ئىچىملىك سۇ پونكىتلىرى ياكى تۇرۇبا سۈيى شىركەتلىرى ئۈچۈن
نەچچە يىللار ئالدىدا باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يېزا ئىچىملىك سۇ پونكىتلىرى (سۇ زاۋۇتلىرى ) ، تۇرۇبا سۈيى شىركەتلىرىنىڭ سۇ پۇلى يىغىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بىرىش ئۈچۈن كۈنلۈكى ئىشتىن چۈشكەن چاغلىرىمدا ۋاقت چىقىرىپ تەخمىنەن بىرەر ئايدەك ۋاقىتتا بۇ يۇمشاق دېتالنى تۈزگەن ئىدىم ، ئارىدا بىر قىسىم خاتالىقلارنى تۈزىتىپ بەرگەندىن كىيىن باشقا ئىشلىرىم بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كىتىپ ، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشىنى تامامەن دىگۈدەك ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن ، يېقىندا بىرسى مۇشۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەزى قىسىملىرىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكى بار يوقلۇقىنى سورىدى ، ھەيران قالدىم ، تەخمىنەن ئون يىللار ئالدىدا تۈزۈپ قويغان بۇ يۇمشاق دېتالنى ھازىرغىچە ئىشلىتىۋېتىپتۇ ، ئەسلىدە رەت قىلاي دىگەن ، لېكىن شۇنچە زاماندىن بىرى سادىقلىق بىلەن ئىشلىتىپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ئۈزەمچە سۈيۈنۈپ كەتتىم ،يۇمشاق دېتالنىڭ ئەسلى كودىنى نەچچە كۈن ئاختۇرۇپ ئاخىرى تاپتىم ۋە بىر قانچە كۈن ئولتۇرۇپ تەلەپكە ئاساسەن ئازدۇر - كۆپتۇر ئۆزگەرتىپ بەردىم .
شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ يۇمشاق دېتالغا ئىھتىياجلىق كىشىلەر توپى يەنە باركەن دەپ ئويلاپ ، ئىزدىنىشقا تىما يېزېپ ئولتۇرۇپتىمەن ، تۈۋەندىكسى يۇمشاق دېتالنىڭ بىر قىسىم كەسمە سۈرەتلىرى ، تەپسىلاتىنى يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ كۈرۈپ باقساڭلار بۇلىدۇ ، ھاپىلا - شاپىلا قاچىلاش پىروگراممىسى ياساپ قويدۇم ، ھەقىقەتەن ئىھتىياجى بارلارغا تۈزۈتۈپ بەرسەم بۇلىدۇ (ئەلۋەتتە ھەقلىق ) .
ھە راس ، يۇمشاق دېتال كۈرۈنمە يۈزى پۈتۈن ئۇيغۇرچە ، windows مەشخۇلات سېستىمىسىدا خىزمەت قىلىدۇ ، شۇنداقلا كومپيۇتېرغا Microsoft Office يۇمشاق دېتالى قاچىلانغان بۇلۇشى كىرەك .
يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈش ئادرېسى http://www.yubaza.com/su/su.zip توغرا , خەت ساندۇقۇم Abdikadir@outlook.com چىرايلىق لاھىيە . ئابدىقادىر بۇ سىزكەنسىز ،ھە ؟ئىسمىڭىزغا قاراپ پەرەز قىلغانتىم ،تالۇندىكى يەر ئىسمىگە قاراپ جەزىم قىلدىم . ئىقتىدارى تولۇق ياخشى سىستېما ئىكەن، ئىمكان بولسا ئىملانىمۇ قايتا بىر تەكشۈرۈپ بېكىتىۋەتكەن بولسىڭىز. Yaruq يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 16:42 static/image/common/back.gif
ئىقتىدارى تولۇق ياخشى سىستېما ئىكەن، ئىمكان بولسا ئىم ...
سىز بايقىغان ئىملا خاتالىقلىرى بولسا دەپ قويسىڭىز ، مەنمۇ بىرەر قاتار تەكشۈرۈپ باققان ، يەنە بىر قاراپ باقاي ، رەھمەت ئىشنى «كىلىت» تىن باشلايلى، تىلىمىزدا بۇنىڭغا بىر ئوبدان تەڭداش بولالايدىغان ساپ ئۇيغۇرچە «ئاچقۇچ» دېگەن سۆز بار ھالەتتە، بۇ ئىنگلىزچە ئاتالغۇنى زورلاپ ئۇيغۇرچىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمىدىم.
ئىملاسى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك دەپ قارالغان سۆزلەر:
«قۇشۇش»، «تالۇن»، «بېسېپ»، «تۇلۇقلاپ»، «بەلگۈلەش»، «تۈلەنگەن»، «سىتاستىكا».
يۇقارقى سۆزلەرنىڭ توغرىسى:
«قوشۇش»، «تالون»، «بېسىپ»، «تولۇقلاپ»، «بەلگىلەش»، «تۆلەنگەن»، «ئىستاستىكا».
تەكلىپ:
سۆز بىلەن سۆزنىڭ ئارىلىقىغا بىر بوشلۇق قويۇۋەتسىڭىز.
رەھمەت! Yaruq يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 09:30 static/image/common/back.gif
ئىشنى «كىلىت» تىن باشلايلى، تىلىمىزدا بۇنىڭغا بىر ئوب ...
ئىملا مەسىلىسنى ئوڭشاپ قويدۇم ، سۆز بىلەن سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىغا بوشلۇق قۇيۇش ئىمكانىيىتى بولمىدى ، تىزىملىك بەك ئۇزىراپ كىتىپ ئىشلىتىشكە قۇلايسىز بۇلۇپ قالىدىكەن
بەت:
[1]