كومپىيوتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېسكىسىنى توڭلىتىۋېلىڭ(رەسىملىك)
كومپىيوتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېسكىسىنى توڭلىتىۋېلىڭتورغا ئۇلىغان كومپىيوتېرغا ئاسانلا بىر قىسىم لۈكچەك دېتاللار،ھەتتا ۋىروسلار چۈشىۋېلىپ ئاۋارە قىلىۋاتامدۇ. ئۇنداق بولسا كومپىيوتېرىڭىزنىڭ سېستىما(C) دېسكىسىنى ئۆزىڭىز قاچىلىغاندىن باشقا ھېچقانداق دېتاللار ،ھۆججەتلەر ياكى ۋىروسلار ساقلانمايدىغان،يۇقمايدىغان قىلىۋېلىڭ.(ئەمىلىيەتتە ھەرقانداق دىسكا رايۇنىنى خالىغانچە توڭلىتىۋالغىلى بولىدۇ.) ئاۋۋال كومپىيوتېرىڭىزنى ۋىروسلارنى تازىلاپ ،كوڭلىڭىزدىكىدەك تەڭشىۋېلىڭ. ئاندىن百度دىن mb3.87لىق
1407冰点还原完美破解版.rar يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىشىڭ.
http://www.163disk.com/fileview_204727.html
ئىككىنچى قەدەمدە 冰点还原完美破解版 نىڭ ئىچىدىكى 破解版DeepFreeze2000XPچېكىڭ. سەل تۇرۇپ C،D،E،Fدېسكىلارنىڭ ئالدى تاللانغان—توغىرا بەلگىسى قويۇلغان بىر دىئالوگ رامكىسى پەيدا بولىدۇ. سىز ئۆزىڭىز توڭلاتماقچى بولغان دېسكىنىڭ مەسىلەن C دېسكىنىڭ ئالدىدىكى توغىرا بەلگىسىنى ساقلاپ قېلىپ، قالغان دېسكىلارنىڭ ئالدىدىكى توغىرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىڭ.( بولمىسا سىستېما دېسكىسىدىن باشقا دېسكىلاردىمۇ يېڭى ھۆججەت ساقلانمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.)
OKنى چەكسىڭىز، كومپىيوتېر ئۆچۈپ قايتا قوزغىلىپ بۇ دېتالغا مەخپى نومۇر سېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەخپى نومۇرنى سېلىپ يەنە OKنى چېكىۋەتسىڭىز،مەيلى كىم قانداق مەشغۇلات قىلىۋەتسۇن(ھەتتا بۇ ھالەتتە سېستىمىنى باشقا قاچىلاشمۇ مۇمكىن ئەمەس) كومپىيوتېرىڭىز نىڭ سىستېما دىسكا رايونى(ئۈستەل يۈزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا)مەڭگۈ مۇقىم بولىدۇ.ئەسلىدىكىدىن باشقا ھېچنىمە ئۆچۈپ كەتمەيدۇ ھەم ساقلانمايدۇ. كومپىيوتېرنى(ئىتىپ) قاچان ئاچسىڭىز سىز ئۆزىڭىز تەڭشەپ قويغان ھالەتنى كۆرىسىز.
بىر مەزگىل ئىشلىتىپ بىرەر يۇمشاق دېتالنى ئۆچۈرۋەتمەكچى، ياكى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان بىرەر يېڭى يۇمشاق دېتالنى قاچىلىماقچى ۋەياكى سېستىمىنى باشقا قاچىلىماقچى بولسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ھەرگىز قورقماڭ،ھېچكىمگە كۆرسەتمەي بىرلا ۋاقىتتا
Ctrl,Alt,Shift,F6, كونۇپكىلىرىنى باسسىڭىز DeepFreeze2000XP ئېچىلىپ سىزدىن مەخپى نومۇر سورايدۇ.
مەخپى نومۇرنى توغىرا كىرگۈزۈپ OKنى چەكسىڭىزبىر دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ.
بۇ دىئالوگ رامكىسىدىكى 1 رەقىمى بىر دىسكا رايۇنىنى بىلدۈرىدۇ.
Boot Frozen توڭلىتىلغان ھالەتنى بىلدۈرىدۇ.
Boot Thawedبولسا توڭلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى بىلدۈرىدۇ.
Boot Thawed نى تاللاپ OKنى چەكسىڭىز توڭلىتىش ئەمەلدىن قالىدۇ.يۇمشاق دېتال قاچىلامسىز،سىستېما قاچىلامسىز ياكى يۇمشاق دېتال ئۆچۈرەمسىز ….بولىۋېرىدۇ. باشقىدىن توڭلاتماقچى بولسىڭىز،يەنە Ctrl,Alt,Shift,F6كونۇپكىلىرىنى بېسىپ مەخپى نومۇرىڭىز ئارقىلىق DeepFreeze2000XPنى ئېچىپ Boot Frozenنى تاللاپ OKنى چېكىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
مەن باشقا بىر سىستىمىنى ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدىم ، ھازىرغىچە سىستىما قاچىلاپ باقمىدىم. مەن ئىزچىل shadow defender نى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ بەكمۇ قولايلىق..... لېكىن ئاۋۇ مەڭگۈ دىگەن سۆز سەل ئېشىپ كىتىپتۇ . بۇخىلدىكى دىتاللار ھەممىسى نولىنچى ماگىنىت يۇلىنىڭ 2- 62 گىچە بولغان 62 سكتورىغا ساقلىنىدىغان بۇلۇپ . ئادەتتىكى فورماتلاش ، رايۇنغا ئايرىش ، مەشغۇلاتلىرى بۇيەرگە نىسبەتەن مەشغۇلات ئېلىپ بارالمايدۇ . لېكىن ئۇنى ئۈچۈرۈش ياكى يوق قىلىش ناھايىتى ئاسان . مەڭگۈ دىگىلى بولمايدۇ . بۇنداق دېتاللار قاتتىق دىسكىنى كاردىن چىقىرىدۇ، تېز ئۇپرىتىۋېتىدۇ. بەك كونا نۇسخىسىدەك قىلامدۇ يا سىز يوللىغان نۇسخىسى:lol UyghurBalisi يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 22:49 static/image/common/back.gif
بۇنداق دېتاللار قاتتىق دىسكىنى كاردىن چىقىرىدۇ، تېز ئ ...
مەن كومپيۇتېر ئالغاندىن بېرى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن.
چوڭ زىيىنى يوقتۇ؟ كۆزنەك 10 دا ئىشلىمەمدۇ نىمە؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا taxyurak001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-18 09:19
زىيىنى قاتتىق دىسكىنى فورماتلاش، رايۇنغا ئايرىش مەشغۇلاتىدىن ئېغىر، ھەر قېتىم كومپيۇتېر قوزغالغاندا رايۇنغا ئايرىش جەدىۋىلىنى يىڭىلايدۇ. يەنى كومپيۇتېرنى ھەر بىر قېتىم قوزغاتقاندا بىر قېتىم رايۇنغا ئايرىش بىلەن ئوخشاپراق كىتىدۇ. دىسكىدا مۇھىم نەرسىلەر بار ئىدى دەپ قارىسىڭىز ،ئەڭ ياخشىسى بۇ نەرسىنى ئىشلەتمەڭ! مەنمۇ ئۇزندىن بىرى مۇشۇ دىتالنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن ،بەك قۇلايلىق ،كىم ياسىغان بولغۇيتتى بۇنى ؟
لىكىن xp دا ئوبدان ئىشلىگەن بىلەن win7 غا ماس كەلمەمدۇ نىمە ؟ @lata بۇرادەر، بۇ دېتالنىڭ قاتتىق دېسكىنىڭ ئۆمرىگە زىيىنى تورداشلار ئېيتقاندەك شۇنچىلىك كۆرۈنەرلىكمۇ؟ مۇمكىن بولسا ئوخشاش تىپتىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەۋسىيە قىلىنىدىغانلىرى، پرىنسىپى ھەققىدە ۋاقىت چىقىرىڭە 15 مىنۇت. ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ پايدىلىق تەرپىمۇ زىيانلىق تەرپىمۇ بولىدۇ lata يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 22:06 static/image/common/back.gif
لېكىن ئاۋۇ مەڭگۈ دىگەن سۆز سەل ئېشىپ كىتىپتۇ . بۇخىلدىك ...
مەخپى نومۇرى ئۇنتۇلۇنسا ، ئۇنى ئۆچۈرشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار ؟ مەن چۈشۈرگەن deep freeze 7.51 نەشىرى ئىدى ، مەخپىي نومۇرى ئۇنتۇلۇنسا ، بەكمۇ قولايسىزلىقلار بولىدكەن ، بۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى توردىن ئىزدەش نەتىجىسىدە ، Anti Deep Freeze v0.5 Beta3 نىڭ ۋاستىسىدە ھەل قىلىۋالدىم . Anti deep freeze v0.5
بۇنىڭدىن باشقا ئۆنۈملۈك ھەل قىلىش چارەلىرى بولسا ، ئورتاقلاشساق .
تولۇقلىما مەزمۇن (2015-2-24 21:52):
يۇقىرىدىكى ئىنكاسنى ئالدىراپلا يىزىپتىكەنمەن ، قايتا قوزغىتىلغاندىن كېين يەنىلا بۇرۇنقىدەك بولىۋالدى 21132113 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 08:30 static/image/common/back.gif
ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ پايدىلىق تەرپىمۇ زىيانلىق تەرپ ...
ماركىسىزىم مەنمۇ بىر قېتىم مەخپى نومۇرنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ ئاۋال س دېسكىنى فورماتلىۋېتىپ ئاندىن باشقا سېستىما قاچىلاپ ھەل قىلغان ئىدىم.
بەت:
[1]