ۋاللەي بەشتاش قاتارلىق شىركەتلەر ھەمكارلىق ئورناتتى
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ بەشتاش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىق، شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئەمىن كىتابچىلىقى ھەمكارلىق، شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن جۇڭگو-شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى ھەمكارلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چەۋەنداز مېھمانخانىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېچىلدى.
شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2014-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلۇپ دىيارىمىزدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى بازارغا سالغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە داڭلىق ماركا يارىتىش، شىركەت ۋە مەھسۇلات ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بازار ئېچەش جەھەتتە ئۇتۇق قازانغان شىركەتكە ئايلانغان، قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە دىيارىمىزدا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ۋە چەتئەللەردە دىققەت قوزغىغان شىركەتكە ئايلاندى، ۋاللەي شىركىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىپ بۇ ساھەدىكى باشلامچىلىق ۋە ئۈستۈنلۈك ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
شىنجاڭ بەشتاش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى يېڭىدىن قۇرۇلغان بولۇپ دىيارىمىزدا بوشلۇق بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۆزىمىزنىڭ داڭلىق ماركىلىق بالىلار كىيىملىرى ۋە بالىلار بۇيۇملىرىنى ئاساسلىق مەھسۇلات قىلىشنى نىشان قىلغان ئىستىقبال شىركەت.
شىنجاڭ ئەمىن كىتابچىلىقى دىيارىمىزدىكى كىتاب-نەشرىيات ئىشلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان غوللۇق شىركەت بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان سەر خىل ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇپ، تارقىتىپ، ئۇيغۇر كىتابچىلىق ساھەسىگە زور تۆھپە قوشقان شىركەت.
جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى 2014-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، دىيارىمىزدا ۋە مەملىكىتىمىزدە چوڭ تەسىر قوزغىغان يەرمەنكىگە ئايلاندى، بۇ يىل 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلۈش پىلانلىغان ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە تېخىمۇ كۆپ شىركەت-كارخانىلار قاتناشقان رايونىمىزدىن ھالقىپ مەملىكىتىمىز ۋە خەلقئاراغا تەرەققىي قىلىشنى نىشان قىلغان مىللىي كارخانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ يەرمەنكىسى.
يىغىندا ۋاللەي شىركىتىنىڭ ھەر قايسى ھەمكارلاشقۇچى شىركەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئىستراتىگىيىسى ۋە نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلىشى بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆلىنىشى ۋە يېڭىدىن بازارغا سالغان ۋە سالماقچى بولغان مەھسۇلاتلىرى ئېلان قىلىندى.
ئۇنىڭدىن سىرت يەنە بەش تاش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق نىشانى ۋە يېڭىدىن بازارغا سالغان مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلدى، شىنقاڭ ئەمىن كىتابچىلىقى ۋاللەي شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق نىشانى ۋە نەتىجىسى توغرۇلۇق، جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى بىلەن شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقى توغرۇلۇق ئاخبارات ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىندى.
يىغىنغا ھەر قايسى جايدىن كەلگەن كارخانىچىلار، تەكلىپلىك مېھمانلار، شىركەت ۋاكالەتچىلىرى ۋە تاراتقۇلار بولۇپ 400 گە يېقىن مېھمان قەدەم تەشرىپ قىلدى.
بىز ۋاللەي ،بەشتاش شىركەتلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق مىللىي كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە بىرلىكتە ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن بېسىلغان بۇ تۇنجى قەدىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقىنى چىن دىلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز !
خەلقىمىزدە مىللى روھ يوق ئەمەس ، خەلق پۇلى يوق بوپ كىتىۋاتىدۇ .
ھەممىمىز باللىرىمىزنىڭ ئويۇنچۇق ئوينىغاندا بولسىمۇ ئۆز تىلىنى ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىز ، لىكىن راست گەپ باھاسى سەل يۇقىرى بىرسى ئويۇنچۇق ياسىسا ھەممىسىنىڭ ئويۇنچۇق ياسىغۇسى كىپ قالدىمۇ قانداق، ئەللەي دەپ يەنە بىرسىمۇ باكەن. پۇتلىكاشاڭ بولدىمۇ ئۇنى بىلمەيمەن، لېكىن سەل پەل ئوخشىمايدىغانراق قىلىپ ياسىسىمۇ مەيلىتىغۇ. ئوپمۇ ئوخشاش قىلىپ ياسىۋالغىنى تىپىك جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بوپتۇ. بۇ ھەقتە مەندە بىر پىشمىغان خام پىلان بار:lol
كېلەركى قېتىملىق تېمامدا شۇنى يېزىپ قالدۇراي. ئۇيغۇر ئېلېكتېترۇن ساھەسىنى ۋە بالىلار مائارىپى يۆنىلىشىنى ئوبدانلا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىچە ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. گۈلبەبە دەپ يەنە بىرسى چىقتىغۇ سۆزلەيدىغان قونچاق «چىم- چىم» دەپ ئېلان بېرىۋاتىدىغۇ تېلىۋىزوردا… يەنە مۇئەللىم ۋە ئېرپان شىركەتلىرىنىڭمۇ بازارغا سېلىنىپتۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، يەنە بەزى بالىلار بۇ بازارغا كىرسەم بولامدۇ نېمە دەپ ئىككىلىنىۋېتىپتۇ. :lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bayawat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-17 14:22
قارىغاندا بۇ باللىلار ئۇيۇنچۇقلىرىنىڭ پاتىنىت ھۇقۇقى يۇق ئوخشايدۇ، ئىچكىردىكى بىر شىركەت شنجاڭدىكى بەش ـ ئالتە شىركەتكە ئوخىشمىغان ماركىدا ياساپ سىتىپ بىردىغان چىغى،،،، خاسىيەتلىك باشلىنىش ياخشى بوپتۇ ھەمكارلىشىپ باقمىسۇنمۇ...
بولسا مۇشۇ يېغىلىشنىڭ سۈرەتكە ئېلىنغان نۇسخىسى بولسا ئەۋەتىۋەتكەن بولساڭلارمۇ بوپتىكەن...
بەش تاشنىڭ ناخشىسى بەك ياراپ قالغانتى بۇرۇنلاردا ھەمكارلاشسا قول ئېلىشىپ ھەمكارلاشقانلىقنى بىلدۈرەتتى ، ھازىر ئادەم جىق بولغاندىكىن چوڭ شارنى تۇتۇپ ھەمكارلىشىدىكەن ھە.
ئاۋۇ بالىلارغا كۆز تەگمىگىيدى، ئاللاھىم كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن ساقلىغايلا . 7-رەسىمدىكى دوپپا كىيۋلغان بالا چاپاننىڭ ماركىسىنى ئېلۋېتىشكە ئۈلگۈرمەيلا سەھنىگە چىقۋالغان چىراي:lol:lol
ئۇتۇقلار يار بولسۇن ئەزىمەتلەر .................. jaggiwar يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 23:36 static/image/common/back.gif
7-رەسىمدىكى دوپپا كىيۋلغان بالا چاپاننىڭ ماركىسىنى ئېل ...
سىز دەۋاتقان دوپپا كىيىۋالغان بالا، ۋاللەي شىركىتىنىڭ دېركتورى بولىدۇ. دوستلىرى ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى تەبرىكلەپ كىيدۈرگەن. يېڭى كىيىم بولغاندىكىن دەپ ماركىسىنى ئېلىۋەتمىگەن ئوخشايدۇ. ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن،ئىسىمدە چىڭ ساقلىۋالدىم،ۋاللەي،،،،كەلگۈسىدە بالام بولسا چۇقۇم سىلەرنىڭ مەھسۇلاتىڭلارنى سېتىۋالىمەن. بىر مەھسۇلات بازارغا چىقىپ سېتىلىشى ياخشى بولسا شۇ ھامان باشقا ماركىدىكى ئوخشاش مەھسۇلات چىقىپ بازاردا تۆكمە بولۇپ كىتىدۇ . ئەگەر باشتىكى مەھسۇلات چىقارغۇچى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىپ مەھسۇلات سۈپىتى ۋە ماركسىىنى تونۇتسا شۇ ماركىدىكى ساختىسى چىقىدۇ . بۇ بىر ھەر ئىككى تەرەپنى خورتىدىغان ئۇزاق جەريان . ئوتتۇردا پەقەت پايدا ئالغۇچى پەقەت بىرلا ـــ تېلۋىزىيە ئىستانىسى .
ئەڭ باشتىكى قەدەمنى پۇختا ئېلىپ ھېچ بولمىغاندا www.uy315.com دىگەنگە ئوخشاش بىر بەتنى بىر نەچچە شىركەت بىرلىشپ ئازىراقتىن چىقىرىپ نەچچە مىڭ يۇەنگە سېستىما سېتىۋىلىپ ساختىلىقتىن ساقلىنىش بەلگىسىنى بولسىمۇ ئىشلىتىپ ئىستىمالچىلارنى يىتەكلىشى كېرەك . بازارغا بوراندەك باشتۇرۇپ كىرىش ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن تولۇق تەييارلىق بولمىسا مەبلەغ زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قېلىپ كىيىنكى پىلان ئەمىلىيلەشمەي قېلىشى مۇمكىن . Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 23:07 static/image/common/back.gif
بۇرۇنلاردا ھەمكارلاشسا قول ئېلىشىپ ھەمكارلاشقانلىق ...
ئاۋۇ يۇمۇلاق شار يەرشارىنىڭ سېمۋۇلى بولسا كېرەك ، پۈتۈن يەرشارى كىشىلىرى بىرلىشەيلى دېگەندەك. ياكى بۇ ئىقتىسادنىڭ دۆلەت ، مىللەت، رايون چېگراسى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدىكىن. ئىشقىلىپ ھەممىسى بىر بولۇپ بىربىرىنىڭ قولىنى تۇتقاندىن مۇشۇنداق سېمۋوللۇق تۈستە بىرلىشىش مەقسىتىنى ئىپادىلىسە تېخىمۇ ئېسىل كۆرۈنىدىكەن. :lol
ئىشلىرىڭلارغا كۆز تەگمىسۇن. ئەگەر كۆز تېگىپ كەتسە، تەجرىبە ساۋاقلارنى ئوبدان يەكۈنلەپ ئورنۇڭلاردىن يەنە دەس تۇرۇشنى نىشان قىلىڭلار.:handshake
تولىمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ. كارخانىچىلىرمىز بارغانسىرى تېخىمۇ ئەقىللىق بوپ كېتىۋاتىدۇ.كۆزتەگمىسۇن سىلەرگە ،مەھسۇلاتىڭلارنى سېتىۋىلىش ئارقىلىقلا قوللىيالايمىز ، ھازىرچە.
بەزىلەرنىڭ ساختىسىنى ياساپ بازىرىڭلارنى كاساتلاشتۇرۇشنىڭ چوقۇم ئالدىنى ئېلىڭلار. تېخىمۇ روناق تاپقايسىلەر. ۋاللەي ،بەشتاش شىركەتلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق مىللىي كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە بىرلىكتە ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن بېسىلغان بۇ تۇنجى قەدىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن{:112:}{:112:}{:112:} بىزنىڭ مەھەللىدىكى دوكانلاردا بارمۇ بۇ نەرسىلەر ...:funk: تەبرىكلەيمەن، مۇۋاپىقىيەتلەر يار بولسۇن!
بەت:
[1]