history يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 09:45:42

ئۇيغۇرلاردا ئىسىم قۇيۇش مەدىنىيىتى

ئۇيغۇرلاردا ئىسىم قويۇش بىرقانچە باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇنى مۇنداق ئۈچ دەۋرگە بۆلۈپ چۈشەندۈرۈش مۈمكىن :

1)ئسىلامىيەتتىن بۇرۇنقى كىشى ئىسىملىرى.
2)ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرى.
3)ئازاتلىقتىن كېيىنىكى كىشى ئىسىملىرى.

ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماستىن بۇرۇن، ئاساسەن ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن ئىسىم قويۇشقا ئادەتلەنگەن.

مەسىلەن: بايتەمىر، ئىلتەمىر، بەگ بۇقا، قارا بۇقا، قارا باخشى، …دېگەندەك ئىسىملارغا ئوخشاش. بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى رايونلاردا ياشىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە شەھەر، يەر ناملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش بىرئەنئەنە ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ مۇھىم مەسلىھەتچىلىرىدىنبىرى بولغان قارىياغاچ بۇيرۇقنىڭ « قارىياغاچ » دېگەن يەرنىڭ نامىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويۇشۈ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن (بارچۇق ھازىرقى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭقەدىمكى نامى ) سۆزۈنۈ ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويۇشۈ بۇنى ئىسپاتلايدۇ.

ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبول قىلغاندىن كېيىن،ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىغىمۇ تەسىركۆرسەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭئىسىملىرىدا ئەرەبچە ۋە پارىسچە سۆز بىلەن قويۇلغان ئىسىملار كۆپىيىشكە باشلىدى. مەسىلەن :ئابدۇللا (ئاللانىڭ قۇلى )،ھەبىبۇللا (ئاللانىڭ دوستى )، سەيپۇللا (ئاللانىڭ قىلىچى )، مۇتىئۇللا (ئاللانىڭ ئىتائەتچان قۇلى )، رەھمىتۇللا (ئاللانىڭ رەھمىتى ) دېگەن ئىسىملارغا ئوخشاش.

ئىسلام دىنىغا بولغان ېېتۈقاد - ئىشەنچ كۈچەيگەن ۋە چوڭقۇرلاشقانسىرى، بۇرۇنقى ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەر بىلەن قويۇلغان ئىسىملارنىڭ ئورنىنى ئەرەبچە سۆز بىلەن قويۇلغان ئىسىملار ئىگىلەشكە باشلىدى. ھەر بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئاللاغا، مالائىكىلەرگە، پەيغەمبەرلەرگە، چاھاريالارغا، ئانىلارغا بولغان سېغىنىشىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئۆزلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇشقا باشلىدى. مەسىلەن :

1)ئاللانىڭ سۈپەتلىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، خالىق (مەخلۇقاتنى ياراتقۇچى )،قادىر (ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى )،غۇپۇر (ئەپۇ قىلغۇچى ) دېگەن ئىسىملارغا ئوخشاش.
2)مالائىكىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇشمۇ ئادەتكە ئايلانغان. مەسىلەن، ئىسراپىل، مىكائىل. ..دېگەنلەردەك.
3)پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش، مەسىلەن، داۋۇت، مۇسا، ئەيسا، مۇھەممەت، ئىسھاق، ئىبراھىم، ئىسمايىل، ياقۇپ، يۈسۈپ، ….دېگەندەك ئىسىملارغا ئوخشاش.
4)چاھار يالارنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش. مەسىلەن، ئابابەكىر، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى دېگەن ئىسىملارغا ئوخشاش.
5) مۇقەددەس ئانىلارنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش. مەسىلەن، ھاۋا، مەريەم، سارە، ئايىشە، خەدىچە، پاتىمە، ھەجەر. …دېگەندەك.

بۇنىڭدىن باشقا ئىسلام دىنىغا ئائىت سۆزلەرنى ئىسىم قىلىپ قويغۇچىلارمۇ كۆپئۇچرايدۇ، مەسىلەن، ئىسلام، ئىمام، رەسۇل، ئىمان، جەننەت. ..دېگەندەك. يەنە ئىسلام دۇنياسىدىكى «مۇقەددەس »يەرلەرنىڭ نامىنىئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويغۇچىلارمۇ بولغان. مەسىلەن، مەدىنە، قۇددۇس دېگەنلەردەك.

لېكىن ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن ئىسىم قويۇش ئادىتى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس، مەسىلەن، كېپەك، سۈپۈرگە، كەكە، پالتا، چورۇق، يانتاق، توقا، سامساق، قوزا، تايلاق، بوسۇق، چاۋار، بۇلاق، مايسا، ئالما، ئاي، ئالتۇن، چولپان، يۇلتۇز، تۇرسۇن، توختى، ئارسىلان. ..دېگەندەك ئىسىملارغا ئوخشاش.

ئازاتلىقتىن كېيىن ئەرەبچە سۆزلەر ئىچىدىن مەنىسى ياخشى، دىنىي تۈس ئالمىغان ئادالەت، ئادىل، پازىل، ئالىم، ئارىپ، ئازاد،خېلىل، جېلىل، مەھمۇت، مەخسۇت، پەزىلەت، سائادەت، زۆھرە. …دېگەندەك ئىسىملارنىقويۇشتىن تاشقىرى، يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس سۆز ياساش ئۇسۇلى بىلەن دەۋرگە لايىق، دەۋرنىڭ خاراكتىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئىسىملارنى قويۇش ئۇمۇملىشىشقا باشلىدى. مەسىلەن،ئەركىن، ئۆتكۈر، قۇتلۇق، تۇرغۇن، تۇيغۇن، ئۆركەش، يالقۇن، يولداش. ..دېگەندەك ئىسىملارغا ئوخشاش.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتىدە ئۇلار ئۆز تارىخىدا ئېتقاد قىلغان دىنى ئەقىدىلەرنىڭتەسىرى ئەكىس ئەتكەن. مەسىلەن، بەزى پەرزەنت كۆرمىگەن، كۆرگەن بولسىمۇ بالىسى تۇرمىغانلار بىرلا پەرزەنت كۆرگەن بولسا، بالىنىڭ تۇرۇپ قېلىشىئۈچۈن، ئاللاغا يالۋۇرۇپ، بالىغا «نىياز »(يالۋۇرۇش دېگەن مەنىدە )دەپ ئىسىم قويۇپ، بېشىغا چاچ قويۇپ قوياتتى.

بالىسى تۇرمىغانلار بىر پەرزەنت كۆرۈپ قالسا، بالىنى باشقا بىرى (ئاساسەن تۇغقانلىرى )گە بېرىۋىتەتتى. بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇ بالىنى «سېتىۋالاتتى » - دە، بالىسىغا « سېتىۋالدى » ياكى « تىلىۋالدى » دېگەندەك ئىسىمنى قوياتتى. « سېتىۋالغۇچى » نىڭ قول -ئىلكىدە بولسا ئالاھىدە خوشاللىق مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى. بالا يۈزى كۆرمەي كېيىن پەرزەنت كۆرگەنلەر بالىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۆزبالىلىرىغا تۇرسۇن، پولات، تۆمۈر، توختى، تۇردى، تاشپولات، تاشتۆمۈر. …دېگەندەك ئىسىملارنى قوياتتى. شۇنداقلا ئۇزاق مەزگىل پەرزەنت كۆرمىگەنلەر تاساددىبى پەرزەنت كۆرۈپ قالغان بولسا، خوشاللىقىدا ئاللا بەردى، خۇدا بەردى، ئىگەمبەردى. ..دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشقان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئادەملەرنىڭ ئىسمىنى قويىدىغان ئادەتلەرمۇ بولغان.

ئۆز پەرزەنتلىرنىڭ چوڭبولغاندا بىلىملىك، دۆلەتمەن بولىشىنىئۈمىد قىلغان ئاتا - ئانا ئۆز بالىلىرىغا ئالىم، پازىل، سۇلتان، دۆلەت، مەلىكە، غەنى. ..دېگەندەك ئىسىملارنى قويغان.
ياد ئېتىش، سېغىنىش يۈزىسىدىن ئۆز بالىلىرىغا ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاتا -ئانا، يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويغۇچىلارمۇ بولغان. بۇنىڭ ئەكسىچە، بالىلارنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ قالىدۇ، دېگەن قاراش بىلەن ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئىسمىنىئۆز بالىلىرىغا قويماسلىقتەك ئەھۋاللارمۇ بار.
بالىلارغا قويۇلماقچى بولغان ئىسىمنىڭ ئۇرۇق -تۇغقانلارنىڭ ئىچىدىكى ئىسىملار بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىناتتى.

بالىلارغا قويۇلغان ئىسىملار ئىچىدە بالىلارنىڭ توغۇلغان مەزگىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسىملار خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. ھېيت، جۈمە، ئازنا، نورۇز، سەپەر، ھوشۇر، بارات، رەجەپ، روزى، ئاپرېل. …دېگەندەك.
ئاسمان جىسىملىرى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسىملار. مەسىلەن، چولپان، زۆھرە، يۇلتۇز، ئەختەر، يەشىن (چاقماق )،قەمەر. …دېگەنلەرگەئوخشاش.
بەزىبىر ئۆسۈملۈك، گىياھ ۋە مېۋىلەرنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپقويۇش، مەسىلەن، ئانار، ئالما، جىنەستە، زەيتۇن، چىنار، سامساق، مايسا، يانتاق، رەيھان دېگەنلەرگە ئوخشاش.
بەزىبىر ھايۋان، قۇشلارنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش، مەسىلەن، ئارسىلان، يولۋاس، مايمۇن، تۇتى، قۇندۇز، ئەسەت (شىر )…قاتارلىقلار.
بەزى مەدەن، يەر ئاستى قېزىلمىلىرىنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش، مەسىلەن، ئالتۇن، كۈمۈش، ئالماس، مارجان، زۇمرەت دېگەندەكلەرگە ئوخشاش.

ئۇيغۇرلار ئۆز بالىلىرىغا ئىسىم قويغاندا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارغا ئالاھىدە دېققەت قىلاتتى :

(1) قوشكېزەك ئىككى ئوغۇل توغۇلغان بولسا، ياد ئېتىش، سېغىنىش يۈزىسىدىن ئەلىنىڭ پاتىمەدىن توغۇلغان ئوغۇللىرى ھەسەن -ھۈسەنلەرنىڭئىسمىنى قوياتتى. قوشكېزەك توغۇلغانلارنىڭ بىرى ئوغۇل، بىرى قىز بولسا ئوغۇلنىڭ ئىسمىنى ھەسەن، قىزنىڭ ئىسمىنى پاتىمە دەپ قوياتتى. ئەگەر ھەرئىككىلىسى قىز بولسا بىرىنىڭ ئىسمىنى پاتىمە، بىرىنىڭ ئىسمىنى زۆھرە دەپ قوياتتى.
(2) يۈسۈپ ئىسىملىك بىر ئادەم ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن بولسا ئۇنىڭ ئىسمىنىياقۇپ دەپ قويمايتتى. ئىسمايىل ئىسىملىك بىر ئادەم ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن بولسا ئۇنىڭ ئىسمىنى ھەرگىز ئىبراھىم دەپ قويمايتتى. چۈنكى، يۈسۈپ ياقۇپ پەيغەمبەرنىڭ، ئىسمائىل بولسا ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئوغۇللىرى بولغانلىقتۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى رايون خاراكتىرلىكدەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بەزى ئىسىملارغا قاراپ شۇ ئادەمنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئىيتايلى ئەر ئىسىملىرى « مەت» سۆزى بىلەن باشلانغان بولسا (مەتتۇرسۇن، مەتقۇربان، مەترۇزى. …) ئۇ ئادەمنىڭ خوتەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتقا تەۋە ئادەملەر ئىكەنلىكىنى؛ ئەر ئىسىملىرى « ئىمام » سۆزى بىلەن باشلانغان بولسا (ئىمام ھەسەن ) بۇلارنىڭ ئاتۇش تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكى؛ ئەر ئىسىملىرى « ئوبۇل » سۆزى بىلەن باشلانغان بولسا (ئوبۇلقاسىم، ئوبۇل سىدىق )بۇلارنىڭ قەشقەر تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى؛ ئەر ئىسىملىرى « تۇ » ياكى « ئاق »سۆزى بىلەن باشلانغان بولسا (تۇنىياز، ئاقنىياز )بۇلارنىڭ ئاقسۇ تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى؛ ئەر ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا « قارى »قوشۇلغان بولسا (غاپپار قارى، ساتتار قارى ) بۇلارنىڭ كۇچا تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى؛ ئەر ئىسىملىرنىڭ ئاخىرىغا «جان » سۆزى قوشۇلغان بولسا (مۇساجان، ئابلا جان )بۇلارنىڭ غۇلجا تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى بىلگىلىبولىدۇ. ئاياللار ئىسمىنىڭئاخىرىغا « گۈل »، « نىسا » سۆزلىرى قوشۇلغان بولسا (نۇرگۈل، رەيھانگۈل، تۇرنىسا، ئاينىسا )بۇلارنىڭ قەشقەر تەرەبنىڭ ئاياللىرى ئىكەنلىكىنى، ئاياللار ئىسمىنىڭ ئاخىرىدىكى «بۈۋى »،«قىز » لارغا قاراپ (جەننەتبۈۋى، ئايىمقىز ) بۇلارنىڭ غۇلجىلىق ياكى شۇ تەرەپنىڭ ئاياللىرى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇنداقلار ئىسكەندەر، ئىسھاق، سوپى، دۇگامەت، ئولمايىت، قايىت. …دېگەندەك ئەرلەر ئىسمىغا ۋە ئايسىمخان، ئالماراخان، مايسىخان، ئەزنىخان. ….دېگەندەك ئاياللار ئىسمىغا قاراپ، بۇلارنىڭ تۇرپان رايونىنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ.

مەنبە : ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرى ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 13:58:19

ھازىر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەبچە ئىسىم بولۇپ كەتتى ، ئەسلىدە ساپ ئۇيغۇرچە بولغان ئىسىملارنى قويغان بولساق ياخشى بولاتتى ، تۈرىكلەر تۈركچە ئىسىم قويۇپ كېلىۋاتىدۇ.
بەت: [1]
: ئۇيغۇرلاردا ئىسىم قۇيۇش مەدىنىيىتى