uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 16:29:12

نۆۋەتتىكى ئالتۇن باھاسىغا قىزقامسىز ؟ 17-2

كەلگۈسى ئالتۇن بازىرى كۈزىتىشنى ئاساس قىلىدۇ

      شياڭگاڭ يۇڭفېڭ پۇل مۇئامىلە گۇرۇھى 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى دوكلاتىدا كۆرسەتكىنىدە ، ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىغا ئاز قالغاندا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن ، ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئىپادىسى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان .
     شياڭگاڭ يۇڭفېڭ پۇل مۇئامىلە گۇرۇھى كۆرسەتمە بېرىپ ، ئوكرائىنا ۋە گرېتسىيە ۋەزىيىتى مۇقىملاشتى دېيىش تەسكە توختايدۇ ، يەرلىك سىياسەت مەسىلىسى ۋە باشقا تۇيۇقسىز ۋەقەلەر ھەر ۋاقىت يۈز بېرىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى .
      شياڭگاڭ يۇڭفېڭ پۇل مۇئامىلە گۇرۇھى تەكلىپىدە ئالتۇن بازىرىدا كۈزىتىشنى ئاساس قىلسا مۇۋاپىق دەپ كۆرسەتتى .







ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش


   بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 94.33 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1231.92 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، ياۋرو گۇرۇھى گرېتسىيە مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدا چوڭ تەۋرىنىش كۆرۈلمىگەن ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسىنى ئېلان قىلىشقا ئاز قالغانغا ئەگىشىپ بازار يەنىلا  ئېھتىياتچانلىق ھالەتتە تۇرماقتا . تۈنۈگۈن ياۋرو رايونى مالىيە مىنىستىرىنىڭ گرېتسىيە مەسىلىسى ئۇستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى مەغلۇپ بولغان . ياۋروپا بازىرى ۋاقتىدا  ئەنگلىيە تەرەپ ئېلان قىلىدىغان بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدۇ، بولۇپمۇ 1 - ئايلىق پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى؛ ئەگەر بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى چىقسا، ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى تېخىمۇ كۈچىيىپ ، ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . بۇنىڭدىن سىرت، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا رايونى ZEW ئىقتىساد گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدۇ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا، ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا تىرەش كۈچى بولىشى مۇمكىن. ئامېرىكا سودا بازىرىدا ، ئامېرىكا تەرەپ نيۇ يورك فېدېراتسىيىسى ياساش كەسپى كۆرسەتكۈچى ۋە NAHB ئۆي-مۈلۈك كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، گرېتسىيە قەرزدارلىق سۆھبىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ .

ئەسكەرتىش:
نۆۋەتتە 1 گىرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 241.58 يۈەن ؛
1 گىرا م نەق كۈمۈشنىڭ  خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.33 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
زىبۇ - زىننەت باھاسى مۇشۇ باھاغا 20`30 يۈەن ئىش ھەققى قوشۇپ ھېسابلىندۇ ؛  





ئالتۇن سودا تەھلىلى 17 - 2
ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1233.09   دوللا ر  ئەڭ يۇقىرى باھاسى  1246.04  دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى  1216.81  بازار  بازار يېپىلىش باھاسى   1229.35  دوللا ر  بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى94.5 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1233  دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

بۈگۈن ئامېرىكا بازىرى نورمال ئېچىلىدۇ بازار تەۋرىنىش دائىرىسى چوڭراق بولىشى مۇمكىن ، ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا  ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات ۋە ئىش ۋەقەلەر بىر قەدەر ئاز بولۇپ، بازارنىڭ تەۋرىنىشى چەكلىك بولىشى مۇمكىن.
    ياۋروپا بازىرى ۋاقتىدا  ئەنگلىيە تەرەپ ئېلان قىلىدىغان بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدۇ، بولۇپمۇ 1 - ئايلىق پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى؛ ئەگەر بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى چىقسا، ئەنگلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى تېخىمۇ كۈچىيىپ ، ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . بۇنىڭدىن سىرت، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا رايونى ZEW ئىقتىساد گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدۇ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا، ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا تىرەش كۈچى بولىشى مۇمكىن.
  ئامېرىكا سودا بازىرىدا ، ئامېرىكا تەرەپ نيۇ يورك فېدېراتسىيىسى ياساش كەسپى كۆرسەتكۈچى ۋە NAHB ئۆي-مۈلۈك كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، گرېتسىيە قەرزدارلىق سۆھبىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ .

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.دۈشەنبە كۈنى مۇھىم سانلىق بولمىغانلىقى ۋە ئامىرىكا بازىرى دەم ئالغانلىقى ئۈچۈن ئالتۇن - كۈمۈش سودا بازىرىدا تەۋرىنىش كىچىك بولدى ، بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا چۈشۈشنى ئاساس قىلدى . سائەتلىك سىزىق يۆلىنىشىدە ئالتۇن باھاسى (241.0 )1220 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسى بىلەن (244.0)1237 دوللاردىكى بۆسۈش نۇقتىسى مەۋجۇت .  

2. ئاسىيا ياۋرۇپا بازىرىدا (241.98)1225 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 5  دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى (244-243.95)1235-1237 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ . ھەمدە (244.94 ) 1240 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 5  دوللار دا توختىتىپ  پايسىدىنى 1230(242.96) دوللار ئەتىراپدا چىقىرىشقا بولىدۇ .

3. بىر كۈن ئىچىدە 1220 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ ، ئەگەر 1220 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە(238.0-239.0) 1210-1205 دوللار ئەتىراپىغا چۈشۈدۇ ، ياۋرۇپا بازىرىدا تەۋرىنىش بىر ئاز كۈچلۈك بۇلىشى مۇمكىن . ئەگەر 1240 دوللارنىڭ يۇقىرىدا مۇقىم تۇرالىسا (246.32-246.91)1247-1250 دوللار ئەتىراپىغا ئۆرلەيدۇ .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار   1247 1240  
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار     1220 1225  

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1250-1210
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1220
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1240

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .







مەركىزى بانكىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىنى يېتەرلىك ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىغىنى

جۇڭگو دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015 - يىلى 1 - ئايدا جۇڭگودىكى 70 چوڭ ئوتتۇرا شەھەرنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان ئولتۇراق ئۆينى سېتىش باھاسى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.1% تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئۇدا 5 ئاي تۆۋەنلىگەن ھەم تۆۋەنلەش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن. سېلىشتۇرۇش ئەھۋالدىن قارىغاندا، 1 - ئايدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئولتۇراق ئۆينى سېتىش باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.4% تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئۇدا 9 ئاي تۆۋەنلىگەن ھەم تۆۋەنلەش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن.
نۇقتىلىق شەھەرلەردىن قارىغاندا، 1 - ئايدا 4 چوڭ شەھەر ئىچىدىكى 3 شەھەرنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان تاۋار ئولتۇراق ئۆي باھاسىنىڭ يىللىق تۆۋەنلەش دائىرىسى 2011 - يىلنىڭ بېشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھالەتنى كۆرسەتكەن. بېيجىڭ بىلەن شاڭخەيدىكى 1 - ئايدا  يېڭىدىن قۇرۇلغان ئولتۇراق ئۆينى سېتىش باھا كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم 3.2% ۋە 4.2% تۆۋەنلىگەن.
پېڭبوشېدا تۇرىدىغان بېيجىڭنىڭ ئاسىيا ئىقتىسادشۇناسى (Tom Orlik) زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا مۇنداق دېگەن، سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، 2014 - يىلنىڭ ئاخىردىن باشلاپ ئۆي-زېمىن كەسپى يامانلاشقان بولۇپ، بۇ 2014 - يىلدىكى كەڭ پۇل سىياسەت تەدبىرنىڭ تېخى يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، بۇ جۇڭگو مەركىزى بانكىسى (PBOC) نىڭ كەلگۈسىدە ئۆسۈم ئۆستۈرۈشگە يېتەرلىك ئاساس بىلەن تەمىنلىشى مۇمىكن.






ياۋرو - گرېتسىيە قەرزدارلىق مەسىلىسى سۆھبىتى مەغلۇپ بولدى

كانادا مىللىي بانكىسى (National Bank of Canada) نىڭ 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۈەن ۋىن گرېتسىيە سۆھبىتى پارچىلنىپ كەتكەندىن كېيىن ياۋروغا قارتا تەھلىل ئېلىپ بارغان؛
ياۋروغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىم خەۋەر سانىلىدىغىنى بريۇسسېلنىڭ ياۋروپا رايونى مالىيە باشلىقى يىغىنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قېلىشى بولۇپ ، ھەر قايسى تەرەپلەر گرېتسىيىنىڭ قەرزدارلىق مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان. گرېتسىيە  مەمۇرىلىرى 6 ئاي پۇل قەرز ئېلىپ ئىزدىنىش ئارقىلىق ھازىرقى بىر قېتىملىق يېڭى سۆھبەت ۋاقتىغا ئېرىشكەن. ياۋروپا رايوننىڭ مالىيە باشلىقى گرېتسىيە ھازىرقى قەرز شەرتگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئۈمۈد قىلغان. لېكىن گرېتسىيە  مەمۇرىلىرى ھازىرقى قەرز شەرتى بولسا" بىمەنە ھەم كۈلكىلىك قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ" دەپ قارىغان.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، گرېتسىيە مەسىلىسى سۆھبىتى مەغلۇپ بولدى. ئالدىنقى ھەپتىدە بىر قېتىمدىلا كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمۈد قىلغان بولغاچقا، نەتىجە كىشىلەرنى بەك ئۈمۈدسىزلەندۈرگەن. بۇ ئەھۋال ياۋرو / دوللار باھاسىغا بىۋاستە  تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، 1.14 دىن بىۋاستە 1.13 ھالىتىگە كەتكەن.
2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 10:33 دە، ياۋرو / دوللار باھاسى 1.1342/45 /45 ئەتراپىدا بولغان.





گېرىتسىيە مەسلىسى ھەققىدە يېڭى خەۋەر چىقتى


2- ئاينىڭ 16- كۈنى گېرىتسىيە مەسلىسى سۆھبىتى ھەققىدە يېڭى خەۋەرلەر تارقالدى ، چەتئەل ئاخباراتچىلېرىنىڭ ئېيتىشىچە گېرىتسىيە ھۆكۈمىتى ياۋرۇ گۇرۇھىنىڭ دەسلەپكى لاھىيسىنى رەت قىلغان. ياۋرۇ گۇرۇھى يىغىننى ۋاقتىنچە توختاتتى. بۇ مۇشۇ ھەپتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان گېرىتسىيە مەسلىسى سۆھبىتى ۋاقتىنچە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى، خەۋەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياۋرۇ/ دوللار نۆۋەتتە چوڭ دائىرىدە چۈشۈپ كەتكەن. گېرىتسىيە مەسلىسى سۆھبىتىنىڭ مەغلۇپ بولىشى ئالتۇن باھاسىغا پايدىسىز بولۇپ، ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

ئەسلى مەنبە: ئۇيغۇر ئالتۇن تورى

( تېمغا يوللىغۇچى ئۇيغۇر ئالتۇن توردىن  رابىگۈل )
ئەگەر ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا قىزىقسىڭىز ياكى بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى چۈشنىپ بىقىشنى خالسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛ ئالاقىلشىش نومۇرى: 4000991014 ؛
بەت: [1]
: نۆۋەتتىكى ئالتۇن باھاسىغا قىزقامسىز ؟ 17-2