bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 07:52:28

بىلىمخۇمار: تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 08:06  

ئەندىشە، چۈشكۈنلۈك، ۋە ئوڭۇشسىزلىقتىن تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى

بىلىمخۇمار

ئىلاۋە: بۇ بۇرۇن يېزىلغان بىر پارچە ماقالە بولۇپ، مەن مەزكۇر ماقالىنى بۇرۇن تورلارغا يوللاپ بولغان، دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم.  بۈگۈن تورلارنى ئىزدەپ كۆرسەم، تورلاردا بۇ ماقالە يوق ئىكەن.  شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ ھازىر ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم دەرىجىدە ياردىمى تېگىدۇ، دەپ ئويلاپ، ئۇنى بۇ مۇنبەرگە چىقىرىپ قويدۇم.   

بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن، يەنى1988-يىلى، مىڭچېبى (موڭغۇل) ئەپەندى بىلەن لولۇلۇ خانىم ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» دېگەن ماۋزۇدىكى ئەدەبىي ئاخباراتىنى يېزىپ چىقتى. ئۇلار بۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى روھىي ھالىتى ئۈستىدە «قېيىداش روھىي» دېگەن، ئۇيغۇر پسىخىكىسى ئۈستىدە بولسا «يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسى» دېگەن يەكۈننى چىقارغان ئىدى. بۇ ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا مانا ھازىر 20 يىل بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتى بىلەن پسىخىكىسى قانداق؟ ئۇلارنى نېمە دەپ ئاتاشقا بولىدۇ؟ مەن يېقىنقى يىللاردا بۇ ھەقتە يېزىلغان ماقالىدىن بىرەرىنى ئۇچراتمىدىم. ئۆزۈم بۇ ھەقتە يېتەرلىك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، مەلۇم قىممەتكە ئىگە بىر نەرسە يېزىپ چىقىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، مەن بىر ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەن مۇتەخەسسىسى سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس، پەقەت چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بىر ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، مۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلدىم: پۈتۈن مىللەت مىقياسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتىنى «ئەنسىرەش روھىي» دەپ ئاتاش مۇمكىن. ئۇيغۇر ياشلىرى قاتلىمىدىكى زور بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى بولسا «چۈشكۈنلىشىش روھىي» دەپ ئاتاش مۇمكىن. بۇ يەردىكى «ئەنسىرەش روھىي» ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، مەدەنىيىتى، تىلى، دىنى، ئەخلاقى، روھىي ۋە جىسمانىي سالامەتلىكى قاتارلىقلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان زور دەرىجىدىكى تەھدىتتىن، ھەمدە ئۇيغۇرنىڭ ياشاش بوشلۇقى ۋە مىللىي كىملىكى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپتىن كېلىپ چىققان. بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى «چۈشكۈنلىشىش روھىي» بولسا خىزمەت پۇرسىتى بىلەن ئۆز ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىنىڭ يوقلۇقى، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىنسانىي غۇرۇرى ۋە كىشىلىك ۋىجدانى بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىدىن كېلىپ چىققان.


1. ئەنسىرەش روھىي

مىللەتنىڭ ھازىرقى ئەنسىرەش روھىي ھالىتىنى تەپسىلىي تەھلىل ۋە بايان قىلىش كەم دېگەندە بىر مەخسۇس يېزىلغان ئۇزۇن ماقالىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ مەسىلە مېنىڭ ئۇشبۇ يازمامدا توختالماقچى بولغان ئاساسىي مەزمۇن ئەمەس. شۇڭا مەن بۇ يەردە بۇ مەسىلە ئۈستىدە قىسقىچىلا توختىلىپ ئۆتىمەن. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بەزى يازمىلار ۋە ماڭا كەلگەن ئېلخەتلەردە بەزىلەر «مەن بۇرۇن كىم ئىدىم؟ كەلگۈسىدە كىم بولىمەن؟ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەن نېمە ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك؟»، دېگەندەك سوئاللارنى سوراۋاتىدۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇرنىڭ مىللىي كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم نەرسىلەرنىڭ ھازىرقىدەك تەھدىتكە ئۇچرىشىدا، بۇ يەردە تىلغا ئالغىلى بولىدىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدە مۇنداق 3 تۈرلۈك سەۋەب بار. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىدىكى ئاجىزلىق. ئىككىنچىسى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى سىياسەت تۈزۈشكە ياكى ئۇنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولغان ھەر دەرىجىلىك ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ قانۇن كۆز - قارىشىنىڭ ئاجىز بولۇشى. ئۈچىنچىسى، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تېخىچە «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بىر باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ «ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت» دېگەن ماقالىسىگە قاراڭ: http://www. meripet. com/Academy/MAbduxukur. htm . تۆۋەندە يۇقىرىقى 3 مەسىلە ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي.

1. ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزى باشقۇرماقچى بولغان خەلقنىڭ سايلىمى ئارقىلىق ئۆز خىزمەت ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدۇ. شۇڭا بىرەر يېڭى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش، ئېرىشكەن خىزمەت ئورنىنى ساقلاپ قېلىش، ياكى بۇرۇن ئېرىشكەن خىزمەت ئورنىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار ئاشۇ خىزمەتنىڭ ئەھدىسىدىن چىقالىغۇدەك سۈپەتكە ئىگە بولۇشى، ھەمدە شۇ ئاساستا ئۆزىنى سايلايدىغان خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىسە، كېيىنكى سايلامدىكى رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقالمايدۇ. كۆزلىگەن خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار كېيىنكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالىدۇ. خەلقنىڭ تەلىپىنى ۋە ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ھەممە ئىشتا خەلقنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ. بۇ دۆلەتلەردىكى سىياسەت ئەمەلىيەتتە «سايلام سىياسىتى» (ئىنگلىزچە «election politics») بولۇپ، دۆلەتنىڭ نۇرغۇن سىياسىي پائالىيەتلىرى سايلام ئېھتىياجىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان بولىدۇ. جۇڭگودا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا بولسا، كۆپىنچە ئەھۋالدا، كىشىلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەل ئەھلىلىرى تەرىپىدىن يېڭى خىزمەتكە تەيىنلىنىدۇ ياكى يېڭى، بۇرۇنقىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خىزمەت ئورنىغا ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بۇرۇنقى خىزمىتىدىن ياخشىراق خىزمەت ئورنىغا ئېرىشمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ قول ئاستىدىكى خەلققە مەسئۇل بولۇشىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى ۋە ئۇلارنىڭ تەلىپىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىشنىڭ ھېچ بىر ھاجىتى بولمايدۇ. پەقەت ئۆزىدىن بىر ياكى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى ئەمەل ئەھلىلىرىگە مەسئۇل بولسا، شۇلارغا ياخشى كۆرۈنسىلا كۇپايە. مانا بۇ ھازىر ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىلىرى قوشۇنىدا ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان، ئۆزىدىن يۇقىرىدىكىلەرگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خۇشامەتچىلىك ۋە تەخسىكەشلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا، دەرد - پەريادىغا، ئەندىشىسىگە ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن قۇلاق سالماسلىق ئەھۋالىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. ئۇيغۇر خەلقى ھازىر گىرىپتار بولغان «ئەنسىرەش روھىي» ھالىتىدىن بۇ ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ ئانچە خەۋىرى يوق. خەۋىرى بولغاندىمۇ بۇ ئەھۋال بىلەن ئانچە كارى يوق. سىياسىي تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى ئاشۇ تۈزۈمنى ياخشىلاش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. بۇ يەردە بۇ مەسىلە توغرىسىدا بۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ قىلىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.

2. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنى شۇ دۆلەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك، مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي جەھەتتىكى مىللىي كىملىكىنى قوغدايدۇ. بىر مىللەت ئۆزىنى ساقلاپ قالماقچى بولىدىكەن، چوقۇم ئالدى بىلەن قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىشى، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنى بىلىشى كېرەك. جۇڭگودا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئېلان قىلىپ كۈچكە ئىگە بولغان قانۇن-بەلگىلىمىلەر خېلى كۆپ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىكلىرىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىي» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھۆكۈمەت بەلگۈلىمىلىرىمۇ بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ۋە پايدىلىق نەرسىلەرمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن، ھازىر دۆلەتنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىشى دېگەندەك مۇكەممەل ئەمەس. مەلۇم بىر سىياسىي مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قانۇننى خالىغانچە بىر تەرەپكە قايرىپ قويسىمۇ، خالىغانچە ئاياق-ئاستى قىلسىمۇ بولۇۋېرىدىغان بىر خىل سىياسەت يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ ئىچىدە قانۇندا چىڭ تۇرغانلار، قانۇن بويىچە ئىش كۆرمەكچى بولغانلار ھېچ قانداق ھىمايىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، يالغۇز قالدۇرۇلۇۋاتىدۇ، ھەتتا ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەمەل ئۈچۈن ئۆز ۋىجدانى ۋە ئىنسانىي غۇرۇرىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەن، ياخشىچاقلىق، خۇشامەتچىلىك ۋە تەخسىكەشلىكنى ئوبدان قاملاشتۇرىدىغان بەزى كىشىلەر يېڭىدىن ئەمەلگە ئولتۇرۇۋاتىدۇ ياكى خىزمەتتە ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى ئەمەل ئەھلىلىرىنىڭ ئىچىدە خەلقنىڭ ساداسىغا قىلچە قۇلاق سالمايدىغان، ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىگە ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى «قانداق قىلسام يەنە بىر بالداق ئۆسەلەيمەن» دېگەنگە ئاتا قىلىۋەتكەن، «شەپكىسىنى ئەكەل» دېسە بېشىنى كېسىپ كېلىدىغان، قانۇن-تۈزۈم بىلەن ئىلمىي يوسۇندا ئىش قىلىشنىڭ ئورنىغا خوشەمەتچىلىك بىلەن نادانلىقنى دەسسەتكەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال شەكىللەنگىلى تۇرۇپتۇ. دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي يازغان «"مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين"دىن "مەئارىفۇل لۇغەتەين"گىچە» دېگەن ماقالە (بىلىك: http://www. bilik. cn/bbs/viewthread. php?tid=5359 , مەرىپەت: http://www. meripet. com/Söhbet1/Erkinb2. htm ) ۋە بۇ ماقالە دۇچ كەلگەن ئېچىنىشلىق تەقدىر بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر. مەن بۇ ماقالىنى دەسلەپتە ئوقۇغاندا ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتتىم. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا قانداق رول ئوينىغانلىقىنى بىلىشكە تەقەززا بولۇپ كەتتىم. لېكىن، بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن بىر قىسىم ئەھۋاللارنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھال-ئەھۋالىنىڭ نەقەدەر ناچارلىقىغا ئىنتايىن ھەيران قالدىم. قاتتىق ئېچىندىم. ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلار ھازىر ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا ئىكەن. لېكىن ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ھېچ ئىش قىلمىسا، خۇددى ئۆلمەي تۇرۇپ تەييار گۆرگە كىرىۋالغاندەك بىر ئىش بولىدۇ. «بالا يىغلىمىسا ئانا ئەمچەك سالمايدۇ». شۇڭا ئۇيغۇرلارنى ھازىرقى خەتەرلىك يولدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن چوقۇم كۆپ ساندىكى ئەمەل ئەھلىلىرى شەرتسىز ھالدا خۇشامەتچىلىك بىلەن بەند بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەمەل ئەھلىلىرىلا قانۇنغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، قانۇن بىلەن ئىش كۆرمەكچى بولغانلار يالغۇز قالدۇرۇلىدىغان يۈزلىنىشنى 180 گرادۇس بۇراپ، قانۇن بويىچە ئىش كۆرمەكچى بولغانلار ۋە ئىش كۆرگەنلەر ھىمايە قىلىنىدىغان ۋە مۇكاپاتلىنىدىغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار، تەخسىكەشلىك يولى بىلەن يۇقىرىغا ياماشماقچى بولغانلار ئەيىبلىنىدىغان ۋە زەربە بېرىلىدىغان بىر خىل ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

3. ياپونلۇق، گېرمانىيىلىك ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ھازىر نەقەدەر تەرەققىي قىلىپ كەتكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ئۇيغۇرلارنى مۇشۇ 3 مىللەت بىلەن داۋاملىق سېلىشتۇرىمەن. بىزنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان پەرقىمىزنى توغرا ۋە تولۇق چۈشىنىشكە داۋاملىق تىرىشىمەن. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، بىر قانچە ئەسىردىن بۇرۇن مەدەنىي گۈللىنىش ۋە مەدەنىي تەرەققىيات جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن ئانچە قېلىشمايتتى. ياپونغا ئوقۇشقا بارغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەقىل جەھەتتىن ئۆزلىرىنىڭ ياپونلۇقلاردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ۋە ئىسپاتلاپ كېلىۋاتىدۇ. باشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئەقىل جەھەتتىن ئۆزلىرىنىڭ باشقىلاردىن كېيىن تۇرمايدىغانلىقىنى، ھەتتا باشقا خېلى كۆپ مىللەتلەرنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىدۇ. لېكىن، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، خۇددى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغاندەك، ياشاش رىقابەت كۈچى، تۈركۈم ئېڭى، مىللەتنىڭ قاتتىق ھەمدەملىكى (ياكى بىر-بىرىنى يۆلەش ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش جەھەتتىكى مىللەت ئېڭى)، ئۆز زېمىنىدىكى ۋە چەت ئەلدىكى ھەر بىر قەدىمى، ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەرىكىتىگە مىللىي نومۇس-ئىپتىخارىنى ئۆلچەم قىلىش جەھەتتە ھازىر ئۇيغۇرلار يۇقىرىقى 3 مىللەتتىن جىق ئاجىز ۋە جىق ئارقىدا. يۇقىرىقى مىللەتلەر بىر ياكى بىر قانچە ئەسىر ۋاقىتنى مائارىپ ئارقىلىق مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە سەرپ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ھازىرقىدەك بىر «سىياسىي مىللەت» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلەلىدى. ئۇيغۇرلارچۇ؟ مەن تورداشلارنى «سالام دۇنيا» دېگەن ئىسىملىك قېرىندىشىمىز يازغان «ھەقىقىي قۇدرەت تېپىش دېگەن نېمە؟» دېگەن ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشقا چاقىرىمەن. ئۇنىڭ بىلىكتىكى تور بەت ئادرېسى: http://www. bilik. cn/bbs/viewthread. php?tid=15389&extra=page%3D1 . مەن بۇ يازمىدىكى ئىلغار مىللەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقىدەك پەرقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، ھەمدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بايانلارنى خېلىلا ياقتۇردۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپى ۋە ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىغا باشقىلار ھەقىقىي تۈردە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ساپاسى تۆۋەن بىرسى باشقىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم قىلىمەن، دېسىمۇ بۇ ئىش ئۇنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئىشتا ئۇيغۇرلار پەقەت ئۆزىگىلا تايىنىشى كېرەك. بىر مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىر قانچە ئەۋلادلارنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە بىر قانچە ئەسىر ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ بولدى. بۇنداق ئىسراپچىلىق بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىشىۋەرمىسە بولاتتى.

يۇقىرىقىلار ھازىر ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلىك يۈزلىنىشنى توسۇشقا ئامالسىز قالدۇرۇۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا «ئەنسىرەش روھىي» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمى.


2. چۈشكۈنلۈك روھىي

ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان 1-دەرىجىلىك ئېغىر مەسىلە خىزمەت پۇرسىتىنىڭ بولماسلىقى. ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ھەمدە جەمئىيەتتە خىزمەت كۈتۈپ ياشاۋاتقان ياشلار ئىش پۇرسىتىنىڭ كەملىكى ۋە خىزمەت تېپىشنىڭ تەسلىكى تۈپەيلىدىن روھىي جەھەتتە ئىنتايىن چۈشكۈن ئۆتۈۋاتىدۇ. ئۆز ئىرادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، تىرىشىشتىن ۋاز كەچكەنلەرمۇ بار. بۇ ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بولسا بالىسىنىڭ خىزمىتىنىڭ غېمى بىلەن ئىنتايىن ئېغىر روھىي بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. مەن ئاڭلىسام دەرد ۋە ئازاب ئىچىگە تۇغۇلىدىغان بالىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىگە بېرىلگەن، ئىككى ياكى ئۈچ پەرزەنت كۆرسە بولىدىغان نورمىنىمۇ تولدۇرماي ئۆتۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگىلى تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنداقلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىمەن. ئۇلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىمەن. لېكىن ئۇلار تاللىغان بۇنداق يولنى ھەرگىزمۇ مۇۋاپىق كۆرمەيمەن. ئەگەر ھەممە ئۇيغۇرلار سىزدەك قىلغىلى تۇرسا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى نېمە بولۇپ كېتىدۇ؟

يۇقىرىقىلار ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر.


3. ئوڭۇشسىزلىققا باش ئەگمەي، تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى

مەن 2006- ۋە 2007-يىلى يازدا يۇرتقا ئىككى قېتىم بېرىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئېلخەت ئارقىلىقمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن سۆزلەشتىم. مۇشۇ جەرياندا ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن خىزمەت تېپىشنىڭ قىيىنلىقى ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن زور دەرىجىدە زەخمىلەندۈرىۋاتقانلىقىنى، ئاتا-ئانىلارغىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك روھىي بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، زور بىر قىسىم ياشلار ئوقۇشقا قىزىقماي ۋە ئۆگىنىشكە تىرىشماي، ئۆز ۋاقتىنى روھىي چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. يېقىندا قۇتبىلىك ئۇكىمىز «ئۆتمۈشۈم، كەلگۈسىم ۋە كومپيۇتېر» ( http://www. bilik. cn/bbs/viewthread. php?tid=15509&extra=page%3D1 ) دېگەن يازمىسىدا « مەن كەلگۈسىنى قانداق بەلگىلەيمەن، مەن يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىمەن، مەن ھازىر كىم، بۇرۇن كىم ئىدىم، كىمنىڭ ئەۋلادى ئىدىم، بۇندىن كىيىن كىم بولىمەن، كىمنىڭ ئەۋلادى بولىمەن ،...، يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىمەن، كىملەرگە ئۆگىتىمەن (...)، قانداق ئۆگىنىمەن، قانداق ئۆگىتىمەن، ئانام ئۆگەتكەن دادام ئۆگەتكەن ئاشۇ ئېسىل خىسلەتلەرنى قانداق قىلىپ ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئۇلايمەن، قانداق قىلسام ئانامغا دادامغا يۈز كېلەلەيدىغان بولىمەن؟» دېگەن ئەھمىيەتلىك ۋە چوڭقۇر مەنىلىك سوئاللارنى سوراپتۇ. مەن بۇ سوئاللارنى كۆرۈپ، ھەمدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەھۋالىنى ئويلاپ، ئۆز-ئۆزۈمدىن «مەن ئۇلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەرمەن؟» دەپ سوراپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرسىدە، يەنى 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىزنىڭ ئىدارە ئورۇنلاشتۇرغان، «يېڭى يىلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇڭ» (ئىنگلىزچە «Thriving in the New Year») دېگەن تېمىدىكى بىر سائەتلىك لېكسىيىگە قاتناشتىم. بۇ لېكسىيە كىشىلەردە بولىدىغان بىر خىل ئالاھىدە ئىقتىدار توغرىسىدا بولۇپ، بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەر بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ياكى بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغاندا ئاسانلىقچە روھىي چۈشكۈنلۈككە پېتىپ قالمايدىكەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئاشۇنداق كېلىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان روھىي زەخمىدىن ئوڭۇشلۇق ساقلىنىپ، روھىي ھالىتىنى تېز سۈرئەتتە ئوڭشاپ، ئۆز ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ ماڭالايدىكەن. بۇ ئىقتىدار ئىنگلىز تىلىدا «Resilience» ۋە «Resiliency» دەپ ئاتىلىدىكەن. كوپ ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە بىر كونا مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان بۇ ئىلىمنىڭ غەرب ئەللىرىدە بىر رەسمىي پەن بولۇپ شەكىللەنگىنىگە تېخى ئاران 25 يىل بولۇپتۇ. ئامېرىكىدا بۇ پەن توغرىسىدا يېزىلغان بىر قانچە كىتاب ۋە نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەر بار ئىكەن. مەن بۇ پەننى بىر دەرس سۈپىتىدە رەسمىي ئوقۇمىدىم. بۇ پەن توغرىسىدىكى كىتابلاردىن بىرەرىنىمۇ ئوقۇپ باقمىدىم. پەقەت قۇتبىلىك ئۇكىمىزدەك ھازىر جىددىي ئېھتىياجى بار ياشلىرىمىزغا بىر ئاز پايدىسى تېگىدىغان، باشقا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن بىر دەسلەپكى تونۇشتۇرۇش بولۇپ قالىدىغان بىر نەرسە تەييارلاش ئۈچۈن، ئىنتېرنېتتىن بىر قىسىم ماقالىلەرنى تېپىپ ئوقۇدۇم. مېنىڭ بۇ يەردە يازىدىغىنىم مۇشۇ پەننىڭ خۇلاسە خاراكتېردىكى ئومۇمىي ئۇقۇمى بولۇپ، مەن ئۇنى ئۆزۈمنىڭ چۈشىنىشى بويىچە تەرجىمە قىلىپ ۋە رەتلەپ چىقتىم. مەن ئىنگلىز تىلىدىكى ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ بىر نەرسە يازغاندا، بىر قىسىم ئىنگلىزچە سۆزلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزنى تېپىشتا بەزىدە ناھايىتى قىينىلىمەن. مەسىلەن، «Resiliency» دېگەن پەندە دۇنياغا ئەڭ تونۇلغان ئامېرىكىلىق دوكتۇر ۋە پروفېسسور Al Siebert ئەپەندىنىڭ ئىنگلىزچە «The Survivor Personality» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىتابى بار بولۇپ، ئۇ كىتاب ھازىر جەمئىي 15 قېتىم بېسىلىپتۇ. مەن ئىنتېرنېتتا كۆرگەن بەزى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ كىتاب خەنزۇچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپتۇ (ئۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنى جۇڭگو، تەيۋەن ياكى شياڭگاڭنىڭ بىرسىدىن چوقۇم تاپقىلى بولىدۇ). ئىنگلىزچىدا «survivor» دېگەن سۆز ھەر خىل مەنىدە ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، بىرەر ئۇرۇشتا ئۆلمەي ساق قالغان كىشى «survivor» بولىدۇ. بىرەر تەبىئىي ئاپەتتە ئۆلمەي ساق قالغان كىشىمۇ بىر «survivor» بولىدۇ. ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىدا پۈتۈنلەي تۈگىشىپ كەتمەي، ئىنتايىن كەمچىل خىزمەت پۇرسەتلىرى ئىچىدىن بىر پۇرسەت تېپىپ، غايەت زور قىيىنچىلىق ئىچىدىن بىر خىزمەت تېپىپ، نورمال ياشاپ كېتىۋاتقان بىر ئادەممۇ بىر «survivor» بولىدۇ. يۇقىرىقى كىتاب مانا مۇشۇ ئەڭ ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغان «survivor» لەر توغرىسىدا بولۇپ، باشقا مۇۋاپىق سۆز تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن، مەن يۇقىرىقى كىتابنىڭ ئىسمىنى «يەڭگۈچىنىڭ مىجەز - خاراكتېرى» دەپ تەرجىمە قىلسا بولامدىكىن، دەپ ئويلىدىم. يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەن يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە تەييارلىغان يازمىلىرىمدا بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئىنگلىزچىسىنىمۇ ماقالەمگە كىرگۈزۈپ قويدۇم. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمەن.

ئەمدى گەپنى بۇ يېڭى پەنگە قايتۇرۇپ كېلەي. ئىنگلىزچە «resilience» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇنىڭ ئىنگلىزچىدىكى مەنىسى:
«بۈگۈنكى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان دۇنياغا ئەڭ ماسلىشالايدىغان كىشىلەر "resile" قىلالايدىغان كىشىلەردۇر».
تەلەيسىزلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ روھىي جەھەتتىن تېز ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى.
بىر نەرسە ئېگىلگەن، قىسىلغان ياكى سوزۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى شەكلىگە تېز قايتىپ كېلەلەيدىغان ئىقتىدارى.
بىر ئىنسان بۇزۇش خاراكتېرىدىكى بىر ئۆزگىرىشكە ياكى تەلەيسىزلىككە يولۇققاندا، ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويماي، ياكى ئۆز ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ياكى ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھالەتتە ئىش ئېلىپ بارماي، نورمال روھىي ھالىتىگە تېز قايتىپ كېلىش ئىقتىدارى.
يۇلغۇن تور بېتىدىكى ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت ( http://dict. yulghun. com/ ) تە «resilience» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى مۇنداق بېرىلگەن: «ئېلاستىكلىق، تەۋرەنمەسلىك، سوزۇلۇشچانلىق».

يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈلگەن ئالاھىدە ئىقتىدارنى ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئېلىش كېرەك؟ بۇ سوئالغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تىلشۇناس ۋە جەمئىيەتشۇناسلار جاۋاب بەرسۇن. مەن بۇ ماقالىنى يېزىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نېمە دەپ ماۋزۇ قويۇش توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم. «روھىي جەھەتتىن تېز ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟»، «چۈشكۈنلۈكتىن ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟»، ۋە «چۈشكۈنلۈكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك» دېگەن كاندىداتلارنى تىزىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھازىرقى تېمىنى تاللىدىم. دېمەكچىمەنكى، مەن تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئاساسلىق نەرسە «روھىي زەخمىدىن تېز ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى»، «چۈشكۈنلۈكتىن ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ چىقىش ئىقتىدارى»، «چۈشكۈنلۈكتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى»، «ئوڭۇشسىزلىققا باش ئەگمەي، داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىش ئىقتىدارى» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاشۇ بويىچە چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سىز مەلۇم بىر تەلەيسىزلىك ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن قانچىلىك روھىي چۈشكۈنلۈك، روھىي ئازاب ۋە روھىي زەخمىگە ئۇچرايسىز؟ بۇ سىزنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىڭىزغا، بىر ۋەقەگە بولغان ئۆز روھىي ئىنكاسىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئاڭلىق ھالدا قانچىلىك كونترول قىلالىشىڭىزغا باغلىق. سىز مەلۇم بىر ئېغىر بېسىمغا ۋە بۇزۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشكە يولۇققاندا، سىزنىڭ پوزىتسىيىڭىز بىلەن ئادىتىڭىز سىز ئۈچۈن يا بىر توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ، يا بىر ياخشىراق ئىستىقبالغا ئېلىپ بارىدىغان كۆۋرۈكنى ھازىرلاپ بېرىدۇ. شۇڭا سىز تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئۇقۇملارنى تولۇق چۈشەنسىڭىز، ھەمدە ئۆزىڭىزدە تۆۋەندە تەسۋىرلىنىدىغان ئىقتىدارلارنى ئىمكان قەدەر كۆپرەك يېتىلدۈرسىڭىز، ئۆزىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن يولۇقىدىغان يېڭى ئەھۋاللارنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلالايسىز. يەنى، «resiliency» سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ روھىي سالامەتلىكى بىلەن خۇشاللىقىنى ساقلىغان ھالدا ھەر قانداق ئەھۋالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش جەھەتتە سىزگە نۇرغۇن، باشقىلاردا يوق ئارتۇقچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى مۇنداق 3 تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:
1) بالىنىڭ ئاتا-ئانىدىن، ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىدىن، ۋە يېڭى باشلىغانلارنىڭ بىلىملىكلەردىن ئۆگىنىش ئۇسۇلى. بۇ ھازىر ئەڭ كەڭ قوللىنىلىۋاتقان، ئەنئەنىۋى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدۇر.
2) ئىلغار شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى.
3) ئۆز-ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ۋە ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى.
«resiliency» ئىقتىدارىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن پەقەت 3-ئۇسۇلدىنلا پايدىلىنىش كېرەك. يەنى، ئۇ ئىقتىدارلارنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ، لېكىن ئۆگەتكىلى بولمايدۇ. ئەنئەنىۋى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى بىر دەرسنى ئۆتىدۇ. ئوقۇغۇچى بۇ دەرسنى ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار بىر ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ دەرسنى قانچىلىك سەۋىيىدە ئۆگەنگەنلىكىنى باھالايدۇ. «resiliency» ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بولسا بىر مۇتەخەسسىس ۋە كەسىپ ئەھلى دەرىجىسىدىكى ئۆگىنىش بولۇپ، بۇ ئۆگىنىشنىڭ تەرتىپى يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. يەنى، ئالدى بىلەن «تۇرمۇش» دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپ سىزدىن بىر ئىمتىھان ئالىدۇ، ئاندىن سىز يېڭى بىلىم ۋە ئىقتىدارلارنى ئۆگىنىسىز.

تۆۋەندە يېزىش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، مەن بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارنى «تەۋرەنمەس ئىقتىدارى» دەپ ئالىمەن.


4. «تەۋرەنمەس ئىقتىدارى» نى يېتىلدۈرۈش ئۇسۇلى

يۇقىرى دەرىجىلىك «تەۋرەنمەس ئىقتىدارى» گە ئىگە كىشىلەرنىڭ ئىچكى خاراكتېرى ئۈستىدە نۇرغۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل قابىلىيەتنىڭ كىشىلەردە قانداق يېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. سىز ئۆزىڭىزدە ئاشۇنداق قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزدىكى تۆۋەندىكى سۈپەتلەرنى كۈچەيتىڭ:

1) شوخ ۋە خۇشال-خۇرام، كىچىك بالىلاردەك ھەممە ئىشقا قىزىقىدىغان بولۇش. كۆپلەپ سوئال سوراش. ھەر ۋاقىت «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەش. يېڭى تەرەققىياتلار بىلەن ئۇچرىشىش. كىچىك بالىلاردەك ئۆز-ئۆزىدىن ھۇزۇر ئېلىشنى بىلىش. ھەر قانداق يەردە ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش. ھەر خىل ئىشلارغا قىزىقىش، تەجرىبە قىلىش، خاتالىق ئۆتكۈزۈش، يارىدارلىنىش، ۋە كۈلۈش. «بۇ قېتىم قايسى تەرەپلىرى ئوخشىمايدۇ؟ بۇنى قىلسام نېمە بولىدۇ؟ سوئالىمغا كىم جاۋاب بېرەلەيدۇ؟ بۇنىڭ نېمىسى قىزىقارلىق؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى سوراپ تۇرۇش.

2) ئۆز سەرگۈزەشتلىرىدىن يېڭى بىلىم ئىگىلەپ تۇرۇش. يېڭى ياكى تاسادىپى كەچۈرمىشلەرنى تېز سۈرئەتتە ھەزىم قىلىش، ھەمدە شۇلار ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزگەرتىش. «بۇ ئىشتىكى تەجرىبە-ساۋاق نېمە؟ مەن دەسلەپكى ئىشارەتلەردىن قايسىلىرىنى نەزەرگە ئالمىدىم؟ ئەگەر بۇ ئىش يەنە يۈز بېرىپ قالسا، مەن چوقۇم نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن سوئاللارنى سوراپ تۇرۇش.

3) يېڭى ۋەزىيەتكە تېز ماسلىشىش. روھىي جەھەتتە ماسلىشىشچان بولۇش. بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى مىجەز-خۇلق بىلەنمۇ چىقىشالايدىغان بولۇش. كۈچلۈك ھەم مويسىپىت، نازۇك ھەم چىداملىق، لوگىكىلىق ھەم ھېسسىي تۇيغۇسى بويىچە ئىش قىلىدىغان («intuitive»)، ئېغىر بېسىق ھەم ھېسسىياتچان، كەسكىن ھەم خۇشال-خۇرام بولۇش. بۇنداق ئىقتىدارلارغا قانچە باي بولسا شۇنچە ياخشى. بىر ئىشنىڭ سەلبىي تەرىپىنى ئويلاپ تۇرۇپ ئىجابىي نەتىجە چىقىرالايدىغان بولۇش. «بۇ ئىشنى قىلسام قانداق يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ ئۇنداقتا مەن نېمىلەردىن ساقلىنىشىم كېرەك؟» دەپ سوراپ تۇرۇش.

4) ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى («self-esteem») نى ساقلاش ۋە ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش. ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىززەت-ھۆرمەت ياكى غۇرۇر دېگەن ئۆزىگە بولغان ھېسسىياتتىن ئىبارەت. بىرەر ئوڭۇشسىزلىق يۈز بەرگەندە سىز ئۇنىڭدىن قانچىلىك نەرسە ئۆگىنىدىغانلىقىڭىزنى ئاشۇ غۇرۇر بەلگىلەيدۇ. غۇرۇر سىزنىڭ ماختاش ۋە مەدھىيىنى توغرا قوبۇل قىلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇ سىزنى يامان سۆز-باھالارنىڭ زىيىنىدىن ساقلاپ قالىدۇ، شۇنداقلا سىزنى پايدىلىق تەنقىدنى توغرا قوبۇل قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ سىزگە «مەن ئۆز-ئۆزۈمنى ياخشى كورىمەن، ئۆز-ئۆزۈمنى قەدىرلەيمەن، ۋە ئۆز-ئۆزۈمنى سۆيىمەن» دېگەن تۇيغۇلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

5) ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ھۆرمىتىڭىزدۇر. ئۇ سىزنىڭ باشقىلارنىڭ تەستىقى ياكى كاپالىتىگە ساقلاپ تۇرمايلا تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا («take risks») ئۈندەيدۇ. سىزدە بۇرۇن قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، «يېڭى ئەھۋاللارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايمەن» دەپ ئويلىيالايسىز. «مېنىڭ ئىشەنچلىك ئارتۇقچىلىقلىرىم ... »

6) باشقىلار بىلەن ياخشى دوستلۇق ۋە بىر-بىرىگە كۆيۈنىدىغان مۇناسىۋەت ئورنىتىش. بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بىر خىل زەھەرلىك مۇھىتتا ئىشلەيدىغان كىشىلەرمۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ناھايىتى كۆيۈمچان ئائىلىسى بولسا ۋە بىرگە ئىشلەيدىغانلار بىلەن بولغان دوستلۇقى ياخشى بولسا، ئۇلار روھىي بېسىمغا ياخشىراق بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن، ھەمدە ئازراق كېسەل بولىدىكەن. يالغۇزچىلىق ئىچىدە ياشايدىغان كىشىلەر روھىي بېسىمغا ئاسانلىقچە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كوپ پاراڭلىشىش قىيىنچىلىقنىڭ روھىي تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ھەمدە ئۆز قىممىتى ۋە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇيغۇرلار باشقىلار بىلەن كوپ ئارىلىشىدىغان، مېھماندوست، ناخشا-ئۇسۇل، مۇزىكا ۋە پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر مىللەت بولۇپ، بۇ جەھەتتە باشقا نۇرغۇن مىللەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

7) ئۆز كۆڭلىدىكى ئىشلارنى باشقىلارغا سەمىمىي ھالدا ئىپادىلەش. غەزەپ، مۇھەببەت، ياخشى كۆرمەسلىك، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ۋە قاتتىق ئېچىنىش قاتارلىق ئىنسانلىق ھېسسىياتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇلارنى باشقىلارغا سەمىمىيلىك بىلەن ھەم شۇ پېتىچە ئىپادىلەش. شۇنداق قىلسا ئەڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، ئۆز ھېسسىياتىنى بېسىۋېلىشقىمۇ قادىر بولۇش.

8) «بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دېگەن ئۈمىدتە بولۇش. ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى قىممەت ۋە ئۆلچەم يېتەكچىلىكىدىكى ھەممە ئىشلارنى ياخشى تەرەپكە ئويلايدىغان («optimism») ئىقتىدار بولۇش. قاراڭغۇ ۋە چۈشىنىكسىز ئىشلارغا نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجىلىك سەۋرچانلىقى بولۇش. خىزمەت چۈشەندۈرۈلۈشى بولمىسىمۇ ئۆز ئىشىنى تېپىپ قىلالايدىغان بولۇش. كەسىپ ئەھلىلىكى جەھەتتە باشقىلارغا بىر ياخشى ئۈلگە بولۇش. ھەممە ئىشلارنى يۈرۈشتۈرەلەيدىغان ۋە ھەممە ئادەملەرنى ياراشتۇرالايدىغان («synergistic») تەسىرگە ئىگە بولۇش، كرىزىس ۋە قالايمىقانچىلىققا نىسبەتەن مۇقىملىق ئېلىپ كېلەلەيدىغان بولۇش. «بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلسام ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەممەيلەن ئۈچۈن ياخشى بولۇپ چىقىدۇ؟» دەپ سوراش.

9) ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاش. ئىشلارغا مۇئامىلە قىلىشتا باشقىلارنىڭ ئۇ ئىشلار توغرىسىدا قانداق ئويلايدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىش. توقۇنۇش بولغاندا چوقۇم ئۇتۇپ چىقىش پوزىتسىيىسىدە بولۇش. "بۇ ئىشقا قارىتا باشقىلار قانداق ئويلايدۇ ۋە قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟ مەن ئۇلارنىڭ ئورنىدا بولسام قانداق قىلاتتىم؟ مەن ئۇلارغا نىسبەتەن قانداق تۇيىلىمەن؟ ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى، سۆزى ۋە ھەرىكىتىنىڭ قايسىلىرى ئورۇنلۇق؟" دېگەن سوئاللارنى سوراش.

10) كۆڭۈلدىكى توغرا تۇيغۇغا ئەگىشىش («use intuition»)، پايدىلىق ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش. «بەدىنىم ماڭا نېمە دەۋاتىدۇ؟ ھېلىقى كۈندۈزدە كۆرگەن چۈشۈمنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بارمۇ؟ باشقىلار ماڭا دېگەن سۆزگە مەن نېمە ئۈچۈن ئىشەنمەيمەن؟ ئەگەر مەن بۇ ئىشنى قىلسام نېمە بولىدۇ؟» دېگەن سوئاللارنى سوراش.

11) ئۆز-ئۆزىنى ئوبدان قوغداش. ھۇجۇمدىن ساقلىنىش ۋە ھۇجۇمنى توسۇش، ھەمدە قايتۇرۇپ زەربە بېرىش. باشقىلار ئۆزىگە ئېلىپ كەلمەكچى بولغان پايدىسىز ئىشلارنى، ئويۇنلارنى ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدىغان بولۇش. ئۆزىگە دوست، ياردەم ۋە پايدىلىنىش مەنبەلىرى تېپىش.

12) بىر ئىشنى قوغلىشىش جەريانىدا يەنە بىر ئىشقا ئېرىشەلەيدىغان تالانتقا ئىگە بولۇش. «تۇرمۇش» دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملەر باشقىلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ياخشى قورالدۇر. ئۇ بىلىملەر باشقىلار ئۈچۈن روھىي جەھەتتىكى زەھەرگە ئوخشاش بىر ئەھۋالنى ئۆزى ئۈچۈن روھىي ئوزۇق بولالايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ. ئاشۇنداق بىلىمگە ئىگە كىشىلەر ناچار سەرگۈزەشتلەردىن ياخشى تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئېرىشكەن بولغاچقا، باشقىلار ئۈچۈن كۈچلۈك روھىي بېسىم بولۇپ تۇيۇلغان ئەھۋاللار ئىچىدىمۇ ئۆز ئىشلىرىنى يەنىلا ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلەيدۇ. ئۇلار بىتەلەيلىكنى بىر ياخشى تەلەيگە ئايلاندۇرالايدۇ، ھەمدە ناچار ئەھۋال ئىچىدىن يېڭى كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشەلەيدۇ.

13) ئادەتتىن تاشقىرى روھىي ساغلاملىقنىڭ بىر ئىپادىسى، بىر ئادەم ئۆزى يولۇققان بىر ناچار ئەھۋال ئۈستىدە توختالغاندا، «مەن بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ئەھۋالنى ھەرگىزمۇ ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن قايتا سادىر قىلمايمەن. لېكىن بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ئەھۋال مېنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئۆمرۈمدە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئەڭ ياخشى ئىشلارنىڭ بىرسى بولدى»، دەپ ئويلاش. ئۆز-ئۆزىدىن: «قانداق قىلسام بۇ ئەھۋالنى ئۆزۈمگە پايدىلىق ئەھۋالغا ئۆزگەرتەلەيمەن؟»، «بۇ ئىش يۈز بەرگەنلىكىنىڭ ياخشى تەرىپى نېمە؟»، «بۇ ئىشتىن ماڭا كەلگەن سوۋغات نېمە؟» دەپ سوراش.

14) يىلمۇ-يىل ياخشىلىنىشقا قاراپ مېڭىش. تۇرمۇشتىكى رىقابەت ئىقتىدارىنى، ئوڭۇشسىزلىققا تەن بەرمەسلىك مىجەزىنى، چىداملىقىنى، شوخ ۋە خۇشال-خۇراملىقنى، ۋە روھىي ئەركىنلىكىنى يىلمۇ-يىل كۈچەيتىپ مېڭىش. تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش دەرىجىسىنىمۇ يىلمۇ-يىل ئۆستۈرۈپ مېڭىش.


5. «تەۋرەنمەس ئىقتىدارى» ئۈستىدە بىر سىناق

مەن ئىدارىمىزدە قاتناشقان «تەۋرەنمەس ئىقتىدارى» توغرىسىدىكى بىر سائەتلىك لېكسىيە جەريانىدا ئوقۇتقۇچى بۇ لېكسىيىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسىدىن بىر سىناق ئالدى. بىز بۇ سىناقتا تۆۋەندىكى 20 جەھەتتە ئۆز-ئۆزىمىزگە نومۇر قويۇپ، ئاخىرىدا ئۆز نومۇرىمىزنى قوشۇپ چىقتۇق. ھەر بىر ئىقتىدارغا قويۇلىدىغان نومۇرنىڭ دائىرىسى 1 دىن 5 گىچە بولۇپ، ئەگەر سىزنىڭ مەلۇم بىر ئىقتىدارىڭىز ئىنتايىن ياخشى بولسا، سىز ئۇنىڭغا 5 نومۇر بېرىدىكەنسىز. ئەگەر سىزنىڭ مەلۇم بىر ئىقتىدارىڭىز ئىنتايىن ناچار بولسا، سىز ئۇنىڭغا 1 نومۇر بېرىدىكەنسىز. ئىنتايىن ياخشىمۇ ئەمەس ئىنتايىن ناچارمۇ ئەمەسلىرىگە 2 بىلەن 4 نىڭ ئارىلىقىدىكى بىر نومۇرنى بېرىدىكەنسىز. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىڭىزنىڭ ھەممە نومۇرىنى قوشۇپ چىقىدىكەنسىز. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر سىزنىڭ جەمئىي نومۇرىڭىز 85 تىن يۇقىرى بولسا، سىزنىڭ «تەۋرەنمەس ئىقتىدارى» ڭىز ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئەگەر سىزنىڭ نومۇرىڭىز 45 تىن تۆۋەن بولسا، سىزنىڭ بۇ ئىقتىدارىڭىز بەك ئاجىز ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. مەن بۇ سىناقتا «ئەلا» نومۇر ئالدىم. ئەگەر خالىسىڭىز، سىزمۇ تۆۋەندىكى سىناق بويىچە ئۆزىڭىزنى باھالاپ، ئۆزىڭىزگە نومۇر قويۇپ بېقىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قايسى جەھەتتە كۈچلۈك، قايسى جەھەتلەردە ئاجىزلىقىنى كۈرىۋالالايسىز. شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىز ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش نىشانىسىنى تېپىپ چىقالايسىز.

. بىرەر كرىزىس ياكى جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە، مەن ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ، ئۆز زېھنىمنى بۇ ئەھۋالنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرەلەيمەن.

. مەن ئادەتتە ھەممە ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلايمەن. «دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق بىر ۋاقىتلىق ھادىسە» دەپ ئويلايمەن، ھەمدە ئۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كېتەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

. مەن يۇقىرى دەرىجىدىكى مۈجمەللىككىمۇ چىداپ تۇرالايمەن.

. مەن يېڭى ئەھۋاللارغا تېز ماسلىشالايمەن. ھەمدە قىيىن ئەھۋال ئىچىدىن تېز ئەسلىمگە قايتالايمەن.

. مەن شوخ ۋە خۇشال-خۇرام ياشايمەن. قىيىن ئەھۋاللار ئىچىدىنمۇ ئۆزۈمگە خۇشاللىق تاپالايمەن، ھەمدە ئۆزۈم قىلغان ئىشقا ئۆزۈم كۈلەلەيمەن.

. مەن بىر مەغلۇبىيەتكە ۋە پېشكەللىككە دۇچ كەلگەندە، روھىي جەھەتتىن ئۆز ئەسلىمگە كېلەلەيمەن. مېنىڭ سىرداش دوستلىرىم بار. مەن كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى باشقىلارغا ئېيتالايمەن ھەمدە ئۇلاردىن ياردەم سورىيالايمەن. مەن خاپا بولۇپ قالسام ۋە بىرەر ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلىدىن چۈشكۈنلىشىپ قالسام، مېنىڭ ئۇنداق روھىي ھالىتىم ئانچە ئۇزۇنغا داۋاملاشمايدۇ.

. مەن ئۆز-ئۆزۈمگە ئىشىنىمەن، ئۆزۈمنى قەدىرلەيمەن، ھەمدە ئۆزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر ساغلام چۈشەنچەم بار.

. مەن ھەممە ئىشلارغا قىزىقىمەن، ھەمدە داۋاملىق باشقىلاردىن سوئال سورايمەن. ھەر بىر نەرسىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا قىزىقىمەن. بىر ئىشنى قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىشنى ياخشى كورىمەن.

. مەن ئۆز بېشىمدىن ئوتكەن ۋە باشقىلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلاردىن قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئېرىشىپ تۇرىمەن.

. مەن ھەر خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر. لوگىكىلىق پىكىر قىلىش، ئىجادكارلىق بىلەن ئىش قىلىش، ياكى بۇرۇن ئىسپاتلانغان چارىدىن پايدىلىنىش («use practical common sense») قا ماھىر.

. مەن ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈشكە ماھىر. باشقىلار داۋاملىق مەندىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە ۋە بىر پروجېكتقا يېتەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ.

. مەن ناھايىتى ماسلىشىشچان. مەن ئۆزۈمنىڭ غەلىتە مۇرەككەپلىكى بىلەن چىقىشالايمەن. مەن بەزىدە ئۈمىدۋار بەزىدە ئۈمىدسىز بولىمەن، بەزىدە باشقىلارغا ئاسان ئىشىنىمەن بەزىدە باشقىلاردىن ئېھتىيات قىلىمەن، بەزىدە شەخسىيەتچىلىك قىلىمەن بەزىدە ئۇنداق ئەمەس.

. مەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە خاس ياشايمەن، لېكىن ئوخشىمىغان ئەھۋالدا مەنمۇ ئۆزگىرىمەن.

. مەن يازما خىزمەت تەلىپى يوق ھالدا ئىشلەشنى ياخشى كورىمەن. مەن بىر ئىشنى ئۆزۈم «ئەڭ ياخشى» دەپ تاللىغان ئۇسۇل بىلەن قىلسام ياخشىراق ئۈنۈمگە ئېرىشىمەن.

. مەن باشقىلارنى ياخشى چۈشىنەلەيمەن، ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ھېسسىي تۇيغۇسىغا ئىشىنىمەن.

. مەن بىر ياخشى تىڭشىغۇچى. مەندە باشقىلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېگىگە يېتەلەيدىغان قابىلىيەت («empathy skills») بار.

. مەن باشقىلارغا باھا بېرىشكە ئامراق ئەمەس، ھەمدە باشقىلارنىڭ ھەر خىل مىجەز - خاراكتېرىگە ئاسان ماسلىشىمەن.

. مەن ناھايىتى چىداملىق. قىيىن ئەھۋالغا ياخشى بەرداشلىق بېرىمەن. مەن ھەم باشقىلار بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىپ ئىشلىيەلەيمەن، ھەم بىر مۇستەقىل روھ ۋە مۇستەقىل خىسلەت ساقلايمەن.

. مەن قىيىن ئەھۋاللارنىڭ تاۋلىشى بىلەن تېخىمۇ قابىلىيەتلىك ۋە تېخىمۇ ياخشى بولغان.

. مەن يامان ئىشلارنى ياخشى ئىشقا ئايلاندۇرۇپ باققان، ھەمدە يامان سەرگۈزەشتلەردىن پايدىلىق نەرسىلەرگە ئېرىشىپ باققان.


6. ئاخىرقى سۆز

ساقلانغان بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇ مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇ مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى توغرا تونۇپ يېتىش كېرەك. مەن يۇقىرىدا ئۇيغۇرلاردا ھازىر ساقلىنىۋاتقان «ئەنسىرەش» ۋە «چۈشكۈنلۈك» روھىي ھالىتى ۋە ئۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەر توغرىسىدىكى ئۆز پەرىزىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم. ئوڭۇشسىزلىققا تىز پۈكمەي، داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىش روھىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان «تەۋرەنمە ئىقتىدارى» توغرىسىدىكى ھازىرقى زامان يېڭى ئىلىمىدىن بىرنىمۇ قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. مېنىڭ مۇشۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم ھازىر «مەن قانداق قىلىمەن؟ بىز قانداق قىلىمىز» دېگەن سوئاللارنى سوراۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئۆز سوئاللىرىغا مۇۋاپىق جاۋاب تېپىۋېلىشىغا بىر ئاز ياردەمدە بولۇشتۇر. مېنىڭ ھەر بىر كىشىگە بېرىدىغان تەكلىپىم، سىز يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان يېڭى ئىلىم ئاساسىدا ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى كىشىلىك مىجەزى ۋە روھىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى بىر باھالاپ كۆرۈپ، ئىنگلىزچە «resilience» ۋە «resiliency» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئىقتىداردىكى كەم ئورۇنلارنى تولدۇرۇشقا تىرىشىڭ. ھەرگىز ئۇيغۇرلاردىكى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالماڭ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرلاردىكى مەسىلىلەرنى ئازايتىۋاتقان ياكى ھەل قىلىۋاتقانلارنىڭ بىرسى بولۇشقا تىرىشىڭ. يېقىندا بىر قېرىندىشىمىز مۇشۇ تور بېتىدە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سىنىپتا دەرس سۆزلىگەندە، ئۆز پەرزەنتىنىڭ تىلى پۈتۈنلەي خەنزۇچە چىققانلىقىدىن پەخىرلىنىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئامېرىكىدا بىزنىڭ بىر ئەر-ئايال تۇغقىنىمىز بار. ئۇلارنىڭ بىر 4 ياشلىق قىزى ۋە بىر 2 ياشلىق ئوغلى بار. ئۇلار بالىلىرىنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچە چىقىرىش ئۈچۈن ئۆيىگە سىملىق تېلېۋىزور ئورناتماي، بالىلىرىغا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۇيغۇرچە VCD لارنى ئەكېلىپ قويۇپ بېرىپ، ھەمدە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ بالىلىرىغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بېرىپ تەربىيىلىدى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ تىلى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە چىقتى. ئۇيغۇرچە تىلى چىققاندىمۇ خېلى چىرايلىق ۋە خېلى تولۇق چىقتى. بىز بۇ ئىككى بالىدىن ئىنتايىن سۆيۈنىمىز. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز. سىز ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاپ تۇرۇپ، بالىڭىزنىڭ تىلى ئازراقمۇ ئۇيغۇرچە چىقمىسا، سىز ئۇنىڭغا پەخىرلىنەمسىز؟ سىز كىمۇ؟ مەن بۇ يەردە بۇنىڭدىن باشقا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.

ئاخىرىدا مېنىڭ ھەممە تورداشلارغا مۇنداق بىر ئۈمىدىم بار. ئۇ بولسىمۇ مەن تەھلىل يۈرگۈزگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە يالغۇز مەن ئۆزۈملا ئەمەس، ئىمكان قەدەر ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەت ئەلدىكى قېرىنداشلاردىن كۆپرەكى ماڭا قوشۇلۇپ بىرلىكتە ئىزدىنىش. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلغىلى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇ يەردىكى ئەھۋالنى تولۇق ۋە ھەقىقىي يوسۇندا چۈشىنىشتە ۋەتەندىكىلەردىن جىق ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇڭلاشقا مەن تەييارلىغان ئۇشبۇ يازما، ھەمدە مەن بۇنىڭدىن كېيىن تەييارلايدىغان يازمىلارنىڭ ھەممىسىگە ئوقۇرمەنلەر ئۆزى بىلىدىغان ۋە ھېس قىلغان نەرسىلىرىنى قوشۇمچە قىلسا، شۇ ئارقىلىق بۇ تېمىلارنى يەنىمۇ بېيىتساق. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوت يۈرەك قېرىنداشلارنىڭ بۇ كۆڭلۈمنى يەردە قويماسلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمەن. رەھمەت.  

(2008-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى)

ئاپتوردىن رۇخسەتسىز باشقا توربەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.


1-رەسىم: مەن چوڭقۇر خىياللارغا پەتىپ قالغان ۋاقىتلاردا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى يول مېڭىش.  بۇ رەسىمدىكىسى مەن ئالدىنقى شەنبە (2015-2-7) كۈنى ئۆيىمىزگە يېقىن يەردىكى بىر تاغدا ماڭغان ۋاقىتتىكى بىر كۆرىنىش.  بۇ كۈنى ئايالىم بىلەن ئىككىمىز تاغدا 9.5 كىلومېتىر يول ماڭدۇق.


2-رەسىم: تۈنۈگۈن (2015-2-14) ئايالىم بىلەن چىققان يەنە بىر تاغدىكى بىر كۆرىنىش.  بۇ قېتىم 11 كىلومېتىردىن كۆپرەك يول ماڭغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 قەۋەتلىك بىنا بىلەن ئوخشاش كېلىدىغان ئېگىزلىككىچە چىقىپ چۈشتۇق. (مەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان « iPhone 6 Plus» تىپلىق يانفۇندا بىر خىل يۇمشاق دېتال بار بولۇپ، ئۇ بىز ماڭغان ئارىلىق بىلەن چىققان ئېگىزلىكنى ئۆلچەپ بېرىدۇ)


3-رەسىم: بىز چىققان تاغنىڭ يەنە بىر كۆرىنىشى

function يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 11:43:20

ئامېرىكا بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى بىر كەڭلىكتە تۇرسا، ھەجەپ ئۇ يەردە ياز بولۇپ كېتىپتۇيا؟ مېكسىكا تەرەپمۇ يا؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 12:29:58

function يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 11:43 static/image/common/back.gif
ئامېرىكا بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى بىر كەڭلىكتە تۇ ...

بىز ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتى لوس ئاڭژېلىس شەھەرى رايونىدا ياشايدىغان بولۇپ، بۇ يەردە قىش كۈنلىرى قار ياغمايدۇ، سۇلار مۇز توڭلىمايدۇ، ھەمدە ھويلىمىزدىكى بىر قىسىم گۈللەر قىشتىمۇ ئېچىلىۋېرىدۇ.  ھازىر بۇ يەردە دەرەخلەر يوپۇرماق چىقىرىپ، بىر قىسىم دەرەخلەر چېچەكلەپ بولدى. تاغدىكى بىر قىسىم ياۋا گۈللەرمۇ ئېچىلىپ بولدى.

farwana يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 13:54:56

ئېسىل ماقالىلىرىڭىزگە رەھمەت ئاكا ، ماقالىلىرىڭىزنى ئاساسەن دېگۈدەك سىكاننېرلاپ ساقلىۋېلىپ بارىمەن .

umid2014 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 14:53:47

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا
رەھمەت،
ئۆتكەنكى بىر تىمىڭىزدىكى رەسىمىڭىزدا كومپىيۇتىرنى تىزىڭىزغا قويۇپ ئىشلەتكىنىڭىزنى كۆرگەنىدىم، ئۇنداق ئىشلەتسە ئادەمگە بەك زىيانلىق ئىكەن دەپ كۆردۈم. سىز بىزگە لازىم ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 15:42:53

ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، ناھايىتى ياخشى، ئەھمىيەتلىك ماقالىلەرنى تىنىمسىز يېزىپ ياشلارغا ئېلھام بېرىپ كېلىۋاتىسز.. بۇ يەردە سىزگە پەقەت رەھمەت دېيىش ئۈچۈنلا گەپ قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتىم.

tahir2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 19:00:44

بىزلەر ئۈچۈن نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىپ ئالتۇنغا تىگۈشكۈسىز ئېسىل ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەپ بىرىۋاتىسىز
. اللە ئىگەم يولىڭىزنى ئوچۇق قىلسۇن ، دۈشمەنلىرىڭىزنىڭ بېشىنى پەس قىلسۇن.
ئۆمرۈمدە سىزنى يۈزتۇرانە بىر كۆرۈش ، مۇبارەك قوللىرىڭىزنى بىر تۇتۇۋېلىش پۇرسىتى نىسىپ بولسا ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھىساپلايتىم .
ئەركىن ئاكا ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ .:)

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 19:29:43

ھەر قېتىم مۇشۇ ئەركىنكامنىڭ تېمىسىنى كۆرسەملا ، ئۆزەمگە شۇنداق ئىلھام بولۇپ كېتىدۇ. يازغان ماقالىلىرى چۇ تېخى ، بىر - بىرسىدىن ئېسىل. ئەركىنكام چەتئەلدە ياشاپمۇ بىز ئۇيغۇرلارغا مەنىۋى جەھەتتىن تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ. يەنە تېخى ئۆزلۈك ۋە كىملىك ئېڭى دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشلەردىن خېلىلا ئۈستۈن. بارىكاللا ئەركىنكا ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىڭىزنى تىلەيمەن. :)

UYGHURBOY يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 20:22:13

(مەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان « iPhone 6 Plus» تىپلىق يانفۇندا بىر خىل يۇمشاق دېتال بار بولۇپ، ئۇ بىز ماڭغان ئارىلىق بىلەن چىققان ئېگىزلىكنى ئۆلچەپ بېرىدۇ)
ئەركىنكا گىپىڭىزدىن قارىغاندا  iPhone 6 Plus نى ئىشلىتىۋېتىپسىز بۇنى ئىشلىتىشتىكى تەسىراتلىرىڭىزنى بىر سوزلەپ بەرمەمسىز . مەسلەن بۇ يانفۇن قانداراقكەن ..؟ شەكلى ، بۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ماتىرىيال سۇپىتى ، چوڭ كىچىكلىك قولايلىق دەرىجىسى  ئۇنىڭدىكى ئەپلەرنىڭ ئۇنىمى ۋە بۇ يانفۇننىڭ سېستىمىسى  دىگەدەك . چۇنكى سىز خىزمەت قىلىۋاتقان يەردە ئالەم بوشلىغىنى تەتقىق قىلىشقا ۋە باشقا ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان  ھەرخىل سېستىمىلىق نۇرغۇن ئىغار ئۇسكىىلەر باردۇر بەلىكم .  شۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ھازىرقى بۇ يانفۇن ۋە يانفۇن  سېستىمىلىرىنىڭ سۇپەت تەرەقىياتى قانداراق . .؟

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 21:13:43

ساغلام تەپەككۇرىڭىز، ئىلمىي ئىقتىدارىڭىز، كەسپى ئالاھىدىلىكىڭىز شۇنداقلا پىشىپ يېتىلگەن قەلىمىڭىز مۇشۇنداق ماقالىڭىز بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ، ھۆرمەتلىك دوكتۇر بىلىمخۇمار ئەپەندى. پەقەت ئۆز تەپەككۇرىڭىزنىڭ مىۋىلىرى ئوقۇرمەنلىرىڭىزگە ئىلمي ئۇزۇق بېرىدۇ.
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 22:03:53

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 22:18:32

jan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 21:13 static/image/common/back.gif
ساغلام تەپەككۇرىڭىز، ئىلمىي ئىقتىدارىڭىز، كەسپى ئالا ...

ماڭا سەمىمىي سۆزلىرى بىلەن ئىلھام بەرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 08:25:06

ئىلگىرى چەتئەللەرگە ناھايىتى قىزىققانىدىم. لېكىن ھازىر قەشقەردىن باشقا شەھەرلەرگە بارسام ناھايىتى تېز قايتىپ كەلگۈم كېلىدۇ. كۆز - قارىشىم ئالمىشىپتۇ. ئىلگىرى مۇھىتقا قىزىققان بولسام ھازىر ئىلىم - پەنگە قىزىقىپ قالدىم. توختىماستىن ئۆگىنىپ ئاستا - ئاستا ئىلگىرلىسەممۇ چوقۇم بىر نەتىجە قازىنىشقا قاراپ يۈزلەندىم. سىز ۋە باشقىلارنى ئۈلگە قىلىپ بىرەر مەنپەئەتكە ئېرىشىش خىيالىم بەلكى توغرا بولىشى مۇمكىن.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 09:39:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-17 12:04  

تەكرارلىنىپ قاپتۇ.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 09:45:20

ھەقىقى قۇدرەت تېپىش دىگەن نىمە؟

سالام دۇنيا

(1)

مەيلى ئىنتېرنىت بولمىسۇن ياكى شىنخۇئا كىتاپخانىسىدىكى كىتابلار بولمىسۇنھەممىسىدە " ئەرلىرى زەئىپلەشكەن مىللەتنىڭ ئاياللىرى پاھىشە بولىدۇ "،" روھىيىتىمىزدىكى ئاجىزلىقلار " دىگەندەك گەپلەر دەۋىر سۈرگىلى خېلى ئۇزۇنبولدى . بۇ ناھايىتى نۇرمال ئەھۋال . چۈنكى ئۈزىنى ئىتراپ قىلىش ، ئۈزىنى تۇنۇش ، تەرەققى قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان ئىنسانلار ئىچىدە بىز ئۇيغۇرلار بىرىنچىسىئەمەس شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقىسى ئەمەس . مەيلى تەرەققى قىلغان ياۋروپالىقلار بولمىسۇن ، قەدىمى مەدەنيەتكە ئىگە ئافرىقا ۋە شەرقى ئاسىيالىقلار بولمىسۇن بۇ ھەقتە ئىزلىنىشتوختىماي داۋام قىلىۋاتىدۇ .

تەرەققى قىلغانلار ئالەم بوشلۇقىغا قاراپ يول ئالدى ، تەرەققى قىلمىغانلار ھېلىمۇئات -تۈگە بىلەن سودا يۇلى ئېچۋاتىدۇ ، ئىنساننىڭ شۇنداقلا مەلۇم خىل مىللەت ۋەئادەملەر توپىنىڭ ئۈزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئىلغار مىللەتلەرقاتارىغا قۇشۇلۇپ مېڭىش ئىستىكى بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالغىنى يوق .

دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتساق " ھەر قانداق مىللەتنىڭتەرەققىياتى تۈز سىزىق بويىچە ئىلگىرلىگەن ئەمەس ، بەلكى گاھ ئۆرلەپ گاھ پەسىيىپتۇرىدىغان زەنجىرسىمان ھالقىدا بىر پۈتۈنلىككە ئىگە بولغان ". بىزنىڭمۇتارىختا گۈللەنگەن چاغلىرىمىز بولغان ، ئۇيغۇر مەدەنيىتى سودىگەرلەر ۋە باشقاساياھەتچىلەر تەرىپىدىن دۇنياغا تارقالغان . تەبئى ئاپەت ۋە ئىچكى -تاشقى بېسىمنىڭنەتىجىسىدە يىڭىلىق يارىتىلىشقا ئىمكان بولماي ، بىكىنمىچىلىك سەۋەبىدىن پىكىرقىلىش شەكلى دەۋىرگە ماسلىشالماي ، تەپەككۇر ئۇسۇلى يىڭىلانماي تاكى ئازات بولغان 49 -يىلغىچە جاھالەت ھەر خىل نام ھەرخىل ئېقىم سۈپىتىدە بىزنى ئالداپ بېسىپ كەلدى .

دۇنيادا يېڭى دەپ ئاتالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت تارىخىنىڭ تەكرارلىنىشى ، باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلنىشى خالاس . شۇڭا بىز چۇقۇم باشقىلارنىڭ تەرەققى قىلىش ، قۇدرەت تېپىش جەريانىدىكى ئالاھىدىلىكرىنى ئۆرنەك قىلىشىمىز ، ئۈگىنىشىمىز كىرەك .

مىلادى يەتتىنچى ئەسىردە ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ئىسلام دىنى "قۇرئان " ئارقىلىق ئىنسان ، ئائىلە ، جەمئىيەتنىڭ فونكىسيىسى ۋەبۇرچىنى بەلگىلەپ جاھالىيەت دەۋرىدە قالغان ئەرەبلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپقۇدرەتلىك ئىسلام ئىمپىريىسى قۇردى . ئابباسىلار خانلىقى " يۈز كۈنلۈك تەرجىمەھەرىكىتىنى " يولغا قۇيۇپ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات ، فىزىكا ، خېمىيە ۋەباشقا پەنلىرىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كەڭ تارقىتىپ ، ئالى بىلىم يۇرۇتلىرىنىقۇرۇپ ، ئالىملارنى چىللاپ كىلىپ نەچچە ئون يىل تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئەرەب يېرىمئارىلى جوڭگو ۋە قەدىمى يۇنانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ مەدەنيەت مەركىزىگە ئايلاندى . سېرىتنىڭ ئىلغار مەدەنيىتىنى قۇبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە ئەرەبلەر شۇ قەدەرگۈللەندىكى ئۆز سېڭلىسىنى ئاكىسى ئالىدىغان ياۋايى مىللەتتىن دۇنيانىڭ خۇجىسىغائايلىنىپ خىرىستىئانلار پەقەت يىراقتىن نەپرەت بىلەن قاراپ تۇرسىمۇ باش كۈتۈرۈپ ياقدىيەلمەيدىغان ھالەتكە كەلدى .

بىر مەزگىل مائارىپ ۋە ئىسلاھات ئارقىلىق دۇنيانىڭ خۇجىسىغا ئايلانغان مۇسۇلمانلارنىڭئىمپىراتۇرى ئوردىغا مىڭلىغان گۈزەللەرنى يىغىپ قۇيۇپ يېرىم يالىڭاچ قىزلارنىڭئۇسۇلىنى نىپىز پەردە ئارقىسىدىن كۈرۈپ يۈزلەپ خۇتۇنلارنى ئېلىپ ، ئوخشىمىغانئاپىدىن بولغان پەرزەنىتلەر شاھلىق ئورنىغا كۆز تىكىپ ھىلە -مىكىر پىلانلاۋاتقان ، خەلقنىڭ ئاۋازى پادىشاھقا يەتمەيۋاتقان چاغدا ياۋروپالىقلار ئازاپ ۋە خورلۇقئىچىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللنىش تارىخىنى تەتقىق قىلىپ ھەممە ئىش تەقدىر ۋە ئىلاھنىڭۋەھىيسى ئارقىلىق بۇلىدۇ دىگەن قاراشتىن قايتىپ ئىنساننى ۋە شەخىسنى مەركەز قىلغاننەزىريىۋى ئاساسلارنى ئىلان قىلدى . مۇنداقچە دىگەندە شەيئىلەرنى بىلىش ئۈچۈنكۈزۈتۈش ۋە تەجرىبە قىلىش كىرەك دەپ قارالدى . مۇسۇلمانلار " مەسچىتكەكىرگەندە ئىشتاننىڭ پۇشقىقى ئۇزۇن بۇلۇش كىرەكمۇ قىسقىمۇ " دىگەندەك ئەرزىمەسنەرسىلەر ئۈچۈن قېلىن دىنني كىتاپلارنى ئىزدەپ تالىپلار ئون يىل ئۇقۇپ موللابۇلالمايۋاتقان چاغدا ياۋروپا ئەدەبىيات سەنئەت قايتا گۈللنىش ھەركىتىنى قوزغاپ دىنبىلەن مائارىپنى ئايرىپ تاشلاپ مەكتەپلەرنى قۇرۇپ ھەقىقى قۇدرەت تېپىشنىڭ بىرىنچىقەدىمى ۋە ئاساسى بولغان مائارىپ ۋە مەدەنيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا باشلىدى .

ياۋرۇپانىڭ تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىپ خۇلاسىلەپ چىققان جامالىدىن ئافغانى " دەۋىر ئالغا باسىدۇ ، بىر ئىزداتوختاپ قالمايدۇ ، مۇسۇلمانلار مۇشۇ نوقتىنىئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىدىكى ئە جانلىق پىرىنسىپ قىلىش كىرەك ، مۇسۇلمانلاربارلىق پايدىلىق نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلىشى ، بارلىق زىيانلىق نەرسىلەردىن ۋازكىچىشى ، غەرىبنىڭ پەن -تېخنىكىسىنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى قوغدىشىكىرەك ، ھەقىقى ئىمان كونىلارنىڭ ، يۈزلۈكلەرنىڭ شۈبھىلىك تەشەببۇسى ئۈستىدە ئەمەس ، بەلكى ھەقىقى قايىللىق ۋە مۇستەھكەم دەلىل ئۈستىدە بولىدۇ " دەپ ئوتتۇرغاقويدى .

بۇ خىل قاراشنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان ئابدۇقادىر داموللا ، مەمتېلى ئەپەندىلەرشىنجاڭدا يېڭى مائارىپ ھەركىتىنى باشلىدى .

يۇقارقى گەپ شۇ يەردە قالسۇن .

ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەدەنيەت ۋە مەرىپەت ، سىياسى ۋە ئىقتىسادتاچىكىنىشى ، قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ھەدىسلىرىگە خاتا ۋە گۇرۇھ مەنپەئەت نوقتىسىدىنتەدبىر بىرلىشى ، خۇراپاتلىقنىڭ ئەۋىج ئېلىشى ئاھالىسىنىڭ ئاساسى قىسمى مۇسۇلمانبولغان ئۇيغۇر رايۇنىغا پاسسىپ تەسىر ئېلىپ كەلدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرائاسىيانىڭ باشقا رايۇنىدا تۇمشىقىغا تىپىك يەپ لالما ئىت كەبى خورجۇن كۈتۈرۈپكەلگەن ئاتالمىش " پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى " ئۇيغۇر رايۇنىدا ئەمدىلابېخلىنىپ لېكىن ئىلغار پىكىرلىكلەر ۋە سەئىدىيە خانلىقىدىكى ئىلغار كۈچلەرتەرىپىدىن بېسىلىپ ياتقان تەركى دۇنيا خۇراپاتلىققا كاتالىزاتۇر بۇلۇپ ئەڭ ئاخىردائۇيغۇر دىگەن ئىسىممۇ ئىستىمالدىن قىلىپ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر گەۋدىسى يىمىرلىپقەشقەرلىك ، خۇتەنلىك ، ئاقسۇلۇققا پارچىلاندى . ئۇيغۇر شۇ دەۋىردىكى مائارىپىنىڭنىشانىنىڭ بۇرلۇشى ۋە دىنني ئەقىدىنىڭ يۈكسەكلىككە كۈتۈرلۈپ خۇراپاتلىققائايلىنىشى شۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ماددى ئىشلەپچىقرىش ، ساپا ، نۇپۇسجەھەتتىن غايەت زور زىيانغا ئۇچراتتى . تەلۋىلەرچە دىننىي ئىتىقادتىن باشقا ھېچنىمىسىيوق نادان خەلق ئۆز ئارا ئاق تاغ قارا تاغ بۇلۇپ قىرغىن قىلىشىپ ئىنسانىي ھۇقۇق ، كىشلىك قەدىر قىممەت ، نىكاھ ۋە كىشلىك ئەركىنلىك ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىبرەتبولغىدەك دەپسەندە قىلىدى . ھەتتا ئادەم بېشىدا قىزىل دەريا بويىدا خاتىرە مۇنارتىكلەندى . شۇندىن كىيىن ئازاتلىققىچە بولغان بىر دەۋىردە ئۇيغۇر دىيارىدا تۈگىمەسئىچكى جىدەل ، ئوخشىمىغان "ئىسلام " گۇروھلىرى ، ئوخشىمىغان ھەم پىشمىغاننەزىريە ھۈكۈم سۈرۈپ ياڭ زىڭشىن دەۋرىگە كەلگەندە كولمىناتسىيە نوقتىسىغا يەتتى
بۇ ھەقتە نەزەر خۇجا ئابدۇ سەمەتوف :" مۇسۇلمانلار ئىچىدە نىمىشقا ئىلىم لازىمدەرىجدە تارقالمىدى ؟ ھەقىقى سەۋەبى بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ پۇلنىڭ يوقلىقىدۇر ، كەمبەغەللىكنىڭ سەۋەبى بولسا بەك ئۇچۇق ،مىڭ نەچچە يىللاردىن بىرى داۋاملىشىپكەلگەن ئىچكى نىزا تۈپەيلىدىن بىز ئۇقۇش ۋە باي بۇلۇشقا ئەمەس بەلكى بىر -بىرىمىزنىئۆلتۈرۈش ۋە قىرغىن قىلىشقا ۋاقىت تاپالماي يۈرىمىز ، بۇ يولدا سەرىپ قىلغانبايلىق ۋە كۈچىمىزنى ساۋاب ھىساپلايمىز ، قاراڭلار ئىسلام دۇنياسىغا ! كىم كىم بىلەنسۇقۇشىدۇ مۇسۇلمان مۇسۇلمانلار بىلەن سۇقۇشىدۇ ، مۇشۇ سۇقۇشقا كەتكەن پۇل ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا ئىشلىتىلگەن بولسا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىلىم يامان ئەمەس تارقالغانبۇلاتتى " دەپ ھەسرەت بىلەن يازدى .

ئۇيغۇر تارىخىدا ھەر بىر دەۋىردە يىراقنى كۈرۈپ ئۆز خەلقى ئۈچۈن قۇربانبىرەلەيدىغان ئالىم ، زىيالى ، شائىر ، يازغۇچى چىقىپ تۇرغان . بىراق ئۇلارنىنغەربىر ئىزدىنىنىشى ، ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بۇلۇپ تۇرغىنىمۇ يالغان ئەمەس . ساتقىن - مۇناپىقلارنىڭ ئىلغارلارغا تۆھمەت قىلىشى ، زىيانكەشلىك قىلىشى تارىخ سەھنىسىدەقايتا - قايتا ئوينىلىپ تۇرغان تىراگىدىيىگە ئوخشاش قايتا - قايتا تەكرارلانسىمۇئۇيغۇر ئانىللىرى ھەرخىل ئىسىمدىكى ئىلغارنى ئۇلاپ تۇغۇپ كىلىۋاتقان ئىدى . ئاۋامخەلق نەچچە يۈز مائارىپسىز قالغان بولغاچقا ئۇلاردا ئەڭ ئاساسى بولغان قارشىلىقكۆرسۈتۈش ئېڭى ، گۇمان ئېڭى ، كىرزىس ئېڭى يۇقىلىپ مەسچىت خانىقانى كۆرسە ، ياكىئەرەبچە ناخشا - مۇناجاتنى ئاڭلىسىمۇ يىغا تۇتىدىغان ، كۆڭلى يۇمشاق ، نادان ، كىمقاياققا تارتسا شۇ ياققا ماڭىدىغان ، ئۆز تەقدىرى ئۈچۈن ئويلىنىشنى گۇناھ دەپقارايدىغان بىر خىل جەمئىيەت مۇھىتى شەكىللەندى . ساياھەت ۋە جاسۇسلۇق ۋەزىپىسىبىلەن كەلگەن چەتئەللىكلەرمۇ " چېكىدىن ئاشقان دىنني تەلۋىلىك بۇ خەلقنىڭئازاپ -ئۇقۇبەتلىرىنىڭ تۈپ يىلتىزى " دەپ قۇيۇپ ئۈتۈپ كەتتى .

نامراتلىق ساتقىن ۋە خائىنغا ئىدىيىۋى دەستەك بولدى ، ئاۋام خەلق ئاق -قارىنى غۇۋابىلسىمۇ گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى ، ئۇيغۇر زىيالىلىرى بەزىللىرى بىر ئۆمۈر تىرىشىپ - تىرمىشىپ بېقىپ ئاخىرى قان قۇسۇپ خۇدا دىگنىچە جەينامازغا يېقىلدى ، يېقىلمىغانلىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، مەمتېلى ئەپەندىدەك ئەلەملىك كۈلۈپ تۇرۇپجادۇغا باش قويدى .

چەتئەل تارىخىغا قاراپ باقساق ھازىرقى دۇنيادىكى يەتتە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئىچىدەگىرمانىيە ، ئامىرىكا ، فىرانسىيە ، ياپۇنيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر خىل ئورتاقلىقنىبايقايمىز . نىمە دىگەندە مائارىپ . ھەقىقى قۇدرەت تېپىشنىڭ بىرىچى زۈرۈزر شەرتىئاۋام خەلقنىڭ ساپاسى بۇلۇشى ، بولغاندىمۇ يۇقىرى ساپاسى بۇلۇش كىرەك .

ئەمدى گەپنى قايتۇرۇپ كىلىپ بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز بىلەن باغلايلى . بىز ھازىرتەنقىت قىلىۋاتقان ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى كۆڭۈل بۈلىۋاتقان مەسلە تەرەققىيات ، ئىقتىساد ، جەمئىيەتتىكى ئەخلاقسىزلىق ، زەھەر چىكىش ، ئەيدىز ، غۇرۇر ، كىرزىسكەئۇچراۋاتقان خاسلىق قاتارلىقلار . نۇرغۇن كىتاپلار يېزىلدى ، زەھەردەك سېسىقئىبارىلەر ئىشلىتىلدى . چېكىدىن ئاشقانلىرىدا ئىنكار قىلىنماسلىققا تىگىشلىكمەسلىلەر ئىنكار قىلىندى . ھەتتا مەسئۇليەتنى ئۇيغۇر زىيالىلار ئۈستىگە ئېلىش كىرەكدەپ زىيالىلارغا تىغ ئۇچى قارىتىلدى . مەسلە ھەل بولدىمۇ ؟ ياق ، ئۆز پېتىكىتىۋەردى . نىمە قىلىش كىرەك ؟

خوش ، ئەمدى ئۈستىدىكى گەپنى قۇيۇپ تۇرۇپ يەنە بىر نوقتىدىن پاراڭلىشايلى . مەركىزى تېلىۋۇزىيە ئىئىستانسى " چوڭ دۆلەتنىڭ باش كۈتۈرۈشى " دىگەن چونغەجىملىك فىلىمنى قويغاندىن كىيىن دۆلەت ئىچى ۋە سېرتىدىكى مۇنبەرلەردە قاتتىقزىل-زىلە قوزغىدى . نەچچە كۈن ئاۋال چىڭخۇئا داشۆنىڭ ياپۇنيىگە تەكشۈرۈشكە بارغانپىروفىسسورى تەكشۈرۈشنى ئاياقلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىزنىڭ گدپ ياپۇنيىنىئىككى قاتلىغان بىلەن ئاۋام خەلىقنىڭ ساپاسى ياپۇنيىگە يەتكىلى يەنە ئوتتۇز يىلپەرىق باركەن دىگەن خۇلاسىنى چىقاردى . سىنگاپور سەھەر گىزىتى ئۇزۇن تەھلىلماقالىسى ئىلان قىلىپ جوڭگولۇقلار ئەڭ ئاۋال ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كىرەك ، ھەربىكۈچنىڭ تەرەققى قىلىشى ،گدپ نىڭ ئېشىشى ھەقىقى قۇدرەت تېپىشنىڭ شەرتى ، لېكىن ئۇھەقىقى قۇدرەت تاپقانلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ ، ئەڭ مۇھىمى ئاۋام خەلقنىڭ ساپاسىچۇقۇم ئۈسۈشى كىرەك دەپ خۇلاسە چىقرىلىپ ، ئارقىدىن گىرمانىيىنىڭ قۇدرەت تېپىش سىرى ، ياپۇنيىنڭ قۇدرەت تېپىش سىرى ، ئامرىكىنىڭ قۇدرەت تېپىش سىرى ، فىرانسىينىڭقۇدرەت تېپىش سىرى دىگەن كىچىك تىمىلاردا ئايرىم - ئايرىم توختىلپ ، ئىنچىكە تەھلىلئېلىپ بېرىش ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە ھەقىقى قۇدرەتتېپىشنىڭ تۈپكى ئاساسى ئۇمۇمى خەلىقنىڭ ساپاسىدا ، ساپانى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسىئۇسۇلى مائارىپتا ، شۇڭا ھەقىقى قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن چۇقۇم مائارىپقا تايىنىش كىرەكدەپ خۇلاسە چىقاردى .

خۇ جىنتاۋ باش شۇجى以人为本,建立和谐社会 دىگەن چاقىرىقنى مۇنداقلا ئوتتۇرغا قويغان ئەمەس ، ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈزۈتۈش ، تەتقىق قىلىش ، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئوتتۇرغا قۇيغان دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكەئىگە چاقىرىق . ئۇنى ئۈگىنىپلا قۇيۇش ، تەتقىق قىلماسلىق توغرا پۇزۇتسىيە ئەمەس . ئۇ جوڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ، تەرەققىيات ئەھۋالى ، جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا ئاساسەنئوتتۇرغا قۇيۇلغان چاقىرىق.

بىز جۇڭخۇئا چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق بىر ئەزا مىللىتى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەنيۇقارقى تەھلىلنى سۇغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشىمىز كىرەك .

ئەگەر ساپا يۇقىرى بولغان بولسا ئەنخۇيدىكى بۇۋاق بالىلار ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىتيېمىنىڭ يۈزدىن بىرىگە تەڭ بولمىغان يالغان سۈت پاراشۇگى بىلەن بېقىلىپ ئۇزۇقلۇقيىتىشمەي بېشى يۇغىناپ كەتمىگەن بۇلاتتى ، سانائەتكە ئىشلىتىلدىغان ئىسپىرىت ، ھەتتا ئادەم سۈيدۈكدىن يالغان ماۋتەي ھارىقى ياسىلىپ سېتىلمايىتتى ، ۋاقتى ئۆتكەندۇرا -ئۇكۇللارغا يېڭى ماركا چاپلىنىپ سېتىلمايىتتى ، ساختا ماشىنا تۇرمۇز مېيىبازارنى قاپلاپ كەتمىگەن بۇلاتتى . نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ ؟ ساپا تۈۋەن ، مائارىپ ئۆزبۇرچىنى ئادا قىلالمىغان ياكى ئالدىن كۆزلىگەن مەخسەتكە يەتمىگەن .بۇ ھەقتەشاڭخەيلىك بىر ئادۇۋكات ئالەم كىمىمىز ئاسمانغا چىقتى ، لېكىن بىز پاسكىنانەرسىلەرنى يىيىشتىن ئەندىشە قىلۋاتىمىز ، يىمەكلىكتىن خاتىرجەم بۇلالمايۋاتىمىزدىدى ھەسرەت بىلەن . بۇ خىل مەسلىلەرنى بازر باشقۇرۇش ، سۈپەت باشقۇرۇشئۇرۇنلىرىغا تايىنىپ ياكى ئاممىۋى پاش قىلىش تېلىفۇنىغا تايىنىپ ھەل قىلىپ بۇلۇشمۇمكىن ئەمەس ، پەقەت ئاۋام خەلقنىڭ ساپاسىغا ، مائارىپقا تايانغاندىلا ھەل بولىدۇ .

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقى ئاجايىپ گۈزەل ئەخلاق ، مەدەنيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلدەقېقىلىپ سۇقۇلۇشقا ئۇچراپ ، ھازىرقى دەۋىردە ساپاسىزلار تەرىپىدىن چۆرىۋېتىلگەنبولسىمۇ ئۇ ئۈزىنىڭ گۈزەللىگىنى ، قىممىتىنى يۇقاتقىنى يوق . مىھمان كۈتۈش ، يىمەك -ئىچمەك مەدىنيىتى ، بالىلار تەربىيىسى ، توي ، نەزىر قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭئۈرۈپ -ئادەت ئاساسى جەھەتتىن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر دىن ئۆرنەك ئېلىپ ھازىرخەلقئارا ئۆلچەمگە ئايلانغان قائىدى -يۇسۇن بىلەن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ.

ئەلۋەتتە ، بىزدە پاھىشە يوق ، زەھەر چەككۈچى يوق ، ئوغرى -بۇلاڭچى ، قاتىلپاھىشۋاز يوق دەپ دىيەلمەيمىز . بۇ خىل ئەخلاقسىز قىلمىشلار ئۇيغۇرلار ئەڭ گۈللەنگەندەۋىردىمۇ ، خوجىلار دەۋرىدە خاراپ بولغان ۋاقىتتىمۇ بىر تارىخى ھادىسە سۈپىتىدەمەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان . شۇنداقلا باشقا مىللەتلەردىمۇ مۇتلەق تۈگىتىلگەن مەسلە ئەمەس . ئىنسانلار جەمئىيىتى بولىدىكەن بۇ خىل ھادىسە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ ، يۇقىرىساپالىق تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىمۇ بۇ خىل ھادىسە ھازىرغىچە مەۋجۇت ، تۈگىتىلگىنى يوق . لېكىن بۇخىل ھادىسنى سان جەھەتتىن ئازايتىشقا بولىدۇ . ئازايتىشئۈچۈن يەنىلا مائارىپقا ، ئاۋام خەلىقنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆستۈرلىشىگە تايىنىش كىرەك . بۇ يەردە ئېيىتىلغان مائارىپ توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپ ياكى ئالى مائارىپنىكۆزدە تۇتمايدۇ ، ئۇ 0 ياشتىن باشلىنىلدىغان ئائىلە تەربىيىسى قاتارلىق نۇرغۇنمەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ناۋادا بىز يۇقىرقىدەك ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى كەسىپقىلىۋالغان ياش -ئۆسمۈرلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرسەك ئۇلارنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنىڭئائىلە تەربىيىسگە مۇناسىۋەتلىكلىكىنى بايقايمىز . مائارىپ جوڭگولۇقلارچۈشەندۈرگەندەك ئۇنداق تار دائىرىدە ئەمەس ، ئۇ نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، بۇ بىزنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەزمۇن .

چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە چىرىك چىڭ خاندانلىقى كۈچلۈك دۆلەتلەربىلەن ھاقارەتلىك شەرتنامىلەرنى ئىمزالاپ چەتئەل پاراخۇتلىرىنىڭ زەمبىرىكى ئىشىكئالدىغا توغۇرلانغاندىمۇ قىلچە نۇمۇس قىلماي ئۇلۇغ خاقان غەرىپ ياۋايىلىرىغا مھىر -شەپقەت ئاتا قىلدى دەپ تارىخىي پۈتۈكلەرنى پۈتۈپ تۇرغان ، كاڭ يۇۋېي لار يۈز يىليېڭىلىققا كۈچۈش ھەرىكىتىنى قوزغاشتىن سەل بۇرۇن جوڭگولۇق زىيالىلار بىلەنياپۇنيىدىكى زىيالىلار دۈمبىسىگە ياۋروپادا گۈرۈچ بولمىسا ئاچ قالمايلى بىرخالتىدىن گۈرۈچنى يۇدۇپ غەرىپنىڭ قىممەت قارىشىنى ئۈگىنىشكە ماڭغان ئىدى . بۇنىڭئىچىدە غەرىپنىڭ ئىلغار ئىدىيىسنى ئېلىپ كىلەلىگىنى ياپۇنيىدىن فۇزى يۈجى بىلەنجوڭگودىن سۈن جۇڭشەن ئەپەندى بولدى .

مىيجى يىلىدىكى يېڭىلىققا كۈچۈشتىن بۇرۇن ياپۇنيە گۈرۈچ تېرىش بىلەن بىلىق تۇتۇشنىئاساس قىلغان ، ياۋروپالىقلار زەمبىرەكنى ئىشىك ئالدىغا توختىتىپ قۇيۇپ ھەر بىر تويقىلماقچى بولغان قىزنى ئاق تەنلىكلەر تۈكلۈك مەيدىسىگە بېسىپ بىر كىچە ياتقاندىنكىيىن كىيوغۇلغا تاپشۇردىغان بىچارە دۆلەت ئىدى . ھۇرۇنلۇق ، قاششاقلىق ، مەينەتلىك ، ياۋايىلىقتىن باشقا ھېچبىر يېڭىلىق يوق ئىدى . فۇزى يۈجى دىگەن ئۇرۇق ، پۈۋلىسە ئۇچۇپ كىتىدىغان بۇ چۇقۇر ئادەم ئامرىكا ، فىرانسىيە ، ئەنگىليە قاتارلىقدۆلەتلەردە مىللەتنىڭ چىقىش يۇلىنى ئىزدىگەندىن كىيىن غەزەپلەنگەن ھالدا قايتىپ كىلىپبۇرۇندىن باشلاپ ياپۇنيە ئۇچراپ كەلگەن ۋە چۇقۇنغان كوڭزى - مىڭزى ئىدىيىسنى جان -جەھلى بىلەن سۆكتى ، ھەتتا ياپۇنيە گەرچە جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن ئاسىيا غا تەۋەبولسىمۇ ئۇ چۇقۇم ئاسىيادىن چىقىپ كىتىشى كىرەك دەپ脱亚论 دىگەن نەزىريىنى ئوتتۇرغا قويدى . ھازىرقى ياپۇنيە پۇلىنىڭ ئۈستىدە بۇئادەمنىڭ رەسىمى بار . ئۇنىڭ بەزى قاراشلىرى ئەينى ۋاقىتتكى جالالىدىن ئافغانىبىلەن يېقىنلىشىدۇ ، ئەلۋەتتە يەنە ماھىيەت جەھەتتىن پەرىقلىنىدىغان قىسمىمۇ بار .

بىز ماركىسىزىمچىلار بىز ، ياپۇن بۇرجازىيسىنىڭ ۋەكىلى ، ئەشەددى مىللەتچى ، غەرىپپەرەس ، بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشنىڭ كۈشكۈرۈتكىچىسى بولغان فۇزى نىڭ يەنە بىر تەرىپىنىماركىسىزىملىق نوقتىنەزەردە تۇرۇپ مېغزىنى قۇبۇل قىلىپ شاكىلىنى چىقرىپ تاشلاپ ، بۇلۇپمۇ چەتنىڭ ئىلغار پەن -تېخنىكىسى ۋە مەدىنيىتىنى قۇبۇل قىلىشقا دائىر قىسمىنىقۇبۇل قىلساق بولىدۇ .

كاڭ يۇۋىيلار "يېڭىلىق ئۈچۈن جوڭگودا تېخى قان تۈكۈلمىدى ، بىرىنچى بوپ مىنىڭتۈكۈلسۇن " دەپ مەردانە ھالدا جازا سەھنىسىگە مىڭىپمۇ ، تۇركۈملەپ جوڭگولۇقئۇقۇغۇچى پارخۇتنىڭ ئاستا بۈلۈمچىسىگە مۇكىنىپ غەرىپكە بېرىپمۇ تاكى جوڭگوكومپارتىيىسى قۇرۇلغىچە جوڭگونىڭ چىقىش يۇلىنى تاپالمىدى . نىمىشقا ؟ ئۇلارغەرىپنىڭ ماھىيەتلىك نەرسىلىرىنى بىلەلمىدى ، غەرىپ ئىدىيىسىنى جوڭگونىڭ ئەمەلىيئەھۋالىغا بىرلەشتۈرەلمىدى ، ئەڭ مۇھىمى گىلاستۇك تاقاپ ، كاستىيۇم -بۇرۇلكا ، پەلتۇ كىيىپ كىلىپ، كافىخانىلارنى ئېچىپ ، تاماكىنى چىشلەپ تۇرۇپ شىلەپىسىنى سولقۇلىغا ئېلۋېلىپ چىرايلىق قىزلارنى يىتىلەپ مېڭىشتىن باشقا مەدەنيەت ئەكىلەلمىدى . قىياپەت ئۆزگەردى ، مەردانىلاشتى ، باشقىلار ھەۋەس قىلدى ، قىزلارنى تۆت كۇچىدابوينىدىن قايرىپ تۇرۇپ سۈيەلىدى ، بىراق غەرىپنىڭ جوڭگوغا كىلىشكە تىگىشلىكنەرسىسىدىن بىرىمۇ كەلمىدى .

21 -ئەسىرنىڭ قوڭغۇرىقى چېلىنىش بىلەن دۇنيادىكى مىللەتلەر ئابدۇقادىر جالالىدىندىگەندەك ئۆز تەقدىرى ، تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدى . دەسلەپتەيەھۇدىيلار بالىسىنى تامدىن سەكرىتىدىكەن ، ياپۇنلار بۇۋاقنى چوڭ يولغا تاشلاپ قۇيۇپئۆزى ماڭمىسا يۈلىمەيدىكەن ، تاماقتىن كىيىن مىۋە يەيدىكەن دىگەندەك قاراشلاربارلىققا كىلىپ ئارقىدىن ئۇيغۇرنى سۈكۈپ تىللاش مودا بولدى . قوي گۆشىدىن باشلاپ چوڭدادىمىزنىڭ ساقىلىغىچە ھەممىسى خاتا بولدى ، ئوغرىنىڭ ، جالاپنىڭ ، ھەزىلەكنىڭ ، ئاقچىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولدى ، خۇددى باشقا مىللەتلەر جەننەتىتىن ئەمدىچىققاندەك . نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرنى سۈيىمەن دەپ تۇرۇپ بىر قاچا تاماقنىنىسىگە بىرىشتىن قورقىدىغان بوپ قالدى . يەھۇدىي بالىسىنى تامدىن سەكرەتسە ئۆزىنىڭئىشى ، ياپۇن بالىسىنى يۆلىمىسە ئۆزىنىڭ ئۆرۈپ -ئادىتى ، ئۇلارنىڭ قۇدرەت تېپىشنىڭسىرى كۈندۈلۈك تۇرمۇش ئادىتىدىمۇ ؟ ياق ، مائارىپتا ، ساپادا ، ئائىلە تەربىيىسىدە .

ئۇيغۇرنى تىللاش مودا بۇلۇشتىن بارا -بارا قالغانىن كىيىن بىر قىسم ئاقكۆڭۈل ئەمماداۋاملىق كىتاپ ئۇقىمىسا بولمايدىغان كىشىلەر ، نىيىتى خالىس ئەمما كۈزۈتۈشكە ئەھمىيەتبەرمەي ، ماھىيەتنى تاشلاپ يۈزەكى نەرسىلەرنى بەك تەھلىل قىلىدىغان كىشىلەر دىنىيئىتقادىمىز سۇسلاپ كەتكەچكە .......دەپلا گەپ باشلاپ ھەممە گۇناھنى شۇ ياققىلا ئارتىپيەنە بىر يېڭى ئېقىم بارلىققا كەلدى . ئۇنى خاتا دىيەلمەيمىز ، بىراق مەسلىنىڭماھىيىتى شۇ يەردە دەپ كىسىپ دىيەلمەيمىز .

ئامرىكىلىق مۇسۇلمان ئەمەس ، ياپۇنلۇقمۇ مۇسۇلمان ئەمەس ، ئىنگىلىز ، نىمىس ، فىرانسۇزمۇ مۇسۇلمان ئەمەس . ئۇلار قۇدرەت تاپالىدى ، راۋاجلاندى ، ئەيدىزنىكونتورۇل قىلالىدى ، دىمەك مەسلە بىز ئويلىغاندەك ئاددى ئەمەس . ئىتىقاد چۇقۇمبۇلۇشى كىرەك ، ئىتقادسىز ئادەم ھەر قانداق يامان ئىشنى قىلىۋېردۇ ، چۈنكى ئۇنىچەكلەپ تۇردىغان سېرىتقى كۈچ يوق ، ئۇ قۇرقىدىغان ئىلاھىي كۈچ يوق . بىراق خىروئىنيۆتكەشتىن بۇرۇن نەزىر بىرىپ ، يالىڭاچ ئۇسۇلغا چىقىشتىن بۇرۇن بىسمىللا دىيىشتىنقارىغاندا مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن ، ساپاسىز ئادەملەرگە نىسبەتەن دىنمۇ چەكلەشكۈچىنى يۇقىتىدىكەن ، چۈنكى ئۇ دىننى بىر ئىتىقاد سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى ئۆستەڭكولاشقا چىقىدىغان ھاشار سۈپىتىدە قۇبۇل قىلغان . ئۇنداقتا ھەقىقى ئىتقادنىتۇرغۇزۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك ؟ يەنىلا مائارىپقا ، مائارىپ بىلەن بارلىققاكەلگەن ساپاغا تايىنىمىز . ساپا بولغاندىلا ئۇ مۇسۇلمانچىلىقنى ، ئىنساننىڭ بۇرۇچۋە ئىتىقادىنى، ئائىلىنىڭ فونكىسيىسىنى چۈشىنەلەيدۇ ، بۇنداق قۇبۇل بولغان ئىتىقادمۇستەھكەم بولىدۇ .

كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ كەتتۇق ، لېكىن ھەقىقى قۇدرەت تېپىش دىگەن نىمە ؟ دىگەنمەسلە بىلەن ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان ساپا ۋە مائارىپنى تىلغا ئېلىپ ئوتتۇق . بۇنى يەنە ئىنچىكە سۆزلىسەك سەھىپە كەڭىيىپ كىتىپ ئاپتۇرنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېشىپكىتىدۇ . خۇددى زوردۇنكام دىگەندەك دۇنيادا يامانلىق بىلەن ياخشىلىق ، گۈزەللىكبىلەن رەزىللىك ، ساختىلىق بىلەن چىنلىق مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ تۇرىدۇ ، بىر تەرەپنىڭمۇتلەق غەلىبە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس . ھەممىمز ئىزدەنگۈچى ، ئىزدىنەيلى .....

خىروئىن ، ئىپپەت -نۇمۇسىنى سېتىش ، ساختىپەزلىك ، ھاراقكەشلىك قاتارلىقئىللەتلەرنى پۈتۈن مىللەتنىڭ خاتالىقى سۈپىتىدە ئەمەس ، ئىقتىسادىي ئامىل ، جەمئىيەت ئامىلى قاتارلىق تەرەپلەردىن مۇۋاپىق تەھلىل قىلىپ تەنقىد قىلساق بولىدۇ . چۈنكى ئۇيغۇرلاردىمۇ نۇرغۇن ساپالىق كىشىلەر بار ؟ ئۇيغۇر پاھىشە بار يەردەسىچۈئەنلىك ، خېنەنلىك ، گەنسۇلۇق ........ ئوخشاش بار ، بۇ بىر جەمئىيەت ھادىسىسى . ھەتتا ياۋروپا ۋە ئامرىكىدىكى دوكتۇر ، ماگىستىر ئىچىدىمۇ بار . بۇنى مىللىبېسىم قىلۋالساق توغرا بولمايدۇ .

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، زوردۇن سابىر ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قاتارلىقيازغۇچىلىرىمىز ئۇيغۇرنى تىللىغىدەك ئابرۇيغا ، بىلىمگە ، تەجرىبىگە ئىگە ئىدى ، تىللىسىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ سېسىق ، ئەڭ ئەدەبىي ، ئەڭ ساترىك تىللار بىلەن تىللىغىلىسەۋىيىسى يىتەتتى ، بىراق دىققەت قىلساق ئۇلار بۇ تەرەپتە بەك ئىھتىياتچان ، بۇلۇپمۇ ، مىللەت ، زىيالىي ، دىھقان دىگەن چوڭ ئۇقۇملارغا كەلگەندە ئۇلار بۇھەقتىكى پاراڭلاردىن قاچىدۇ ياكى كۈيىنىشنى ئاساس قىلىپ گەپ قىلغان . دىمەك ئۇلارمەلۇم نەرسىلەرنى بىزدىن بۇرۇن ئويلاپ يەتكەن . ئۇلار خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ھۆرمەتكەسازاۋەر كىشىلەر ، موتىۋەرلەر ، بەزى گەپلەرنى يەڭگىللىك بىلەن دىمەسلىكىدە چۇقۇمبىر داۋلىسى بار . بۇيەنە ئىزدىنىدىغانبىر يېڭى تىما .

(2)

كونا يېزىق مەنبەسى: http://www.bilik.cn/?dp-bbsthread-21538.html

يېقىندىن بىرى دۇنيادا قۇدرەت تېپىش ، مىللى قايتا گۈللىنىش دىگەن ئاتالغۇلار قايتىدىن تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى . ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردىمۇ مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ھەققىدە پات -پات يېڭى تىمىلار ئېلان قىلىنىپ تۇرۇشقا باشلىدى . بۇ تىمىلاردا قۇدرەت تېپىشقا بولغان قاراشلار ھەرخىل . بەزىللىرى ھېچنىمىگە قارىماي پۇل تېپىش ئارقىلىق قۇدرەت تېپىشنى تەشەببۇس قىلسا بەزىللىرى غەرىپنىڭ مەدەنيىتى بىزنىڭ مىللىي مەدىنيىتىمىزنى يۇقۇتۇپ ياكى ئورنىنى ئېلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ شۇڭا بۇ خىل سۈيقەسىتنى ئەمەلگە ئاشۇرماي سەگەك تۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەت تېپىشنى تەشەببۇس قىلدى . مەن بۇ قاراشلارنى توغرا ياكى خاتا دەپ ھۈكۈم قىلالمايمەن ، چۈنكى مىنىڭ قىممەت قارىشىمدا توغرا بىلەن خاتا ماتىماتكا پەنلىرىدە بولىدۇ ، نەزىريىۋى مەسلىلەردە ياكى تۇرمۇشتا توغرا بىلەن خاتانىڭ ئىنىق بىر چىگىرىسى ياكى ئىنىقلىمىسى يوق . مۇشۇ ماقالىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا مەن كەڭ مەنادىكى مائارىپ ھەقىقى قۇدرەت تېپىشنىڭ ئاساسى ھەم زۈرۈر شەرتى دەپ قارىغان، بۇ ئىككىنچى قىسىم تىمامدا چىرىكلىك ھەقىقى قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن چۇقۇم ھەل قىلىشقا تىگىشلىك بولغان مەسلە دىگەن قاراشنى ئىسپاتلىماقچى .

جوڭگودا چىرىكلىكنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى توغۇرلۇق ماتىريال كۈرۈپ باقمىدىم ، ئەمما غەرىپكە ساياھەت دىگەن كىلاسسىك ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا نەچچە يۈز يىل بۇرۇنلا جوڭگو جەمئىيىتىدە چىرىكلىك خېلىلا ئۇمۇملاشقان ھەتتا بىر نۇرمال جەمئىيەت ھادىسىئى سۈپىتىدە "كەڭ قۇرساقلىق " بىلەن قۇبۇل قىلىنغان . ئىسلاھات ئېچىۋىتىش باشلىنىپ 30 يىل بۇلاي دىگەن كۈنلەردىمۇ بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر " چىرىكلىك مەلۇم تەرەپتىن ئىقتىسادى قۇرلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق " دىگەن ئىنسانىيەت ئەخلاق تارىخىدىكى ئەڭ تېتىقسىز ئەڭ نۇمۇسسسىز نەزىريىنىمۇ ئوتتۇرغا قۇيۇشتى . بۇ خىل قاراشنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاۋام خەلق تەرىپىدىن قانچىلىك قۇبۇل قىلىنغانلىقى ياكى ئەيىپلەنگەنلىكىنى بىز تەكشۈرۈپ سىتاستىكا قىلىشقا ئامالسىز ، ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن قانچىلىك قۇبۇل قىلىنغانلىقىنى بىز ھىس قىلالايمىز. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن .

سابىق شاڭخەي شەھەرلىك ئەمگەك مۇلازىمەت كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۆتكەپ خىيانەت قىلىۋالغان پۇل 158.56亿 ، بۇ ئەنزە پاش بۇلۇپ خۇلاسىسى چىققاندا 124亿 يۈئەن پۇلنى قايتۇۋېلىش مۇمكىن بولمىغان . 2007 يىلى دۆلەت مالىيسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ قۇرلۇشى ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغى 1076.35亿، داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغى 664.31亿 يۈئەن بولغان . بۇنىڭدىن كۈرۋېلىشقا بۇلدىكى بىر پارىخور پۈتۈن مەملىكەت مائارىپ مەبلىغىنىڭ ئوندىن بىرىنى ، پۈتۈن مەملىكەت داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش مەبلىغىنىڭ بەشتىن بىرىنى يەۋەتكەن . بۇ باشلىق قۇدرەت تېپىپتۇ ، تۇتۇلۇپ جازاغا ھۈكۈم قىلنىشتىن بۇرۇن دۇنيادىكى چوڭ بايغا ئايلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا چەت -خىلۋەت يېزىلاردىكى يالىڭاياق مەكتەپكە بېرىپ ئۇقۇش پۇلىنى تۈلىيەلمەي جىگدە دەرىخىگە ئېسىلىپ ئۈلىۋالغان كېرىيىلىك ئۇقۇغۇچى ، گۇيجۇ ، خېنەن ، سىچۈئەن يېزىللىرىدا كۆۋرۈكسىز تاغقا يامىشىپ دوسكىسى يوق سىنىپلاردا ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار قۇدرەت تېپىش دىگەن خەتنى خەنزۇچە يازالامدۇ يازالمامدۇ بۇ بىر مەسلە . بىر قىسىم ئادەمنىڭ ، بىر نەچچە كىچىك رايۇن ، بىر نەچچە توپنىڭ چىرىكلىك بىلەن قۇدرەت تېپىشى بىر چوڭ توپنىڭ قۇدرەت تېپىشىدىن دىرەك بەرمەيدۇ ، ھەتتا بۇ ئىككى خىل توپنىڭ زىديىتى قۇدرەت تېپىشنىڭ يۇلىنى تۇسۇپ قۇيىدىغان يۇشۇرۇن ھەم خەۋىپلىك ئامىلغا ئايلنىدۇ .

ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چىرىكلىك مىنىڭچە ئانچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ، قانۇنغا ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئۇرۇنلىرىغا ، خەلىق ئاممىسىنىڭ پاش قىلىشىغا تايىنىپ ئىقتىسادىي چىرىكلىك مەسلىلىرىنى كونتورول قىلىشقا بولىدۇ ، ئەڭ قورقۇنۇچلىقى ئىلىم -پەن ۋە تەتقىقاتتىكى چىرىكلىك . ئىلىم-پەن ۋە تەتقىقات چىرىكلىكى ئىلىم -پەننى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىنسانىيەتكە بەخىت يارىتىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس نىشانىدىن ئاداشتۇرۇپ بىر ياكى بىر نەچچە ئەۋلاتقا ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسگە تولدۇرۋالغۇسىز زىيانلارنى ئەكىلىدۇ . ئىلىم پەن تەتقىقات چىرىكلىكى سانائەت چىرىكلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ خىل چىرىكلىكنى ھەل قىلغۇچ پەيىت يىتىپ كەلمىگىچە ئاۋام پۇقرالار ھىس قىلىپ يىتەلمەيدۇ ، نازارەت قىلالمايدۇ ، چۈنكى پەن -تېخنىكا بىر دۆلەت نۇپۇسىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاق ياقلىقلارنىڭ قولىدا بولىدۇ . جىياۋۇ يىلىدىكى جوڭگو ياپۇنيە ئۇرۇشىدا زەمبىرەك ئۇقىنىڭ ئىچىگە توپا قاچلانغانلىقتىن ئېتىلماي ھەربى قىسىملارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرۇتىشى تېخى ھەربىر جوڭگولۇقنىڭ ئىسىدىن چىقمىغان بۇلۇشى مۇمكىن .

چىيۇ چېڭتوڭ خارۋارد ئۈنىۋېرسىتىنىڭ پىروفىسسورى ، رۇسيە پەنلەر ئاكادىميىسىنىڭ پەخرى ئاكادىمىكى ، ئامىرىكا پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى جوڭگو تەربىيەلەپ چىققان ئەڭ مەشھۇر جوڭگولۇق ماتىماتكا ئالىمى بۇلۇشى مۇمكىن . ئالدىنقى قېتىم ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ زىيارەت قۇبۇل قىلغاندا "داڭلىق پىروفىسسورلىرىمىز " يىل بۇيى دۆلەت چۈشۈرگەن تەتقىقات مەبلىغىنى ئىشلىتىپ بىر يىلدا ئۈچ -تۆت ئاي چەتئەللەردە " ئىلمى زىيارەتتە" بولىدۇ ، ئۇلارنىڭ بەزىللىرى ئوتتۇزدىن ئۇشۇق ئاسپىرانىت يىتەكلەيدۇ ، بۇنداق ئاسپىرانىتلارنىڭ قانچىلىك ساپاسى بولماقچىدى ؟ دىدى . مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ قارىشىغا قۇشۇلدۇم ، مەن ئون يىل بۇرۇن تۇنۇشقان دوكتۇرلار بىلەن ئون يىلدىن كىيىن تۇنۇشقان دوكتۇرلارنىڭ ئاسمان زىمىن پەرقى بار ، "تارتىپ ئۆستۈرۈلگەن مايسىنىڭ " قانچىلىك ھاياتى كۈچى بولماقچىدى ؟ قانچىلىك ھۇسۇل بەرمەكچى ئىدى ؟ كوچا - كوچىلارغا ، بېيجىڭنىڭ جوڭگۈئەنسۇن كەنىتىدىن باشلاپ چىڭخۇئا داشۆ ھويلىسىغىچە چاپلانغان توردىن نۇمۇرى چىقىدىغان ئۈنۋان كىنىشكىسى بىجىرىمىز دەپ چاپلانغان تىلىفۇن نۇمۇرلىرى يېڭى بىر ئەۋلاتنى قانچىلىك زەھەرلەيدۇ؟

بەلكىم يۇقارقىلار قىسمى ئەھۋال بۇلۇشى مۇمكىن ، ئەڭ مىنىڭ ھىس قىلىشىم جوڭگو جەمئىيىتىدە چىرىكلىك "قىسمىلىقتىن " ئاللىبۇرۇن ھالقىپ كەتتى . مەن جوڭگولۇق بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ، ۋەتىنىمنى سۆيىمەن ، جوڭخۇئا مىللەتلىرىنىڭ ھەقىقى قۇدرەت تېپىشىنى كىشلىك غايەم دەپ قارايمەن . شۇڭا چىرىكلىككە قارىغانسىرىم ، ئاڭلىغانسىرىم غەزەپلىنىمەن . مەن قىزىلبايراق ئاستىدا ، ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم ، كىچىكىمدىن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئالدىم . مەن دۇنياغا ئۆزەمنىڭ قىممەت قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى بىلەن قارايمەن . بىر قىسىم ئاۋام خەلىقنىڭ ئاغزىدىن بىر نىمە يىمەيدىغان قىزىلپاچاق ئىش بىجرەلمەيدۇ ، يول ماڭايلى ، ئارقا ئىشىك قىلمىساق ھازىرقى جاھاندا قۇرۇق گەپكە مۇشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇلارنىڭ چىرىكلىكنى بىر خىل قىممەت قاراش دۇنيا قاراش سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىپ كەتكەنلىكىدىن ئازاپلىنىمەن ، ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرى نەچچە مىليۇن ئىنقىلاۋى قۇربانلارغا ھاقارەت قىلغاندەك ئاڭلىنىدۇ .

ئەيدىز ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئالداپ ئېلىپ چىقىلغان ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشى ، جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق كىرزىسىغا دۇچ كىلىشى تور بىكەتلەر كۆڭۈل بۈلۈپ كىلىۋاتقان مەسلە بولدى . نۇرغۇن ئادەملەر يازدى ، تىللىدى ، ياردەم قىلدى ، ئېچىندى ھەتتا بەزى خەلق ساقچىللىرى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلدى (ئۇلارنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن ). چوڭقۇرراق ئويلانساق ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلساق چىرىكلىكنىڭ كەچۈرگۈسىز مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ھىس قىلالايمىز . خىروئىن ساتىدىغان ئادەم بولمىسا چىكىدىغان ئادەم تەبئىلا تۈگەيدۇ ، ئوغرى -يانچۇقچىلارغا يانتاياق تىل بىرىكتۈرگەن قانۇن سېپىدىكى چىرىك ئۇنسۇرلار بولمىسا ئاقچى ، قىمارۋاز ، ئوغرى -يانچۇقچى قانۇننىڭ جازاسىنى تارتىدۇ ، چىرىكلىك قانۇننىڭ ئىززەت ئابرويىنى يەرگە ئۇرغاچقا جىنايەتچى قانۇننى كۆزگە ئىلمايدۇ ، كاللىسىغا پۇل بولسا تۈرمە دىگەن كىرىپلا چىقىپ كىتىدىغان چايخانا دىگەن ئاڭ سىڭىدۇ .

ئاۋام خەلىقنىڭ كۈزى ئۇچۇق ھەممىنى كۈرۈپ تورىدۇ ، بۇ توغرىدا توردا ، مەنبۇئاتلاردا كۈندە خەۋەر بار ، ھەر بىر بايرام ، ھەر بىر كىچە ، ھەر بىر دوقمۇش ۋە كەيپى ساپا سورۇنلىرىدا چىرىكلىكنىڭ مىساللىرى يىتىپ ئاشقىچە بار ، بۇ توغۇرلۇق ئۇزۇن توختالمايمىز . لېكىن خۇلاسىمىز شۇكى بىر توپنىڭ ، بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشنى ئاخبارات ۋاستىللىرىدا كۆپتۈرۈپ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ . چىرىكلىك قۇدرەت تېپىشنىڭ ئەڭ چوڭ تۇسالغۇسى ، قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن چىرىكلىك تازىلىنىش كىرەك ، مۇكەممەل بولغان مىخانىك تۈزۈم ، قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكى ، ئادىل خالىس مەيداندا تۇرۇپ نازارەت قىلدىغان ئاخبارات ۋاستىلىئىرى بولماي تۇرۇپ قۇدرەت تېپىش پەقەت شىرىن بىر خىيال ياكى مەۋھۇم قۇدرەت تېپىش بوپ قالىدۇ .

سەنلۇ سۈت پاراشۇكى پاش بولغاندىن كىيىن چوڭ -كىچىك نۇرغۇن زاۋۇتلارنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىدا مىلامىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە بايقالدى ، نۇرغۇن كىشىلەر سەنلۇ شىركىتىگە غەزەپلەندى ، تىللىدى ، سوت ھۈكۈم ئىلان قىلىپ ئېغىر جازالىدى ، ئۈلۈم جازاسىئىمۇ بىرىلدى . لېكىن بۇ مەسلىدە نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق بىر نوقتىغا سەل قارىدى ، نىمىشقا ساختا مەھسۇلات ، زەھەرلىك يىمەكلىك جوڭگو بازارلىرىنى قاپلايدۇ ، بۇنداق ئىشلار شۇنچە قاتتىق زەربە بىرىلىپ تۇرسىمۇ داۋاملىق چىقىپ تورىدۇ ؟ مەسلە ئاددى ، مىنىڭ جاۋابىم شۇكى يىمەكلىك ، دۇرا ، تازىلىق تەكشۈرۈش نازارەت قىلىش ئۇرۇنلىرىغا بىر قىسىم چىرىك پارازىت قۇرۇتلار يۇشۇرۇنغان ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇرۇنلارنىڭ ئۆزىنىڭ نۇرمال فونكىسيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان ، نەتىجىدە ئۇلار قاياققا ئوت كەتسە شۇ يەرگە بېرىپ ئوت ئۈچىرىدىغان ئوت ئۈچۈرۈش ئەترىتىگە ئايلىنىپ قالغان . سەنلۇ پاراشۇكى شۇنچە يىل بازاردا سېتىلىپتۇ ، يۇزمىڭدىن ئۇشۇق بالا زەھەرلىنىپتۇ ، شۇ چاققىچە نازارەت قىلىش ئۇرۇنلىرى نىمە ئىش قىلدى ؟ چىرىكلەشتى ، پارا يىگەنلىكى ئۈچۈن تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى تەكشۈرمەي تۇرۇلۇپ يېزىلىپ تامغا بېسىلدى ، ئىش چۇڭايغاندا مۇشۇ پارازىتلار ئوت ئۈچۈرگەن قەھرىمانغا ئايلىنىپ ئاۋام خەلق رەخمەت ئېيتىشتى .

ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرۋاتقان كۈمۈر كان ۋەقەلىرى ، ساختا دۇرا ۋەقەسى ، يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش پەقەت بىر نەرسىنى چۈشەندۈرۈلەيدۇ ، باشقۇرۇش قالايمىقان ، نازارەت قىلىش يىتەرلىك ئەمەس . سەۋەبى فونكىسيىلىك تارماقلار چىرىكلەشكەن ھېچ بولمىسا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغان . خادىملاردا كەسپىي ئەخلاق ئېڭى تۈۋەن ، قانۇننى كۆزگە ئىلمايدۇ ، چۈنكى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ چىرىكلىشىشى بۇنىڭغا سەۋەب بولغان . ئالدىنقى قېتىم مالايسىنىڭ بىر مىنىستىرى قىلچە تەپ تارتماستىن جوڭگو شەرىقنىڭ تارىخىدا مىسلىسىز زور مەدنيەت ياراتتى ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چىرىكلىكنىمۇ ياراتتى دىدى ، فىرانسىيە ئەلچىسى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ جوڭگولۇقلار مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بىر كىچىدە بېيىغان ، ساپاسى يوق ، بىز جوڭگولۇقلار بىلەن سودا قىلساقمۇ ئۇلارنى ئۆيىمىزگە تاماققا تەكلىپ قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس دىدى . چىرىكلىك دۆلەتنىڭ شان -شۆھرىتگە تەسىر يەتكۈزدى ، چىرىكلىك دۆلەتنىڭ ئابرويىنى تۆكتى. خېمىيىلىك ماتىرياللارنىڭ يىمەكلىك ، دۇرا ، بىناكارلىق قاتارلىق ساھەرلەردە نۇرمىدىن ئارتۇق ئىشلىتىلىشى ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى بىلەن جوڭگولۇقلار ھەر كۈنى يىمەكلىككە قۇشۇپ زەھەر يەۋاتىدۇ .قانۇنسىز چىرىك ئۇنسۇلار شەخسى مەنپەتى ئۈچۈن خەلىقنىڭ كۈنى "يىگىنى زەھەر ئىچكىنى نىجاسەت " بوپ قېلىۋاتىدۇ . يېقىندا يەكەن ناھىيىسىدە ئىككى ئادەم ساختا دۇرىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلدى ، ناۋادا مۇشۇ ئىش كورىيىدە ، ياپۇنيىدە يۈز بىرىپ قالغان بولسا چۇقۇم سەھيىگە مۇناسىۋەتلىك باش مىنىستىر خەلىقتىن ئەپۇ سۇرايىتتى ياكى ئىستىپا بىرەتتى بىراق يەكەندىكى بۇ ئىش بىرەر مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارنىڭ ئىككى سائەتلىك ئۇيقۇسىغىمۇ تەسىر قىلمايدۇ ، چۈنكى ئارقا تىرەككە ئىشنىدۇ ، بەرگەن پارىسى بۇ پارازىتلارنى مۇشۇنداق ھاللىق خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلغان .

چىرىكلىك جوڭگودا ئۇزۇن تارىخ ۋە ئىجتىماھىلىققا ئىگە ، بىر نەچچە ئادەمنىڭ تەنقىت قىلىشى قارشى تۇرۇشى بىلەن چىرىكلىكنىڭ بىر تال مويى تەۋرىمەيدۇ . بىراق ھەر بىر ۋىجدانلىق جوڭگولۇق شۇنى ئىسىدە تۇتۇشى كىرەككى دۈلەت قودرەت تېپىشى ئۈچۈن چىرىكلىك تازىلانمىسا قۇدرەت تېپىش ئەمەس دۆلەت مۇنقەرىز بولىدۇ ، خەلق گۇيا بىر دېڭىزغا ئوخشاش قولۋاقنى لەيلىتىپ تۇرالايدۇ شۇنداقلا دۇم كۆمتۈرەلەيدۇ ، خەلق لەيلىتىپ تۇرۋاتقان ھەربىر ئەمەلدار ، ھەر بىر ھۆكۈمەت خادىمى بۇنى ئىسىدە چىڭ تۇتۇشى كىرەك .

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 09:51:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-17 09:54  

ئۆتمۈشۈم،كەلگۈسۈم ۋە كومپيۇتېر

مەنبەسى: https://qutbilik.wordpress.com/author/qutbilik/

ئىلاۋە: يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىكى تېما ئاستىدا مەزكۇر يازما بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ياخشى ئىنكاسلار بار ئىكەن.  مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئاشۇ ئىنكاسلارنىمۇ بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.  

يول مېڭىشنى سورىساڭ پىشقان قەدەمدىن سورىغىن ،
بىلىم ئېلىشنى سورىساڭ  پىشقەدەمدىن سورىغىن .

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرئەھلى، مەن شىنجاڭ پىداگوگىكائونۋېرسىتىتىنىڭ  ئوقۇغۇچىسى قۇتبىلىك بولىمەن،  كەسپىم كومپيوتېر 2005- يىلى بۇمەكتەپكە قۇبۇل  قىىلنغاندىن باشلاپ بۇكەسىپ بۇكومپيوتېردۇنياسىغا شۇنداق شۇڭغۇدىمكى ئەيھانناس بۇدۇنيادا يەنەبىر ، يەنەبىر كەسىپكە بۇنداق كۆيمەستىم .مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 2يىل ئۆتۈپ كەتتى ،مەن دەسلەپ كەلگەندىكى QQ نى ئاچالمايدىغان سەۋيەدىن بۈگۈنكى توردا بىمالال مەشۇلات قىلالايدىغان ،كومپيوتېربۇزۇلسا ئوڭشىيالايدىغان ،ھەرخىل سىستىمىلارنى يۇمشاق دىتللارنى بىراۋنىڭ ياردىمىسىز توردىن ئىزدەپ تاپالايدىغان ھەم چۈشۈرۈپ قاچىليالايدىغان ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇم ،تۇنجى يىلى كازىۋەنگە كەلگەندىن تارتىپ باشلانغان بۇئىشتىياق مىنى ھەرقىسمەتلەرنى كۆرۈشكە مەجبۇرقىلدى ،باۋيې(包夜) دىگەن بۇنەرسىنى قانداق ئۆگەنگنلىكىمنى بىلمەيمەن ،شۇنەرسىنى ئۈگەندىمما بولدى مەن كومپيوتېرغا مەستانە بوپ قالدىم. كومپيوتېرمىنى ئۆزىگە شۇنداق مەپتۇن قىلدىكى نە تاماق، نەدەرىس ،نە بۇئۈستى بېشىم …ھەمىسىنى ئۇنتۇدۇم ،ھەپتىدە ئازبولغاندا 3قېتىم باۋيې(包夜) قىلىش ماڭا ئۇدۇم بولدى .كىچىسى ھۇقۇش بوپ ئۇخلىماي چىقتىم ،كۈندۈزى كالا بوپ ئويغانماي چىقتىم ،كۈنلەر مانا مۇشۇنداق ئايدا كەلگەن 400كوي يا تاماققا يا باۋيې(包夜) گە يەتمەي بۇكۈنلەر ئۆتۈپ كىتىۋەردى, مىنىڭ بۇكومپيوتېرغا بولغان قىزقىشىم، بۇمەستانىلىقىم ھىچ ئاجىزلىشىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ،مىنىڭ كۆيگىنىم ناخشا ئەمەس ،ئويۇن ئەمەس ،كىنومۇ ئەمەس ،چ چ دا پاراڭلىشىشمۇ ئەمەس پەقەت توردىن يۇمشاق دىتال چۈشۈرۈپ ئۇنى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ  نىمگە ئىشلەيدىغانلىقىنى ،نىمىنى كىرگۈزۈپ نىمنى چىقرىدىغانلىقىنى  كۆرۈش ئىدى ،بۇ بەيدۇ تۇرىدىكى مەزمۇنلار تۈگەيدىغاندەك ئەمەس .ئىزدە ئىزدە ..يەنە ئىزدە ….توختىماي ئىزدەش توختىماي باۋيې(包夜) قىلىش ئۇدا داۋاملاشتى …..1ئاي ئەمەس 2ئاي ئەمەس 1يىل داۋاملاشتى ..ساق بىريىل ..نىمەئىش بولغىنىنى بەلكىم پەرەز قىلىپ بولغان بۇلشىڭىز مومكىن بىريىل ئۇدا كومپيوتېرخانىدىن چىقماي كۈن بويى باۋيې(包夜) قىلغان كىشىنىڭ ئۈگۈنۈش ئەھۋالى يەنە نىمە بولماقچى …..ئەتە سەۋىيە سىناش ئىنتاھانى ئالىدۇ دىسمۇ تاس قالدى يەنە باۋيې قىلغىلى ….شۇنداق قىلىپ مىنىڭ 1يىللىق جاپالىق ھالدا تىرشىپ باۋيې قىلىشلىرىم مىنىڭ سىنىپ قېلشىم بىلەن ئاخىرلاشتى .مەن لىيۇجى (留级) قالدىم …..مەن بىلەن بىللە كەلگەن دوست بۇرادەر ساۋاقداشلىرىم ھەممىسى خۇشال ھالدا مەركىزى ئوقۇتۇش رايونىغا(本部) كەتتى ،بىچارە مەن كازىۋەندە يالغۇز قالدىم ..ئاھ بۇقايتا ئوقۇش تۇنۇمايدىغان ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بالىلار بىلەن بىللە ئوقۇش …مىنى كۈتمەكتە ..توختا توختا ئىش بۇلارلام ئەمەس بۇئىشلارنى ئاتا ئانامغا نىمە دەپ چۈشەندۈرۈش بىر يىل ئارتۇق ئوقۇش 5يىللىق ئالىي مەكتەپنى 6يىلدا تاماملاش ..بەزىلەر تىياۋجى(跳级) قىلىپ 5يىللىق ئوقۇشنى 4يىلغا چۈشەرسە مەن ئارقىغا تىياۋجى(跳级) قىلىپ 6يىلدا تاماملايدىغان بولدۇم …كومپيوتېرنىمە؟ تورنىمە ؟بەيدۇ نىمە ؟بۇ رىيانلىقتىكى سىنىپ قېلىش  (留级) قېلىش نىمە ؟مەن ئېغىرئويلاندىم ،مەن بۇبىر يىلدا نىملەرنى قانچىلىك بىرنىملەرنى ئۆگەندىم ؟يەنە نىملەرنى يوقاتتىم ؟مىنىڭ يوقاتقىنىم بىريىللىق ئۆمرۈم ،بىريىللىق ئوقۇش ،خىراجەت ھەققى ،يەنەنۇرغۇنلىغان ئىنچىكە ساۋاقداشلىق مىھرى ….نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە ھىسياتقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئىشلار ……ئىرىشكىنىم كومپيوتېردۇنياسىدىكى نۇرغۇن مەۋھۇملۇقلار..ئېلىپ چىقىپ بىركىمگە مانا مىنىڭ ئۆگەنگەن نەرسەم دەپ كۆرسەتكىلى بولمايدىغان مەۋھۇملۇقلار ….  مىنىڭ كازىۋەندىكى ئازاپىق بىر يىلىم  شۇنداق قىلىپ باشلاندى ئەمما بۇئىشلارنى ئاتا ئانامغا دىمەسلىك قارارىغا كەلدىم ..ھەم دىمىدىم ،ئاتا ئانام بالام hskئىنتاھاندىن ئۆتتىڭمۇ دەپ سورىغاندا بۇئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئاتا ئانامغا يالغان سۆزلىدىم ،مەن ھەئە ئانا مەن ئۆتۈپتىمەن دىدىم ..شۇچاغدىكى ئاشۇ بىر ئېغىز ھە دىگەن گىپىم ئۈچۈن مەن ھازىرغىچە ئازاپلىنىمەن. نىمىشقا دەمسىز؟ شۇنچە يىل ئاتا ئانامغا يالغان سۆزلىمەي ئالىي مەكەپكە چىقىپ ئالىي بىلىم يۇرتىدا تۇرۇپ ئاتا-ئانامغا يالغان سۆزلىدىم …شۇنچە مىھىر بىرىپ باققان ئانامغا يالغان سۆزلەشكە نىمە ھەققىم بارمىنىڭ؟  …شۇئازاپ شۇ ھىسياتلار ئىچىدە مىنىڭ 2-يىللىق خەنزۇتىلى ئۆگنىشىم باشلاندى .بىرىنجى مەۋسۇم كازىۋەندە قالسام بولمايدىغانلىقى ئېنىق بولمىسا باشقا مەكتەپتىكى دوستلىرىم ،ساۋاقداشلىرىم ئېنىقلام بىلىپ قالدۇ .ئۇلاربىلسە بۇگەپ ناھايىتى تىزلا يۇرتقا ئاندىن دوست يارەنلەر ئارقىلىق ئاتا ئانامنىڭ قۇلقىغا يېتىدۇ .بۇئىشلارنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن  مەن بېنبۇغا يېنىپ كەلدىم ،ئاغىناللىرىمنىڭ ياتىقىدا ياتتىم . بىرماۋسۇم ئۇرلۇپ سوقۇلۇپ بەزىدە بوش كاۋات بار بەزىدە يوق دىگەندەك بىردە كىيملىرىم بىلەن ياتسام بىردە دوستلىرىم بىلەن بىر گە يېتىپ دىگەندەك،كازىۋەن بىلەن بېنبۇ (本部) ئوتتۇرسىدا قاتناپ يۈرۈپ  بىرماۋسۇمنى تۈگەتتىم. بۇخىل ئىككى مەكتەپ ئارسىدا پالاقشىپ قاتناپ ئوقۇغان ، خاتىرجەم تۇراي دىسە ياتىقى يوق ئادەمنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى قانداق بولماقچى ئىدى ،بىرىنچى مەۋسۇم مانا مۇشۇنداق دەرىسلەردە نەتىجىسز ئۆتۈپ كەتتى ،بىرماۋسۇم شۇنداق خارلىق، زارلىق، موھتاجلىق، ھەرخىل ھىسيات توقۇنۇشلىرى ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى .مەن ئاشۇ كۈنلەرنى كۆرۋاتقان ھەربىر ۋقتىمدا ئۆزۈمدىن سورايتىم ،مەن نىمىشقا مۇشۇكۈنگە قالدىم؟نىمىشقا ھەتتا ئاتا ئانامغىمۇ يۈرەكلىك تېلفۇنمۇ قىلالمايدىغان بوپ قالدىم …جاۋابى ئەشۇ كومپوتېر ئەشۇ باۋيې(包夜) ئەشۇ دەھشەت قىزقىشلار ئىدى ……
2-ماۋسۇم ئاتا ئانام ۋە باشقا مەكتەپلەردىكى دوست يارەنلىرىمنىڭ ھىچ قايسىسى بىلمىدى ،شۇنىڭ بىلەن مەن كازىۋەنگە بېرىپ ھىچ يەرگە بارماي ئۆگۈنۈش قارارىغا كەلدم ،5ئاينىڭ 21گىچەتورخانىغا(网吧) دەسسىمەسلىكە قەسەم قىلدىم .ئادەم بۇدۇنيادا قىلمەن دىسە قىلالمايدىغان ئىشى يوق .مەن شۇنچە ياخشى كۆردىغان كومپيوتېرنى ئاشۇ تور ئاشۇ توردىن چۈشىۋاتقان دىتالارنى ئۇنتۇپ دەرىسكە كىرشىپ كەتتىم ،ماڭا بۇ مەن شۇنچىلىك ئامراق بولغان شۇنچە مەستانە بولغان كومپيوتېردىن ئايرىلىش شۇنچە تەس كەلسىمۇ مەن كۆتۈمنى غىت قىسىپ ئولتۇرۇپ خەنزۇتىلى ئۆگەندىم …ئىنتاھان كەلدى… يۈرەك دىگەن سۇ …..ناۋادا يەنە ئۈتەلمىسەمچۇ ؟؟؟  ئاھ خۇدا ئۆزۈڭگە ئامانەت ..نەتىجىمۇ چىقتى .مۇئەلىم نەتىجىنى ئوقۇماقتا ..8دەرجە بولغانلار ..7دەرجە بولغانلار ..ئىسمىم يوق ئاھ خۇدا نىمە كۆرگۈلۈك بۇ ..6دەرجە بولغانلار ..يوق يوق ..ئەڭ ئاخىردا xxxxxx ….ئاھ خۇدا مەن ئۆتۈپتىمەن ..مەن ئۆتتۈم …سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا قاراشماقتا ،ھەممىسى مەن ئۈچۈن خۇشال بولماقتا ئىدى …مەكتەپ ئىچى بىنا ئالدى ئالدىنقى يىلى ماڭا سىنىپ مەسئۇلى  (班主任) بولغان مۇئەللىم :xxxxx ئۆتۈپسەنما ..؟؟؟
ھە مۇئەللىم …..
.ھە ئەمدى كەسىپنى تىتىۋىتىسەنغۇ ؟ياخشى ئوقۇغىن ؟مەنچە سەن ئەمدى كەسىپنىڭ ئالدى بوپ ئوقايسەن .ھاراسىت مىنىڭ كومپيوتېرىمدىكى سىستىمىدىن چاتاق چىققان ۋاقىت چىقرىپ ئوڭشاپ بەرگەن بولساڭ ؟؟؟……
مانا بۇمىنىڭ تۇنجى كومپيوتېر بىلگىنىم ئۈچۈن ئىرىشكەن خۇشاللىقىم ..مىنىڭ مۇئەللىم مىنى ئۆزىنىڭ كومپيوتېرنى ئوڭشاپ بىرىشكە تەكلىپ قىلماقتا ..بىر ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلماقتا …..مانا بۇ بىلىمنىڭ ھۆرمتى ،شۇنداقلا ئىززىتى ئىدى …مەن شۇندىلا تېخىمۇ تىرشىشىم لازىم ئىكەنلىكىمنى بوپمۇ بۇبىريىلنى تولۇقلاش ئۈچۈن تىرشىشىم لازىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم .مەن ھازىر 2006يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەمما مەن 2006يىللىتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەس، 2005-يىلىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئەمەس، 2004-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزۈمگە رىقابەتچى قىلىپ تالىشىم كىرەك ….
شۇنداق قىلىپ مەن يەنە بىر قېتىم كومپيوتېرغا ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆردىغان بۇ ھارامزادىگە يېقىنلاشتىم .ھەم شۇنداق تىرىشتىم ئاساسىي بىلىمدىن تارتىپ سىستىما قاچىلاش ،سىستىمىنى بۇزۇش ،تىزىملاش جەدىۋىلنى پىششىق ئىگەللەش ،ھەرخىل خەنزۇچە ئېنگىلىزچە دىتاللارنى توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش ئۇلارنى يەنە قايتا ئوراپ قاچىلاش پىرگىراممىسى تۈزۈش ،ئاپتوماتىك قاچىلىندىغان ئوپتېك دېسكا ياساش ،Ghost xpتەخسىسى ياساش ،xpتوپلاشتۇرما دېسكىسى ياساش ،قوزغاتقۇچ دېسكا ياساش ،ئۈن سىن يۇمشاق دىتاللىرىدىن پايدىلنىپ ئېلىكتىرونلۇق ئالبوم ياساش قاتارلىق نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆزلىكىمدىن كېچى كىچلەپ باۋيې(包夜) قىلىپ دىگەندەك ئۆگەندىم .بىركىچە باۋيې قىلسام زادى ئۇيقۇم كەلمەيتى ،ئاشۇ ئانام بىلەن دادامنى ئالدىغانلىقىمنى ،بىريىل قايتا ئوقۇغانلىقىمنى ،خەقنىڭ مەندىن ئېشىپ كىتۋاتقىنىنى ئويلىسام زادى ئۇيقۇم كەلمەيتى ،ھامىنى بىر ئۆلۈم ئۆلۈپ كىتىدىغان جانغا نىمىشقا ئۇخلايتتىم ھېلىمۇ يىتە ئۇخلىغىنىم دپ ئويلايتىم …ئۆزۈمگە ئۆزۈمنىڭ بەك ئاچىچىغى بارئىدى شۇڭا ئامال بار كومپيوتېركىتاپنى يېنىمدىن ئايرىمايتىم ،(گەرچە خەنزۇتىلى سەۋيەم يىتىشمەي لىيۇجى(留级) قالغان بولساممۇ ئەمما كومپيوتېرغا ئائىت مەزمۇنلارنى تۇلۇق ئوقۇپ چۈشنەلەيتم )ئەنە شۇنداق ئۆگۈنۈشلەر داۋاملاشماقتا ،تور قۇرۇش ،كومپيوتېرلانى ئۆزئارا تورلاشتۇرۇش ،توربەت ياساش ،بۇنەرسىلەرنىمۇ خېلى بىريەرگە ئاپپاردىم ،تېخى دۆۋلەتلىك 1-دەرجە ئىنتىھانىغا قاتنىشىپ دۆۋلەتلىك بىرىنجى دەرىجە كىنىشكىنىمۇ ئالدىم ،خۇشالىقلار ئەمدى ماڭا ياربولماقتا ،ئاينىڭ 15قاراڭغۇ 15يۇرۇق ،يامغۇردىن كىيىن كۈننىڭ چىقىشى تەبىي ،مىنىڭ باھارىم يىتىپ كەلگەن ئىدى ،مەن يازلىق تەتىلدەكومپيوتېرنىڭ  ئالدىدا كۈنىگە 15سائەتتەك ئولتۇردۇم ،ۋاقىت ماڭا ناھايىتى جىددىي ئىدى 45كۈنلۈك بۇتەتىل مەن ئۈچۈن ئالتۇنغا تىگۈشكۈسىز ئىدى .شۇڭا كىچە سائەت بەشكىچە كومپيوتېرئۈگۈنۈپ ئاتتىگەن سائەت ئونلاردا ئورنۇمدىن تۇرۇپ دىگەندەك ئۈگەندىم ..ئاتا-ئانام بىچارىلەر ئۇخلا بالام ئۇخلىۋال دەپ قاخشايتى مەن بولسام مانا ھازىر ،مانا ھازىر دپ تاڭ ئاتىۇزىۋىتەتتىم ،ھەرقېتىم ئۇخلىۋال بالام دىگەن گەپنى ئاڭلىغاندا ئىچىمدىن ئازاپلىنىپ كىتەتتىم .ياق مەن ئۇخلىمايمەن …ئانا دادا ئەگەر سىلەر ئوغلۇڭلارنىڭ بۇكۆرگەن كۈنلىرىنى بىلسەڭلەر ئىدى ئاندىن مىنىڭ نىمىشقا ئۇخلىماي شۇنچە ئۆگىنىدىغانلىقىمنىڭ سەۋبىنى چۈشنۈپ يەتكەن بولاتتىڭلار …خەيرىيەت .يېپىق قازان يېپىق بويىنچە قېلىۋەرسۇن ،ئاتا ئانامغا نىمە دەپ دەيمەن ،مىنڭ نىمە يۈزۈم بار شۇگەپلەرنى دەيدىغانغا …ئەگەر .ئۇلارمىنىڭ 1يىلنىڭ ياغى ئۇلارنى ئالداپ كەلگەنلىكىمنى بىلسە نىمە بوپ كىتەر .ۋاي داشۆگە ئۆتكەن ئوغلىمىز دەپ چوڭ بىلگەن ئوغلىنىڭ مۇشۇ ئەھۋامىنى بىلسە نىمە بوپ كىتەر …..مەن زادىلا بىلەلمىدىم ..قانداق قىلىشنى زادىلابىلەلمىدىم …..؟؟؟؟؟؟
خۇدانىڭ رەھمىتىدە مىىنىڭ داشۆھاياتىمنىڭ 3يىلى باشلاندى …يېپىق قازان يېپىق …
مەن سىنىپقا شۇنداق تەستە كىردىم ،سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ كۆپچىلكى مىنى بىلدىغان بولۇپ مىنىڭ قايتا بىر يىل ئوقۇغانلىقىمنى ،مىنىڭ كومپيوتېردا خېلى بىرنىملەرنى بىلدىغانلىقىمنى بىلەتتى  ،كىيىن مەن سىنىپ باشلىقى بولدۇم ،ھەممە ئىشلا بىرقاتالىقچە ئىزىغا چۈشكەن ئىدى .ئەمدى خاتىرجەم ئوقۇيدىغان ،تىرشىدىغان پەيىت يىتىپ كەلگەندى …مەن تېرشىۋاتىمەن …مەن بىلىك تورىدىن ئەركىن سىدىق ،پەخىردىن قارلۇق ،قۇدىرەت ياقۇپ قاتارلىق پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ  ئىش ئىزلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن تېخىمۇ غەيرەتكە ،تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىرادىگە كەلدىم …بولۇپمۇ پەخىردىن قارلۇقنىڭ ئۇيغۇركومپيوتېرئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىرلىشىش ،ئۆملىشىش ،بىرلىكتە ئىشلەش كىرەك دىگەن شۇئارىنى كۆرگەندىن كىيىن بىزنىڭ مەيلى تارىخ جەھەتتە بولسۇن ،مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن ،ئىقتىساد ۋەياكى سىياسى جەھەتتە بولسۇن چىقىش يولىمىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت كومپيوتېردا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم .بىلىم ماكانى بولغان بۇبىلىك تورى مىنىڭ كەلگۈسىمنىڭ بىرقىسمىنى ياراتتى .مەن ھازىر كۈندە سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىلىك تورىنى ئاچىدىغان، يېڭى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن يۈزۈمنى يۇيۇپ ناشتىغا ماڭىدىغان بولدۇم .مەن خۇددى بۇتوردىن ئاتا-ئانامغا نىمە دىسەم بولدىغانلىقى چىقىدىغاندەكلا ھىس قىلمەن ،چۈنكى مەن ئىشىنىمەن بۇيەردىكى مىللەتپەرۋەرلىك ،كىلەچەك ،ئانام ئۈگەتمىگەن دادام ئۈگەتمىگەن ،مۇئەللىملىرىممۇ ئۈگەتمىگەن ئۈگۈتۈشكە ئامالسىزقالغان ئاشۇ بىلىملەرنىڭ مۇشۇ ئورۇندىن چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ..مەن كەلگۈسنى قانداق بەلگىلەيمەن ،مەن يەنە نىملەرنى ئۆگىنىمەن ،مەن ھازىر كىم ،بۇرۇن كىم ئىدىم كىمنىڭ ئەۋلادى ئىدىم ،بۇندىن كىيىن كىم بولىمەن كىمنىڭ ئەۋلادى بولىمەن ،مەن بىرلىشىنى نەدىن باشلايمەن (قۇت بىلىك دەپ كومپيوتېرخىزمەت گۇرپىسى قۇرغان ‹بىرلىكتە ئۆگىندىغان ،ئۆگىتىدىغان ھەقسىزمۇلازىمەت قىلدىغان › بىرئايغا بارماي پارچىلنىپ كەتتى ،بەلكىم ياخشى باشلىيالمىغاندىمەن )،كىملەر بىلەن بىرلىشىمەن (مەن بىرلەشكەنلەر كومپيوتېركەسپىدىكى سىنىپنىڭ ئالدى باللىلار ئىدى‹يەنىللا پارچىلنىپ كەتتۇق ،بەلكىم ئوبكىتنى توغرا تاللىمىغان ئوخشايمەن›)،يەنە نىملەرنى ئۆگىنىمەن ،كىملەرگە ئۆگتىمەن (ھازىرچە سىنىپتىكى يېڭى ئۈگەنگۈچى ساۋاقداشلىرىمغا كومپيوتېردىن ئاساس قىسمىنى ھەقسىز ئۆتۈپ بېرۋاتىمەن)،قانداق ئۆگىنىمەن ،قانداق ئۆگىتىمەن ،ئانام ئۈگەتكەن دادام ئۈگەتكەن ئاشۇ ئىسىل خىسلەتلەرنى قانداق قىلىپ ئەجداتتىن ئەۋلاتقا ئۇلايمەن ،قانداق قىلسام ئانامغا دادامغا يۈزكىلەلەيدىغان بولىمەن ؟مانا  بۇ مەن ئىزدىگەن بىلىكتىن تېپىلدىغان بىلىملەر …..
دىن ،مىللەت ،دۆۋلەت ،ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە مىنى ۋە مەندك نۇرغۇن سىتودىنىتلارنى بۇجەميەتتە ئۆزىنى ئىپادە قىلىشنى كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلماقتا ،مىللەتلەر كەلكۈنسىمان قۇشۇلۋاتقان ،خەنزۇلار مەدەنىيتى ئۆزلىگىدىن غەرىپ مەدەنىيتىگە ئاسىسىمالىتسىيە بولۋاتقان ،ئۇيغۇرلار مەدەنىيتى خەنزۇلار مەدەنىيتى ۋە غەرىپ مەدەنىيتىگە ئاسسىمالتسىيە بوپ كىتۋاتقان بۈگۈنكى بۇدۇنيادا مەن يەنىللا ئانامنىڭ ئوغلى بولالامدىم ،مەن نىمىشلارنى قىلسام قىلسام قايسى يولدا ماڭسام ئانام مەندىن رازى بوپ بالام جاپا چەكتىڭ تېرىشقىن تاللىغان يولىڭدىن ۋازكەچمەي داۋاملاشتۇرغىن‹يولۋاس ئىزدىن ،يىگىت سۆزدىن يانماس › دەيدىغان بولىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟
جاۋاپ بەر بىلىك ھەممىسىگە جاۋاپ سەندىن چىقدۇ …جاۋاپ بەر ماڭا ۋە مەندەكلەرگە يول كۆرسەتكىن ……مەندەك ئازغانلارغا يول كۆرسەتكىن ئەمدى ئازمىسۇن …بۇدۇ ئازسا گۇناھ سەندە ….چۈنكى سەن ھازىر مىللەتنى يىتەكلەۋاتىسەن ….
2008-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 10:15:53

ئىلاۋە: يۇقىرىدىكى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان 3 پارچە ماقالە ياكى يازما ھازىر تور بەتلىرىدە يوق بولۇپ، بەزى ئوقۇرمەنلەر ئۇلارنى ئوقۇپ بېقىش ئارزۇسىنى ئىزھار قىلىپتۇ.  شۇڭلاشقا مەن ئۇلارنى تۆۋەندە ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويىمەن.  «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» دېگەن ماقالە مەن تەييارلىغان « ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مۇئەللىم بىلەن ياپوندا بىللە بولغان ۋاقىتلار» (http://bbs.izdinix.com/thread-60825-1-1.html) دېگەن ماقالىنىڭ ئاستىدا بار بولغاچقا، ئۇنى بۇ يەرگە قايتا چىقارمىدىم.
= ============================================ =

ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

بىز قەدىمكى يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىنكى كەنجى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆپ قىرلىق، كەسكىن رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى دۇنياغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىممىتى بىلەن راۋاجلان’ غان مىللەتلەر قاتارىدا گۈللەپ راۋاجلىنىش قىممىتى ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال (ئومۇملاشقان) ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان رىقابەت ئىقتىدارىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. ۋاھالەنكى، پۈتۈن ھاياتىي كۈچ ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىشىش، مۇجەسسەملىشىشىدىن تەشكىل تاپىدىغان بۇنداق ئۇنىۋېرسال رىقابەت قىممىتى ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن، ھەر بىر مىللەت ئۈچۈن، ھەر بىر مەملىكەت ئۈچۈنمۇ ئاساسلىق ھايات ۋە قابىلىيەت دەرىجىسىدۇر. ئادەمنىڭ ھاياتىي كۈچى، ئىممونىتېت ھالىتى، مىزاج-خىلىتلىرى ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا مۇجەسسەملىشىپ، بەدىنىنى ئوراپ تۇرغان نۇر چەمبىرىكى --«ئائۇرا» جىلۋىلىنىدۇ. بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆتمۈش تارىخى ئەمەس، ھازىرقى ئائىلە-جەم’ ئىيەت-مىللەت ئەھۋالى، مەنىۋىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، ئىقتىدار ھالىتى ئۇنىڭ ھاياتىي سۈپەت ئىقتىدارىنى، رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئىجادىيەت كۈچلىرىنى – قىسقىسى، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارىغا مەركەزلىشىشىدىكى سەۋەب شۇكى، يەر يۈزىدىكى نەچچە مىڭلىغان مىللەتنى، تارىختا نامى ئۆچكەن ياكى ھاياتىي ئىقتىدارىنى نامايەندە قىلغان مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئۆلچەيدىغان، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە «پال» ئاچىدىغان بىرلا مىزان بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدۇر.

ئېيتىش كېرەككى، ھەر بىر ئادەمنىڭ مەيلى ئۇ تۇغما قابىل ياكى ساھىبجامال بولسۇن، مەيلى ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىئون ياكى جامائەت ئەربابى بولسۇن، مەيلى ئۇ ئىقتىساد ياكى ئىلىم-پەن، سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسۇن، ئۇنىڭ كامالەت ياكى مەئىشەت دەرىجىسى، شەخسىي ئىززىتى ۋە رىقابەت كۈچى، بەختى ۋە تەقدىر-قىسمەتلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ شەخسىي ئىرادىسى ياكى مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ھالقىپ-قاڭقىپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان، ئۇ تەۋە ئېتنىك تۈركۈمنىڭ ئومۇمىي ھالەت چەمبىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مانا بۇ شەخس رەقدىرىنىڭ مىللەت ھالىتىگە بېقىنىش قانۇنىدۇر.

ھازىرقى دۇنيا مىللەتلىرىنى ئۇلارنىڭ مەلەكە-كامالەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۇمكىن. ئۇلار: «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»، «ئىجتىمائىي مىللەت» ۋە «سىياسىي مىللەت»تىن ئىبارەت.

«ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» دېگەندە، ئومۇمەن مىللەتشۇناسلىق شەرتلىرى بويىچە ئۆلچىگەندە، مىللەتلىك شەرتلىرى تولغان مىللەتنى نەزەردە تۇتىمىز. ئۇيغۇرلار ئۆز تىل-يېزىقى، تارىخى، فولكلور بايلىقى، مائارىپ سىستېمىسى، مۇقام-مەشرەپ خەزىنىسى، كىلاسسىك ۋە يېڭى زامان ئەدەبىياتى، توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يېتىم يوسۇنلىرى، مىللىي مەدەنىيەت ئىرسىيىتى بولغان تىپىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتلىكى سۆزسىز. ئۇلاردىكى كۆپلىگەن ئىپتىخارلىق خاسىيەتلەر بىلەن بىرقاتار ئىللەتلەر، دەل مۇشۇ مۇقامغا يەتكەنلىك، ئەمما ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلمىگەنلىك بىلەن توغرا تاناسىپتۇر. كۆپ ھاللاردا ئۇلار مىللەتنىڭ ئىپتىخارى ۋە ئار-نومۇسىغا چېتىلىدىغان نەرسىلەرگە كۈچلۈك غەزەپ-نەپرەت ئىپادىلىسمۇ، ئۇنى ئاقىلانە تەھلىل قىلىش، راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشتە ئاجىزلىق قىلىدۇ. مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن ئۇلارنى بىر-بىرىگە ھەتتا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىگە قارشى سۆز-چۆچەككە سېلىش مۇمكىن. مانا بۇ گۇماندا بولۇپ، ئىشەنچتە بولماسلىق، غەزەبتە بولۇپ ئەقىلدە بولماسلىقتۇر.

«ئىجتىمائىي مىللەت» دېگەنلىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى «تەبىئىي مىللەت» دەپ قاراشقا سېلىشتۇرما قىلىنغان. ئېتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۆزىنىڭ بىر بالداق ئۈستۈنلۈكى بىلەن خاراكتېرلەنگەن مىللەتتۇر. ئەگەر بىز ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى ئومۇمىي تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللىي ھەمدەملىككە ئېرىشمىگەن مىللەت دەپ قارىساق، ئىجتىمائىي مىللەتنى بۇنداق ئاڭ، بۇنداق ھەمدەملىككە ئېرىشكەن مىللەت دېيىشىمىز مۇمكىن. ئىجتىمائىي مىللەتنى ئېتنولوگيىلىك مىللەتتىن ئۈستۈن قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭى، كۈچلۈك ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى، ئاڭلىق ئەن’ ئەنىۋىي مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە بۇ ئۈچىدىن مۇجەسسەم بولغان ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلۈكىدىن ئىبارەت. دەرۋەقە، ئىجتىمائىي مىللەتنىڭمۇ بىر قاتار خۇنۈكلۈكلىرى، زەئىپلىكلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئاللىقانداق ئۈستۈن بولىدۇ. ئۇلار بىكارتەلەپ لايغەزەللىك، تەلۋىلەرچە ھەشىمەتخورلۇق، مىللەتنىڭ ھەمدەملىكىدىن ئېشىپ چۈشكەن يۇرتۋازلىق، ئۆز مەنپەئىتى ياكى گۇرۇھ مەنپەئىتى ئۈچۈن مىللەت گەۋدىسىنى پېتىقلاپ دەپسەندە قىلىشتىن خېلىلا چەتلەشكەن. بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا خەيرخاھلىق-تىلەكداشلىق قىلىش ئۇلارنىڭ دائىمىي ئالامىتى.

«سىياسىي مىللەت» دېگەن ئىبارە مىللەتلەرنىڭ كامالەت دەرىجىسىنى، «ئىجتىمائىي مىللەت» كاتېگورىيىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولۇپ، ئادەتتىكى سىياسىي سەلتەنەت مەنىسىگە قارىتىمىغان. «سىياسىي مىللەت» ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى مىللىي-ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت، مىللىي ئاڭ ۋە بىرلىك ھەمدەملىككە، رىقابەت ۋە ئىجادىيەت ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ بىرقاتار ئۆزگىچە ئالامەتلىرى بىلەنمۇ كۆزگە تاشلىنىدۇ.

ئۇلار يالغۇز پەن-تېخنىكا، تاۋار ۋە سودىدا دۇنياۋىي تەسىر قوزغاپ قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇشنى تەشكىللەش، تۇرمۇش مەدەنىيىتى جەھەتتىنمۇ باشقا خەلقلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغان.

ئۇلار ئۆز مىللىي تۈركۈمىنى ئەۋزەللىك بىلەن گەۋدىلەندۈرۈپ قالماستىن، يەنە ئۆز-ئۆزىدىن ھالقىغان. ئۆز مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي مىللەت، «تەبىئىي مىللەت» چاغلىرىدىكى غەيرىي ئىنسانپەرۋەر، غەيرىي مەدەنىي ئىللەتلىرىنى ئاشكارا، سىستېمىلىق تەنقىد-مەسخىرە قىلىشقا تۇتۇن’ غان. بۇ ھەقتە ئەسەرلەر نەشر قىلغان، كىنو-فىلىملەر ئىشلىگەن؛

ئۇلار نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر ۋە ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتىدا، ئىنسانىيەت تارىخىنى كەلگۈسى كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىزدىنىشىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. توپلىشىپ ياشايدىغان ياپونلار بىلەن تارقىلىپ ياشاش ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارغا نەزەر سالساقلا كۇپايە. ياپونلار كىچىككىنە ئۈنۈمسىز، تاغلىق ئارالنى ماكان قىلغان، مەدەنىيەت تارىخىغا خېلىلا كېيىن قەدەم قويغان مىللەت. ئۇلاردىكى ياشاش رىقابەت كۈچى، تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللەتنىڭ قاتتىق ھەمدەملىكىگە شۇ قەدەر زىچ مەركەزلەشكەنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ۋە چەت ئەلدىكى ھەر بىر قەدىمى، ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەرىكىتىگە مىللىي نومۇس-ئىپتىخارىنى ئۆلچەم قىلغان. ئۇلار خەلق ئىگىلىكى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى يۇقىرى ئۈنۈمدارلىق مۇمكىنلىكى ئۈستىگە ئۇيۇشتۇرغان.

يەھۇدىيلارمۇ شۇنداق خەلق. ئۇلار تارىخىي ھادىسىلەر سەۋەبىدىن چەت ئەللەرگە چېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، نەدە تۇرمۇش پاراۋان بولسا شۇ يەرگە ئۆزىنى ئاتماي، يەنىلا كىچىككىنە بولسىمۇ، ئانا زېمىنى ئىسرائىلىيىگە تەخىرسىز توپلىنىپ، تېز ئارىدا كۈچلۈك رىقابەت قۇدرىتىگە ئېرىشتى.

ئەلۋەتتە، بىرىنچىدىن، ھازىرقى بۇ ئۈچ خىل مىللەت كاتېگورىيىسى تۇغما ياكى ئۆزگەرمەس قېلىپتا قۇيۇلغان ئەمەس. ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ يېتىلىش تارىخىدا بۇ پەللىلەرنى بېسىپ ئۆتۈشى ياكى چېكىنىپ تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدىكى يۇقىرى كاتېگورىيىدە تۇرغان مىللەتمۇ تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئاجىزلىقلار، بۆھران ۋە زىلزىلىدىن خالىي ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئالدىدىمۇ تېخىمۇ يۇقىرى كامالەتكە يۈزلىنىش مەسىلىسى مەۋجۇت.
مانا، ھازىرقى جاھان مىللەتلىرىنىڭ قول ئىلكىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، تۇرمۇش رىسقى، يۈز-ئابرۇيى، مەتبۇئات نوپۇزى، تونۇلۇش دەرىجىسى، تەسىر دائىرىسىنى بەلگىلەپ تۇرغان ئۈچ تامغا!

مانا ئەمدى ئۆزىمىزگە قايرىلىپ قاراپ باقايلىچۇ!

ئۇلۇغبېك پاجىئەسىدىن كېيىن ئەدىپ-شائىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆرۈنگەن ئالەمشۇمۇل ئالىملار چىقمىدى، مەنىۋىي مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسىي سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىنبىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل، دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى! بىز «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» كاتېگورىيىسىدىكى «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى»، «شېئىرىيەت مىللىتى» بولۇپ قېلىۋەردۇق. بوياقچىدىن ئارتۇقراق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇقراق فىزىكلىرىمىز بولمىدى
سەنئەتتە داڭق چىقارغان، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت-ماكانسىز جاھان كېزىپ، تىلەپ-تېرىپ ياشاشقا چۈشكەن لاماكانلىقى بىلەن، تارىخ بورانلىرىدا چېچىلىپ، جەڭ-جېدەللەردە قىرىلىپ ھالى قالمىغان يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن «ئالىملار مىللىتى»، قۇدرەتلىك، زامانىۋىي مىللەت كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمىدۇق.

«شېئىر مىللىتى» دېگەن نام بىلەن «تالانتلىق»، «ئاتاقلىق» ئىبارىئىرىگە مەست بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىمىز نېمىشقا مىللىتىمىزنى «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»تىن ھېچبولمىغاندا «ئىجتىمائىي مىللەت»لىك مۇقامىغا كۆتۈرمىگەنلىكىنى ئويلاپمۇ كۆردۇقمۇ؟

ھەممىگە مەلۇم، ئۇلۇغبېك پاجىئەسىدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ نوقۇل «كەتمەن بىلەن ھوسۇل»، «ناماز بىلەن غۇسۇل»، «دۇتار بىلەن ئۇسسۇل»دىن ئىبارەت بارى-يوقى ئۈچلا شادىلىق پىرقىرىما چاققا بەند بولغان مىللەت ئەمەس ئىدى.

قېنى ئويلاپ كۆرۈڭچۇ، بۈگۈنكى كۈندە مەنسەپ تاپسا ئۆيمۇ-ئۆي زىياپەت، پۇل تاپسا مەككە-مەدىنىگە زىيارەت، بۇ ئىككىسى بولمىغاندا كاللا-پاقالچاق، ئۆپكە-ھېسىپ چاغلىق تىجارەتتىن باشقىسىغا قۇربىتى يەتمىگەن خەلق يەنىلا كونا مۇقامغا يورغىلىسا، ئەسر ئالماشقان بىلەن ئۇنىڭ رىسقى نېسىۋىسى ئالمىشارمۇ؟!

يېقىنقى بەش ئەسر مابەينىدە «ئەۋلىيا چەتتىن، مۇرت بىزدىن» بولۇپ، ئىچكى نىزا ۋە تەپرىقىچىلىكتە ئېرىشكىنىمىز زادى نېمە بولدى؟
يېقىنقى بەش ئەسردىن بۇيان دىنىي مەزھەپچىلىك بىلەن مۇرت-مۇخلىسلىق پىرقىۋازلىقى، يۇرتۋازلىق-مەھەللىۋازلىق، موللام ياكى ئەپەندىلىرىمىزدىكى كىچىك گۇرۇھۋازلىق، ئەل غېمىنى مۇز دەرياغا پىرقىرىتىپ چۆرۈۋەتكەن مەنسەپ-بالداق ھېرىسمەنلىكى، تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقىنىڭ تەلۋە دەبدەبىلىرى بىلەن دەل-دەرەخسىز جەزىرىدىكى قۇيۇنتازدەك مەسئۇلىيەتسىز پىتنە-ئىغۋا تۆھمەتخورلۇقى قاتارلىق ئالتە زەھەر تۈپەيلىدىن «ئوغۇز سۈتىدەك ئۇيىماق» دېگەن مەنىدىكى «ئۇيغۇرلار» ئۇيۇشۇش كۈچىنى «ئېچىغان سۈت»كە ئايلاندۇرۇپ قويدى. نەتىجىدە «ئىسمىمىز ئۇيغۇر، ئىشىمىز ئۇرغۇي» بولۇپ چىقتى.
گەرچە تارىخىمىزنىڭ ئىپتىخارلىق سەھىپىلىرى بىر-بىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلەنسىمۇ، ئەمما بىر قەدەر كۈچلۈك ئۇيۇشقاقلىق ئۇلىدا جىلۋىلەنگەنىدى. ئۇيغۇرلار دىغار، ھون، تېلې قەبىلىلىرى بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنى بىرلەشتۈرۈپ جۇجان ۋە كۆكتۈرك خانلىقىنى غۇلىتىپ، تاڭ سۇلالىسى سەلتەنىتىنى ئۆڭلۈك-سۈيگۈن قوشۇنلىرى بىلەن تۈبۈتلەرنىڭ تالاڭ قىلغۇچ مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، يىپەك يولىنى نەچچە قېتىم ئۈزۈپ قويغان كۈچلەرنى تازىلاپ، سامانىيلارنى مۇنقەرز قىلىپ، ئۆز تەسىرىنى ئەرەب خەلىپىلىكىگىچە كېڭەيتىپ، ئۆز تىلىنى ئىمپىرىيە تىلى—ئەرەب تىلى بىلەن «بەيگىدىكى ئاتتەك» مەرتىۋىگە كۆتۈرۈپ، ئىچكى ئۇيۇشۇش ۋە سىرتقا قارىتا بىرلىك-ھەمدەملىكنىڭ شاراپىتىنى نامايىش قىلغانىدى. ۋاھالەنكى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننى چېكىندۈرگەن، چىڭگىزخان سەلتەنىتىگە مەنىۋىي ئوزۇق بېغىشلىغان بۇ خەلق كېيىنچە، ئەھمەتشاھ قاراقاشى غەزىلىدىكى «ئات» ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى!

بىلىشىمىز كېرەككى، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا بىزگە ئەقىل-ئىدراكىمىزدىن باشقا ھېچقانداق خىزىر رەھنەما ئەمەس!
(«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» گېزىتىدىن ئېلىندى)

qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 10:53:43

ئەركىن ئاكا بولسا 2010يىلدىن بۇرۇن يازغان مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ،چۈنكى 2009-دىكى
ۋەقەدىن كىيىن سىزنىڭ بۇرۇن يوللىغان تىمىلىرڭىزنى يۇيۇلۇپ كەتكەن.
ئاكا بولسا پۇرسەت چىقسا يۇرتقا بىر كىلىپ كىتىڭ.سىز بۇيىل نەچچە ياش،ئارامغا قاچان چىقىسىز؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 11:12:28

qarayuz يوللىغان ۋاقتى  2015-2-17 10:53 static/image/common/back.gif
ئەركىن ئاكا بولسا 2010يىلدىن بۇرۇن يازغان مۇشۇنداق تىمى ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئۇكام!

مەن يۇرتقا بېرىشقا ناھايىتى تەقەززا بولىۋاتقان بولۇپ، يولۇم ئېچىلغان ھامان چوقۇم بارىمەن.  مەن ھازىر 56 ياش.  بىزنىڭ ئىدارىدە پىنسىيەگە چىقىش يېشى يوق.  قاچانغىچە ئىشلىسەم بولىۋېرىدۇ.  ئاللاھ خالىسا مەن 65 ياشقا كىرگىچە ئىشلىشىم مۇمكىن.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 14:05:10

ئۇلۇغ ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن !
بەت: [1] 2
: بىلىمخۇمار: تېز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارى