istikbal يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 17:06:37

قەشقەر ئوغلى كوماندىسى مەملىكەت بويىىچە چىمپىيون بولدى


جۇڭگۇ پۇتبۇل «كىم پۇتبول شاھى» جۇڭگو پۇتبول ئەلئارا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى2-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ دۆلەتلىك  تەنتەربىيە سارىيىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى يېرىم سائەت جىددىي ئېلىشىش ئارقىلىق شىنجاڭ «قەشقەر ئوغلى» بالىلار پۇتبۇل كوماندىسى، شىياڭ گاڭ 15پۇتبۇل كوماندىسى ، گۇ ۋاڭدوڭ يى فېڭ كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلار ئايرىم ئايرىم ھالدا بالىلار گورپىسى، ياش –ئۆسمۈرلەر گورپىسى، جەمىيەت گورپىسى بويىچە چىمپىيون بولدى.

قەشقەر شەھەر شامالباغ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىن بارغان «قەشقەر ئوغلى» پۇتبۇل كوماندىسى گۇ ۋاڭدوڭ يۇ شاتەن باشلانغۇچ مەكتىپى دې خۇا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ بىر مىنۇت ئۆتمەيلا «قەشقەر ئوغلى» پۇتبۇل كوماندىسىدىن ئەفىردىن چاقماق تىزلىكىدە بىر توپ ئۇرۇپ مەيداننى زىلزىلگە كەلتۈردى. «قەشقەر ئوغلى» پۇتبول كوماندىسى كۈچلىك بەدەن ساپاسى، يۇقىرى ماھارىتى بىلەن ئالدىنقى يېرىم مەيداندا مۇتلەق ئۈستىنلىكنى ئىگەللەپ، قارشى تەرەپنى پالەچ ھالغا چۈشرۈپ قويۇپ، 6:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. كىيىنكى مۇسابىقىدە ئېفىردىن سەپداشلىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى ماسلاشتى. مۇسابىگە ئاخىرلىشىشقا دۈدۈك چېلىنغاندا «قەشقەر ئوغلى» پۇتبول كوماندىسى 8:2 نەتىجە بىلەن گۇ ۋاڭدوڭ كوماندىسىنى يېڭىپ چىمپىيون بولدى.
غەلبىگە ئېرىشكە «قەشقەر ئوغلى» پۇتبول كوماندىسى خۇشاللىقتا ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتى. «توپ كىرگۈزۈش ماشىنىسى» دەپ نام ئالغان ئەفىردىن ناھايىتى ھاياجانلانغانىدى. ئۇ «مەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئىپادەم ناھايىتى ياخشى بولدى، مەيلى توپ كىرگۈزۈش، مەيلى پاس بىرىشتە بولسۇن قېرىنداشلىرىم بىلەن بەك ياخشى ماسلاشتىم»دىدى. بۇندىن كىيىنكى ئارزۇسىنى سورىغا ئۇ تارتىنىپ تۇرۇپ، «ئۈمۈدۈم كەسپىي كوماندىلارغا كىرىپ توپ تىپىش» دىدى.
قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازىرى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ «قەشقەر ئوغلى» پۇتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتۇنۇم رايونىمىزغا شان-شەرەپ كەلتۈردى.
مەنبە:ئۇيغۇر خەۋەر تورى  http://www.uyhawar.com

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 18:22:20

ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىنىڭ بەدەن ساپاسى ياخشى ، تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن.

tomoki يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 20:41:54

ماۋۇ يولداشلار يىڭىلگىنىگە تەن  بەرگۈسى كەلمەي  شىنجاڭلىقلار يىشىنى يوشۇرۇپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپتۇ،ئالدامچىلىق قىلدى دەپ پىتنە-پاسات تىرىپتۇ،،
http://tieba.baidu.com/p/3586433280

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 21:09:47

شۇنداق ئېھتىماللىقمۇ بار ، پىتنە پاسات دىگىلىمۇ بولمايدۇ ياش يۇشۇرۇش مەسىلىسى شىنجاڭ دا بەك كۆلەملەشكەن

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 21:45:42

مەنمۇ كۆرۈپ شۇنداق خىيالغا قىلىپ قالدىم، مەيدىسىگە كېلىدىغان بالىلار بىلەن ئوينىسا.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 22:16:11

ياش يوشۇرغان بولىشى مۇمكىن ، لىكىن باشقىلارمۇ شۇنداق قىلىغان، ھەم كەسپى كۇلۇبنىڭ ئۆسمۈرلىرىنى سالغان بولىشى مۇمكىن، شۇڭا ئوغرىنى قاراقچى سوقتى دىسەك بولامدىكىن . شۇڭا بەك ئاھ پاھ دەپ پىرىنسىقا كۆتۈرۈك كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىدىم ئۆزەمچە

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 22:27:31

ئاشۇلارنىڭ مەكتەپلىردىكى مەيدانلار، سالغان مەبلەغلىرىنى تەڭلەشتۇرۈپ ، ئاندىن قويۇپ بەرسەك ئاندىن ئايان بولىدۇ، لىكىن ، شۇنداق بولسا بولمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە شارائىت شۇنداق تۇرىدۇ.
مىكروسكوپ يوق كىشىگە مىكروسكوپ بار كىشى كۆرگەننى كۆرەلمەيدىكەنسەن دەپ ئەيىپلەش مودا بوپ قالغانتى .

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 22:28:20

ئادەتتە بۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەردە «سۆڭەك يېشى» نى ئاساس قىلىدىغاندۇ، بۇنىڭغىمۇ ساختىلىق قىلغىلى بولامدىغاندۇ يا…:o

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 22:42:35

قانچە ياشلىق باللاكەن بۇ

Yaryaxnar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 22:50:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Yaryaxnar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-17 22:51  

rock يوللىغان ۋاقتى  2015-2-17 21:45 static/image/common/back.gif
مەنمۇ كۆرۈپ شۇنداق خىيالغا قىلىپ قالدىم، مەيدىسىگە كې ...

مەيدىسىگە كەلسمۇ يا بۇ ۋاسكىتبول بولمىسا  بويى ئىگىز بولسا ئۇتىدىغان

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 23:47:30

شامالباغ تەرەپتە ئۆيى  بارلار ھەقىقى ئەھۋالنى سۇرۇشتىرىپ باقسا بولاتتى

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 01:59:27

بىز ئۇيغۇرلار ئاق تەنلىك ئىرىققا كىرىمىز ئەلۋەتتە بەدەن قۇرۇلۇشىمىز سېرىق تەنلىك خەنلەردىن
ئۈستۈن تۇرىدۇ-دە...  ئۇنىڭدا ياشنى يوشۇرغان، ساختىلىق ئىشلەتكەن ، ئۇنى قىلغان بۇنى قىلغان دېگەننىڭ
ھەممىسى قۇرۇق گەپ، ئۇتتۇرۋەتكەنلەرنىڭ ئۆزىنى بەزلىشى بوپ ھېسابلىنىدۇ.  بويى ئېگىز بولسىلا ئۇتىدىغان بۇ ۋاسكېتبول ئەمەس،  مۇسابىقىنى توللۇق كۆرگەن بولساڭلا ئۇقىسىلە، ئۇلارنىڭ مۇسابىقە جەريانىدىكى بىر بىرسى
بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشى، ھەم توپ تېپىش تېخنىكىسى، بەدەن ساپا، ئۇلاردىكى قورقماسلىق جەسۇرلۇق
ئۇلارنى ئۆزىدىن چوڭ ياشتىكى باللار بىلەن مۇسابىقىگە سالسىمۇ يېڭەلىگۈدەك جاسارەتنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ!

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 07:16:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 07:23  

‹يىتىم› ئاغزى ئاشقا تەگكۈچە بۇرنى تاشقا تىگىپتۇ دىگەن شۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 08:26:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 08:29  

ئىنكاسىم تەستىقلانماپتۇ
   ئۆتكەندە بەشىنجى باشلانغۇچمۇ ھەريەردىن ياخشى ئوينايدىغان بالىلارنى يىغىۋاپتىكەن ، چەتئەلنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ كۇماندىلىرى پەقەت ئۆزىنىڭ مەكتىپىدىكى بالىلاردىن تەشكىللەنگەن ،  بىزمۇ مۇسابىقە  قائىدىلىرىگە رىئايە قىلساق بولاتتى
   باشقىلار بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدىكى  نۇمۇر پەرقىدىنلا  ھىس قىلغىلى بولىدۇ ،   ئۆتكەندە  يىگىرمە ، ئۆتتۇز نۇمۇر پەرق بىلەن ئۇتۇپتىكەن ، بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگۇ ئوينىسىمۇ بۇنچە   پەرقى چوڭ بولماس

APSUN يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 08:55:22

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-17 21:09 static/image/common/back.gif
شۇنداق ئېھتىماللىقمۇ بار ، پىتنە پاسات دىگىلىمۇ بولما ...

ياق ياش يۇشۇرغان ئىش يوق، بىزنىڭ باللانىڭ ھەرقىتىم چىمپىيون  بولشى،جۇڭگۇ پۇتبۇلچىلار بىرلەشمە ھەيىتى ۋە جەمىيتىنى ئويلاندۇرغىسى

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 10:11:58

شۇ گەپ ،يەپ  كەتسچا! ئاشۇندا ئۇ بىرنمىسى چوڭ ئىكەن ، بۇ بىرنىمىسى چوڭ ئىكەن شۇڭا بەك يەپ كەتتۇق دەيدىغان گەپ....
ئەجەپ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرغان ئوراۇنلار، مۇسابىقە نازاراتچىلىرى كەسپى خادىملار مۇسابىقە تۈگكىچە بايقىماي ، تۇساتتىن مۇسابىدە يېڭىۋالسا بىژمىسى يوغان كەن دەپ تۇرۋالدىكەنيا بەزىلە توۋا!!!!

Estami يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 12:29:57

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 08:26 static/image/common/back.gif
ئىنكاسىم تەستىقلانماپتۇ
   ئۆتكەندە بەشىنجى باشلانغۇچ ...


ما جىڭ گەپ بوپتۇ .

Mushawir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 12:51:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mushawir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 12:52  

تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا ۋىلايەت بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى يىغىپ پۇتبول مۇسابىقىسىگە سالسا بىزنىڭ قوشنا سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىر ساۋاقدىشىمىز شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ كاماندىسىدا توپ تېپىپ ياخشى نەتىنجىلەرنى ئېلىپ بېرىپ قايتىپ كېلەتتى، گەرچە ئۇنىڭدىمۇ يېشى، ئوقۇيدىغان مەكتىپى، نوپۇسى دېگەندەكلەر تەكشۈرۈلسىمۇ ئۇ ساۋاقدىشىمىز بىرەر قېتىممۇ چىنىپ قالمىغان.
لېكىن ماۋۇ مۇسابىقە ئوخشىمايدۇ، بۇلارنىڭ تەكشۈرۈشى تېخىمۇ قاتتىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن دۆلەت كۆرۈپ تۇرسا، نەتىنجە ئېلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىش ئىستىكى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ يېشىنى يوشۇرۇپ چوڭ بالىلارنى سېلىپ  ئالدەپ ئۇتۇپ يۈرىدىغان سەت قىلىقنى قىلماس بالىلار.
بەيدۇنىڭ ئۇ 贴吧 دېگەن يېرى كۆپۈنچە شۇنداق گەپ تارقىتىدىغان، خەق نېمىلا دېسە بولىۋېرىدىغان يەر،  ئۆتكەندە شۇنداق قالايمىقان ئۆسەك سۆز تارقاتقانى ئاستا ئاپىرىپ جىڭ موما بىلەن بېقىپ قويدى، سىلەمۇ مۇشۇنداق بىر يەردە بىر ئېغىز قالايمىغان سۆزلەپ قويسا شۇنداقمىكى دەيمە دەپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىڭلىنى ئۆزەڭلىچە، ھەي....

Riwayetweb يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 23:09:39

http://tv.cntv.cn/live/cctv5?date=2015-02-14&index=17
ئۈستىدىكىسى مۇسابىقە سىن فىلىمى .

بەدەن ساپا ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان ھازىرقى ۋاقىتتا ئوخشاش ياشتىكىلەر ئارىسىدا بەدەن ساپاسى ياخشى بالىلارنىڭ چىقىشى دېمىسىمۇ سەل گۇمان قوزغايدۇ،  ئەمما بۇ بالىلار ھەممىسى 12 ياشقا توشمىغان باشلانغۇچنىڭ باللىرى . سۈرۈشتۈرىشىمچە شامالباغ بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبولغا ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىدىكەن، بىر قىسىم بالىلارنى باشقا مەكتەپ، ناھىيەلەردىن يۆتكەپ ئەكىلىپ سىستىمىلىق مەشىققە سېلىپ ھازىرقىدەك سەۋىيەگە ئەكەپتۇ .  تېرىنىرى رەھمەتلىك زۇنۇن مۇئەللىمنىڭ ئوغلىكەن، يەنى ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان مىرئەخمەتجاننىڭ تاغىى .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 00:11:53

ئىشقىلىپ بالىلارنىڭ بەدەن سۈپىتى سەل توغرا كەلمىگەندك بىلىندى. پۇتبولچى ئوقۇغۇچىلىرىم بارتى. 1984-يىلى تۇغۇلغان بىر بالا 1987-يىلىنىڭ دەرىجىسىدىن ھەممە تەكشۈرۈشلىرى نورمال چىقىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپتىكەن.
بەت: [1] 2
: قەشقەر ئوغلى كوماندىسى مەملىكەت بويىىچە چىمپىيون بولدى