waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 21:04:16

شىرئەلىجان مارالبېشىدا بالىلار باغچىسىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى


  

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  2015-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى،  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى مارالبېشى ناھىيىسى ئالاغىر يېزىسى 9-كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئۈچ ئەل » خىزمەت گۇرپىسى مەزگۈر كەنتىگە ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن قوشتىل بالىلار باغچىسى ئېچىلدى. شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ مۇنەۋەر ئەزاسى شىرئەلىجان مۇختەر بۇ كەنتىگە يىتىپ كىلىپ، نەخ مەيداندا كەنتە ئاھالىلىرى بىلەن توپ ئوينىدى ۋە بالىلار باغچىسىغا ۋاسكىتبول ئەسلىھەلىرى ۋە ئۆگىنىش قوراللىرى ئىئانە قىلدى.  مارالبېشى ناھىيىسى ئالاغىر يېزىسى 9-كەنتە ئاھالىلىرى خىزمەت ئەترىتىگە لەۋھە تەقدىم قىلدى. بۇنىڭدىن كىيىن كەنتىدىكى ئۇماقلار كەنتىدىن 10 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بالىلار باغچىسىغا بارمايدىغان بولدى.   بۇ پائالىيەتكە يەنە ئۇيغۇر بوكىسچىمىز مۇھەممەت تۇرسۇن چوڭ مۇ قاتناشقان.
  شىرئەلىجاننىڭ  بۇ قىتىملىق مېھىر شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيى تۇنجى قىتىملىق ئەمەس، ئۇ ئىلگىرى ساۋەن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە بىرىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پائالىيەتتە بولغان.  بۇ يىل  1-ئاينىڭ 13-كۈنى شىرئەلىجان تۇغۇلغان كۈنىنى سانجى شەھەرلىك بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ سومكا، ۋاسكىتبول ۋە توپ ئايىغى قاتارلىق ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلغان ھەمدە  ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تۇغۇلغان كۇنىنى ئۆتكۇزگەن ئىدى.
  شىرئەلىجان يارىلانغانلىق سەۋەبىدىن بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن پەقەت 28 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مەيدانغا چىققان ۋاقتى 26.3 مىنۇت بولغان. ھەم مۇشۇنداق قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 8.7 نومۇر ۋە 2.2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالغان ھەمدە 1.3 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.
شىرئەلىجان 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى بىرىنچى باسقۇچتا ئېلان قىلغان يېغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگەن. ئېگىلىنىشىچە شىرئەلىجاننىڭ  يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى دۇختۇرلارنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈپ داۋالىشىغا مۇھتاچ بۇلۇپ، بۇ ھال شىرئەلىجاننىڭ دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىللە مەشىق قىلىشىغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 10:38:07

سۈرەتتە مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ كۆرۈنمەيدىغۇ؟

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 12:10:21

ياخشى بوپتۇ لىكىن مەخسۇس تور بىكەتتە داۋراڭ قىلغۇدەكمۇ ئش ئەمەسكەن ...

ئوڭ قۇلۇڭ بەرگەننى سول قۇلۇڭ تۇيمىسۇن دەيدىغان بىر گەپ بار بىزدە.
بەت: [1]
: شىرئەلىجان مارالبېشىدا بالىلار باغچىسىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى