىنىتلايدىغان، زىيادە يانفون باتارىيلېرىنى زەرەتلەيدىغان، كىچىك ئۇيۇنچۇق ماتورلېرىنى باتارىيەگە ئۇلاپ ئايلاندۇرىدىغان ئىشلارنى ئۈگىتىپ قويسىڭىز قىزىقىدۇ، بولسا ۋېلسىپىت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان دىناملارنىمۇ تىپىپ بېرىڭ...

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 09:16:10

ئەركىن ئاكا
دىلشاتجان ۋېست پوئىنىتقا بارغىلى ئۇنىغان بولسا بىزدىنمۇ ئالەم ئۇچقۇچىسى چىقاربولغىيتتى
ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇش ئۈچۈن ئاۋال ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىسى بولۇش كېرەكتە

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 10:31:53

ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا ئوخشاش ئېغىرلىقنى يوقاتقان ھالەتنى باشتىن كەچۈرۈپ باققۇم با . تەقلىدى ئېغىرلىق يوقۇتۇش تەجرىبەخانىلىرى بادۇ ھە ؟

mujahid731 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 13:20:53

ئاللاھ خالسا ئاز قالدى ئۇيغۇردىنمۇ بىرسى چوقۇم چىقىدۇ ئالام بوشلىقغا  

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 15:57:29

ئالەم بەكمۇ چىرايلىقكەن .
بەت: [1]
: NASA: بىر ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ دېگەنلىرى