ئىزدىنىشتىكى 10 يىلىم
مانا ئىزدىنىشقا ئەزا بولغىنىمغمۇ 10 يىل بۇپ قاپتۇ . بۇ 10 يىلدا 10 ياش قېرىپتۇق . ياش چاغلاردا قۇشاق تۇقۇپ يۇرۇپتۇق . ئۇندىن كىيىن بېشىمىزنى ئىچىمىزەر تىقىپ ئىنكاس كۆردۇق ( گەرچە ئىنكاس يازمىساقمۇ ) كىيىن يەنە قۇشاق تۇقۇپ بىر قانچە تورداش بىلەن قېيداشقانمۇ بولدۇق ( ئىسمىنى ئاتىماي ) ئۇندىن كىيىن يەنە شۇ ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىدەك بىر بار - بىر يوق بۇلۇپ 10 يىل ئۈتۈپتۇ . لېكۇن ئويلىسام ئىزدىنىش بۇ 10 يىلدا ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىتىپتۇ . مەسىلەن : ئالدى بىلەن ئغىر - بسىق بۇلۇشنى ئۈگىتىپتۇ . باشقىلارنى ( دۈشمىنىم بولغان تەقدىردىمۇ ) ھۆرمەتلەشنى ئۈگىتىپتۇ ، پىكىر قىلىشنى ، تەپەككۇر قىلىشنى ئۈگىتىپتۇ . قانداق ئادەم بۇلۇش ، قانداق ياشاشنى ئۈگىتىپتۇ .ئىزدىنىشتا كونا دوستلارمۇ ،يىڭى ئەزالارمۇ بار . ھۆنەرۋەن كاسىپلارمۇ ،دىھقان - چارۋىچىلارمۇ ، ئۇقۇغۇچى -شاگىرتلارمۇ ، ئوقۇتقۇچى - ئوستازلارمۇ ، موللا - ئۈلىمالارمۇ ، ئالىم كەشپىياتچىلارمۇ ، ناخشىچى سازەندىلەرمۇ ، شائېر- يازغۇچىلارمۇ ، مۇئمىن - مۇسۇلمانلارمۇ ، خىرىستىيانلارمۇ ، دىنسىز دەھرىيلەرمۇ ، ھەممە ساھەدە ئادەم بار . مەن مۇشۇ كۈنلەردە ئىزدىنىشقا چىقسام نۇرغۇن ئۇلۇغ ئۇستازلار ئالدىدا تەمتىرەپ تۇرغان بالىدەك ھىس قىلىمەن ئۈزەمنى . نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازاي دەيمەن ، يازالمايمەن ، سۆزلىيەلمەيمەن چۇنكى ئويلىيالمايمەن . ئىزدىنىش ماڭا ئويلاشنى ئۈگەتتى ، ئاستا-ئاستا چوڭ بۇلۇپ قېرىۋاتىمەن . لكىن ئەھمىيەتلىك ئىشىم ياكى نەتىجەم يوق . كۈنلىرىم مەنىسىزدەك بىلىنىدۇ ، بەھىدە ئۈزۈمنى ساراڭ بۇلۇپ قالغاندەك ھىس قىلىمەن . راست ئېلىشىپ قالدىممۇ نىمە ؟ .ەقلى- ھۇشۇم جايىدىدۇر ؟ كىيىمىمنى ئوڭ كەيگىنىمگە قاراپ ساق ئوخشايمەن دەپ ئويلايمەن . لېكىن ئۈزەمگە ئالجىغاندەك بىلىنىپ قالىمەن . دوستلار سىلەرمۇ شۇنداق بۇلۇپ باققانمۇ ؟ ئەلۋەتتە نۇلۇپ باققانسىلەر . چۈنكى بىز تەقدىرداش ئەمەسمۇ ؟ خەيرى -خوش مەن . خەيرى - خوس ئىزدىنىش . ئەگەر كىيىن تما يزىپ قالسام كۇرۇشەرمىز . ئۈلۈپ كەتسەم خوش ! سەمىيمى تەكلىپ: دۇنيا، كىشلىك ھايات قارىشىڭىزنى قايتا بىر تاسقاپ چىقىڭ.
1. ئېسىل كىتاب ئوقۇڭ.
2. تەنھەرىكەت پائالىيتىگە قاتنىشىپ بېقىڭ. ئىسىم ئۆزگەرتىپ باقامسىز يا مەندەك، ئىزدىنىشتا 10 يىل ياشاپمۇ يەنىلا ‹‹لاتا›› پېتىڭىزچە ياشاۋەرسىڭىزمۇ بولماس :lol رەخىت ياكى گەزمال دەپ ئۆزگەرتىڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-18 10:03
پات-پات ساياھەتكە چىقىپ بىرىڭلا. مۇھىت ئالماشتۇرۇپ تۇرسىڭىز كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشكە پايدىسى بولىدۇ.
ئەگەر پايدىسى بولسا دەپ قوياي،
يازغان شىئىرلىرىڭلا ھەقىقەتەن ئىسىل.:victory: مەن مۇشۇ لاتىنىڭ شېئىرلىرىدىن قۇشاق توقۇشقا قىزىقىپ قالغان ئىدىم
شۇڭا يەنە ئىلھامىم دىگگىيىپ قالدى . :lol
كۆرۈپ تۇنجى قۇشاقىڭنى بولۇپ ھەيرانە -ھەيرانە ،
ھەجەپ گەپدان، «لاتا» كەن دەپ ئويلايمەن ھەريەردە،
زېھنىڭ ئۆتكۈر بولما ھەرگىز بولۇپ سەكپارە -سەكپارە ،
تاشلىساڭ گەر نىشانىڭنى بولۇرسەن ۋەيرانە -ۋايرانە .
ئون يىل بوپتۇ مۇنبەر ئارا بولۇپ ئاۋارە -ئاۋارە،
كىرىپ تۇرغىن بۇ يەرگىمۇ ماڭايلى تەڭ دەۋرانە -دەۋرانە .
مەنچە بولسا تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللۇنۇڭ . ئۈنۈمىنى باشقا ھەرخىل دورىلارغا قارغاندا تىز كۆرسىز ، ئۆزىڭىزنى 10 يىل بۇرۇن ھالتىڭىزگە قايىتقاندەك ھىس قىلسىز (سەمىىمىي تەكلىپ) :lol ياخشى بوپتۇ ، پىقىرمۇ كىيىن ئەزا بولغىنىم بىلەن 10 يىلدىن بېرى ئىزدىنىشنىڭ ئىزچىل ئىشتىراكچىللىرىدىن بىرى بۇلۇپ كىلۋاتمەن ، ھازىر ئىزدىنىشتىكى بالىلار بەك ئىھتىياتچان بۇلۇپ كەتتىمۇ قانداق :lol بۇرۇنقىدەك تېمىلار بەك جىق يوق ھازىر، شۇڭا سىزنىڭ ئىچىڭىز پۇشۇپ قاپتۇ-دە........لاتا !:P بۇ لاتىنىڭ شىئېرلىرى 60تىن ئاشقانغۇ دەيمەن . :lol ئىشقىلىپ مۇشۇ مۇنبەر دىگەننىڭمۇ ئوتى يامان نىمىكەن،كىرمەي دوي ئويلايمەن،لىكىن ھەپتىدىن كىيىنلا يەنە كىرگۈم كىلىدۇ..
ئىزدىنىشتا بىلىملىك باللار گەپ قىلماس بولىۋالدى،ياكى ناھايتى ئاز گەپ قىلىدۇ.
شېئرلىرىڭزىنى سېغىندىم راستىنى ئىيتسام ئىزدىنشىنىڭ تىمىلارنى باستۇرۇپ قۇيۇشى مىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قۇيدى. بەكلا تار ھەم مۇتەسسىپ جايدەك بىلىنىدۇ. مۇشۇ ئىنكاسنىمۇ بەك تەستە يىزىۋاتىمەن. تىزىملاتقان ۋاقتى2004-7-16 22:00
ماڭىمۇ 10 يىلدىن ئېشىپتۇ...:( نورۇز ئۆتسە 12يىل بوپقاپتۇ،مىنىڭ ۋە ئىزدىنىشنىڭ ئۆمرىنى بەرسە قېرىلىق كۆزەينىكىنى تاقاپ تۇرۇپ زىيالىنىڭ توي تەكلىپنامىسىنى ئىزدىنىشتە كۆرگۈم بار… گەزلىمە،گەزمال، ماتا،بۆز، رەخت، سەگەز، دۇردۇن، زەرباب .....
دەپ ئۆزگەرتىۋېلىڭ دەيمەن.
پەقەت بولمىسا كېپەن دەپ {:92:} uqkun1 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 17:21 static/image/common/back.gif
نورۇز ئۆتسە 12يىل بوپقاپتۇ،مىنىڭ ۋە ئىزدىنىشنىڭ ئۆمرىن ...
ھىلىمۇ توي توغرىسىدىكى گەپلەر بىلەن زىيالىي ئىككىنجى ئايدا ئىزدىنىشقا كىرەلمەس بولۇپ قالدى.{:92:} مەن 2007_يىللىرى كىرىشكە باشلىغان بۇ مۇنبەرگە. سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەم مۇشۇ مۇنبەرنى كۆرەپ ئولتۇرۇپتىكەن. كىيىن تورغا چىقساملا كىرىپ تۇراتتىم. مۇئەللىم ئىزدىنىشتا داۋاملىق بار بولغاچقا قورقۇپ تىزىملاتمىغان :lol. 2009 تىزىملىتىپ تاقىلىپ قالدى. ئېچىلغاندا بۇرۇنقى نامىم ئېچىلماي قايتا تىزىملاتتىم ئاندىن. كىيىن ئۇنىمۇ ئۆزگەرتىپ ھازىرقى نامدا چىقىپ كىلىۋاتىمەن. لاتا شېئىرى 99-نى ئوقۇيالمايدىغان بوپتۇقتە ئەمدى. ئىككى قېتىم تۈرمىگىمۇ كىرىپ كەتتىڭلار ھە راسىت. begmurad يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 12:56 static/image/common/back.gif
راستىنى ئىيتسام ئىزدىنشىنىڭ تىمىلارنى باستۇرۇپ قۇيۇش ...
مەنمۇ شۇنداق قاراشتا
بەلكىم قورقۇنۇش ئىچىدە تانىمۇ كۆزىگە يىلاندەك كۆرىنىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن.