irpan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 07:46:57

ئىلىم، ئۇستاز ۋە شاگىرت

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

 1. ئىلىم

  ئىلىم - بۇ ئالەمدىكى بىرىنچى قۇۋۋەت مەنبەسى. ئىنسانلارنىڭ ئەقلى مۇشۇ قۇۋۋەت مەنبەسىگە ئۇلانغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ دىل چىرىغى يورۇغان. شۇندىن كېيىن، ئۇلار مەخلۇقاتلار سېپىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى تونۇشقا، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان بۇ ئالەمنى بىلىشكە باشلىغان. ھازىر ئىلىم ئىنسانلارنى مۇندىن مىليارت يىللار بۇرۇنقى دۇنيا ئۈستىدە تەسەۋۋۇر يۈرگۈزەلەيدىغان، شۇنداقلا مۇندىن مىليۇن يىللار كېيىنكى ئالەم ھەققىدە ئۆز پىكرىنى ئۆتكۈزەلەيدىغان قىلدى. ئىلىمنىڭ قۇدرىتى ئاشۇنداق چەكسىز، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى ھەقىقەتەنمۇ مىسلىسىز بولغاچ، «ئىلىم ئۆگىنىڭلار» دېگەن بۇ سۆز ئەزەلدىن تارتىپ، جاھان مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ خەلققە نىدا قىلىدىغان ئەڭ ياڭراق شوئارى بولۇپ كەلمەكتە. شۇڭا، مۇھەممەد پەيغەمبەرمۇ «ئۇتلۇبۇل ئىلم ۋەلەۋ بىس سىين (ئىلىم ئۆگىنىڭلار، ئۇ ھەرقانچە يىراق چىندا بولسىمۇ)» دەپ خىتاب قىلغان ئىكەن.

  ئاللىقاچان مەخلۇقاتلار سېپىدىن ئايرىلىپ چىققان ئىنسان ئادەتتە، «ئاقىل» دەپ ئاتىلىدۇ. «ئاقىل» دېمەك «ئەقىل ئىگىسى» دېمەكتۇر. ھالبۇكى، ئىنساننى ئەقىل ئىگىسى قىلغان نەرسە ئىلىمدۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىلىم ئۆگىنىش ئىنسان ئۈچۈن پەرز، بىلىم ئېلىش ھەرقانداق بىر ئادەم ئۈچۈن، باش تارتىپ بولمايدىغان قەرزدۇر.

  بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋائى ئىلىم ھەققىدە توختالغىنىدا: «ئىلىم قانداقتۇر بىر يەرگە كۆمۈپ قويۇلغان خەزىنە ئەمەس، بەلكى ئۇ كۆكلەپ تۇرىدىغان دەرەختۇر» دېگەن. مانا بۇنى ئىلىمنىڭ نېمىلىكى ھەققىدىكى ئەڭ لىللاھ تەبىر، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنسۇبىيىتى توغرىسىدىكى ئەڭ مېغىزلىق شەرھ دېيىش مومكىن. دېمەك، بىرىنچىدىن، «ئىلىم» دېگەن تەلەيلىك كىشىلەرگە ئالىمادىس ھالدا ئۇچراپ قالىدىغان خەزىنە-دەپىنە، خۇپىيانە نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ دەرەخكە ئوخشاش قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان، ھالال مېھنەت، ئەجىر ئىگىسى بولغۇچى ھەرقانداق ئادەم ئېرىشەلەيدىغان نەرسە. ئىككىنچىدىن، «ئىلىم» دېگەن قېتىپ قالغان، ئۆزگەرمەيدىغان ئۆلۈك نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ كۆكلەپ تۇرىدىغان دەرەخكە ئوخشاش چاتاقلاپ، شاخلاپ، تەرەققىي قىلىپ تۇرىدىغان جانلىق ۋە مۇقەددەس نەرسە.

  ئىلىم ئادەتتە، ئىلىم ئىگىسى بولغان ئالىم-ئۇستازلار بىلەن ئىلىم ئاشىنالىرى بولغان شاگىرتلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىدىغان مەھبۇب پائالىيەت ــ تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش-ئۆگىتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئەبەدىي خورىماس ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

2. ئۇستاز

  مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئادەم ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇستاز ئاتا بىلەن ئانىدىن كېيىنلا تۇرىدىغان مۇقەددەس ئىنسان سانىلىدۇ. چۇنكى، ئاتا بىلەن ئانا ئادەمنى تۇغۇپ ئۇنىڭغا ۋۇجۇد بەرگۈچى بولسا، ئۇستاز ئۇنىڭ دىل چىرىغىنى يېقىپ، ئەقىل كۆزىنى ئاچقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئانىنىڭ ئاق سۈتى، ئاتىنىڭ ساق نېنى پەرزەنتنىڭ تېنىگە ئەت، ۋۇجۇدىغا قۇدرەت قاتار قىلسا، ئۇستازنىڭ تەلىمى، ئۆگەتكۈچىنىڭ ئىلمى بالىنىڭ زېھنىگە ئۆسۈش، ئەقلىگە بۆسۈش ئاتا قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇستاز بۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل سۆز بىلەن مەدھىيەلىنىشكە لايىق، بۇ ئالەمدىكى ئەڭ يارقىن ناخشا بىلەن كۈيلىنىشكە مۇناسىپتۇر.

  ئۇستاز ئۇلۇغ. چۈنكى، ئۇ ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ جەۋھىرى بولغان ئىلىمنىڭ ۋارىسى. ئادەمىزات ئەقىل بوستانلىقىنىڭ ماھارەتلىك باغۋىنى، ئاقىللار ئىدراكزارلىقىنىڭ خاس ئىنژىنېرى. ئۇ بولمىسا، مەرىپەت دېڭىزى قۇرۇپ، ئۇنى نادامەت قۇملىرى بېسىپ كېتىدۇ. ئۇ بولمىسا، ئىرپان دەرەخلىرىنى جاھالەت قۇرۇتلىرى يەپ، قۇتادغۇ بىلىك (بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم) باغلىرىنى تىكەنلىك باغلاپ كېتىدۇ.

  ئۇستاز ئۇلۇغ، چۈنكى ئۇ ئۆز ئىلىمى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېھتىياجلىق، خەلققە لازىملىق قىممەت يارىتىدۇكى، ئۇ ياراتقان قىممەتنى ھېسابلاشقا، پەقەت يۈرەكنى جىڭ تېشى، ۋىجداننى چوكا، كاللىنى پەللە قىلغان پەۋقۇلئاددە تارازىلا قادىر. ئېلېكتېرونلۇق ھىسابچى دېگەنلەر بولسا، ئۇنىڭ ھېسابى ئالدىدا بىچارە، ئاجىز. ئۇستاز ئۇلۇغ. چۈنكى ئۇنىڭ ئىلىم شىرنىلىرى يىغىشتىكى ئىشچانلىقى شېرىن ھەسەل چىقىرىش يولىدا خاس گۈل ئىزدەپ نە-نەلەرگە بېرىشتىنمۇ ئېرىنمەيدىغان ھەسەل ھەرىسىنى سۇندۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىلىم دۇردانىلىرى تارقىتىشتىكى ئەستايىدىللىقى بولسا، ئۆز بوۋىقىغا بۇلماق يېگۈزىۋاتقان مېھرىبان ئانىنىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.

  ھەقىقىي ئۇستاز بەجايىكى ئىلىمنىڭ سىماسىدۇر. ئۇنىڭ كۆزىدىن ئىلىم نۇرى بالقىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر سۆزىدىن ئىلىمنىڭ بىر تۈرى سارقىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى بىلىم مۆجىزىسىدىن ئىشارەت، مۇلايىم ئەمما سۇباتلىق سالاپىتى بولسا، ئىلىمنىڭ قۇدرىتىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرىدۇ.

  ئۇستاز ئۇلۇغ. چۈنكى ئۇ ئىنسانىيەت ئەقىل جەۋھەرلىرى بولغان ئىلىمنى خەلققە، ئەۋلادلارغا ھېچ تەمەنناسىز تارقىتىش بىلەن شادلىنىدۇ ۋە ئۇنى ئۆز ھاياتىنىڭ تۈپ مەنىسى بىلىدۇ. شاگىرت ئېلىپ، ئىلىم ئۆگىتىشنى بولسا، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى قىلىدۇ.
. شاگىرت شاگىرت سۆيۈملۈك. چۈنكى ئۇ ئىلىم سۆيەر ئۆگەنگۈچى، ئۆگىنىش ئارقىلىق شاراپەت تاپقۇچى، ھالال، ئىلمىي ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئۆزىگە سائادەت يولىنى ئاچقۇچىدۇر.

  شاگىرت قەدىرلىك-كۆيۈملۈك. چۈنكى ئۇ ئىلىمغا كۆيىدۇ، ئۇستازغا كۆيىدۇ. ئۇ ئۇستاز قولىدىكى ئىلىم مەشئىلىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئۆز نەۋقىران ۋۇجۇدى بىلەن تېخىمۇ يالقۇنجىتىدۇ، تېخىمۇ نۇرلاندۇرىدۇ. ئەگەر ئۇستاز ئىلىم قوشۇنىنىڭ گېنىرالى بولسا، شاگىرت مەزكۇر قوشۇننىڭ پىداكار جەڭچىسىدۇر. ھەرقانداق جەڭ گېنرال قوماندانلىقى بىلەن جەڭچى پىداكارلىقىنىڭ مۇجەسسەم گەۋدىسى ئارقىلىقلا، ئاندىن زەپەر دۇمبىقىنى چالالايدۇ. ئوخشاشلا، ھەرقانداق ئىلىم دەرىخىمۇ ئۇستازنىڭ پاراسەت ۋە تەجرىبە غولىدا، شاگىرتنىڭ ياش ئەقىل نوتىسىنىڭ بىخ ئۇرۇپ كۆكلىشى ئارقىلىق، ئاندىن يېڭىدىن يېڭى توزىماس چېچەكلەرنى ئاچالايدۇ ۋە ئالىي سورتلۇق مېۋىلەرنى بېرەلەيدۇ.

  شاگىرت قىممەتلىك. چۈنكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغىنى ئىنتىلىش ۋە ئىستەك؛ ئىلىم ئىزلەش، بىلىم ئىگىلەش كويىدا، ئالەمنىڭ ئۇ چېتىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن قوغۇنلۇقنىڭ يولىدەك. بىلىمىز، ئىلىمنىڭ ئۆمرى ئۇزاق، ئىلىم قېرىمايدۇ. ھالبۇكى، شاگىرت بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇستازمۇ ئۆز ھاياتىنىڭ چەكلىكلىكىدىن، ئۆز ئۆمرىنىڭ قىسقىلىقىدىن غەم يېمەيدۇ. مۇندىن چىقتىكى، شاگىرت ئۇستاز ئۆمرىنىڭ داۋامى، ئۇ ھەرقانداق ئىلىمنىڭ ئاداققىي خوجايىنى ۋە ھەقىقىي ئىگىسى.

  شاگىرت ئۇلۇغ. چۈنكى، ئۇستاز شاگىرت بىلەن ئۈمىدلىنىدۇ. ئىلىم شاگىرت بىلەن ئۈزلۈكسىز گۈللىنىدۇ. شاگىرت بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇستاز «ئۇستاز» بولغان. شاگىرت بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئىلىم دەرىخى مەڭگۈ باراخسان. شۇڭا، ئىلىم بېغىغا خالىس نىيەت بىلەن قەدەم قويغان شاگىرت ئايىغىغا ئۇستاز ئۆز قولى بىلەن پايانداز سالسا ئەرزىيدۇ؛ ئىلىم يولىدا ئىجتىھاد قىلغان، تۆھپە ياراتقان شاگىرتنى ئۇستاز بېشىغا ئالسا ئەرزىيدۇ.

  شاگىرت بولۇش شەرەپلىك. ئى، تۆت كوچىنىڭ پىلوس نۇقتىسىدا تېڭىرقاپ تۇرغان ئوغلۇم (قىزىم) كەل! سەنمۇ بىرەر ئىلىم-ھۆنەر ئىگىسىگە شاگىرت بول؛ بىلگىنكى، ئىلىم ئۈچۈن شاگىرت بولۇش ئىنسان بەختى ئۈچۈن داغدام يول. شاگىرت بولساڭ، كاللاڭدىكى تېڭىرقاش تۈگۈنلىرى يېشىلىپ، كۆز ئالدىڭدا غايە، ئىقبال كەڭلىكى يۈز ئاچىدۇ؛ كۆڭلۈڭدىكى مەنىسىزلىك تۇمانلىرى تارقاپ، قەلب ئاسمىنىڭدا ئىنتىلىش، ئىجاد قىلىش قۇياشى نۇر چاچىدۇ. شاگىرت بولساڭ، روھىيىتىڭدىكى چۈشكۈنلۈك مىكروبى ئۆلىدۇ، ھورۇنلۇق ئىللىتى گۆرگە كۆمۈلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئورنىغا جۇشقۇنلۇق، شىجائەت ھۆجەيرىلىرى تۆرىلىدۇ، ئۇنىڭ كارامىتى ئەمەلىيەتتە مۇنداق كۆرۈلىدۇ: ۋۇجۇدۇڭدىن ئىدراك، تەدبىر، پاراسەت، پەم چاقنايدۇ، تۇرمۇشۇڭنى قىزىق مەنە، لەززەتلىك تەم قاپلايدۇ.

  خۇلاسە كەلام، ئىلىمدا كارامەت ۋە قۇدرەت؛ ئۇستازدا پاراسەت ۋە پەزىلەت؛ شاگىرتتا شىجائەت، شىجائەت يەنە شىجائەت ...
4. ئىلىم ئالدىدىكى ئۇستاز ۋە شاگىرت

  ئىلىم ئالدىدىكى ئۇستاز بىلەن شاگىرت باراۋەرلىكتە ئاللاھ ئالدىدىكى پادىشاھ بىلەن گادايغا، قانۇن ئالدىدىكى ئەمەلدار بىلەن پۇقراغا ئوخشايدۇ.

  ئۇستاز ئۇلۇغ، شاگىرتنىڭمۇ ئۇلۇغلۇقتا ئۇستازدىن قالغۇچىلىكى يوق. ئىلىم ئۇلۇغ، ئىلىم مۇقەددەس. ئىلىمنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن بىرەر نەرسىگە بەدەل قىلماق تەس.

  ئۇستاز ئالىم، ئىلىم ئىگىسى. ئىلىم ئىشلىرىنىڭ ۋارىسى،بىراق ئۇ ئىلىمنىڭ مىراسخورى، ئۇنىڭ تىزگىنى تەنھا ئۆزىدىلا بولغان خوجايىنى ئەمەس. ئۇستازنىڭ ئىلىمغا بولغان ھاجىتىنى «شاگىرتتىن تۆۋەن تۇرىدۇ» دېسە، ھەرگىز توغرا كەلمەس. ئۇستاز شاگىرتقا بىلىم بېرىدۇ. بىراق ئۇ بەرگەن بىلىم ئۇنىڭ خۇسۇسىي چۆنتىكىدىن ئېلىپ بېرىدىغان سەدىقە ئەمەس، بەلكى ھېچ تەمەنناسىز ھالدا بېرىشكە تېگىشلىك ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق بولغان بايلىقتۇر تۈگىمەس.

  شاگىرت ئۇستازدىن بىلىم ئالغۇچى. بىراق، ئۇ ئۇستاز ئالدىغا تىلەپ كەلگەن سائىل ئەمەس. بۇ نۇقتىنى ئاڭقىرالمىغان شاگىرت ئاقىۋەتتە، ئۇستازنىڭ بىلىمىغا نائىل ئەمەس.

  ئۇستازغا ھۆرمەت قىلىش شاگىرتنىڭ بۇرچى، ئىلىمغا ھۆرمەت قىلىش بولسا، ئۇستازغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ باش مەنبەسى ۋە ئۇچى. ئاڭلاڭ: «مەن ئۇستازىمنى سۆيىمەن، مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ سۆيىمەن». مانا بۇ - نەبىي ئۇستاز ئاتالغان ئارستوتىلنىڭ يۈرەك سۆزى!

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
بەت: [1]
: ئىلىم، ئۇستاز ۋە شاگىرت