Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 12:50:42

توردىكىpdf ھۆججىتىنى چۈشۈرمەي تۇرۇپ ئاچالايدىغانAndroid دېتالى بارمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Sewirchan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 12:57  


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك تور بەتلەردىكى ھەرخىل فورماتتىكى سىن ھۆججىتى، ئاۋاز ھۆججىتى ۋە رەسىم ھۆججەتلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا بىز ئىشلەتكەن تور كۆرۈش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ھەممىسىلا دىگۈدەك ئۇ ھۆججەتلەرنى ئۈسكۈنىنىڭ ساقلىغۇچىسىغا چۈشۈرمەستىن (تور بەت يۈزىدىلا) بىۋاستە ئاچالايدۇ، ئەمما توردىكىpdf كىتابلىرىنى Android سېستىمىلىق تور كۆرگۈچلەردە بىۋاستە ئاچقىلى بولمايدىكەن، چوقۇم چۈشۈرۈشنى جەزىملەش سۇئال رامكىسى چىقىپ تۇرىۋالىدىكەن، ھۆججەتنى چۈشۈرمىگۈچە كۆرگىلى بولمايدىكەن. بەزىدە كۆچمە كىتاب كۆرۈش ئۈسكۈنىلىرىمىزنىڭ ساقلاش بوشلۇقى چەكلىمىسى ياكى باشقا ئىجتىمائىي چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلىدىن بەزى ئېلكىتابلارنىڭ ھۆججىتىنى ئۈسكۈنىنىڭ بوشلۇقىغا ساقلاش تەس بوپ قالىدىغان بولغاچقا، دوسلاردىن مۇشۇ خىل ئېھتىياجغا ماس كېلىدىغان تور كۆرۈش دېتالىنى بىلىدىغان ياكى ئىشلىتىپ باققانلار بولسا بىلىدىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشسا دىگەن ئۈمۈتتە بۇنى يازدىم.
      مەن مۇشۇ خىل ئېھتىياجنىڭ مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە تېخىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ windows8 دىكى Internet Explorer دىن پايدىلىنىپ  بۇنى سىناپ باقسام Internet Explorer مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا  توربەت يۈزىدىكىpdf كىتابلىرىنى بىۋاستە ئاچالىدى. يەنى قىسقا ۋاقىتتىلا ھۆججەتنى ئىچكىي ساقلىغۇچقا (内存گە) چۈشۈرىۋېلىپ تۇرۇپ ئاندىن سېستىمىدا بار بولغان Adobe Reader نى ئۆزى قوزغۇتۇپ ئېچىپ بېرىدىكەن. مەن بۇ چاغدا  قاتتىق دېسكىدىكى ھۆججەت چۈشۈش ئېھتىمالى بولغان ھەممە يەرنى تەكشۈرسەممۇ  نۆۋەتتە ئوقۇۋاتقان pdf ھۆججىتىنى تاپالمىدىم. دىمەك بۇ خىل ئۇسۇلدا Internet Explorer دىن پايدىلىنىپ توردىكى (بۇلۇت بوشلۇقىدىكى) ئېلكىتابلارنى ۋە سىمسىز ساقلىغۇچتىكى ئېلكىتابلارنى قاتتىق دېسكىغا چۈشۈرمەي تۇرۇپ بىمالال ھالدا  ئوقۇيالىدىم. بۇنىڭ بىلەن بەزى ئىشلاردىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولدۇم.
      قولاي بولغان كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىمۇ بۇ خىل ئۇسۇلدا ئېلكىتاب ئوقۇش ئېھتىياجى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپۈنچىمىزدە بار دەپ ئويلايمەن، شۇڭا  Android سېستىمىسىدا ياكى ئالما سېستىمىسىدا ئىشلەيدىغان  تور كۆرگۈچلەرنىڭ قايسىسىدا مۇشۇنداق ئىقتىدار بار ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان دوسلارنىڭ ئۆزى بىلگەننى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 14:00:16

adobe reader ئىشلەتسىڭىز بولغۇدەك
ئادوبى id ھېساباتتىن بىرنى ئېچىپ بۇلۇت بوشلۇقىغا كىتابلارنى يوللىۋېلىپ
يانفون،كومپىيۇتېر،تېلېۋىزور، خالىغان بىرىدە  adobe reader نى ئېچىپ ھېساباتىڭىزنى باسسىڭىزلا كىتابلىرىڭىز پەيدا بولىدۇ، خالىغانچە ئوقۇپ ھېساباتتىن چېكىنسىڭىزلا  يوقايدۇ
شەرت: تورىڭىز شاش بولۇشى كېرەك
قانۇنسىز ،دىننى سۈيئىستىمال قىلغان چەكلەنگەن نەرسىلەرنى يوللىماسلىقىڭىز كېرەك

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 14:18:06

ئەبگا توركۆرگۈچلەردە باشقا ھەممىسىدە بۇ ئىقتىدار باردۇ ؟ {:196:}

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 16:40:36

ezPDFReader مۇشۇنى ئىشلىتىپ بېقىڭ.

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 20:25:15

بۇنىڭ ئىشى ئاسان سىز ئالىم ئەھەت مۇئەللىم تەۋسىيە قىلىغان ۋىندوۋس سىستېمىلىق تاختا كومپىيوتىردىن بىرنى سىتىۋالسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ قىممەتمۇ ئەمەس.
بەت: [1]
: توردىكىpdf ھۆججىتىنى چۈشۈرمەي تۇرۇپ ئاچالايدىغانAndroid دېتالى بارمۇ؟