GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 16:31:12

ئالامەت يومۇرلار

ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى مۇنبەرداشلار ، ھەر خىل تېمىلارنى مۇنازىرە قىلىپ چارچاپمۇ قالغانسىلەر ؟مەن نەچچە شىڭگىل يومۇر ئالغاچ كەلدىم بەھىرلەنگەيسىلەر.

بىر تاكسى شوپۇرى ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، ئالدى تەرەپتە  موتوسىكىلىتىنى بەك تېز سۈرئەتتە ھەيدەپ كېتىۋاتقان بايۋەتچىنىڭ  كەينىگە مىندۈرۈۋالغان بالىسىنىڭ چۈشۈپ قالايلا دەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا يېتىشىۋاپتۇ - دە، ئۇنىڭغا دەپتۇ:
_ بايۋەتچە، بالاڭ چۈشۈپ قالايلا دېدى.
بايۋەتچە كەينىگە قاراپ ھەيران قالغان ھالدا بالىسىدىن سوراپتۇ:
_ بالام، ئاپاڭ قېنى؟





بايۋەتچە دائىم مۇنداق دەيدۇ:
_ كىچىك ۋاقتىمدا يالغان سۆزلىسەم، باشقىلار مېنى ئالدامچى دەيتتى، ھازىر بولسا مېنى يازغۇچى دەپ ئاتايدۇ.




بايۋەتچە چۈشىدە دەسلەپكى سۆيگىنىنىڭ ئىسمىنى بىر قانچە قېتىم چاقىرىپ سالدى.
خوتۇنى ئۇنى ئويغىتىپ:
_ كىمنى چاقىرىۋاتىسىز؟ _ دېدى.
_ مەن چۈشۈمدە ئوقۇتقۇچى بوپتىمەن، بىر ئوقۇغۇچىنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن سوئال سوراپتىمەن، _ دېدى بايۋەتچە گەپ ياساپ.
_ ئەمما، سىز بىر سائەتلىك دەرستە بىرلا ئوقۇغۇچىدىن سوئال سوراپ چىقتىڭىزمۇ؟ _ دەپ سورىدى خوتۇنى تېخىمۇ گۇمانلىنىپ.
بايۋەتچە چۆچۈپ كەتتى، ئارقىدىنلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك :
_ مەن چۈشۈمدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپتىمەن، _ دېدى.




بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئوغلۇم مەندىن ئىككى يۈەن سورىدى. ئۇ مېنىڭ ئانچە رازى بولمىغانلىقىمنى كۆرۈپ، دەرھال چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
_ مەھەللىمىزگە بەكمۇ بىچارە بىر بوۋاي كەپتىكەن، مەن ئۇنىڭغا ئىككى يۈەن بېرەي دېگەنىدىم.
مەن ئۇنىڭ گېپىدىن تەسىرلىنىپ پۇلنى ئۇنىڭغا بەردىم.
ھايال ئۆتمەي ئوغلۇم بىر تال چوكىلىق قەندالەتنى كۆتۈرۈپ كەلدى، مەن ئەجەبلىنىپ ئۇنىڭدىن:
_ كىم بەردى؟ _ دەپ سورىدىم.
_ مەھەللىمىزگە كەلگەن بوۋاي، _ دەپ جاۋاب بەردى ئوغلۇم.





ئېرى: ئەمەلىيەتتە ئەر - ئاياللارنىڭ پىسخىكىسى ئوخشاش
خوتۇنى: كونكرېت دەپ بېقىڭە.
ئېرى: ئۇلار ئوخشاش بىر ئىشتىن قورقىدۇ. ئەرلەر پۇلى بولماسلىقتىن ئەڭ قورقىدۇ.
خوتۇنى: ئەمىسە ئاياللارچۇ؟
ئېرى: ئېرىنىڭ پۇلى بولماسلىقىدىن ئەڭ قورقىدۇ.




بايۋەتچە  ئەمگەك تونۇشتۇرۇش ئورنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى:
_ مەن خىزمەتكە جىددىي ئېھتىياجلىق، چۈنكى مەن خوتۇنۇمنى ۋە بەش بالامنى باقمىسام بولمايدۇ.
تونۇشتۇرۇش ئورنىنىڭ ئەمەلدارى ئۇنىڭدىن سورىدى:
_ بالا تېپىشتىن باشقا سىز يەنە نېمە ئىش قىلالايسىز؟




بايۋەتچە  جىددىي ئىشى چىقىپ قېلىپ بانكىغا پۇل ئالغىلى كىردى. قېرىشقاندەك ئۇنىڭ ئالدىدا بىر تىلەمچى پۇل قويۇۋاتاتتى، پۇللار بىر يۈەنلىك، بىر مولۇق ۋە بىر پۇڭلۇق پۇللار بولغاچقا خىزمەتچى خادىم يېرىم سائەت سەرپ قىلىپمۇ پۇللارنى ساناپ بولالمىدى.  بايۋەتچىنىڭ تاقىتى تاق بولۇپ بۇ ئىشنى گېزىتخانىغا ئىنكاس قىلدى. مۇخبىر ئۇنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا تىلەمچىنىڭمۇ پۇل ئامانەت قويۇش ھوقۇقى بولىدىغانلىقىنى، ئالدىرىغاننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى ئېيتتى. مۇخبىر ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن سورىدى:
_ بانكىغا ئەرز قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟
_ دەپ باقتىم، ئۇلارنىڭ گېپى مېنى تېخىمۇ تېرىكتۈرۈۋەتتى!
_ ئۇلار نېمە دېدى؟
_ ئۇلار، كىم سىلەرنى تىلەمچىگە پارچە پۇللارنى بەرسۇن دەپتۇ، دېدى.



—دوستى بايۋەتچىدىن سورىدى ،
—قانداق قىلغاندا ھاراق رومكىسىدىن يىراقراق تۇرغىلى بولىدۇ؟
—بايۋەتچە ھاراقنى نەيچە بىلەن ئىچكەندە.





بايۋەتچە  ئاپتوموبىلىنى سېتىۋەتمەكچى بوپتۇ.
— ئاپتوموبىلىڭىز يېڭىمۇ؟ — دەپ سوراپتۇ يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىرەيلەن.
— يېڭى، ھەممە يېرى يېڭى.
— ئەمىسە نېمىشقا سېتىۋېتىسىز؟
— يېڭىسىنى سېتىۋالاي دېگەن.




بايۋەتچىنىڭ بەش ياش ۋاقىتلىرى ئىكەن ،
بايۋەتچە بىر نەچچە دوستى بىلەن يول بۇيىدا تاماكا چەككەچ پاراڭغا چۈشۈپتۇ ،
بىر قىز ئوقۇغۇچى يول بويىدا ئۇلارنىڭ تاماكا چېكىپ  تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئاچچىقلاپ سوراپتۇ:
— سىلەر نېمىشقا مەكتەپكە بارمايسىلەر؟—
__ نېمە دەيدىغانسىز قىزچاق، _ دەپتۇ  بايۋەتچە  تاماكىسىنىڭ ئىسىنى پۈۋلەپ تۇرۇپ، — كىم بەش يېشىدىلا مەكتەپكە بارىدىكەن؟







بايۋەتچە ھەمىشە ھاراق ئىچىپ چاتاق چىقارغاچقا، دائىم سوتقا چاقىرتىلىپ تۇراتتى. بۇ كۈنى ئۇ يەنە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ، بىر چوشقىنى سوقۇۋەتتى،  يەنە تامغا سوقۇلغانلىقتىن بىرەيلەن ئۇنى سوتقا ئەرز قىلدى.
_ سېنىڭ بۇ كۈنگە قېلىشىڭغا ئاشۇ ئىسپىرت سەۋەب بولغان، _ دېدى سوتچى كەسكىنلىك بىلەن.
_ بەرگەن نەسىھەتىڭىزگە كۆپتىن _ كۆپ رەھمەت! كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مېنى ۋەقە تۇغدۇرغان ئەبلەخ، دەپ قارايدۇ. پەقەت سىزلا ھەقىقىي قاتىلنىڭ كىملىكىنى كۆرسىتىپ بەردىڭىز.






بايۋەتچە  چىش ئامبولاتورىيىسىگە كېلىپ، دوختۇرغا سىز ماڭا سېلىپ قويغان چىش چۈشۈپ كەتتى، دەپ تۇرۇۋالدى.  بايۋەتچىگە يالغان چىشنى تولىمۇ پۇختا قىلىپ سالغانلىقىغا يۈزە يۈز ئىشەنچى بولغان دوختۇر ، ئۇنىڭ دېگەن گېپىگە بەكلا ھەيران قالدى ،
دوختۇر  بايۋەتچىگە  باشقىدىن يالغان چىش سېلىپ چىڭ ئورنىشىپ كەتكەي دىگەن ئىدى . شۇ چاغدا  بايۋەتچىنىڭ تۆت ياشلىق بالىسى مۇنداق دېدى:
_ ئەمدى چۈشۈپ كەتمەيدۇ دوختۇر ، چۈنكى دادام بوتۇلكا ئاچقۇچنى تاپتى، دادامنىڭ يەنە چىشى بىلەن بوتۇلكا ئېچىشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى.






شەپقەتسىز، باغرى تاش بىر قىز نامرات بىر يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن:
_ قىزىم، ياخشىسى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكىن، _ دەپتۇ
_ نېمە داۋاتىسىز؟ ئەجەبا، نامراتلار نورمال مۇھەببەتلەشسە بولمامدىكەن؟ _ دەپتۇ قىز ئەجەپلىنىپ.
ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن، _ دەپتۇ دادىسى، _ مېنىڭ دېگىنىم، ئۇ يىگىت يەتكۈچە بىچارە ئىكەن، يەنە .كېلىپ سەندەك بىر قىز ئۇنىڭغا تەگمەكچى بولۇۋاتسا.




ئا : ئاڭلىشىمچە،  بايۋەتچە  ئەپەندى بالنىستتا يېتىپ قاپتۇ‏-ھە؟
ب : بالنىستتا يېتىپ قاپتۇما؟ تۈنۈگۈنلا ئۇنىڭ بىر خېنىم بىلەن «بىليارت دۇنياسى» ماگىزىنىدا ئايلىنىپ يۈرگىنىنى كۆرگەنتىمغۇ.
ئا : شۇنىڭ كاساپىتى، خوتۇنى كۆرۈپ قاپتۇ ئەمەسمۇ.






بايۋەتچە  ئائىلە ئەھۋالىنى ئاغىنىسىگە چۈشەندۈرۈپ دەپتۇ:
‏- ئائىلە ئىشلىرىنى ئەر ‏- خوتۇن ئىككىمىز بۆلۈشۈۋالغان.
‏- سەن قايسى ئىشلارنى باشقۇرىسەن ؟
‏- بالىلارنى، ئائىلە خىزمەتچىسىنى باشقۇرىمەن.
‏- خوتۇنۇڭچۇ؟
‏- خوتۇنۇم پۇلنى، مېنى باشقۇرىدۇ.






بايۋەتچىنىڭ ئوغلى ئاپسىغا دەپتۇ .
ئاپا، پەرىشتە دىگەن قانداق بولىدۇ ؟
ئاپىسى : قانىتى بار ، ئاسماندا ئۇچالايدىغان بولىدۇ.
ئوغلى : ئەجەپ تۈنۈگۈن دادام ئۆيىمىزدىكى خىزمەتكار ئاچاشنى «سىز مېنىڭ پەرىشتەم» دېدى. بىراق ئۇ ئاچام ئۇچالمايدىغان تۇرسا؟
ئاپىسى : خەپ توختا، بۈگۈنلا ئۇنى ئۇچۇرۇۋەتمەيدىغان بولسام.

roh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 17:51:09

مەنمۇ بىكار ئولتاغۇچە كۈلگەچ ئولتادىم.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 18:21:52

;P :lol مەنمۇ قۇرۇق كەلمدىم :

1.سوۋغات
يىگىت يۈرۈۋاتقان قىزىغا بىر تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلغانىكەن ،بۇنى كۆرۈپ خۇشال بوپ كەتكەن قىز يىگىتىنى بىرنى سۆيۈپ قويۇپتۇ . بۇنىڭ بىلەن يىگىت دەرھال سىرىتقا يۈگۈرۈپتۇ .
_نەگە بارىسىز ؟_ ئەجەپلىنىپ سوراپتۇ قىز .
_يەنە 10 تال گۈل ئېلىپ كېلەي ! ...

2.پۇل خەجلەش
ئىككى ئەر پاراڭلىشىپ قاپتۇ :
ئا : مىنىڭ ئايالىم بەك بەتخەج ، قولىغا پۇل كىرسىلا خاجلەپ تۈەىتىۋېتىدۇ .
ب: ئۇنداقتا سىز مەندىن كۆپ تەلەيلىككەنسىز .
ئا : قانداق دەيسىز ؟
ب: مېنىڭ ئايالىم دىگەن تېخى قولىغا كىرمىگەن پۇلنىمۇ خەجلەپ تۈگىتېۋىتىدۇ .

3.دورا
دوختۇر ئورۇقلاش نىيتىدە كەلگەن تازا سەمرىپ كەتكەن بىر كىشىگە ئىچىگە ئۇششاق دورا لىق قاچىلانغان بىر قۇتىنى بىرىپتۇ .
_ بۇ دورىنى كۈنىگە نەچچە تالدىن نەچچە ۋاخ يەيمەن ؟
_ بۇ دورىنى يىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ؟
_ ئەمىسە نىمە قىلىمەن ؟
_ بۇ دورىلارنى كۈندە 3 ۋاخ چېچىۋېتىپ بىر تالدىن تىرىپ سېپ قويسىڭىزلا بولىدۇ ...

4.تۇنجى سۆيۈش
شوپۇرلۇقنى يېڭىلا ئۈگننىپ يولغا چىققان بىر قىز چىرايلىق يىپ _ يېڭى پىكاپىنىڭ كەينىگە << مىنى سۆيمەڭ >> دىگەن يېقىملىق ئەسكەرتىشنى چاپلاپ قويۇپتۇ .
بىراق بىر كۈنى يولدا بىر يىگىت ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىۋېتىپ ، ئۇ قىزنىڭ پىكاۋىنى ئارقا تەرەپتىن يىنىك سوقۇپ ساپتۇ :
يىگىت : كەچۈرۈڭ پىكاۋىڭىزنى سوقۇپ قويدۇم ، تۆلەپ بىرەي .
قىز : بولىدۇ ، ئۇنداق بولسا 5000 يۈەن بىرىڭ .
يىگىت : كىچىككىنە سىرى چۈشۈپ كەتكەنگىمۇ شۇنچە قىممەت باھا قويامسىز ؟
قىز : كەچۈرۈڭ ، بۇ دىگەن يېڭى پىكاپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ << تۇنجى قېتىملىق سۆيۈشۈش>> تۇرسا !

5.باراۋەر ئۆلچەم
ئەر : قارىغىنا ئەتكەن نىمەڭنى ،تاماقنى قاچانمۇ ئاپاڭدەك ئوىشىتىپ ئېتەرسەن ؟
ئايالى : سىزمۇ دادامغا ئوخشاش پۇلنى كۆپ تاپقان كۈنى . :lol

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 21:13:00

چىشىمنى بەدىئىي چىقىرىپ قويدۇم

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 21:36:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   GHURUR1992 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-17 21:38  

 قىز : خاپا بولماي ماڭا بىرەر ئ‍ىچىملىك ئ‍ىلۋىتىڭە…
يىگىت: كوكا كولامۇ ياكى   پىېيسى كولامۇ؟
قىز: كوكا كولا…
يىگىت : ئ‍الاھىدىسىنىمۇ ياكى ئ‍ادەتتىكىسىنىمۇ؟
قىز: ئ‍الاھىدىسىنى…
يىگىت: قۇتۇلىقىنىمۇ ياكى شىشىلىكىىنىمۇ؟
قىز: قۇتۇلىقىنى…
يىگىت: كىچىكىنىمۇ ياكى چوڭىنىمۇ؟
قىز: ۋاي بولدى ئىچمەيمەن،سۇ ئ‍ەكىلىڭ…!
يىگىت: مېنىرال سۇمۇ تۇربا سۈيىمۇ؟
قىز: مىېنىرال سۇ…
يىگىت: سوغۇقىنىمۇ ياكى ئ‍ىسسىقىنىمۇ؟
قىز: ئ‍ۇرۋىتىمەن ھە؟
يىگىت: تاياق بىلەنمۇ توشەي بىلەنمۇ؟
قىز: ھايۋاااان…!
يىگىت: ئ‍ىشەكمۇ ئ‍ىېتمۇ؟
قىز: كۆزۈمدىن يوقىلە ماڭ…
يىگىت: مىڭىپمۇ ياكى يۈگىرەپمۇ؟
قىز: قانداق قىلساڭ مەيلى پەقەت مەن سىنى كۆرمەيدىغان يەرگە يوقال…!
يىگىت: مەن بىلەن بىرگە بارامسىز يا يالغۇز كىتىۋىرەيمۇ؟
قىز:  سىنى ئۆلتۈرۋىتىمەن…!
يىگىت:پىچاق بىلەنمۇ ياكى چەيدو بىلەنمۇ؟
قىز : چەيدو بىلەن…
يىگىت: بوينۇمدىن كىسەمسىز ياكى پارچە -پارچە قىلىپمۇ؟
ئ‍ۆلگۈر…!توختا!ۋاي … يۈركۈم.
سىزنى دوختۇر يىنىغا ئ‍اپىرايمۇ ياكى دوختۇرنى مۇشۇ يەرگىلا ئ‍ەكىلەيمۇ....

function يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 23:33:04

ئامما ما دەھشەتكەن

xXx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 01:18:38

:lol

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 07:19:23

ئوقۇتقۇچى: بىزنىڭ ئىككى ھىيتىمىز بار، ئۇلار قايسىلار؟
ئوقوغۇچى: ئابدۇرىھىم ھىيىت بىلەن ھاۋاخان ھىيىت.
ئوقۇتقۇچى: چىقە ۋۇ گۇي سىنىپتىن.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 08:14:41

ئەسكى گۇيلىكەنسىلەۋا ، ئەتتىگەندە چاي ئىچكىلىمۇ قويماي، ئىسىت  پۈركۈلۈپ كەتكەن ئىپلاس فىرىما چېيىم…

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 08:50:34

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 08:14 static/image/common/back.gif
ئەسكى گۇيلىكەنسىلەۋا ، ئەتتىگەندە چاي ئىچكىلىمۇ قويما ...

ئىپلاس فىرىما چېيىم…

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 10:37:42

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 07:19 static/image/common/back.gif
ئوقۇتقۇچى: بىزنىڭ ئىككى ھىيتىمىز بار، ئۇلار قايسىلار؟
...

:lol

roh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 11:56:18

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 07:19 static/image/common/back.gif
ئوقۇتقۇچى: بىزنىڭ ئىككى ھىيتىمىز بار، ئۇلار قايسىلار؟
...

;P

asman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 12:08:48

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 08:14 static/image/common/back.gif
ئەسكى گۇيلىكەنسىلەۋا ، ئەتتىگەندە چاي ئىچكىلىمۇ قويما ...

بۇمۇ بىر يۇمۇر بوپتۇ.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 12:13:50

ئۇماق بالا، كەمپۈتنى دادىسىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويۇپ، تاتلىققىنە كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى: دادا كەمپۈت تاتلىقمىكەن؟  
بالىسىنىڭ ۋاپادارلىقىدىن تەسىرلەنگەن دادا كۆزلىرگە ياش ئالغان ھالدا: تاتلىقكەن ئوماق بالام…
بالىسى: ئەمسە كۈچۈكۈم نېمىشقا يېمەيدۇ؟
نەچچە قېتىم ئاغزىدىن چىقىرۋەتتى تېخى
سىنىڭ ئاغزىڭغا سىپ قويسام تاتلىقكەن دەيسەن،،، دادىسى يىغلاپ تۇرۇپ: بۇياققا كەل بالام كېلە، ساڭا مۇكاپات با...........
         ۋاس ۋاس  بىق بىق بىق

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 12:16:27

تازا پىتى ـ پىخسىق  بىر دوستۇم بولدىغان قايسى كۈنى ئىزدەپ بارسام سوغاق سۇدا يۇيۇنغىلى تۇرۇپتۇ ھەيران بۇلۇپ :قىش كىلىپ ھاۋا شۇنچە سوغاق تۇرسا يەنە سوغاق سۇدا يۇيۇنغىلى تۇرۇپسەنغۇ دېسەم…؟          ئۆيدە ئىككى قاپ زۇكان دۇرسى بارتى يەنە ئىشلەتمىسەم ۋاختى ئۈتۈپ كەتكۈدەك دەيدۇ.....

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 12:21:18

يۇقۇملۇق زۇكام پەيدا بولغان بىر كۈنى……          بىر  ئادەم ئوغلىغا:          -بالام، سىرتقا چىققاندا ماسكا تارتىۋال، زۇكامدىن ساقلايدۇ.          بالا:-ماسكا تارتىۋالسام، قېينىلىپ كېتىدىكەنمەن .         دادا -قانداقسىگە؟          بالا:-ئىچىىمدىكى ھاۋانى سىرتقا پۈۋلەپ چىقىرالمايدىكەن، ماسكا توسىۋالىدىكەن.          بالىنىڭ باھانىسىگە ئاچچىقى كەلگە دادا:-ھەي گۇي، كۇسار كىيىۋاتقىنىڭغا ئون نەچچە يىل بولدى، بىرەر قېتىم ئوسىرالماي قالغان ۋاقتىڭ بارما؟ دىگۇدەك.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 12:21:33

ﺋۇزۇﻥ ﻳﻮﻟﻠۇﻕ ﺋﺎﭘﺘوۋۇﺯ ﻳۇﻗﯩﺮﻯ ﺳۈﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩۋﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺷﻮﭘۇﺭ: ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻣۇﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ ، ﺧﺎﻻﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﭖ ﺗۇﺭۇڭلاﺭ، ئاندىن كىيىن  ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻳﻤﯩﺰ !_ ﺩﻩﭖ ﺗﻮۋلىغانىدى  ،  ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﺮﻩﻙ ﺋﻮﻟﺘۇﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑۇﺭۇﺗﻠۇﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ  ۋاقىرىدى :          _  ﺋۇﺳﺘﻮﻭﻭﻭﻭﻭﻭﻭﻡ ! ﻗﺎﻳﺪﺍق ﺗﻪﻳﻴﺎﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﺍ  ؟  ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻨﻰ ﺳﺎﻏﺎﭺ ﺗۇﺭﺍﻣﺪۇﻗﻴﺎ  ؟!  ….         :lol:lol:lol:lol:lol

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 12:22:00

مەنبە:ئۈندىدار
ھاراق دىگەننى بولىشىغا ئىچىدىغان بىرىنىڭ ئايالى ئۇنى بىر قورقۇتۇپ تۈزىتەي دەپ ، ئالۋاستىدەك ياسىنىپ ، ئېرىنىڭ كېلىشىگە ساقلاپ تۇرۇپتۇ . بىر چاغدا ئېرى دەلدەڭشىپ غىڭشىپ كېلىۋاتقىدەك ، ئايال يۈگرەپ بېرىپلا ئارقىسىغا ئۆتۈپ ، قورقۇنچلۇق ئاۋاز چىقىرىپ :
-مەن دىگەن ئالۋاستى ، ئەمدى يەنە ھاراق ئىچسەڭ جېنىڭنى ئالىمەن ،-دەپتۇ .
مەس ئېرى :
-ۋاي ۋاي قۇلاقنى ئاغرىتمىغىنا ، مەن سىنىڭ ئاچاڭنى ئېلىپ ھايات يۈرۋاتىمەنغۇ مانا ….:lol:lol:lol:lol

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 12:22:19

بىر بوۋاي پىنىسىيەگە چىقىپ بىكارچىلىقتا زىرىكىپ، بىر شاتۇتى ئېلىپ بېقىپتۇ، بۇنىڭغا بىر گەپ ئۆگىتەيچۇ دەپ كۈندى ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپلا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ ئۆگىتىپتۇ، ئەمما نەچچە ئاي ئۆگەتسىمۇ شاتۇتى ھېچنېمە دېمەي جىملا تۇرىۋاپتۇ، بوۋاي قاتتىق ئۇمىدسىزلىنىپ بولدىلا دەپ ئۆگەتمەپتۇ، بىر كۈنى ئەتىگىنى شۇنداق ھويلىسىغا چىقىشىغا شاتۇتى مۇنداق دەپتۇ: ھەي لاۋزا، بەك نوچى بوپ كەتكەن ئوخشمامسەن، تۇرۇپلا ئەتىگىنى سالام بەرمەس بولىۋالدىڭا ماڭا.:lol:lol:lol:lol:lol

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 12:26:39

بىر بالا 大学(ئالي مەكتەپ)نى پۇتتۇرۇپ ئۆيگە قايتىپ يۈرسە بىر كۈنى باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان بىرئۇكىسى  ئاكا  نىمىشقا  قوي ماياقلايدۇ  كالا يوغان چىچىدۇ  ئات تىزەكلەيدۇ  دەپ سۇرىسا  ئاكىسى          ۋاي بۇنى مەن نىم بىلەي ئوكام  دىسە  ئۇكىسى تىرىكىپ 大学(ئالىي مەكتەپ)ئوقۇپ تۇرۇپ پوقنىمۇ  بىلمەيدىكەنسە دىگىدەك .....:lol:lol:lol
بەت: [1] 2
: ئالامەت يومۇرلار