waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 18:52:24

شىنجاڭ كەسپىي پۇتبولىنىڭ باھارى باشلاندى

         

    بۇ يىل 1-ئايدا، شىنجاڭ كارخانىسى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ پاي ھوقۇقىنى كونترول قىلدى، سابىق «جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ئالتۇن بوتىسى» دالاناخ ۋە توققۇز نەپەر شىنجاڭلىق يەرلىك توپچىغا ئىگە بولغان تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە ئاتلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ كەسپى پۇتبولى مۇشۇ مىنۇتلاردىن باشلىنىدۇ، شىنجاڭ ھەقىقى مەنىدىكى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەسپى پۇتبول كوماندىسىغا ئىگە بولىدى.

بۇ يىل 2-ئايدا، شىنجاڭ مەكتەپ پۇتبولى 5-قېتىملىق جەنۇبى شىنجاڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۇرپاندا باشلاندى، ناھايىتى كۆپلىگەن ئون ياشقا توشمىغان بالىلار ۋە ئۇلاردىن بىر-ئىككى ياش چوڭ بولغان بالىلار بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ «پۇتبول ھاياتى»نى باشلىدى. تېخنىكا سىنىقىدا، بىر مىنۇتتا 204 قېتىم توپ تاقلىتىش ماھارىتىنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھالدا 12 ياشلىق بالا ئورۇندىدى. شىنجاڭ پۇتبولىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەمدىلا باشلانغان كەسپى پۇتبول ۋە داڭقى چىققان ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولى ئارىسىدا پەخىرلىنىش ۋە پەرق زىدىيىتى ئورتاق مەۋجۇت.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەردەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە ياردىمىدە، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسى كورىيە ۋە ياپونىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئاسىيادىكى بىرىنچى بىرلەشمىگە ئايلاندى، جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان روھ ۋە ئىستىلنى نامايەن قىلدى. پۇتبول چوڭ مۇھىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ئۆزىدىكى ئەۋزەللىك، روشەن پەرق ۋە ئەڭ ياخشى پۇرسەتنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئالدىغا قويۇلدى، پەقەت پەرققە توغرا قاراپ ئادەم بايلىقىنى ئەمەلىي كۈچكە ئايلاندۇرغاندا، ئاندىن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ گۈزەل كېلەچىكى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ھەتتا كۆپلىگەن ئۆلچەملىك كەسپى پۇتبول كۇلۇبى باشلىنىشىدىلا ئىنتىزار بولىدىغان رول.

كەسپىي پۇتبول باھارىنى كۈتىۋالدى

ناۋادا ئالدىنقى پەسىللىك جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە شىنجاڭنىڭ «ئىسمى» بولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ پەسىللىك جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە «ئىسمى بىلەن پاي ھەسىسى» بىرگە بولدى.  
بۇ يىل 1-ئايدا، ئۈرۈمچى جۈنتەي ئۆي-مۈلۈك پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى كۇلۇبنىڭ 66.7% لىك پاي ھوقۇقىنى كونترول قىلغۇچى تەرەپكە ئايلاندى. بۇ پەسىلدە بىرىنچى كوماندا شاۋكەت، پەرھات، ئارافات قاتارلىق توققۇز نەپەر شىنجاڭلىق توپچىغا ئىگە بولىدى.
  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى ئاساسى 2012-يىلى قۇرۇلغان خۇبېي خۇاكەيئېر پۇتبول كۇلۇبى. 2014-يىلىنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ پۇتبول جەمىيىتى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا خۇبېي خۇاكەيئېر پۇتبول كۇلۇبىنىڭ جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە ئويناش سالاھىيىتىنى قوبۇل قىلغان، شۇڭا جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ئالدىنقى پەسىللىك شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىنىڭ پايچېكى ۋە قوللىغۇچىسى-- ئۈرۈمچى جۈنتەي ئۆي-مۈلۈك پايچەك چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 1-ئايدا پايچېكى ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق كۇلۇبنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكىگە ئايلاندى. بۇ تېزلا بۇ يىللىق جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىنىڭ « ئىسمى بار پاي ھەسسىسىمۇ بار» بولغان شىنجاڭ كوماندىسىغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

كۈچلۈكلەرنى يۆتكەش، نىشان ئالدىنقى ئالتە

نۆۋەتتە، جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ پەسىللىك جۇڭگو ئا دەرىجلىك بىرلەشمىسى مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرىشىنى ئېلان قىلمىدى، ئەمما ئادەتتە دائىم 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇسابىقە باشلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، كوماندىنىڭ 28 كىشلىك دەسلەپكى چوڭ تىزىملىكىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ نامى بار توپچى بولسا ئىلگىرى 2012-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن بولغان رۇمىنىيەنىڭ سابىق دۆلەت كوماندىسى توپچىسى دالاناخ. بۇندىن سىرت يەنە ئالدىنقى پەسىل بېيجىڭ باشى كوماندىسىدا توپ تەپكەن برازىلىيەلىك توپچى فىلىپىنى يۆتكەپ كەلدى، بۇ بويى 1.97 مېتىرلىق توپچىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى قالتىس، ئىككىسى ئالدىنقى پەسىلدىكى ئارقا مەيدان يادروسى ۋىسىنتې بىلەن بىرگە ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى توپچىلار ئىچىدە، بارىنىڭ ئىجارە ۋاقتى توشۇپ جىياڭسۇ شۈنتىيەنگە قايتتى، بىراق گۇاڭجۇ خېڭدادىكى شاۋكەتنىڭ قوشۇلىشى مەلۇم دەرىجىدە بۇ بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇ پەسىلدە، كوماندىدا بىراقلا شاۋكەت، مۇستافا، يەھيا، ئارافات، سالىخان، ئەخمەتجان، ماخمۇت، مەمەتجان، سابىت قاتارلىق توققۇز نەپەر يەرلىك توپچى بار بولدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپى ئىلگىرى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى كوماندىسىدا توپ تېپىپ جۇڭگو ب دەرىجىلىك مۇسابىقە ۋە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان.
  كوماندا باش ترېنېرى:« يېڭى پەسىللىك مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، 2014-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ يىغىلىپ مەشىق قىلدى. بۇ پەسىلدە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە كۈچلۈك كوماندا كۆپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بىزنىڭ يېڭى توپچىلىرىمىزمۇ بىر قەدەر كۆپ، ھازىر كوماندىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىتتىپاقلىشىش. ئالدىنقى پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە بىزنىڭ نەتىجىمىز ئونىنچى، بۇ يىل بىزنىڭ نىشانىمىز تىرىشىپ ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرىش. كوماندىنىڭ نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ پەسىل كۇلۇب توپچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش مەبلىغىنى كۆپەيىتتى، مېھمان مەيدان توپ كىرگۈزۈش مۇكاپاتى ۋە تەڭلىشىش مۇكاپاتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇندىن سىرت، ئۈرۈمچىنىڭ چىملىقىنىڭ 5-ئايدىن بۇرۇن ئىشلەتكىلى بولمايدىغان بولغانلىقتىن، كوماندا يەنىلا داۋاملىق مېھمان مەيدان مۇسابىقىگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نۆۋەتتە كۇلۇبمۇ ئاكتىپ ھالدا غۇلجا شەھىرى ياكى كورلا شەھىرىدە قوشۇمچە مۇسابىقە مەيدانى ھازىرلاش ئىشىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.»دېگەن.

ئەسلى مەنبەسى؛ نۇر تورى

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 21:01:06

ھېلىمۇ بەك كېچىكىپ كەلدى بۇ باھار ...

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 21:59:44

ئۆزىمىزنىڭ شىركەتلىرى سېتىۋالغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 22:11:44

شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدا ئۈمىد زور !

boran120 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 00:25:00

    مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پۇتبول باھارىدىن نەچچىنى كۈتىۋاپتىمەن،ھەر قىتىم ھاياجان ، ھەۋەس بىلەن باشلىنىپ زىمىستان قىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ قىتىمقىسىغىمۇ قاراپ باقاي.

ugdelmix يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 09:58:40

باھار كەلگەن بولسا نۇرغۇنلىغان جاپا مۇشەققەتلەر كۈتۈپ تۇرۇپتۇ تىرىشىڭلار،،،كۆچىتىڭلار چىچەك ئىچىپ مىۋە بەرسۇن،،،غەلبە خەۋىرىڭلارنى ساقلايمىز  پۈتۈن خەلقىمىزگە ئىشەنچ ۋە جاسارەت ئاتا قىلىڭلار،،،،

erxat1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 11:58:54

غۇلجىدا ئۈتكۈزۈپ قالسا بىرىپ كۈرەتتىقدە..ھەرەمباغنىڭ ئىشى قانداق بۇپكەتكەندۇ باللا.

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 12:29:36

مەن مىللى پۇتبۇلچىلارنىڭ ئىستىقبال تىپىشىدىن ئۈمۇدۋار ئەمەسمەن ،ئىقتىدارىغا ئىشىنىمەن بىراق تۈزۈلمىدە مەسلە با ،پۇتبۇل مەستانىللىرىنى ئەخمەق قىلىشتىن باشقا ئىش يوق ،ئەڭ ياخشىسى ھەقىقىراق بولغان ياۋرۇپا پۇتبۇل بىرلەشمىسىنى كۆرۈش .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 18:30:33

بۇلتۇر پۇتبول مەستانىلېرى جىقراق كىرسە دەپ ئاتايىن ئىچكىرىدىن بىر سەرگەردان كۇلۇب شىنجاڭ كوماندىسى بولىۋىلىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىۋىدى نەتىجىدە پۇتبولچىلارنىڭ ئىچىدە ساناقلىقلا ئۇيغۇر بالىلار باركەن. نەتىجىسىمۇ ناچاركەن. كەيپىيات ب دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمىسىگە قاتناشقان تاشئالما كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىسىچىلىكمۇ كەيپىيات يوق. ئەمدى ئازراق ئۆزگەرتىش كىرىپتۇ لېكىن يەنىلا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرىدىن پەرقى يوقتە.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 23:50:30

زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار
  ھى ھى ھى
بەت: [1]
: شىنجاڭ كەسپىي پۇتبولىنىڭ باھارى باشلاندى